يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلار روزغارچىلىق
GDP دېگەن زادى نېمە؟
ئەرقال كەلگۈسى كارخا
زايومغا مەبلەغ سېلىش
لى مىن
تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ بالىلار ئۈچۈن روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلار ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى. تۆۋەندە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بالىلار ئۈچۈن بازارغا سالغان قەرەللىك فوند ۋە بالىلار سۇغۇرتا مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرىمىز.
قەرەللىك فوند
قەرەللىك فوند دېگىنىمىز، مەبلەغ سالغۇچىلار بانكا بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمگە ئاساسەن ھەر ئاينىڭ بېكىتىلگەن مەلۇم بىر كۈنى ئالدىن بېكىتىلگەن مەلۇم سوممىدىكى پۇلنى بېكىتىلگەن فوندقا مەبلەغ قىلىپ سېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بانكا ئامانىتىدىكى پارچە قويۇپ پۈتۈن ئېلىشقا ئوخشاپ كېتىدۇ. بانكا خادىملىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئەگەر ئائىلە باشلىقلىرى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا مەلۇم بىر ئېچىۋېتىلگەن فوندقا مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرسا، فوندنىڭ قەرەلى توشۇشتىن بۇرۇن ئۆزىمۇ بىلىپ – بىلمەيلا بىر مۇنچە پۇلنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالىدىكەن.
كەسپىي خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بالىلارغا قارىتىلغان قەرەللىك فوندقا مەبلەغ سېلىشتا، قانچە بالدۇر مەبلەغ سالسا، تۆلەيدىغان پۇلمۇ شۇنچە ئاز بولىدىكەن. مەسىلەن: بىر جۈپ ياش ئەر – خوتۇن ئەگەر بالىسى ئەمدىلا تۇغۇلغان چاغدا قەرەللىك فوندقا ئايدا 500 يۈەندىن 18 يىلدا جەمئىي 108 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغان بولسا، ئوتتۇرىچە پايدىسىنى %15 بويىچە ھېسابلىساق، 18 يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ فوندتىن ئالالايدىغان پۇلى 550 مىڭ يۈەن بولىدۇ. ئوخشاشلا 200 مىڭ يۈەن چەت ئەلدە ئوقۇش راسخوتىنى غەملەش ئۈچۈن، بالىنى 18 ياشتا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىدۇ، دەپ پەرەز قىلىپ 13 يېشىدىن باشلاپ فوندقا مەبلەغ سالسا، ھەر ئايدا تۆلەيدىغان پۇلى 1038 يۈەن بولىدۇ، ئەگەر بالا سەككىز ياشقا كىرگەندىن باشلاپ فوندقا مەبلەغ سالسا، ئايدا تۆلەيدىغىنى 508 يۈەن، ئۈچ يېشىدىن باشلاپ فوندقا مەبلەغ سالسا، ئايدا تۆلەيدىغىنى 258 يۈەن بولىدۇ.
قەرەللىك فوندتىن باشقا ئامانەت قويۇشقىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك، بۇ يەردە مۇھىمى، ئامانەت قويۇش جەريانىدا بالىلارغا روزغارچىلىقنى ئۆگىتىش ۋە ئۇلاردا روزغارچىلىق ئىدىيەسىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.
بالىلار سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرى
ئاۋامنىڭ سۇغۇرتىغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بالىلارغا سۇغۇرتا سېتىۋېلىش بارغانسېرى كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلارنىڭ ئىستېمالىدىكى ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى. ھازىرقى بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بىر قەدەر ئالقىشقا ئېرىشكەن سۇغۇرتا مەھسۇلاتى تۆت خىل بولۇپ، ئۇلار بالىلار تاسادىپىي زەخمە سۇغۇرتىسى، بالىلار ساغلاملىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، بالىلار مائارىپ ئامانەت سۇغۇرتىسى ۋە بالىلار روزغارچىلىق سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت.
كۆپلىگەن سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرى مۇتەخەسسىسلىرى تەرتىپ بويىچە تاسادىپىي ۋەقە سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، مائارىپ سۇغۇرتىسىنى سېتىۋېلىش، بۇ جەرياندا باشقا سۇغۇرتا تۈرلىرىنى مۇۋاپىق قوشۇمچە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى بالىلارنىڭ تېنى ئاجىز، ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ بەدەن ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېغىر كېسەللەرنىڭ ياشلىشىشىدەك يۈزلىنىش نەزەرگە ئېلىنغان.
كۆپلىگەن سۇغۇرتا شىركەتلىرى مەخسۇس ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار سۇغۇرتا پىلانىنى بازارغا سالغان بولۇپ، بۇلارنى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تىجارەت زالىدىن ياكى توردىن تاللاپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ، باھاسى 100 يۈەندىن نەچچە ئون مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، بۇ سۇغۇرتا تۈرلىرىنىڭ كاپالەت دائىرىسىمۇ كەڭرەك. بۇنىڭدىن باشقا، بالىلار ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، بالىلار ساياھەت سۇغۇرتىسى، بالىلار ئۇنىۋېرسال سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارمۇ بار.
سۇغۇرتا مۇتەخەسسىسلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بالىلار سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالغاندا، ئالدى بىلەن كاپالەتكە ئېرىشىشنى، ئاندىن روزغارچىلىقنى ئويلىشىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، سۇغۇرتىلاتقۇچى بالىلارنى بېقىشقا ئامالسىز قالغاندىمۇ، سۇغۇرتىلانغۇچى بالا كاپالەتكە ئېرىشەلەيدىغان سۇغۇرتا تۈرىنى تاللاش كېرەك، بۇنىڭدا سۇغۇرتىلاتقۇچى تاسادىپىي ھادىسىگە يولۇققاندىن كېيىن، بالىنىڭ كاپالەتسىز قېلىشىدەك خەۋپ – خەتەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بالىلارغا سۇغۇرتا سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ئائىلە باشلىقى ئۆزىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، شۇ ئارقىلىق چوڭلار خەۋپ – خەتەرگە يولۇققاندا ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
كەسپىي زاتلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، سۇغۇرتىنى تەكرار سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بالىلار مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا مەكتەپ ئۇلار ئۈچۈن بىر تۇتاش سۇغۇرتا سېتىۋالىدۇ، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارغا سودا سۇغۇرتىسى سېتىۋالغاندا ئوخشاش تۈردىكى سۇغۇرتىنى تەكرار سېتىۋېلىپ ئارتۇقچە چىقىم قىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.