خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتى 3–يىغىنىنىڭ سىياسىي قارا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-03-14 15:25

 

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتى 3–يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى

(2015–يىل 3–ئاينىڭ 13–كۈنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

      جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنى 2015 – يىلى 3 – ئاينىڭ 3 – كۈنىدىن 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

     يىغىن مەزگىلىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىن ۋە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ئەزالار بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى كېڭەشتى. ئەزالار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق مەسىلىلىرى، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەر ۋە خەلق كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر كېڭىشىپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسەتتى. يىغىندا زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە باشقا دوكلاتلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىش لايىھەسى (دەسلەپكى لايىھەسى)›› مۇزاكىرە قىلىندى، ئەزالار يۇقىرىقى دوكلات ۋە ھۆججەتلەرگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم تەكلىپ – تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا رەئىس يۈجېڭشېڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ تەستىقلاندى. مۇئاۋىن رەئىس چى شۈچۈننىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن تەكلىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ تەستىقلاندى. يىغىننىڭ كەيپىياتى ياخشى بولدى ۋە ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى، بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاقلىق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان يىغىن بولدى.

     يىغىندا مۇنداق قارالدى: 2014 – يىلى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئۆزگىچە بىر يىل بولدى، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، جاپالىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېز ئىلگىرى سۈردى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيەنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››قا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاپ، خىزمەتلەردە يېڭى، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقى ۋە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى. مەۋقەنى ئىسلاھات، تەرەققىياتقا قويۇپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، خەلق كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

     يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق تونۇش، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنى، فۇنكسىيەسى ۋە رولىنى توغرا ئىگىلەش، يول، نەزەرىيە، تۈزۈم ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. ئىدىيە – سىياسىي قۇرۇلۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەتراپلىق ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا باشتىن – ئاخىرى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيە – سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي ئوق قىلىش، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كومپارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەرنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

     يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2015 – يىلى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش يىلى. ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، يېڭى تارىخىي پەللىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نەزەرىيە يېتەكچىسى ۋە ھەرىكەت قىلىبنەماسىغا ئىگە قىلدى. يىغىن مەركەزنى چۆرىدەشتە چىڭ تۇرۇش، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، مەۋقەنى ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە قويۇش، بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشان – ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش بويىچە كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرىنى قانات يايدۇردى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى چىڭ ئىگىلەش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش ۋە ئۇنى يېتەكلەش، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، ماكرولۇق سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىسادىي بەلبېغى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، كىرىم تەقسىماتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، مەدەنىيەت، تېببىي دورىگەرلىك، سەھىيە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش بىلەن مۇھىتنى تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتقا تايىنىپ ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇش، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى، مالىيە – باج، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت كاپىتالى ساھەسىدىكى ھەر خىل ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپىتال ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە يېڭى موتورلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشقا يۈزلىنىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە چىڭ باشقۇرۇشتا قەتئىي بولۇش پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش – پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى پائال كېڭىشىشى، بولۇپمۇ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشتە ئاكتىپ بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بويىچە پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىشى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، قانۇن ئىدارە قىلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، قىممەت قارىشى ئورتاق تونۇشىنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملەپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەدە يېڭىدىن كۈچەش نۇقتىسى ھاسىل قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشتا يېڭى تەدبىر تېپىشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشى، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئۇسۇل بولۇشى، فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە يېڭى ئۆرلەش بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك››نى ماس ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىشى ۋە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئالاھىدە شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنىڭ سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم نامايەندىسى، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى››نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىشىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلۈك يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2015 – يىللىق كېڭىشىش خىزمەت پىلانىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، كېڭىشىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، كېڭىشىش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەم ئەركىن – ئازادە سۆزلەيدىغان، ھەركىم ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان، ھەم ئەقىلگە مۇۋاپىق، قانۇن، قائىدىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياخشى كېڭىشىش مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، كېڭىشىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم يوللۇق ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

     يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونوم ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى ئەزالىرى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت، فاڭجېن ۋە تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىش، ئورتاق سىياسىي ئاساستا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەختىنى كۆزلەش، قول تۇتۇشۇپ مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى قەتئىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى خەلقنىڭ بېرىش – كېلىشى ۋە ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق روياپقا چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى باشتىن – ئاخىر بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، چوڭ بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر ساھەدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، كۈچ توپلاش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىشى كېرەك. مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي مەسىلىلەرنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاقە قىلىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن خىزمىتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ قانات يايدۇرۇپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ‹‹شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش››، ‹‹ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش››، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى باش مەمۇرلىرى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، دېموكراتىيەنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ تاشقى خىزمەت توغرىسىدىكى تۈپ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە جامائەت دىپلوماتىيەسىنى كۈچەيتىپ، ياخشى تاشقى مۇھىتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتنىشىپ ۋە ئۆتكۈزۈپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەلگۈسىگە ئاگاھ قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ئورتاق قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش بىر خىل ئالىي شەرەپ، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل ئېغىر مەسئۇلىيەت. بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەزالىق ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىقتىدارى، ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ياخشى ئوبرازىنى ساقلاپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەش نىزامىغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پاك، تەلەپچان بولۇپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

     يىغىندا مۇنۇلار چاقىرىق قىلىندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ج ك پ 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە بىر نىيەتتە يول ئېچىپ مېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ‹‹قوش يۈز يىللىق›› كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – مارت تېلېگراممىسى)

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
تەربىيەدە سەۋرچانلىق ك

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار