ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : قۇم ئاستىدا قالغان گ سېغىزخان بىلەن يولۋ ئۆزلۈكنى ئىزدەش (چۆچ دېۋىلەر ۋە ئالتىنچى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > چۆچەك > تولۇق مەزمۇنى

سېغىزخان بىلەن يولۋاس(چۆچەك)

ۋاقىت : 2015-08-21 15:26 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
سېغىزخان بىلەن يولۋاس
(چۆچەك)
ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى

 سېغىزخان بىلەن يولۋاس(چۆچەك)
يولۋاس مەلۇم بىر ئورمانلىقتا ئۆزى بەگ،ئۆزى خان بولۇپ ياشايدىكەن،ئۇ يالغۇز ئۆزى تاغ باغرىدىكى بىر ئۆڭكۈردە تۇرىدىكەن.
خالىسا ئاق كۆڭۈل ئات-كالىلارنى،خالىسا يۇۋاش بوغا-ماراللارنى ئوۋلاپ باياشات ۋە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.كۈنلەر ئۆتۈپ،ئايلار ئۆتۈپ،يولۋاسقا قېرىلىق يېتىپتۇ.
يولۋاس يالغۇز ئورمانلىققا كىرىپ، بۇرۇنقىدەك ئۇچار قۇش،جان-جانۋارلارنىڭ كەينىدىن نەچچە كۈن ئاچ قوساق قوغلاپ، يۈگرەپ ئوۋ ئوۋلاشقا كۈچ-ماغدۇرىنىڭ يەتمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ.
ئۇ ئۆڭكۈردە نەچچە ھەپتە ئاچ قوساق يېتىپ قېلىپ،كۆڭلىدە بىر رەزىل پىلاننى تۈزۈپ چىقىپتۇ.
ئۇ بىر كۈنى ئۆڭكۈردە يېتىپ،يېنىغا سېغىزخاننى چاقىرىپتۇ-دە:
-ئاغرىپ قالدىم،ماغدۇردىن كېتىپتىمەن،مېڭىشقىمۇ ھالىم يوق،بۇ خەۋەرنى ئورمانلىقتىكى بارلىق ئۇچار قۇش،جان-جانۋارلارغا يەتكۈزگىن دوستۇم،ئۇلار بىلەن خوشلىشىۋالاي-دەپتۇ.
ساددا سېغىزخان يولۋاسقا ئېچى ئاغرىپ:
-تەخسىر،كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ. چوقۇم ساقىيىپ كېتىسىز-دەپتۇ
يولۋاس سېغىزخانغا قاراپ،كۆزىدىن ياش ئاققۇزۇپ تۇرۇپ:
-بۇ ئورمانلىقتا،مېنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىم كۆپ،نۇرغۇن ئۇچار قۇش،جان-جانۋار قېرىنداشلىرىمنى زار قاخشاتقان قىلمىشلىرىم بار،مەن ئۇلاردىن كەچۈرۈپ سوراپ،توۋا قىلمىسام بولمايدۇ-دەپتۇ.
-تەخسىر،سىز خۇددى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىۋاتقاندەك گەپلەرنى قىلىۋاتىسىزغۇ،ئۇنداق شۇملۇقنى تىلىمەڭ،يامان بولىدۇ-دەپتۇ سېغىزخان قېرى يولۋاسنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ.
-ھازىر جاھاننى ياشاپ تۈگىتىپ قويغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن،يەنە قانچىلىك كۈنۈم قالدى،بۇنى پەقەت ياراتقۇچى ئىگەم بىلىدۇ-دەپتۇ يولۋاس يەر تېگىدىن سېغىزخانغا قاراپ قويۇپ.
سېغىزخان يولۋاسنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ھەقىقىي توۋا قىلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى بىلىپ،تولىمۇ تەسىرلىنىپ كېتىپتۇ.
-تەخسىر،مەن سىزنىڭ بۇ نىيىتىڭىزنى چوقۇم بارلىق ئۇچار قۇش،جان-جانۋارلارغا يەتكۈزىمەن،خاتىرجەم بولۇڭ-دەپتۇ-دە ئۇچۇشقا تەمشىلىپتۇ.
يولۋاس سېغىخانغا:
-قېرىندىشىم،سەل تەخىر قىل.ئۆزەڭ بىلىسەن،مېنىڭ بۇ غېرىپ ئۆيۈم بەكمۇ تار كۆپ قېرىنداشلىرىمنى سىغدۇرالمايمەن،شۇڭا،ئۇلار ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن كېلىپ،مېنى يوقلىسۇن،مەن تالاغا چىقالمىغاندىن كېيىن ئۇلارنى سىرتتا ئۇزاق ساقلىتىپ قويسام بەكمۇ ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ-دەپتۇ مۇغەمبەرلىك بىلەن.
لېكىن ئالدىراڭغۇ ۋە ساددا سېغىزخان يولۋاسنىڭ ئاخىرقى سۆزىنىڭ قانداق شۇملۇقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلىماپتۇ.ئەكسىچە «قېرىپ،كېسەل بولۇپ،ماغدۇردىن قالغان ھەم گۇناھى ئۈچۈن ئەمدى توۋا قىلىۋاتقان يولۋاسنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى بىرقانچە كۈنىدە،ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداشمۇ بىر ساۋابلىق ئىش» دەپ ئويلاشتىن باشقا ئوي ئۇنىڭ كاللىسىغا كەلمەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ،سېغىزخان يەتكۈزگەن بۇ خەۋەر ئورمانلىقتىكى بارلىق ئۇچار قۇش،جان-جانۋارلارنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ،ئۇلار بىر تەرەپتىن قېرى يولۋاسنىڭ توۋا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ خوش بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنى بىلىپ،تېخى ئىچ ئاغرىتىپتۇ.
ئەمما قېرى يولۋاسنىڭ كۆڭلىدە قانداق يېڭى رەزىل پىلان ۋە ۋەھشى نىيەتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ھېچكىم ئەستايىدىل تەھلىل قىلماپتۇ.
شۇنداق قىلىپ،ھەر كۈنى ئۇچار قۇش ياكى جان-جانۋارلارنىڭ بىر تۈرى يولۋاس ياتقان ئۆڭكۈرگە بېرىپ،ئۇنى يوقلاپتۇ.قېرى يولۋاس ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن ھايۋانلارنىڭ بىرىنىمۇ قايتۇرماي،پاك-پاكىز يەپ،كۈنلىرىنى شۇنچە خاتىرجەم،خوشال ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ.
«بۇنداق ئاسان ئىش نەدە بولسۇن،ھەر كۈنى خالىسام قۇش يەيمەن،خالىسام بۇغا يەيمەن،مېنىڭ بۇ پىلانىم كارغا كەلدى،مەن نېمەدېگەن ئەقىللىق-ھە؟»دەپ ئىچىدە ھەر قېتىم ئويلىغاندا، يولۋاسنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ،ئۆزىنى نەچچە ئون ياش ياشىرىپ كەتكەندەك سېزىپتۇ.
بىر كۈنى بۆرە كەپتۇ.ئۇ يولۋاس ياتقان ئۆڭكۈردىن يىراقراق يەردە تۇرۇپ:
-تەخسىر،ھال-ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ دەپ يولۋاسنىڭ كۆڭلىنى سوراپتۇ.
-ئەھۋالىم بەكمۇ ناچار،ھەي،بۆرە نېمىشقا يېقىنراق كەلمەيسەن،يا ئۆيۈمگىمۇ كىرمەي،سىرتتا تۇرغىنىڭ نېمىسى؟يېقىنراق كەل،بۆرە ئاداش،ئازراق مۇڭدىشايلى-، دەپتۇ قېرى يولۋاس ئۆزىنىڭ كارامىتىنى يەنە ئىشقا سېلىپ.
بۆرە قاقاخلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە ئاسمانغا قاراپ بىرقانچىنى ھوۋلاپتىكەن،ئۇنىڭ ئەتىراپىدا نۇرغۇن بۆرىلەر پەيدا بولۇپتۇ.
بۆرە تەمكىنلىك بىلەن:
-مەن ئەسلىدە ئۆيۈڭگە كىرمەكچى ئىدىم،بىراق بۇ قانخور ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىدا بىچارە ئۇچار قۇش،جان-جانۋار قېرىنداشلىرىمنىڭ كىرگەن ئاياق ئىزى بار-يۇ،چىققان ئاياق ئىزى يوق تۇرىدۇ،ئەمەسمۇ تەخسىر -،دەپتۇ.
يولۋاس بۇ گەپنى ئاڭلاپ،گەپ قىلالماي قاپتۇ.
ئاچكۆز ۋە ھېلىگەر يولۋاسنىڭ بۇ ئالدامچىلىق كارامىتى شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئورمانلىققا پۇر كېتىپتۇ. بۆرىلەر ئۆڭكۈرگە ئېتىلىپ كىرىپ،يولۋاسنى پارە-پارە قىلىپ،بالايى-ئاپەتنىڭ تۈپ يىلتىزىنى قۇرۇتۇپتۇ. ساددا سېغىزخان قويمىچى قېرى يولۋاسنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ ،قېرىنداشلىرىنى يولۋاسقا يەپ قىلغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپتۇ،شۇندىن تارتىپ،ئورمانلىقتىكى قېرىنداشلىرىغا يۈز كېلەلمەي يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ.شۇڭا،سېغىزخان ياز كۈنلىرى كۆرۈنمەيدىكەن،قىش كېلىشى بىلەن ئۆيمۇ-ئۆي ئارىلاپ يۈرۈپ،ئۆزىنىڭ بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا توۋا قىلىش ئۈچۈن پەقەت خوش خەۋەر بولسىلا كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغان بولۇپتۇ.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار