ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : يۇلتۇز قىز (بالىلار چ ئىسىمدىكى ھېكمەتلەر باغۋەن بوۋاي گومۇش شاھزادە بىلەن

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > چۆچەك > تولۇق مەزمۇنى

ئىسىمدىكى ھېكمەتلەر (چۆچەك)

ۋاقىت : 2015-08-14 13:29 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئىسىمدىكى ھېكمەتلەر (چۆچەك)

بۇرۇنقى زاماندا بىر بالا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى خامۇش ئىكەن. ئۇ يۇرتىدىكى موللىدا ئوقۇيدىكەن. بىر كۈنى خامۇشنىڭ ساۋاق ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي ئولتۇرغانلىقىنى سەزگەن موللا:
ـــ ھەي خامۇش! نېمىشقا سۆزگە قۇلاق سالمايسەن؟ ــ دەپ سوراپتۇ.
ـــ مەن ئىسمىم توغرۇلۇق ئازابلىنىۋاتىمەن، ــ دەپتۇ خامۇش، ـــ چۈنكى مېنىڭ ئىسمىمنى ئاڭلىغان كىشىلەر مېنى چېچەن ئەمەس ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدۇ، شۇڭا ھەر قېتىم ئىسمىم چاقىرىلغاندا بەك بىئارام بولۇپ كېتىمەن. ئەسلىدە مەن خېلى چېچەن ھەم زېرەك ئىدىم، نېمە ئۈچۈن ماڭا «خامۇش» دەپ ئىسىم قويۇلۇپ قالدىكىن؟
موللام بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن دەپتۇ:
ـــ ئۇنداق بولسا، سەن پۈتۈن جاھاننى كېزىپ كۆر. ئۆزۈڭگە ياققان ئىسىمنى تاپساڭ، ئىسمىڭنى شۇنىڭغا ئۆزگەرتىۋالساڭ بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن خامۇش جاھان كېزىشكە باشلاپتۇ. بىر كەنتكە بارسا، بىر توپ جامائەت بىر مېيىتنى دەپنە قىلىۋاتقان ئىكەن، خامۇش ئۆلگۈچىنىڭ ئىسمىنى سوراپ كۆرسە «ھايات» ئىكەن.
ـــ «ھايات» ئىسىملىك كىشىمۇ ئۆلەمدۇ؟ ــ دەپ سوراپتۇ خامۇش بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ.
ـــ مەيلى «ھايات» ياكى «ۋاپات» ئىسىملىك ئادەم بولسۇن، بەرىبىر ئۆلىدۇ، ــ دەپتۇ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان بىرى.
خامۇش بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەنە يولىغا راۋان بوپتۇ. بىر شەھەرگە كەلسە كوچىدا بىر ئەر كىشى خوتۇنىنى ئۇرۇۋاتقۇدەك.
ـــ بۇ نېمە ئادەم؟ ــ دەپ سوراپتۇ خامۇش.
ـــ بۇ كىشىنىڭ ئىسمى «ياۋاش»، ئايالىنىڭ ئىسمى «سائادەت»، ــ دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ بىرى، ــ بۇ ئەركىشىنىڭ ئاچچىقى بەك يامان، بىچارە ئايال بەك نامراتلىقتا تۇرمۇشنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمىگەنلىكتىن، ئىككىسى دائىم جېدەل قىلىپ ئۇرۇشىدۇ.
خامۇش چۈشەنمەستىن سوراپتۇ:
ـــ بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى «ياۋاش» تۇرۇقلۇق نېمىشقا مۇنداق سەپرا ھەم قوپال؟ ئۇنىڭ ئىسمى «سائادەت» تۇرۇقلۇق نېمىشقا شۇنچە نامرات؟
ھېلىقى كىشى ھومىيىپ تۇرۇپ:
ـــ سەن تازا ساراڭ بىرنىمىمۇ قانداق! ــ دەپ كايىپتۇ.
خامۇش بۇ ئىشلارنى چۈشىنەلمەي، يەنە يولىغا راۋان بوپتۇ. بىر كىشى ئۇنىڭدىن يول سوراپتۇ، خامۇش ئۇنىڭغا يولنى ئېيتىپ بېرىپتۇ ۋە بارار جايى ئوخشاش بولغاچقا ئىككىسى بىللە مېڭىپتۇ. ھېلىقى كىشى ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ «يولباش» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. خامۇش بۇنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ:
ـــ ئىسمىڭىز «يولباش» تۇرۇقلۇق يەنە يول سورايدىكەنسىزغۇ؟ ــ دەپتۇ.
«يولباش» خامۇشنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، «بۇ ساراڭ ئىكەن» دەپ ئاچچىقلاپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپتۇ.
خامۇش بىر بازاردىن ئۆتكەندە، بىر ئادەم:
ـــ ھەي گاداي، بۇ قېتىمقى ئۇقىتىڭدە بىر مۇنچە پۇل تاپقانسەن؟ ـــ دېسە، يەنە بىرى:
ـــ كۆپ ئەمەس، جەمىئىي بىر مىليون ئەتراپىدا، ــ دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. خامۇش «گاداي كىشى قانداق قىلىپ بايغا ئايلىنىپ قالغاندۇ؟» دەپ ئويغا چۆكۈپتۇ.
ئاخىرى خامۇش موللىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ:ـــ موللام، مەن ھەممىنى كۆردۈم، «ھايات» ئىسىملىكمۇ ئۆلىدىكەن، «ياۋاش» ئىسىملىكمۇ بەتخۇي، قوپال كېلىدىكەن، «سائادەت» ئىسىملىكمۇ نامرات بولىدىكەن، «يولباش» ئىسىملىكمۇ يولدىن ئادىشىپ قالىدىكەن، «گاداي» ئىسىملىكمۇ باي بولىدىكەن. مەن شۇنى چۈشەندىمكى، گەپ ئىسىمدە ئەمەس، ھەرىكەتتە ئىكەن، شۇڭا، ئىسمىمنى ئۆزگەرتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، ـــ دەپتۇ.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار