ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : سېغىزخان بىلەن يولۋ ئۆزلۈكنى ئىزدەش (چۆچ دېۋىلەر ۋە ئالتىنچى قۇم ئاستىدا قالغان

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > چۆچەك > تولۇق مەزمۇنى

ئۆزلۈكنى ئىزدەش (چۆچەك)

ۋاقىت : 2015-08-21 15:25 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئۆزلۈكنى ئىزدەش
(چۆچەك)
ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى

بىر ئوماق قوزا سىنىپتا يالغۇز قالدى،پارتىدىشى بۆرە كۈچىكى دائىم ئۇنىڭ قەلىمىنى سۇندۇرۇپ،دەپتىرىنى يىرتىپ تاشلاپ،چىشىغا تېگەتتى.قوزا بۆرە كۈچىكىدىن بۇ دەردىنى چىقىرالماي يۈرەتتى.بىر كۈنى مۇئەللىم يەنى كۆزەينەكلىك مۈشۈك ئېيىق بۆرە كۈچىكىنى ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ،ئۇنى راسا تەنقىتلىگەن چېغى،بۆرە كۈچىكى دومسايغان ھالدا سىنىپقا كىردى-دە ،قوزىنىڭ قولىقىنى سوزۇپ تۇرۇپ: يەنە چېقىمچىلىق قىلامسەن؟-دېدى كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ.
قوزا ئاغرىق ئازابىدىن بىرقانچىنى مەرىۋەتتى ھەتتا كۆزلىرىدىن ياشمۇ چىقىپ كەتتى.
-سەن دائىم مېنى بوزەك قىلىپ كەلدىڭ،مەن ساڭا زادى نېمە يامانلىق قىلدىم ئېيتقىنا؟ -دېدى قوزا ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ.
-شۇنىمۇ بىلمەمسەن؟ دۇنيادا كۈچلۈكلەر تاللىنىدۇ، ئاجىزلار شاللىنىدۇ .
-مېنى ئاجىز دېيىشكە نېمە ئاساسىڭ بار؟
-بۆرە كۈچىكى بۆرە بولىدۇ،قوزا پەقەت قوي بولىدۇ.قوي قاچان بۆرىنى قورقىتالىغان؟،-دېدى بۆرە كۈچىكى كۆرەڭلىگەن ھالدا.
-خاتالاشتىڭ .مەن ئۆزلىكىمنى ئىزدەۋاتقان قوزا .
-ئۆزلۈك دېگەن نېمە؟-،دېدى بۆرە كۈچىكى ھەيران قالغان ھالدا كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ.
-ئۆز ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ھەر بىر ئادەم ئۆزى يارىتىدۇ.ئۆزلۈك ئۆزىنى تونۇش،ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ھاياتنى گۈزەللەشتۈرۈش دېگەن گەپ !
- ھەممىسى قۇرۇق گەپ! ئۇنداق سەپسەتەڭنى قۇشخانىغا ئاپىرىپ سات !! سەندەك يۇۋاش قوزىلارنىڭ ئۆزلۈك-پۆزلۈك دەپ ئالا-تاغىل مەرەپ يۈرۈشۈڭ بىزدەك بۆرىلەرنىڭ ئالەمشۇمۇل تۆھپىسىنى كۆزگە ئىلمىغىنىڭ بولماي نېمە؟
-مەن قوزا بولغىنىم ئۈچۈن سەن مېنى بوزەك قىلساڭ يوللۇق بولارمۇ؟ -دېدى قوزا بۆرە كۈچىكىگە تىكىلىپ تۇرۇپ.
-ئۆتمۈشتە ئىنسانلار بىز بۆرىلەرنى ئۇلۇغلىغان ھەتتا ئۇلار بىزدىن قورقۇپ،بىزنى ئىلاھ دەپ قارىغان،سىلەر نېمىتىڭلار؟-دېدى بۆرە كۈچىكى قوزىغا مەنسىتمەسلىك نەزەردە قاراپ.
-ئۇلارنىڭ ھەممىسى توپا-چاڭ توزۇتۇپ ئۆتۈپ كەتكەن كالا ھارۋىسىغا ئوخشاش ،ئەرزىمەس كىچىككىنە بىر ئەسلىمە-دېدى قوزا بۆرە كۈچىكىگە بوش كەلمەي .
بۆرە كۈچىكى غەزەپلەنگەن ھالدا قوزىغا قاراپ ئېتىلدى،بىراق شۇ تاپتا مۈشۈك ئېيىق مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ قېلىپ،قوزا بىھۈدە ھارام تاياق يەپ قېلىشتىن ساقلىنىپ قالدى.سىنىپتىكى بوتىلاق،موزاي ۋە تايچاقلار بۆرە كۈچىكى بىلەن قوزىنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن،ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئۆچ-ئاداۋەتلىرىدىن بىزار بولسا كېرەك،ئۇلار سىنىپ يىغىنىدا بۇ ئىككى «چۆجە-خوراز»لار تۈپەيلىدىن سىنىپنىڭ كەيپىياتىغا يامان تەسىر بەرمەسلىك كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر-تەكلىپلەرنى تۆكمە قىلىۋېتىپتۇ.
بىراق ،قوزا بۆرە كۈچىكىنىڭ ئۆزىدىن قانچىلىك كۈچلۈك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر،بۆرىلەرنىڭ پەقەت ئۆزىنىلا كۈچلۈك دەپ باشقىلارنى ئاجىز دەپ قارايدىغان بۇنداق قىلىقىدىن تولىمۇ نەپرەتلىنىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قوزا ئۆزىنى تەپسىلى كۆزىتىپتۇ: قاراپ باقسا،قوزا ئۆزىنىڭ تېخى مۈڭگۈزىنىڭ يوقلىقى،باشقىلاردىن قورۇنۇپ،يۈرەكلىك بولالمىغانلىقى،دائىم گۇناكاردەك بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرۈشى ئاجىزلىق بولۇپ بىلىنىپتۇ. بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى،بىلىم،قابىلىيەت،مىجەز جەھەتتە پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى قوشسا،قوزا نۇرغۇن تەرەپلەردىن تىرىشمىسا بولمايتتى. قوزا ئۆزىگە تەمەننا قويۇدىغان،ھېمىشەم ئۆزىنى كۈچلۈك ھېساپلايدىغان بۆرە كۈچىكىدىن ئېشىپ كەتمىسە،ئۇ بۇ رىقابەتكە تولغان دۇنيادا بىر كۈنمۇ خاتىرجەم ياشىيالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىپتۇ.
قوزا كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ ئۆزىدىنمۇ مىڭ ھەسسە ياخشى قىياپىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلاپتۇ: ئۇ ئۆزىنى بۆرىدىنمۇ كۈچلۈك ،يەر شارىدا ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھەقىقىي «ئۆزى»نى قايتىدىن لايىھلەپ چىقىپتۇ.خۇددى رەسسام ئۆز كۆڭلىدىكىدەك گۈزەل بىر رەسىم سىزغاندەك،خەيكەلتاراش ئۆزىنىڭ سەرخىل ئىجادىي ھەيكىلىنى تۈجۈپلەپ ئويۇپ چىققاندەك،ئالىم دۇنيادا يوق بىر ئۇلۇغ تەلىماتنى ياراتقاندەك .قوزا ئۆزىنىڭ ئەڭ غايىۋىي،ئەڭ پاراسەتلىك،ئەڭ كارغا كېلىدىغان قىياپىتىنى-ئوبرازىنى لايىھلەش بىلەن ئالدىراش يۈرگەندە،بۆرە كۈچىكى «مەن دېگەن يەنىلا بۆرە ،ماڭا ھېچكىم تەھدىت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ »دەپ كۈن بويى لاغايلاپ يۈرۈپتۇ،خالىسا مەكتەپكە كېلىپ،خالىسا كوچا چىڭداپ،ئويناپ-كۈلۈپتۇ .بۆرە كۈچىكى ئۆز ئەژدادىنىڭ ئۆتمۈشىنى ياستۇق قىلىپ،بىخارامان ئۇخلاپ،ئەتىراپىدا قانداق ئىشلارنىڭ،قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقىدىن بىخەۋەر قېلىپتۇ.قوزا بولسا،يېرىم ئايدا بىر،ھەر كۈندە بىر ھەتتا بەزىدە كۈن ئاتلاتماي،ئۆزىنى بىلىم ۋە قابىلىيەت جەھەتتە يېڭىلاپ تۇرۇپتۇ. ئاجىز ۋە ناچار تەرەپلىرىنى باشقىلار دېسە،خوش بولۇپتۇ،ئۇ شۇنداق قىلىپ گۈزەل نىشانىغا بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن بېسىپ يېقىنلاپ مېڭىپتۇ.ئۆزىنىڭ تولۇق ۋە مۇكەممەل «نۇسخىسى»نى يارىتىش مەقسىدى بويىچە ھەر كۈنى ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ،ئۆزىدىكى يۇشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىشقا باشلاپتۇ.ئۆزىنى «مەن خالىساملا ،قىلالمايدىغان ئىشىم يوق»دەپ ئۆزىگە مەدەت بېرىپ،تىرىشىپتۇ.تاغلارغا بېرىپ تاغلاردىمۇ ياشىيالايدىغان بىلىمنى ئۆگىنىپتۇ،ئاسمانغا چىقىپ،ئاسماننىڭ سىرىنى بىلىشكە تىرىشىپتۇ،دېڭىزغا كىرىپ،دېڭىزنىڭ مەخپىيەتلىرىنى كىتاب ۋاراقلىغاندەك ۋاراقلاپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرى،قوزا دۇنياغا داڭلىق مەشھۇر شەخسكە ئايلىنىپ قاپتۇ.ئۇنىڭ ئۇستازى ئەتىۋارلىق مۈشۈك ئېيىق نەگە بارسا،شۇ يەردە قوزىنىڭ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى دەپ ماختىنىپ ،پەخىرلىنىپ يۈرۈپتۇ.ساۋاقداشلىرى مەكتەپ پۈتۈرگەنلىكىنىڭ پالانچى يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ،قوزىنىڭ بوينىغا گۈلدەستىلەرنى ئېسىپتۇ.شۇ كۈنى بۆرە كۈچىكى كۆزىگە قارا كۆزەينەك تاقاپ مۇراسىمدا پەيدا بولۇپتۇ. قوزا ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى رەقىبىنىڭ ئۇدۇل ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ«قانداقلا بولمىسۇن،ئۇمۇ مېنىڭ ساۋاقدىشىمغۇ»دەپ ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ ،قۇچاق ئېچىپ قىزغىن كۆرۈشۈپتۇ.ئۇلار بىرەر قۇر ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن،بۆرە كۈچىكى :
-مېنىڭ ئەينى چاغدىكى قاملاشمىغان قىلىقلىرىمنى كۆڭلىڭدىن چىقىرىۋەت،«بالا قىلغان ئىشى چالا »دېگەن گەپ بارغۇ-دەپتۇ .
-بىراق،سېنىڭ «كۈچلۈكلەر تاللىنىدۇ،ئاجىزلار شاللىنىدۇ»دېگەن گېپىڭ ئۈچۈن ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن! چۈنكى سەن ماڭا «ئۆگەنمىسەڭ ئارقىدا قالىسەن،ئارقىدا قالساڭ تاياق يەيسەن»دېگەن ئاچچىق ھەقىقەتنى تونۇتتۇڭ! مەن ھەقىقەتەن تىرىشتىم،كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ جەڭ مەيدانىدا،ھەمىشە كۈچلۈكلەر غەلىبە قىلۋەرمەيدۇ،لېكىن ئەڭ ئاخىرى غەلىبە قىلىدىغانلارنىڭ مەن غەلىبە قىلىمەن دەپ قارايدىغانلاردىن بولۇشى مۇقەرەركەن ئەمەسمۇ؟-دەپتۇ قوزا.
-مېنىڭ بىر كۆزۈم قارغۇ بولۇپ قالدى،«بىلىكى كۈچلۈك بىرنى،بىلىمى كۈچلۈك مىڭنى يېڭەر»دېگەن سۆزنىڭ تېگىگە يەتمەي-دېدى بۆرە كۈچىكى.
- سېنىڭ بۈگۈننى ئۆتمۈشنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈپ كۆنۈپ قالغانلا يېرىڭ بار،سەن ھېلىمۇ تىرىشساڭ،سەندە نۇرغۇن ئارتۇقچىلىق بار-دەپتۇ قوزا بۆرە كۈچىكىنىڭ مۈرىسىنى شاپىلاقلاپ تۇرۇپ.
شۇ تاپتا،بوتىلاق،تايچاق،موزاي قاتارلىق ساۋاقداشلار «بىر تىزىق مارجان،بىر دەستە گۈلدەك،ئۆتكەن ئىدۇق ساۋاقداش بولۇپ»دېگەن ناخشىنى خۇش كەيپلىكتە كۆزلىرى خۇمالىشىپ كەتكەن ئۇستازى مۈشۈك ئېيىقنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ،ئېيتىۋاتاتتى.قوزا بىلەن بۆرە كۈچىكى قوللىرىنى تۇتۇپ،ئاشۇ ناخشىغا جۈر بولدى.
قوزا ئۆزىنىڭ ئۆزلىكنى ئىزدەپ تاپقاندا،بۆرە كۈچىكى ئۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمىدى. دېمەك،ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلسا،شۇنداق ئۈنۈمگە چوقۇم ئېرىشەلەيدۇ.
بالىلار ،سىلەر بۇ دۇنيادا قوزا بىلەن بۆرە ئارىسىدا ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ بارلىقىنى بىلىسىلەرغۇ دەيمەن.بىراق،ئاقىۋەت بۆرە كۈچىكى قوزىغا قايىل بولدى،ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلدى،بۇ يەردىكى سىر زادى نېمىدە؟ ناۋادا ھەر بىر بالا ئۆزىدىكى ئەڭ ياخشى ئۆزىنى، ئەڭ لاياقەتلىك،ئەڭ كارغا كېلىدىغان يۇشۇرۇن قابىلىيىتىنى ئۇرغۇتىدىغان خاسىيەتلىك سېھرى كۈچىنى تاپالمايدىكەن،پاراسەتلىك بالا بولالمايدۇ،چۈنكى، بىز ئىزدەۋاتقان تەپەككۇر يەر شارىدىكى ئەڭ چىرايلىق،ئەڭ خۇشپۇراقلىق گۈل ،قېنى بىز ئۇنى تېزرەك ئىزدەپ تېپىپ،ئۇنى چېكىمىزغا تاقىۋالايلى،كىشىلەر بىزدىن زوق ۋە ئىلھام ئالىدىغان بولسۇن!!!
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار