ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلار روزغارچىلىق GDP دېگەن زادى نېمە؟ ئەرقال كەلگۈسى كارخا زايومغا مەبلەغ سېلىش

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > ئىقتىساد > تولۇق مەزمۇنى

GDP دېگەن زادى نېمە؟

ۋاقىت : 2015-07-13 12:13 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
GDP دېگەن زادى نېمە؟
 
 
بەزى ئامىللار GDP  نى ئاشۇرالايدۇ

بۇلغىنىش: ئەگەر يەر ئاستى سۈيى بۇلغانسا،ئۇ چاغدا بىز قىممەت باھالىق بوتۇلكىلىق سۇ سېتىۋېلىپ ئىچىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ،بۇنىڭغا ئەگىشىپ GDP  ئاشىدۇ. مېكسىكا قولتۇقىدا نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن،نۇرغۇن پۇل خەجلەپ تازىلاش ۋە ئادۋوكات تەكلىپ تەكلىپ قىلىشقا توغرا كەلدى.بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ GDP  سىگە قوشقان تۆھپىسى بېنزىن،دىزېل ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىشتىن يارىتىلغان قىممەتتىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. ئېقىپ كەتكەن قىممىتى 100 دوللارلىق خام نېفىتنى تازىلاش ئۈچۈن بىرقانچە ئونمىڭ دوللار خەجلەپ،دېڭىز ساھىلىنى تازىلاشقا،ياۋايى ھايۋاناتلارنى قۇتقۇزۇشقا توغرا كەلدى.



جىنايەت ئۆتكۈزۈش : كىشىلەر سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلغان ۋە ئوغرىلانغان نەرسىلەرنى قايتىدىن سېتىۋالغاندا GDP  ئاشىدۇ. كىشىلەر سىگنال بېرىش ئۈسكۈنىلىرىنى بېكىتكەن،رېشاتكا قاشالىغان،قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلغاندا GDP  ئوخشاشلا ئاشىدۇ.تۈرمە سېلىش،تۈرمە باشقۇرۇش ۋە باشقا جىنايەتلەرنىڭ تەننەرخىمۇ GDP  نىڭ بىر قىسمىدۇر. ئىئوۋا ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا،بىر قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىنىڭ ئىجتىمائىي تەننەرخى 1725 دوللار بولغان.



ساغلاملىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى : يەنە بىرخىل ‹‹مۇداپىئە خاراكتېرلىك›› چىقىم نۇرغۇن داۋالاش،ساقلىقنى ساقلاش خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن،2006-يىلى ئامېرىكىدا 350 مىليارد تال تاماكا سېتىلىپ، GDP  نىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ شۇ يىلى ئامېرىكىنىڭ ئۆپكە راكىنى داۋالاش خىراجىتى 10 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن، بۇمۇ GDP  نىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.



ئائىلىنىڭ بۇزۇلىشى: نىكاھتىن ئاجرىشىش ياخشى ئىش ئەمەس، ئەمما GDP  گە نىسبەتەن ياخشى ئىش. بىر قېتىم نىكاھتىن ئاجرىشىشقا 7000-100000 دوللار سەرپ قىلىنىدۇ،بۇ خىراجەت ئادەتتە ئادۋوكات ھەققى،مۈلۈك بۆلۈشۈش ھەققى ۋە پىسخىك داۋالاش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



قەرز، ھەق تۆلەش ۋە ۋەيران بولۇش : پۇقرالار ياكى ھۆكۈمەت كۆپ پۇل قەرز ئالسا، شەخسلەر ياكى ھۆكۈمەتنىڭ قەرزى كۆپىيىپ كەتسە، GDP  ئەگىشىپ ئاشىدۇ. ۋەيران بولۇش ياكى ھەق تۆلەشنى توختىتىشمۇ GDP  نى ئاشۇرىدۇ،چۈنكى قانۇن ھەققى، كۆچۈش ھەققى، ئۆي ئالماشتۇرۇش ھەققى پەيدا بولىدۇ.



كۈنسېرى ئازىيۋاتقان بايلىق مەنبەسى : تەبىئىي بايلىق مەنبەسىنىڭ خوراپ تۈگىشى ئەۋلادلارغا زىيان يەتكۈزگەنلىك، ئەمما بايلىق مەنبەسىنىڭ قىسلىشىشى GDP  نىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق. مەسىلەن ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى نېفىت بايلىقنىڭ كۈنسايىن خورىشى، بېنزىن باھاسىنىڭ كۈنسايىن ئۆرلىشى سەۋەبىدىن GDP  ئاشىدۇ، ئەمما پۇقرالارنىڭ يانچۇقى بارغانسىرى قۇرۇقدىلىنىپ قالىدۇ.



خېيىمخەتەر : GDP  ئەزەلدىن خېيىمخەتەر تەننەرخىنى ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ. يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى GDP  نى ئاشۇرالايدۇ. ياپونىيە فۇكۇشىمادىكى يادرو ئاپىتى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ تازىلاش ۋە زىياننى ئازايتىشقا دۇچ كەلدى، بۇمۇ GDP  نى ئاشۇرالايدۇ.

 
GDP   غا كىرگۈزۈپ ھېسابلانمىغان بەزى ئامىللار

تەبىئەت: تبىئىي بايلىقنىڭ كۆپ قىسمى ئىشلەپچىقىرىش خارەكتېرىدىكى ئىگىلىك كاپىتالىنىڭ ئاساسى. ئالايلۇق، سىددا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى سۇ ئورمانلىقنىڭ سۈزۈشىدىن ئۆتۈپ سېئاتىلنىڭ ئىچىملىك سۈيىنىڭ مەنبەسىگە ئايلانغان، يەنە كېلىپ سۈيىنىڭ سۈپىتى ئىچىملىك سۇ ئۆلچىمىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولغان. ئورمانلىق سۇنى سۈزگەنلىكتىن، ھۆكۈمەتنىڭ سۇ سۈزۈش زاۋۇتى قۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىغان، مۇشۇ تۈردىنلا ھۆكۈمەت 200 مىليون دوللار تېجەپ قالغان. تەبىئەت بىزنى قىممەتلىك سۇ سۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ GDP  غا كىرگۈزۈپ ھېسابلانمىغان. ئەگەر ھۆكۈمەت سۇ سۈزۈش زاۋۇتى قۇرۇپ، ئىچىملىك سۇ باھاسىنى ئۆستۈرگەن بولسا، ئەكىسچە GDP  نى ئاشۇرغۇلى بولاتتى.



ئىزچىللىق : GDP  ئىزچىللىققا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيتىنىڭ ئىزچىل بولۇش-بولماسلىقىغىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. 500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاتلانتىك ئوكياندىكى تىرېسكا بېلىقى مەيدانى يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ يېمەكلىك بېلىقى مەيدانى بولۇپ كەلگەن، ئەمما بىرقانچە ئون يىللىق ھەددىدىن زىيادە كۆپ تۇتۇش نەتىجىسىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىرىسكا بېلىقىنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئازىيىپ كەتتى. GDP  نىسبەتەن بىر يىللىق ھەددىدىن زىيادە تۇتۇش مىقدارى ئۇزۇن يىللىق ئىزچىل تۇتۇش مىقدارىغا قارىغاندا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.



چېنىقىش : ھەممەيلەن چېنىقىشنىڭ تەن ساغلاملىققا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئەمما پۇل خەجلەپ چېنىققان ( چېنىقىش ئۆيلىرىگە بېرىپ چېنىققان ) ۋاقتىمىزدىلا، ئاندىن GDP  غا كىرگۈزۈپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە بىز سەيلە قىلىپ چېنىقساقمۇ بولىدۇ، ئەمما بۇ GDP  غا نىسبەتەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق.



ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت : كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بىزنىڭ روھىي، جىسمانىي ساغلاملىقىمىزنى ساقلاش ۋە خۇشال-بەختلىك ياشىشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، ئەمما GDP  غا نىسبەتەن، پەقەت كىشىلەر پۇل خەجلەپ ئۆزئارا مۇناسىۋەت باغلاپ تۇرغاندا، ئاندىن ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئائىلە شادلىقىدىن بەھرىلەنگەندە، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا سوۋغا سېتىۋالغاندا GDP  غا تۆھپە قوشقان بولىدۇ.



ئائىلە ئىشلىرى : GDP  ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆز ھېساباتىغا كىرگۈزمەيدۇ. ئەگەر سىز بالا باققۇچى، ئايال خىزمەتكار، باغۋەن ياكى ياغاچچى تەكلىپ قىلغان بولسىڭىز، GDP  غا تۆھپە قوشقان بولىسىز. ئەمما ئائىلە ئىشلىرىمىزنى ئۆزىمىز قىلساق، GDP  نىڭ ئېىشىشىغا ئازراقمۇ تۆھپە قوشقان بولمايمىز.



سۈپەت : كىشىلەر GDP  نىڭ سۈپەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئەڭ كۆپ تەنقىد قىلىدۇ. GDP  سۈپىتى تۆۋەن، باھاسى يۇقىرى تاۋارلارغا ئادەتتىن تاشقىرى ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئەمما يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق تاۋارلار بىلەن كارى بولمايدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق، ئىنكاسى تېز ھەم باھاسى تۆۋەن كومپيۇتېرغا سېلىشتۇرغاندا، ئىنكاسى ئاستا ھەم باھاسى قىممەت كومپيۇتېرنىڭ GDP  نىڭ ئېشىشىغا بولغان تۆھپىسى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

سىز ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولسىڭىز، بېنزىن ئىسراپ بولۇپلا قالماي، ئاپتوموبىل كېرەكسىز گازىنى سۈمۈرىسىز، بېنزىن تۈگىسە يەنە سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، قاتناش قىستاڭچىلىقى GDP  نىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق.

مۇبادا، سىز چۈشتىن بۇرۇن قىممەت پۇللۇق نىكاھتىن ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولۇپ، كەچتە بەختكە قارشى ئۆيىڭىزگە ئوت كەتسە، ئۇ چاغدا سىز ئادۋوكات ھەققىنى تاپشۇرىسىز، سۇغۇرتا تۆلىمى ئىلتىماس قىلىپ، يەنە نۇرغۇن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىسىز، سىز بۈگۈن GDP  نىڭ ئېشىشىغا ھەقىقەتەن چوڭ تۆھپە قوشقان ئادەم بولۇپ قالىسىز، مۇبارەك بولسۇن.


مەنبە : ئىسيانكار بىلوگى
ئەسلى مەنبەسى : ‹‹ تەرمىلەر›› ژورنىلى 2015 يىللىق 1 سانى
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار