ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : قۇم ئاستىدا قالغان گومۇش شاھزادە بىلەن يۇلتۇز قىز (بالىلار چ ئىسىمدىكى ھېكمەتلەر

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > چۆچەك > تولۇق مەزمۇنى

قۇم ئاستىدا قالغان گۈزەل چۈش (چۆچەك)

ۋاقىت : 2015-08-19 13:15 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
قۇم ئاستىدا قالغان گۈزەل چۈش ( چۆچەك) ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى تەكلىماكاننىڭ گىرۋىكىدىكى بىر بوستانلىقتا گۇگۇم چۈشتى. سۈكۈتكە تولغان بۇ كىچىككىنە مەھەلىدە ھەتتا ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلانمايتتى.سىڭلىسىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئوتتەك ئوقۇش ئارزۇسىنى قۇربان قىلغان دىلدوس ئىسىملىك بالا قولىدىكى ئاغامچىنى مەھەلىنىڭ ئاياق تەرىپىدىكى قېرى دەرەخنىڭ شاخلىرىغا باغلىدى-دە ئۆزىنىڭ بېشى پاتقۇدەك بىر تۈگۈنچەكنى پەسكە ساڭگىلاتتى.ئاندىن ئۆزىنىڭ بېشىدىن يوغانراق تاشنى تۈگۈنچەكنىڭ ئاستىغا قويۇپ،تاشقا دەسسىدى. دىلدوس جىمجىت ئويغا چۆمگەن ھەم ئاستا-ئاستا قاراڭغۇ چۈشىۋاتقان مەھەلىگە يېتىرقىغاندەك ئاخىرقى بىر قېتىم نەزەر تاشلىدى.ئۇ ساڭگىلاپ تۇرغان تۈگۈنچەككە بېشىنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا ،تاشقا دەسسەپ تۇرغان پۇتى تېيىلىپ كېتىپ،يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. -مېنىڭ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋېلىش ھوقوقۇممۇ يوقمۇ ؟ -،دېدى دىلدوس ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ . ئاسماندا يۇلتۇزلار جىمىرلاشقا باشلىدى،كۆز باغلىناي دەپ قالغان جاغ.شاماللار قېرى دەرەخنىڭ يۇپۇرماقلىرىنى شىلدىرلاتماقتا.دىلدوس ئورنىدىن تۇردى-دە،ھېلىقى بېشىدىن يوغانراق تاشنى يېڭىۋاشتىن پۇختىلاپ ئۆز جايىغا قويدى.ئۇ تاشقا قاراپ: - ئەي قارا تاش سەن ماڭا ياردەم قىل...ئۆيدە مەن بىلەن سىڭلىملا بار.بىراق ئائىلىمىز نامرات بولغاچقا،ئىككىمىز تەڭلا ئوقۇيمىز دەيدىكەنمىز ،ئۆيدىكىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغان بولۇپ قالىمىز. مېنىڭمۇ،سىڭلىمنىڭمۇ بەكمۇ ئوقۇش ئارزۇيىمىز بار،دادام مېنى ئوقۇتىمىز دەيدۇ،بىراق مەن ئوماق سىڭلىم ئۈچۈن پۇرسەت يارىتاي دەيمەن....دېدى ئاستا پىچىرلاپ. تاش سوغۇق ئىدى،ئۇ دىلدوسنىڭ ئۆز قېرىندىشىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ھالاك قىلماقچى بولغانلىقىنى چۈشەنمەيۋاتقاندەك سۈكۈت ئىچىدە تۇراتتى.دىلدوس قارا تاشقا قايتا دەسسىدى-يۇ،تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالماي يەنە يىقىلدى،دىلدوسنىڭ قوشما قاشلىرى ئاستىدىكى ئوقتەك قويۇق كىرپىكلەر ئارىسىدىكى قارا كۆزلىرى ئوت بولۇپ ياندى.ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كىچىككىنە ئىشنىمۇ قاملاشتۇرالمايۋاتقانلىقىدىن تېخىمۇ ئاچچىقى كەلدى.قارا تاشنىڭ ئاستىغا ئۈچ يوغان تاشنى قويۇپ پۇختىلىدى،ئەمدى قايتا تېيىلىپ كەتمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن،تاشنىڭ ئۈستىگە دەسسىدى-دە تۈگۈنچەككە بېشىنى ئەپچىل كىرگۈزۈپ،موزاي باغلىغاندەك بوينىغا توختاتتى.دىلدوس ئۆزى ياشىغان ئەڭ تونۇش مەھەلىگە قاراپ: -ئەلۋىدا ئاتا،ئەلۋىدا ئانا .سىلەر مېنى دەپ بەك قايغۇرماڭلار.مېنىڭ ئوقۇيالمىغانلىقىم ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ سەۋەنلىكىڭلار ئەمەس.ئەلۋىدا ! يورۇق دۇنيا،ئەلۋىدا ئوماق سىڭلىم –دېدى بوغۇق ئاۋازدا. دىلدوس كۆزىنى يومۇپ تۇرۇپ،ھېلىقى ئايىقى ئاستىدىكى تاشنى بىر تېپىۋىدى،قارىس-قۇرىس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاغامچا باغلانغان يوغان شاخ سۇندى.دىلدوسنىڭ بوينى كۆيۈشكەندەك بولۇپ ئاغرىپ كەتتى،ئۇ ئۆزىنىڭ يەردە يااتقانلىقىنى كۆردى.ھايال ئۆتمەي، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چارچاپ ھالىدىن كەتكەن دىلدوس قاتتىق ئۇيقىغا كەتتى : بىرىنچى چۈش دىلدوس قاناتلىق بىر قۇشقا ئايلىنىپ كۆكتە پەرۋاز قىلماقتا. ئۆيدە يۇڭ يىپ بىلەن پالاس توقۇۋاتقان ئانىسى بىلەن ئوماق سىڭلىسى ھويلىغا يۈگرەپ چىقىپ ئۇنى ئاسماندىن ئىزدىمەكتە.دادىسى ئاسمانغا قارايمەن دەپ دوپپىسى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ،دوپپىسىنى ئالماقتا يوق ئۇنىڭغا داڭ قېتىپ قالماقتا. دىلدوس ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ: -مەن يىراقلار ئۇچۇپ بېرىپ،سىلەر مۇھتاج بولغان بايلىقنى ئىزدەپ تاپىمەن.ئامان بولۇڭلار ،-دەپ توۋلاپتۇ پەسكە قاراپ. -ئوغلۇم،قايتىپ كەل،بىز بۇ يەردە سەنسىز قانداق ياشايمىز-دەپتۇ ئانىسى باش ياغلىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆز ياشلىرىنى ئېرتىپ تۇرۇپ. سىڭلىسى :ئاكا .سىز بۇ يەردە ئوقىۋېرىڭ،قانىتىڭىزنى ماڭا بېرىڭ،مەنلا ئۇچۇپ كېتەي،-دەۋاتقۇدەك. دىلدوسنىڭ دادىسى :ئوغلۇم ،قايتىپ كەل،ئوغۇل بالا دېگەن ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ كەتسە بولمايدۇ،-دەۋاتقۇدەك... دىلدوسنىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ،كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپتۇ.بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل خىيال-ئارزۇلىرىنىڭ ئاتا –ئانىسىغا يۈك بولۇپ قېلىشىنى خالىمىغاچقا،يەنىلا يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىشنى توغرا تېپىپتۇ-دە،قاناتلىرىنى قېقىپ ،ھايت-ھۇيت دېگۈچە كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ. ئىككىنچى چۈش ئاق كىيىملىك بىر بوۋاي دىلدوسنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرغۇدەك،دىلدوسنىڭ بۇرنىغا خۇش پۇراق ئەنبەر پۇراپتۇ،ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوۋا ،-دەپتۇ. -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئوغلۇم ،بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ -دەپتۇ بوۋاي ساقاللىرىنى سىلاپ تۇرۇپ. دىلدوس بوۋايغا قاراپتۇ:بەستىلىك،سالاپەتلىك كۆزلىرىدە پاراسەت ئۆتكۈرلىكى چىقىپ تۇرغان بىر بوۋاي ئۇنىڭغا مۇلايىم كۈلۈمسىرەپ تۇرغۇدەك . -مەن،مەن بۇ يەردە ئۇخلاپ قاپتىمەن،-دەپتۇ دىلدوس. -يالغان سۆزلەۋاتىسەن،ئوغلۇم،سەن ئۆز ھاياتىڭنىڭ قاتىلى بولۇشنى تاللاپ مەغلۇپ بولغان قىياپىتىڭنى مەندىن ھەرگىز يۇشۇرالمايسەن ،-بوۋاينىڭ كۆزلىرىدىن ئىچ ئاغرىتىش،ھېسداشلىق قىلىشقا ئوخشاپ كەتكەن نەزەر مانا دەپ بىلىنىپ تۇرغۇدەك. -سىلى بوۋاملار رېۋايەت قىلىپ سۆزلەپ بېرىدىغان خىزىر بولاملا-دەپتۇ دىلدوس بۇ موللا تاپقاق خىزىر سۈپەت بوۋايدىن كۆزىنى ئۈزمەي. -شۇنداق ،ئوغلۇم،مەن سېنىڭ نامراتلىققا بۇنداق ئاسانلا تەسلىم بولۇشۇڭنى ئاجىزلىق دەپ قارايمەن.قوپە ئورنۇڭدىن،ئوغۇل بالىدەك ياشا! -دەپتۇ بوۋاي دىلدوسنى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ . دىلدوس بىردىنلا «پاڭڭىدە» قىلىپ يىغلىغانچە،خىزىر سۈپەت بوۋاينى قۇچاغلاپتۇ.يىغلاپ تۇرۇپ بولغان ئىشلارنى بوۋايغا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ، بوۋاينىڭ كۆزلىرىمۇ ياشقا تولۇپتۇ: -ئوغلۇم ،سەن بۇ يەردىكى كېيىنكى زامان ۋە كىيىنكى ئەۋلادلار ئالدىنقى زامان ۋە ئالدىنقى ئەژدادلار روياپقا چىقىرىپ تىكلەپ بەرگەن پارلاق مەدەنىي مىراسلارنى ،ھەتتا ئىسمى-ئاتىقى ،نام-شەرىپىنىمۇ قوشۇپ «ھالاكەت دېڭىزى»غا كۆمۈپ غايىپ قىلىۋەتكەنلىكنى بىلمەيلا جاھاندىن ئۆتمەكچىمىتىڭ؟ -نېمە ؟ھالاكەت دېڭىزىنى دەمسىز ؟! -شۇنداق،ئۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنى كۆرسىتىدۇ.نۇرغۇن مۇققەدەم زامانلاردا تەكلىماكان قۇچىقىدا، ناھايىتى كۆپ ئاۋات-بوستان شەھەرلەرنىڭ بولغانلىقى،ئۇ بوستانلىقلاردا«يىپەك يولى»نى چاقناتقان يۈكسەك مەدەنىيەت يارىتىلغانلىقى،بۇ مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ تىلسىماتتەك بىردىنلا غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكى،ئۇلارنىڭ ھېلىمۇ تەكلىماكان قۇملۇقى ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقانلىقى توغرىسىدا تارىخىي ئۇچۇرلار چىققانلىقىغا خېلى ئۇزاق بولدى!ئوغلۇم .... -مەن قانداق قىلسام بولىدۇ ،ھۆرمەتلىك بوۋا-دەپتۇ دىلدوس خىزىر سۈپەت بوۋاينىڭ بىرىدىن بىرى ھەيران قالارلىق،جىددىي ۋە ئەستايىدىل سۆزلىرىگە زەن سالغان ھالدا . -ئانا دەريا تارىمنىڭ ئۇنتۇلغان،ئۇنتۇلغىنىغا بەكمۇ ئۇزاق بولغان ،چۆكۈپ-لاتقىلىشىپ كەتكەن دۈملەنمە مەدەنىيىتىگە دۇنيانىڭ كۆزى تىكىلىۋاتسا،سەن بۇ يەردە يەنىلا ئوخلاپ ياتساڭ قانداق بولىدۇ؟ سەنمۇ تارىم-تەكلىماكان مەدەنىيىتىنى قېزىش،يورۇقلۇققا چىقىرىشتىن ئىبارەت دۇنياۋىي قىزغىنلىق دولقۇنىغا ئەڭ ئاۋۋال قېتىلىشىڭ كېرەك!!! -مۆھتىرەم بوۋا ،مەن بۇنداق مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئادەملەردىن بولالايمەنمۇ ؟-،دەپتۇ دىلدوس چوڭقۇر ئويغا پاتقان ھالدا. - ئۆز قېرىنداشلىرى ئۈچۈن جاندىن كېچەلەيدىغان مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىرادە بولغان ئادەمدە چوقۇم يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە مۇققەدەس بۇرچ تۇيغۇسى بولىدۇ-،دەپتۇ خىزىر سۈپەت بوۋاي دىلدوسنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ. شۇ تاپتا،دىلدوسنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى پۈتمەس-تۈگىمەس ئەقىل-پاراسەت يالقۇنى لاۋۇلداپ كۆيدۈرىۋاتقۇدەك. ئۇ غۇۋا چۈشتەك ئەسلىمىگە ئايلىنىپ بولغان،ئەژدادلار ئۆزى ياراتقان،ئۆزى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن سەلتەنەتلىك قەلئە –قەسىرلەرنى،ھەشەمەتلىك ئوردا-سارايلارنى ۋە قىممەتلىك يېزىلمىلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىشنىڭ نەقەدەر ۋاپاسىزلىق بولىدىغانلىقىنى بىردىنلا چۈشەنگەن دىلدوس ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. -ئوغلۇم،مانا بۇنى ئېلىۋال-،دەپتۇ بوۋاي تۇمارچە شەكلىدىكى بىر يۈزىدە خەت بار،يەنە بىر يۈزىدە خەت يوق تەڭگىنى دىلدوسقا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ-،بۇ گۆھەرنى ھەرگىزمۇ يوقۇتۇپ قويما.كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ «گۆھەر» ئارقىلىق سەن تەكلىماكانغا كۆمۈلۈپ ياتقان بايلىقنىڭ سىرىنى ئاچالايسەن...سەن سىر ئاچىدىغان ئەقىدەڭنى ئىزچىل داۋام قىلدۇرساڭلا ،ئاندىن بۇ «گۆھەر»نىڭ خاسىيىتى بىر كۈنى مانا مەن دەپ ئاشكارلىنىدۇ. دىلدوس قولىدىكى گۆھەرگە قاراپ،ھەيران قاپتۇ.ئەسلىدە تەڭگە يا يۇمۇلاق يا تۆت چاسا بولىدىغان ،بۇ تەڭگە تۇمارچە شەكىلدە ئىدى. بۇ «گۆھەر»نىڭ تۇمارچە شەكلىدە بولۇشى بەلكىم تەكلىماكان ئاستىدىكى بايلىقلارنىڭ بىخەتەر بولۇشىنى تىلەشدىن ئىبارەت مەنىسىمۇ بولسا كېرەك.دىلدوس خىزىر سۈپەت بوۋايدىن ئۆزى بىلمەكچى بولغان يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى سورىماقچى بولۇپ،ئەتىراپقا قاراپتۇ،بىراق بوۋاي ئاللىقاچان غايىپ بولغان ئىدى. دىلدوس :بوۋا،مۆھتەرەم بوۋا -،دەپ ئۇيقىدىن ئويغىنىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا تۇمارچە شەكىلدىكى بىر يۈزىدە خەت بار،بىر يۈزىدە خەت يوق تەڭگە نۇر چېچىپ تۇرۇپتۇ. دىلدوس ئۆزىنىڭ راستىنلا بىر خىزىر سۈپەت بوۋاي بىلەن ئۇچرىشىپ-پاراڭلاشقانلىقىغا چىن پۈتۈپتۇ. ئۇنىڭ كۆڭلى پۈتۈنلەي يورۇپ كەتتى.دىلدوس ئۆزىنىڭ ئىككى چۈشىنى بىرمۇ بىر ئەسلەپ ئويغا پېتىپتۇ: بىرىنچى چۈش ئۆزىنىڭ نىشانسىز ھالدا «يىراققا كەتسەملا ئائىلەمگە ئېغىرچىلىقىمنى سالمايمەن »دېگەن بىر مەقسەتنىڭ گەۋدىلىنىپ قالغانلىقىنى ،ئۇنىڭدا پەقەت «پۇل تاپساملا بولدى»دەيدىغان ئاددىي ياشاش غايىسى ئېنىق ئىپادىلەنگەن ئىدى. ئىككىنچى چۈش دىلدوسنىڭ روھىنى ۋە جىسمىنى قايتىدىن ئويغاتقان ئۇلۇغ چۈش ئىدى.بۇ چۈش ئۇنىڭ ياشاشقا بولغان چىن مۇھەببىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەڭ تەسىرلىك،ئەڭ قايىل قىلارلىق يۇسۇندا تونۇتقان چۈش ئىدى.بۇ چۈش رېئاللىق بىلەن باغلانغان ھەقىقىي بىر چۈش ئىدى.مانا ئۇنىڭ قولىدا ،تۇمارچە شەكىلدىكى بىر تەڭگە تۇرۇپتۇ،ناۋادا دىلدوس «ئەر نۆۋىتى ئۈچ» دەپ ئۈچىنچى چۈشنى كۆرمەكچى بولسا نېمىلەرنى كۆرەر بولغىيتتى؟ دىلدوس ئويلىنىپ قالدى،ئۇ ئىھتىمال قولىدىكى بۇ «گۆھەر»بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرى يۇشۇرۇنغان تەكلىماكانغا ئىچكىرلەپ كىرىپ،ئۇنىڭ سىرىنى ئاچار بولغىيتتى! بىراق ،دىلدوسنىڭ قولىدا تەكلىماكاننىڭ سىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ بولسىمۇ،ئەپسۇسكى ئۇ ئاچقۇچنىڭ خاسىيىتىنى تېخى بىلمەيدۇ،ئاچقۇچ دېگەنلىك –تەپەككۇر دېگەنلىك! خىزىر سۈپەت بوۋاي قالدۇرغان ئەقىدە ۋە بۇرچ دىلدوس ۋە دىلدوسسىمان بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدا يېتىلمەي ھەم روناق تاپماي تۇرۇپ،تەكلىماكاننىڭ سىرى پۈتۈنلەي ئېچىلمايدۇ.تۇمارچە شەكىلدىكى تەڭگە دىلدوس بىلەن قەدىمكى زاماندىكى ئۇنتۇلغان مەدەنىيەتنى باغلاپ تۇرىۋاتقان بىر رىشتە،ناۋادا بۇ رىشتىگە دىلدوسنىڭ ھەقىقىي تىرىشچانلىقى،ئىجادىي ئەمگىكى ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغان غايىسى قېتىلسا،ئاندىن قۇم ئاستىدا قالغان گۈزەل چۈش رېئاللىققا ئايلىنىدۇ . ئېيتىشلارغا قارىغاندا،دىلدوس خىزىر بوۋاينىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ،ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپتۇ.سىڭلسىنى ئوقۇتۇپ،ئۆزى ئۆزلىكىدىن قەدىمقى تىللارنى ،چەتئەل تىللىرىنى پۇختا ئۆگىنىپتۇ.كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ مەدەنىيەت-تارىخقا دائىر كىتاپلارنى ئوقۇپتۇ-ئوقۇپتۇ.ئاخىرىدا تەكلىماكان تېگىدىكى قەدمىقى مەدەنىي مىراسلارنى خۇددى ئالىملار كىتاپ ئوقۇغاندەك ئۇنىڭ تېگىگە يېتىپ چۈشۈنۈپتۇ-دە،بىردىنلا كۆڭلى پاللىدە يورۇپ،ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەبىئىي ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ.30ياشقا بارماي،مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ. ھېلىقى خىزىر بوۋاي قالدۇرغان تۇمارچە شەكىلدىكى تەڭگىنىڭ خەت بار يۈزىدىكى خەتنى ئوقۇپتۇ،ئۇنىڭدا «ئۆزۈڭنى تونۇ!»دېگەن خەتلەر ئالتۇندەك چاقناپ تۇرغۇدەك ...
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار