ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئىسىمدىكى ھېكمەتلەر باغۋەن بوۋاي گومۇش شاھزادە بىلەن ئەڭ چوڭ بەخت - خاتىرج

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > چۆچەك > تولۇق مەزمۇنى

مۇھەببەت (چۆچەك)

ۋاقىت : 2015-05-16 19:47 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
مۇھەببەت (چۆچەك)

بۇرۇن بۇرۇندىكەن، تېرىق تۇلۇمدىكەن، يولۋاس جاڭجالچى، تۈلكە داققالچى ئىكەن. يىراق شەرقنىڭ نېرىسىدا بىر دەريانىڭ بويىدا، بىر - بىرىگە ئامراق، ئەمما نامرات بىر جۈپ ئەر - خوتۇن بېلىق تۇتۇپ كۈن كەچۈرىدىكەن. ھەر كۈنى تۇتقان بېلىقلىرىنىڭ كىچىكلىرىنى ئۆزى يەپ، چوڭلىرىنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ ئۇن، ياغ، گۈرۈچ، كۆكتات دېگەندەك لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالىدىكەن. خوتۇنى دائىم ئېرى ئەكىلىپ بەرگەن بېلىقلارنى ياخشى ئادالاپ، كۆڭۈل قويۇپ پىشۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاچىقىپ بېرىدىكەن. ئۆزى ئاشخانىسىدا ئولتۇرۇپ ئېرىگە ئاچىقىپ بەرگەن بېلىقلارنىڭ بېشى بىلەن قۇيرۇقىنى يەپ قورسىقىنى توقلايدىكەن.
شۇ تەرىقىدە نەچچە ئون يىللار ئۆتۈپتۇ. ئۇلارنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ، بەللىرى مۈكچىيىپتۇ، بوۋاي دەريا بويىغا بېرىپ بېلىق تۇتالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئۆيدە بېلىق پىشۇرۇپ سېتىشمۇ، بېلىق گۆشى يېيىشمۇ ئاخىرلىشىپتۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئاجىزلىشىپ يىراقنى كۆرەلمەيدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ. پەرزەنتلىرىمۇ چوڭ بولۇپ قاتارغا قوشۇلۇپتۇ. ئاخىرقى ئۆمرىدە ئۆينىڭ ئالدىدا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرۇش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلىنىپتۇ. ھاسىسىغا تايىنىپ تامغا يۆلىنپ ئولتۇرغان بوۋاي ناھايىتى تەڭقىسلىق بىلەن مومايغا شۇنداق دەپ ئېغىز ئېچىپتۇ:
ـــ سەن بىلەن توي قىلغاندىن بۇيان ناھايىتى ياخشى ئۆتتۈم، سەندىن ئارتۇقچە نەرسە تەلەپ قىلمىدىم، ئەتكەن تاماقلىرىڭنى تاللاپمۇ كەتمىدىم، ھازىر بىز قېرىپ يېشىمىزمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى، ئۆمۈرىمىز ئاخىرلىشاي دېدى، ساڭا ئەمدى كۆڭلۈمدىكى گەپنى دېمىسەم ئارماندا كېتىپ قالىدىغان ئوخشايمەن. كىچىكىمدە بېلىقنىڭ بېشىنى يېيىشكە ئامراق ئىدىم. ئەمما، نېمە ئۈچۈنكىن سەن بىلەن توي قىلغان كۈندىن باشلاپ ماڭا بېلىقنىڭ بېشىنى يېيىش نېسىپ بولمىدى، ئەمدى بولسىمۇ ماڭا بېلىقنىڭ بېشىنى پىشۇرۇپ بەرگەن بولساڭ، بىر قېتىم بولسىمۇ بېلىقنىڭ بېشىنى يەۋېلىپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى، - دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان موماي ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ ۋە يۇم - يۇم يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:
ـــ مەن كىچىكىمدىن باشلاپ بېلىق گۆشىگە ئامراق ئىدىم. دۇنيادا بېلىق گۆشىدىنمۇ تەملىك، يېيىشلىك تاماق يوق دەپ ئويلايتتىم، شۇڭا سىزدەك بىر بېلىقچىغا ياتلىق بولغانىدىم. ئەمما سىز بىلەن توي قىلغاندىن باشلاپ سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۈندە دېگۈدەك ئۆزۈم ئامراق بېلىق گۆشىنى سىزگە پىشۇرۇپ بېرىپ، ئۆزۈم بولسا زادىلا خوشۇم يوق، سەسكىنىدىغان بېلىق بېشىنى يەپ كەپتىمەن. سىزنىڭ بېلىق بېشىغا ئامراق ئىكەنلىكىڭىزنى مۇشۇ كۈنگىچە خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقماپتىمەن، ــ دەپتۇ.بوۋاي بىلەن موماي بىر - بىرىگە يۆلىنىپ، مۇھەببىتىدىن تەسىرلەنگەنچە كۆز يېشى قىلىشىپتۇ. كېيىن بىر - بىرىگە تېخىمۇ ھەمقام بولۇشۇپ بۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار