ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۆزلۈكنى ئىزدەش (چۆچ دېۋىلەر ۋە ئالتىنچى قۇم ئاستىدا قالغان گومۇش شاھزادە بىلەن

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > چۆچەك > تولۇق مەزمۇنى

دېۋىلەر ۋە ئالتىنچى ئوغۇلنىڭ ھېكايىسى (چۆچەك)

ۋاقىت : 2015-08-21 15:23 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
دېۋىلەر ۋە ئالتىنچى ئوغۇلنىڭ ھېكايىسى
(چۆچەك)

دېۋىلەر دۇنيادىكى ئاجايىپ-غارايىپ غەلىتە مەخلۇقلار ئىچىدىكى ياۋۇز ۋە يىرتقۇچ شۇنداقلا پەۋقۇلئاددە يوغان ئادەم شەكىللىك مەخلۇقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، دېۋە ئادەتتە خام گۆش يەيدىكەن،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە نېمىنىڭ گۆشىنى يېيىش ئەمەس،بەلكى گۆشى بار مەخلۇقاتلارنىڭ مەۋجۈت بولۇشى ھەممىدىن موھىم ئىكەن . ئۇلار دېڭىزدا،ھاۋادا ،قۇرۇقلۇقتا ياشالايدىكەن،ھەم كىچىكلەپ ھەم زورىيىپ خىلمۇ خىل قىياپەتتە ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىكەن.ئۇلار شۇنچىلىىك كۈچلۈك ئىكەنكى،يىگىرمە ئادەمنىڭ غۇلۇچى يەتمەيدىغان زور دەرەخنى خۇددى ئېتىزدىكى بىر تال چامغۇرنى يۇلغاندەك يۇلۇۋېتەلەيدىكەن،ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا پىكاپتەك ،ئاپتوۋۇزدەك تاشلارنى ئېتىشىپ،خۇددى يەر تەۋرىگەندەك تەسىر پەيدا قىلالايدىكەن. ئەرلىرى بوزەك قىلغان بەزى چىشى دېۋىلەر ئەرلىرى بىلەن بىر نېمىلەرنى قىلىپ ،ئاجرىشىپ، ئادەملەرنى ئەپ قېچىپ،ئۆزىگە يۇۋاش ئەر قىلىۋالىدىكەن ،ئادەمنىڭ ئەركەكلىرى ئادەتتە ئۆزىنى بۇقا دەپ قارىسا،دېۋىنىڭ يېنىغا بارغاندا،ئۆزىنىڭ پەقەت كۈن بويى ئۇنى-بۇنى ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغان ئۆكۈزگىمۇ يەتمەيدىغان ھالغا قالغانلىقىنى ئازاپ ئىچىدە ھېس قىلىدىكەن.
چەكسىز قۇملۇقتىكى دېھقانلارنىڭ ئېغىزىدا تارقىلىپ يۈرگەن يەنە بىر رېۋايەتتە بايان قىلىشىچە، دىۋىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بىر خىل ياشاش ئادىتى بار ئىكەن،ئۇلار چوڭلارنى قېرىدى ،كېسەل بولدى،ئەمدى ياشلارغا يۈك بولىدۇ دەپ ئويلاپ ئۇلارنى تىرىك پېتى يولۋاسلارغا ياكى يىلپىزلارغا يەم قىلىپ بېرىدىكەن .بۇنداق بولغاندا، ئاشۇ يىرتقۇچ ھايۋانلار ياشلارغا چېقىلماي،قانائەت قىلىپ ،تېچلىقتا بىللە ياشاش ئىمكانىيىتى يارىتىلىدىكەن،چۈنكى دىۋىلەرنىڭ قارىشىچە، يىرتقۇچ ھايۋانلارمۇ پىكىر قىلىدىغان، ئويلايدىغان قابىليەتكە ئىگە بولۇپ،ئۇلار دېۋىلەرنىڭ بۇ خىل دوستانىلىقىنى چۈشىنەرمىش. ھەر قېتىم بىر قېرى دىۋىنى چاڭگالغا ئاپىرىپ قويغاندا،ئېچىرقاپ كەتكەن يولۋاسلار ياكى يىلپىزلار بىر خىل رازىمەنلىك بىلەن ئۇنى يەيدىكەن ،بۇ چاغدا ياش دېۋىلەر ئۆزىنىڭ دادىسىنى ياكى ئاپىسىنى يەۋاتقان ئاشۇ يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يىراقتىن تۇرۇپ ،قاراپ تۇرىدىكەن ،تاكى ئۇلار ھېلىقى تەغدىرى كاج قېرى دېۋىنىڭ گۆش ۋە ئۇستىخىنى پاك-پاكىز يېيىلىپ بولغانغا قەدەر بىر خىل ئىپتىخارلىنىش ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كەڭ قوساقلىقنى نامايىش قىلىش يۈزىسىدىن ئاشۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى باشتىن –ئاخىر كۈزۈتۈپ تۇرىدىكەن، بۇ تاماشانى كۆرۈپ تۇرغان ياش دېۋىلەر تېخى شاراپ ۋە نەشە چېكىپ ،ناخشا ئېيتىدىكەن، يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۇلارنىڭ ياشانغان مۆتىۋەرلىرىنى يەپ ،پۇخادىن چىققانلىقىنى كۆرگەندە ،باشقىچە سۆيۈنۈپ ،خوشال بولۇشۇپ كېتىدىكەن ،ئۇلار گېزى كەلسە ،يىرتقۇچ ھايۋانلارغا‹‹ھازىر سەن مەززە قىلىپ يىگەن تامىقىڭ مېنىڭ دادام بولىدۇ .››دېگەننى بىلدۈرەلىسە،ئاشۇنى بەخىت دەپ قارايدىكەن. ھەتتا ئۇسۇل ئويناپ ،نەغمە-ناۋا قىلىپ يايراپ كېتىدىكەن. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ياش دېۋىلەرنىڭ ياشاشقا بولغان تەجىربە ساۋاقلىرى يوقاپ، يەيدىغان نەرسىلىرىمۇ قالماپتۇ. مەسلەھەت سورايلى دېسە، بىرمۇ قېرى دېۋە مەۋجۈت ئەمەسكەن. قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن ئېتىزلاردا يەيدىغانغا بىر تال بۇغداي باشىقىنىمۇ تاپالماي زار يىغلىشىپتۇ. قېرىلارنىڭ يوقلىقى ئۇلارنىڭ تەغدىرىنى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا دۇچار قىلىپتۇ.ئۇلار قېرىلارنى يىرتقۇچلارغا يەم قىلىپ بەرگەندە، ھېچقانداق بىر ئازاپ ياكى نومۇس تۇيغۇسىنىڭ بولمىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان روھى جەھەتتە تۈگەشكەنلىكىنى بىلدۈرسە كېرەك.
بىر كۈنى كۆكتىن ئىككى پەرىشتە يەرگە چۈشۈپتۇ، ئۇلارنىڭ يۈزىدىن نۇر يىغىپ تۇراتتى. چاچلىرى يەرگە تېگەتتى، ئۇلار تەڭداشسىز ساھىپجاماللاردىن ئىدى. قوپال،لايغەزەل ،بىكار تەلەپلەر ئۇلارغا پوخۇرلۇق قىلىپ،ئەدەپسىزلىك قىلىپتۇ. ئاۋال بىرى پەرىشتىلەرنىڭ بىرىنىڭ ئۇزۇن سۇمبۇل چېچىنى تارتىپتىكەن ، پەرىشتىنىڭ بىر سىلىكشى بىلەن ئىتقا ئايلىنىپ قاپتۇ، ئىككىنچىسى كۆينەككە ئېسىلىپتىكەن، چوشقىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. پەرىشتىلەر بىر ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ. بۇ يەردە پاكىز ۋە ساغلام قېرىغان بىر جۈپ بوۋاي بىلەن موماي ، ئۇلارنىڭ ئالتە بالىسى ، بۇ ئالتە بالىنىڭ 20گە يېقىن باللىرى تۇرىدىكەن . بۇ يەردە بىردىن –بىر ساپ ساقلىنىپ قالغان ئۈچ ئەۋلاد كىشىلىرىدىن تەركىپ تاپقان چوڭ جەمەت بار ئىكەن. پەرىشتىلەرنىڭ كىرىشى بىلەن قاراڭغۇ ئۆڭكۈر يورۇپ كېتىپتۇ. ئۈستى-بېشىدىن نۇر يىغىپ تۇرغان پەرىشتىلەر:
- ئۈچ كۈنگىچە بۇ يەردىن يىراققا كېتىڭلار ،تېزدىن بۇ يەردىن ئايرىلىڭلار ،چاپسان بولۇڭلار -،دەپتۇ.
- نىمىشقا ؟ بۇ يەردە مۇشۇ كىچىك بالىلارنى ئېلىپ ،يىراققا بارالمايمىز ،بىزمۇ قېرىدۇق، بالىلىرىمىز ئىنساپلىق قىلىپ يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەپ قىلماي،بىزنى مەخلۇقلاشقان قېرىنداشلىرىمىزدىن يوشۇرۇپ بېقىۋاتىدۇ،بۇنىڭغا شۈكرى -،دەپتۇ قېرى دىۋىلەر.
- دەل شۇنداق بولغاچقا سىلەر بۇ يەردىن قېچىڭلار ، ئاز كۈندە ئاپەت بولىدۇ، سىلەر قاچقاندا ھەرگىز كەينىڭلەرگە قارىماڭلار -، دەپتۇ پەرىشتىلەر.
پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ بىخۇتلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،تولىمۇ تىت-تىت بولغان بولسىمۇ ،قانداق چارە –ئامال قوللىنىشنى بىلەلمەي قاپتۇ.
ئاخىرى ئۈچۈنچى كۈنى پەرىشتىلەر يەنە كەلسە، ئۈچ ئەۋلاد بىللە ياشاۋاتقان ئۆڭكۈردىكى بۇ دىۋىلەر يەنىلا غېمىدە يوق ئۆز ئىشىنى قىلىپ ،يۈرگۈدەك، شۇنىڭ بىلەن پەرىشتىلەر قويۇن چىقىرىپ ،ئۇلارنى ئېلىپ قېچىپتۇ، ھېلىقى ئالتە بالىنىڭ كەنجىسى مۇشۇنداق جىددى ئەھۋالدا ئىھتىياتسىزلىقتىن كەينىگە قاراپ سالغانكەن ،ئۇ ئۆڭكۈردە تەنھا قاپتۇ. قالغانلار پەرىشتىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بىخەتەر جايغا بېرىۋاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا ئۇلار تۇرغان شەھەر ھەش-پەش دېگۈچە، تۈپ-تۈز بولۇپ، توپا-توزان دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. دىۋىلەرنىڭ چوڭى پەرىشتىلەرگە رەھمەت ئېيتماقچى بولۇپ ،قارىسا،پەرىشتىلەر غايىپ بولۇپتۇ، ئۇلار ئەمدى ئەس-يادىنى يىغىپ ،دىققەت قىلسا ،ئالتىنچى بالا يوق .
-ھەي، -دەپ ئېغىر تىنىپتۇ قېرى دېۋە ،-پەرىشتىلەر ‹‹كەينىڭلەرگە قارىماڭلار ››دېگەنتى، ئاشۇ بالام ئاشۇ ياتلىشىپ كەتكەن ،نەس باسقان شەھەرگە قاراپ ساپتۇ-دە،ئېسىت! رەزىل نەرسىلەردىن مېھرىنى ئۈزەلمەسلىك ئەسلىدە ئادەمنى نابۇت قىلىدىكەن ئەمەسمۇ ...ئېسىت،ئېسىت!!
قېرى دېۋىنىڭ پەرىزى توغرا بولسا،ئىھتىمال، ئاشۇ ئالتىنچى ئوغۇل ئاشۇ خىلۋەت ،تەنھا ئۆڭكۈردە ھېلىمۇ ياشاۋاتسا كېرەك.
دەرۋەقە،ھېلىقى ئۆڭكۈردە ئالتتىنچى ئوغول بىردەم ھوشىغا كېلىپ يەنە بىردەم ھوشۇدىن كېتىپتۇ. بىرچاغدا قاتتىق چاڭقاشتىن ئويغىنىپ كېتىپتۇ ،ئۇ تولىمۇ ھالسىز ھالەتتە ئاستا : سۇ،سۇ -،دەپ پىچىرلاپتۇ.
ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇستىخىنى خۇددى چېقىپ پارە –پارە قىلىۋەتكەندەك قاتتىق ئاغرىپ كېتىپتۇ ،بىر پەستىن كېيىن كۆزىنى ئاچسا ، يېنىدا بىر سېغىزخان تۇرغۇدەك. بۇرۇنقى ئۆڭكۈر يەنە شۇ پېتى تۇرغۇدەك . ئالتتىنچى ئوغۇلغا بۇ مەنزىرە خۇددى چۈش كۆرىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپتۇ.
سېغىزخان ۋىچىرلاپ تۇرۇپ : ھە ،نىمە بولسا ،ھوشۇڭغا كەلدىڭ،سىلەر ياشاۋاتقان بۇ شەھەر پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى،بىر تال ياغىچى،بىر تال گىياسىمۇ قالمىدى.ئەمما بۇ ئۆڭكۈر مۆجىزىدەك ساقلىنىپ قالدى-،دەپتۇ.
ئالتتىنچى ئوغول يەنە ماجالسىز ھالدا :سۇ،سۇ -،دەپتۇ.
سېخىزخان ئۆڭكۈرنىڭ بىر چېتىدە يۈزىگە بىر قەۋەت توپا قونغان كىچىككىنە بۇللاقنىڭ يۈزىنى تازلىۋېتىپ ،ئۇنىڭدىكى سۇنى ئەپچىللىك بىلەن قاپاققا توشتۇرۇپ،ئالتتىنچى ئوغۇلغا ئىچكۈزۈپتۇ.
سۇنى قانغۇدەك ئىچىۋالغان كەنجى ئوغۇلنىڭ چىرايغا قان يۈگرەپ،پۈتۈن بەدىنىگە كۈچ-قۇۋۋەت تولغاندەك بوپتۇ.بىراق،ئۇ ئۆزىنىڭ تىكەندەك يالغۇز قالغانلىقىنى سېزىپتۇ.ئۇنىڭ يېنىدا ھېچبىر ئورۇق-تۇققىنى يوق بولغاچقا،ئۇلارنى سېغىنىپ ،زار-زار يىغلاپتۇ. ئېسىگە بولۇپ ئۆتكەن دەھشەتلىك بالايى-ئاپەت كەلگەندە ،پۈتۈن بەدىنى شۈركىنىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يېنىدا بىردىن-بىر ھەمراسى سېغىزخانغا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە يالغۇز قالغانلىغىنى سوراپتۇ.
سېغىزخان يۈز بەرگەن ئىشنى بايان قىلىپ بېرىپتۇ. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ‹‹سەن پەرىشتىلەرنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلماي،نېمە ئۈچۈن كەينىڭگە قارايسەن ؟ ››دەپتۇ ئالتتىنچى ئوغۇلغا.
ئالتتىنچى ئوغۇل سېغىزخاننىڭ سۇئالىنى ئاڭلاپلا، ئاشۇ چاغدىكى ئەھۋالنى يادىغا ئاپتۇ: ئۇلار بۈركۈتتەك ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى، قارا قويۇن ئۇلارنى ئىگىزگە كۆتۈرۈپ،شىددەت بىلەن يىراققا قاراپ ئېلىپ قاچماقتا ئىدى.دەل شۇ چاغدا، ئالتتىنچى ئوغۇلنىڭ كەينىدىن ‹‹ توختا جېنىم ،مەن سېنىڭ ئېرىشەلمەي يۈرگەن ئاشىقىڭ ،قارا كەينىڭگە بۇ باغلارنى كۆر ، گۈزەل مەنزىرررىلەرنى زوقلان ،مانا بۇ بىزنىڭ جەنئىتىمىز .››دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ئالتتىنچى ئوغۇلغا شۇ پەيتتە خۇددى ھەقىقىي ۋىسالغا ئېرىشەلمەي قېلىش ئازاۋىدا قالىدىغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولۇپتۇ-دە، كەينىگە شۇنداق قارىسا ،دەرۋەقە ئۇنىڭ كۆزىگە تولىمۇ چىرايلىق مەنزىرە كۆرۈنۈپتۇ. بىر ساھىپجاماال ئۇنىڭغا قۇچاق ئېچىپ كېلىۋاتقۇدەك . ئۇ شۇ چاغدىلا بىردەم تېڭىرقاپ قالغان بولسا كېرەك. بىر قوپال قول ئۇنى تارتىپ ،بىر قاينامنىڭ ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىپتۇ. كۆز ئالدىدا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرغىدەك نىجاسەتلەر تولغان بەد-بۇي پۇراقلىق جاي پەيدا بولۇپتۇ. بۇ جايدا بەزى ئادەملەر ھېلىقى نىجاسەتلەرنى مەززە قىلىپ يەۋاتقان ،بەزى ئادەملەر چىۋىن-پاشىلارنى تۇتۇپ، ئاغزىغا كاپ قىلىپ ئېتىۋاتقۇدەك. يىلانلار ئۇلارنىڭ يالىڭاچ دۈمبە-قوساقلىرىدا يۆگىشىپ ،ۋىشىلداپ بىمالال يايرراۋاتقۇدەك.
ئالتتىنچى ئوغول قورقۇپ غال-غال تىترەپتۇ. كۆڭلى ئېلىشىپ قەي قىلىپتۇ. ئۇ ئۆزى قۇسقان تۈلكە، پاقا، چايان، قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆرۈپ بىر چىقىراپتۇ-دە،ھوشۇدىن كېتىپتۇ. .....
سېغىزخان ئالتتىنچى ئوغۇلنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق ئۇلاپتۇ؛
-ھەي ،ئالتتىنچى ئوغۇل ،سەن شۇ ياندۇرغان نەرسىلەر سەن ئازغان چاغدا ئېرىشكەن ئەمىلىڭ ھېساپلىنىدۇ. سەن شۇنچىلىك ھالغا كېلىپ ، باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىدىڭ. بىراق سەن ئۇلارنىڭ ھەممىنى قەي قىلىۋەتتىڭ .مانا بۇ ياخشىلىقتىن بىشارەت . مەن بىر سېغىزخان مېنىڭ قولۇمدىن پەقەت سەن قەي قىلىپ بولغاندىن كېيىن سېنى ئەسلىدىكى بۇ ئۆڭكۈرگە ئەكىلىش بولدى. مەن ئۆزەمنى ساڭا نېمە دەپ چۈشەندۈرسەم بولار ....
ئالتتىنچى ئوغۇل سېغىزخانغا رەھمەت تازىم بىجا كەلتۈرۈپتۇ-دە،ئۇنىڭدىن
- سەن ئەسلىدە بىر خەۋەرچى قۇشقۇ. سەن قانداقمۇ مېنى ئاشۇنداق نەس باسقان جايدىن قۇتۇلدۇرالىدىڭ. -،دەپ سوراپتۇ.
- بۇ تەغدىر بولسا كېرەك ،شۇ چاغدا ئۆزەمنىڭ غايىپتىن تەڭداشسىز باھادىر بولۇپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم ، ئۇنداق بولمايدىكەن،مەن سەندەك بەدىنى زور دىۋىنى كۆتۈرۈشكە نەدىمۇ ئۇنچىلىك كۈچ بولسۇن ؟ ئەمىليەتتە سىلەرنى باشقا پەتەك ئادەملەر سىلەرنىڭ گىگانىت ھالىتىڭلارنى كۆرۈپ دىۋە دەپ ئاتىۋالغان. ئەمما سىلەرمۇ ئىنسان ! -، دەپتۇ سېغىزخان.
-شۇنداقمۇ ؟ ئۇنداقتا سەن زادى كىم ؟ دەپتۇ ئالتتىنچى ئوغۇل .
سېغىزخان بىر ھازا سۈكۈت ئىچىدە قاپتۇ. بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تولۇق بىلمىسە كېرەك . ئۇ ئۆزىنى ‹‹مەن سېغىزخان دەي دېسە ، كەنجى ئوغۇلنى كۆتۈرۈپ،ئۇنىڭ جەمەتى ئىلگىرى ياشىغان جايدا ئۇنى قايتا ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەن. ئەمدى ئۆزىنى سېغىزخان ئەمەس دەي دېسە ئۇ يەنىلا سېغىزخانلارنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە ساقلىغان .››.
- مەن ئۆزەمنى ئىزدەۋاتىمەن -،دەپتۇ سېغىزخان كەنجى ئوغۇلغا جاۋابەن.
- مەنمۇ ئۆزەمنىڭ دېۋە ئەمەس ئادەم ئىكەنلىكىمنى ئەمدى سەن ئارقىلىق بىلدىم .بۇ ئەھۋالدا ئىككىمىزنىڭ تەغدىرى ئوخشاشكەن.مەنمۇ ئۆزەمنى ئىزدەۋاتىمەن.
سېغىزخاان بىلەن ئالتتىنچى ئوغۇل ئاشۇ پاراڭلارنى قىلىپ ،بولغىچە بىر ئەسىر ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى تۇيماي قاپتۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى تەبئى ئاپەتتىن ساق سالامەت قۇتۇلغان ئالتتىنچى ئوغۇلنىڭ بەش قېرىندىشى، ئاتا-ئانىسى ۋە 20دەك بالا ھەممىسى بۇرۇنقى چارۋىچىلىق بىلەن ياشايدىغان بىرلا خىل ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يەردىن پايدىلىنىپ ، كۆكتات ۋە ئاشلىق تېرىشنى ئۆگىنىۋاتقانكەن. ئۇلار ئالتتىنچى ئوغۇلنى شۇ قېتىمقى ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغان دەپلا قارايدىكەن ، ئۇلار ئاشۇ قېتىمقى ئاپەتتىن قانداق قۇتۇلۇپ چىققانلىقىنى ،ئالتىنچى ئوغۇلنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن ئايرىلىىپ قالغانلىقىنى رېۋايەت قىلىىپ ،ئەۋلادلىرىغا سۆزلەپ بېرىپ ، ئىناق،پاكىز ، گەپ ئاڭلايدىغان مەدەنىيەتلىك ياشاش ھەققىدە كېيىنكىلەرنى تەربىيلەپتۇ. بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنى پەتەك ئادەملەرنىڭ ‹‹دېۋە››دەپ ئاتىشىغا كۆنگەچكە ،ئۆزلىرىنى دېۋە دەپ يۈرىۋېرىپتۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تونۇتقۇدەك بىرەر شارائىت ياكى پۇرسەت بولمايلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ‹‹مەن زادى كىم ؟ ››دېگەننى تەتقىق قىلغۇدەك نە ئالىمى نە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى بارلىققا كەلمەپتۇ. ئۇلار پەقەت قاۋۇل ،گەۋدىلىك دېھقان بولۇپلا ياشاپتۇ. ئالتتىنچى ئوغۇل سېغىزخاندىن بۇندىن ئىلگىركى بارلىق ھۆنەر ۋە بىلىم ،يەنە مەدەنىيەت قاتارلىقلار كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئۆگىتىپتۇ.
بىر كۈنى ئالتتىنچى ئوغۇل بۇلاقتىن قاپاققا سۇ ئېلىۋاتسا ، قاپاق ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپتۇ. ئۇ بار كۈچى بىلەن قاپاقنى تارتىپ چىقىرىپتىكەن .ئۇنىڭدىن قەدىمكى كىشىلەر ئىشلەتكەن بىر ئالتۇن قەلەم يەرگە تورۇككىدە چۈشۈپتۇ. ئالتىنچى ئوغۇل قەلەمنى ئەمدى قولىغا ئېلىشىغا ،ھېلىقى قەلەم يوغىناپ تۇيۇقسىز بىر پىقىراپلا ئاي دېسە ئاي ئەمەس،كۈن دېسە كۈن ئەمەس بىر ساھىپجامالغا ئايلىنىپتۇ.
ئالتىنچى ئوغۇل ‹‹ئاھ ››دەپتۇ-دە ھوشۇدىن كېتىپتۇ. ساھىپجاماال ئالتىنچى ئوغۇلنىڭ يۈزىگە سۇ پۈركۈپ ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ.
قولىدىكى قەغەزنى ئالتىنچى ئوغۇلغا بېرىپتۇ.
قەغەزدە‹‹ ھەي ،ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى تونۇپ يەتكەن يىگىت ،سېنىڭ ئەژداتلىرىڭنى كۆپى پەقەت سۆيگۈنۈم ،دىلدارىم ،نىگارىم ،دىلبەرىم ، دەپ يېزىپ ئەدەبىياتنى مۇھابەت ئوتىدىلا پىشىدىغان نان قىلىۋالدى ئەمما كەلگۈسىدە بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى ،مەدەنىيىتىنى ،ئۆرىپ-ئادىتىنى ئېنىق بىلسۇن. سەن يازساڭ ئاشۇلارنى ياز، ئۇلارغا قانداق ياشاشنى ئۆگەت .ئاشۇنىڭ ئۆزى مۇھاببەت ئەمەسمۇ؟ قۇرۇق كۆيدۈم دېگەندە يەنە قانداق نەرسە بار.››دېگەن سۆزلەر دانىمۇ –دانە يېزىلغان ئىدى.
قەغەزدىكى ئالتۇندەك ھەل بېرىلگەن خەتلەرنى كۆرۈپ،ساھىپجامالغا قاراپ:
-سىز نېمېدېگەن گۈزەل-ھە؟ -،دەپتۇ .
-ۋۇجۇدۇمدىكى گۈزەل پەقەت ئەقىل-پاراسەتنىڭ گۈزەللىكىدىن پەيدا بولغان بولسا كېرەك.سىز مېنى ئەمرىڭىزگە ئالماقچىمۇ؟-،دەپتۇ ساھىپجامال.
-شۇنداق -،دەپتۇ ئالتىنچى ئوغۇل .
-ئۇنداق بولسا،مېنىڭ بىر شەرتىم بار،-دەپتۇ ساھىپجامال.
-قېنى ئېيتىڭ،مەن تەييار -،دەپتۇ ئالتىنچى ئوغۇل قەتئىي قىلىپ.
-سىز بۇ كەتمەننى تۆمۈر قۇرال ئىشلەتمەي،يۇمشاق قۇرال بىلەن تېشىسىز،ۋاقتى ئالتە ئاي بولسۇن ،مەن ئالتە ئايدىن كېيىن كېلىمەن-،دەپتۇ،ساھىپجامال ۋە ھەش-پەش دېگۈچە كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ.
-بولىدۇ -،دەپتۇ ئالتىنچى ئوغۇل.
ئالتىنچى ئوغۇل ئاي دېسە،ئاي ئەمەس،كۈن دېسە كۈن ئەمەس ساھىپجامالنى ئەمرىگە ئېلىشنىڭ خوشاللىقىدا بۇ قېيىن شەرتنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ،بۇ شەرتنىڭ ھۆددىسىن قانداق چىقىشنىڭ ئىلاجىنى قىلىش ئۈچۈن بېشىنى قاتۇرۇپ،كۈندىن –كۈنگە غەم بېسىپتۇ.
ئالتىنچى ئوغۇل بۇلاقنىڭ كۆزىنى توسىۋالغان ئەخلەت-چاۋىلارنى ئېلىۋېتىپ،بۇلاقنىڭ ئەتىراپىغا يوغان-يوغان تاشلارنى رەتلىك قىلىپ تىزىۋاتسا،بۇلاقنىڭ بولدۇقلاۋاتقان كۆزىدىن بىر قىزىل ئەتىرگۈل ئېچىلىپتۇ،ئالتىنچى ئوغۇل ئۇنىڭغا سالام قىلغان ئىكەن.تۇيۇقسىز قىزىل ئەتىرگۈلدىن سادا چىقىپ:
-سىزنىڭ بېشىڭىزنى قاتۇرغان زادى نېمە ئىش يىگىت-دەپتۇ
ئالتىنچى ئوغۇل كەتمەننى يۇمشاق قۇرال بىلەن تېشىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپتۇ-دە،يەنە يوغان-يوغان تاشلارنى بۇلاق ئەتىراپىغا رەتلىك قىلىپ تىزىپتۇ.
-مەن سىزگە ئەڭ ئاسان چارىنى ئېيتىپ بېرىمەن-،دەپتۇ قىزىل ئەتىرگۈل مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ،خۇشبۇي ھېد تارىقىتىپ تۇرۇپ
-شۇنداقمۇ ،رەھمەت سىزگە -،دەپتۇ ئالتىنچى ئوغۇل بېشىنى كۆتۈرۈپ،قىزىل ئەتىرگۈلنى قوللىرىغا بىلەن سىلاپ تۇرۇپ.
-سىز ئاق كۆڭۈل يىگىتكەنسىز،سىز بۇ بۇلاققا چاڭ-توزان چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى قوغداۋاتىسىز،مەن سىزگە ياردەم قىلاي.سىز ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي،كەتمەنگە سۇ تۆكىسىز.ئىش تامام-،دەپتۇ قىزىل ئەتىرگۈل ۋە ھەش-پەش دېگۈچە كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ.
ئالتىنچى ئوغۇل «كەتمەنگە ئۈزۈلدۈرمەي سۇ تۆكۈش »ئارقىلىق كەتمەننى تېشىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ،ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كېتىپتۇ.ئۇ ھەقىقتەن يۇمشاق قۇرالنىڭ سۇ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى.
ئالتىنچى ئوغۇل كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ كەتمەنگە سۇ تۆكۈپتۇ،تۆكۈپتۇ.
ئاخىرى ساھىپجامال بەلگىلىگەن ئالتە ئاي ۋاقىت ئۆتۈپتۇ.بىر كۈنى ھېلىقى ساھىپجامال ئالتىنچى ئوغۇلنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپتۇ.ساھىپجامال كەتمەننىڭ تولۇنئايدەك شەكىلدە تېشىلگەنلىكىنى كۆرۈپ،ئالتىنچى ئوغۇلغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
-سىز ھەقىقەتەن سەۋىرچان يىگىتكەنسىز،سىزگە قايىل بولدۇم،-دەپتۇ.
ئالتىنچى ئوغۇل ساھىپجامالنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن چەكسىز سۆيۈنۈپتۇ ۋە ئۇنى ئۇزاق ئۆتمەي ئەمرىگە ئاپتۇ.ئۇلارنىڭ تويى بۇلاق سۈيى بىلەن كۆكەرگەن دالىدا بولۇپتۇ. ئالتىنچى ئوغۇل ئۇنىڭدىن توققۇز ئوغۇل پەرزەنىت كۆرۈپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن قايتا جەم بولۇپ،ئۇزاق يىللىق ھىجران ئازابىنى يوقۇتۇپ،بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار