ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئىسىمدىكى ھېكمەتلەر باغۋەن بوۋاي گومۇش شاھزادە بىلەن ئەڭ چوڭ بەخت - خاتىرج

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > چۆچەك > تولۇق مەزمۇنى

باغۋەن بوۋاي

ۋاقىت : 2015-08-12 13:47 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
باغۋەن بوۋاي

 
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر دېھقان بولغان ئىكەن كەچ يېتىپ سەھەر تۇرۇپ ئومرىنىڭ ئاخىرىغىچە تىنماي ئىشلەپ بىر كۈن ئاچ بىر كۈن توق تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.
بىر كۈنى پادىشاھ ئوۋغا كىتىۋاتسا بىلى مۈكچەيگەن بوۋاي بىر پارچە يەرگە كۈچەت تىكىپ باغ قىلىۋاتقۇدەك بۇنى كورگەن پادىشاھ ھەي ھاماقەت دوپتۇ دو ئېتىنى توختۇتۇپ بوۋايغا ؛
ھەي قېرى ئومرىڭنىڭ غۇلىچى تۈگەپ غېرىچى قەپتۇ بەرىبىر بۇ كۈچەتنىڭ مىۋىسنى يىيەلمەيسەن ئاۋارە بولۇپ بۇنى تىككۈچە ئارام ئالساڭ بولماسمىدى دەپتۇ بوۋايغا ؛
ئۇلۇغ پادىشاھىم مەن ھازىر ئارام ئالمايمەن ئارام ئالىدىغان ۋاقتىمغىمۇ ئاز قالدى سىلى دىگەن دەك بۇ كۈچەتلەرنىڭ مىۋىسنى يىيەلمەيمەن ئەمما مەندىن كىيىن قالغان ئادەملەر يەپ مىنى ئەسلىشەر شۇ چاغدا دۇنيادا مىنىڭ نامىممۇ ئەمگەكىممۇ مەندىن كىيىن كى ئەۋلادلار بىلەن قالار دەيمەن،  دەپتۇ پادىشاھ بوۋاينىڭ سوزىگە ھەيران قېلىپ ؛
بارىكاللا قېرى دەئپتۇ دە مىڭ تەڭگە ئىنام قىلىپتۇ باغۋەن ، بوۋاي پادىشاھ بەرگەن پۇلغا قاراپ كۈلۈپ  كىتىپتۇ .
نىمىگە كۈلىسەن دەپتۇ پادىشاھ.
باشقا ئادەملەر كوچەت قويۇپ 4   5  يىلدىن كىيىن مىۋىسىگە ئېغىز تەگسە مەن قويغان كۈچۈتۈمنىڭ مىۋىسىگە شۇ يىلىلا ئېغىز تەككەنلىكىمگە كۈلدۈم دەپتۇ بوۋاي
پادىشاھ بوئېئاينىڭ بۇ مەنىلىك سوزىگە قايىل بولۇپ يەنە مىڭ  تەڭگە ئىنام قىلىپتۇ ،بوۋاي يەنە كۈلۈپتۇ
يەنە نىمىگە كۈلۈۋاتىسەن دەپتۇ پادىشاھ
نىمىشقا كۈلمەيمەن پادىشاھ بارچە ئادەم يىلدا بىر قېتىم ھوسۇل ئالسا مەن ئىككى قېتىم ئالغانلىقىمغا كۈلۈۋاتىمەن دەپتۇ بوۋاي
پادىشاھ بوۋاينىڭ سوزىگە تېخىمۇ قىزىقىپ يەنە مىڭ تەڭگە بۇرۇپتۇ ، بوۋاي يەنە كۈلۈپ ؛
يەر يۈزىگە بىر  يولى 3 قېتىم ھوسۇل بىرىدىغان مىۋە تىككىنىمگە كۈلىمەن دەپتۇ ..
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار