خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

دۆلەت ئەھۋالى تەربىيىسى لىكسىيىسى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئەينەك2013-09-15 13:48

-لىكسىيە: دۆلەت ئەھۋالى تەربىيىسى لىكسىيىسى
ئوقۇتۇش مەقسىدى : ئوقۇغۇچىلارنى دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش.
مۇھىم نوقتا:ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت ئەھۋالى تەربىيىسى ئارقىلىق قوراللاندۇرۇش. 
ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندا ئەڭ بۇرۇن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى, ئومۇمەن بۇنىڭدىن 4مىڭ يىل ئىلگىرىكى شىيا دەۋرىگە سۈرۈزشكە بولىدۇ ،شىيا،شاڭ سۇلالىسى ۋە غەرىبى جۇسۇلالىسىدىن تارتىپ ئەمىنىيە ۋە يىغىلىق دەۋرىگىچە بولغان ئارلىقتىكى 2مىڭ يىل جوڭگۇنىڭ قەدىمقى زاماندىكى دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ گەرچە «ئورتاق خوجا » (تەڭرىقۇت )بولسىمۇ لىكىن ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن بەگلىكلەردىن ئېبارەت ئىدى .مەسىلەن; غەربى جۇسۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە 8 يۈز بەگلىك بولغان بۇ دۆلەتنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ ھەم بۇ دۆلەتكە ئۇرۇقداشلىق تامغىسىنى باسقان .
    ماركىس ،ھەمدە ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىز ،سىياسىيونلىرىمىز دۆلەتنى –تەبىئەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان «سىرلىق نەرسە»«پانى ئالەمدىكى پادىشاھلىق  »بىرلا خىل مىللەتنىڭ «يۇرتى» دەپ قاراپ كەلگەن  ئىدى ،لىنىن بۇ كۆز قاراشقا قارىتا مۇنداق دەپ ئوتتۇرغا قويغان «ئۇلار تەرپىدىن ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئىنتايىن قالايمىقانلاشتۇرۋىتىلگەن ،دۆلەت مەسلىسىگە ئوخشاش مۇنداق ئىككىنچى بىر مەسلە تىپىلمىسا كېرەك».
 ئەمەلىيەتتە ماركىسىزىم دۆلەتكە ئالاقىدار ئاساسىي مەسىللەرگە تۇنجى بولۇپ ھەقىقى يوسۇندا جاۋاپ بەردى.
ماركىسىزىمنىڭ دۆلەت تەلىماتى توغرىسىدىكى نەزەريىلىرىدىن قارىغاندا :بىرىنچىدىن :دۆلەت –جەمىيەتنىڭ مۇئەييەن تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ مەسئۇلى .
ئىنگىلىس :«دۆلەت بۇرۇندىنلا بولغان ئەمەس ،دۆلەتكە ھاجىتى چۈشمەيدىغان ھەمدە دۆلەت ۋە دۆلەت ھاكىمىيتىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى زادى بىلمەيدىغان جەمىيەتمۇ بولغان، ئىختىزادىي تەرەققىيات مۇئەييەن باسقۇچقا يىتىپ جەمىيەت مۇقەررەر ھالدا سىنپلارغا بۆلەنگەن چاغدا «دۆلەت»شۇنداق بولىشى سەۋەبىدىن زۆرۈر بولۇپ قالغان». دەپ كۆرسەتكەن .
  ئىككىنچىدىن :«دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى تىگى تەكتىدىن ئىيىتقاندا جەمىيەتنىڭ ئىختىزادىي تۇرمۇش شارائىتىدىن چۈشىنىش كېرەك ».ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تۆۋەن سەۋىيىلىك ،ئىپتىدائىي بولغانلىقتىن مەيلى شەرىقتە بولسۇن ياكى غەرىپتە بولسۇن ،ئەڭ بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن «دۆلەت» لەر چوڭ بولمىغان، ئاددىي، ئاز بولغان مەسىلەن:غەرىپتىكى گىرىتسىيىدىكى ئافىنا ،سىپارتا «شەھەر قەلئە دۆلىتى»شۇ جۈملىگە كىرىدۇ .
ئۈچىنچىدىن:دۆلەت ئۈستىقۇرۇلما بولۇش سۈپىتى بىلەن دىن بىلەن باغلانغان .
تۆتىنچىدىن: دۆلەتنىڭ پەيدا بولىشى تەرەققىي قىلىشى مىللەت بىلەن باغلىنىشلىق بولغان لىكىن غەربى ياۋروپانى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۇ تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلغان ئەمەس.ئۇلارنى بىر بىرىگە ئارلاشتۇرۇۋىتىشكە بولمايدۇ.مىللەتمۇ جەمىيەتنىڭ مۇئەييەن تەرەققىيات تارىخنىڭ مەسئۇلى .دۆلەت ئەھۋالى دىگەنلىك بولسا-بىرەر دۆلەتكە بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان جەمىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ھەر خىل شەرت –شارائىتلىرى دىگەنلىكتۇر.دىمەك دۆلەت ئەھۋالى دىگەنلىك ، ئوبۇكتىپ كىشىلەرنىڭ سوبىكتىپ ئېرادىسىگە بىقىنماستىن بەلكى ئوبۇكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ شۇڭا دۆلەت ئەھۋالىنى تونۇشتا ،سوبۇكتىپ تونۇش ئوبۇكتىپ مەۋجۇدىيەتتىن كىيىن تۇرىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش پاكىت ئوخشاش سانلىق ئىسپاتلار ئۈستىدە ھەرخىل ئادەمدە چىقارغان خۇلاسىمۇ كۆپىنچە ھاللاردا بىر –بىرىدىن زور دەرىجىدە پەرىقلىنىدۇ.
مۇشۇيىللاردا كىشىلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە كۆرگەن بىلگەنلىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلە-كىشىلەرنىڭ تونىشىدىكى ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدا ئىپادىلەنمەكتە، شۇڭا دۆلەت ئەھۋالىنى تونۇشتا دۇنيا قاراشنى مىتودولوگىيە بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشتۈرمەي ھەمدە پەلسەپىۋىي قاراش بويىچە ئۇ ھەقتە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزمەي بولمايدۇ .
      جوڭگۇ –تەرەققىي قىلىۋاتقان سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەت ،5مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخى بىلەن يۇز نەچچە يىللىق ھاقارەتلىك تارىخ كاپىتالىزىمنى تاللاش ۋە ئۇنىڭ بەربات بولىشى بىلەن سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپنىڭ غەلبىسىنى ۋە 40نەچچە يىللىق قۇرۇلۇش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر بىر مىليارىتتىن ئارتۇق نوپۇس بىلەن كىشى بىشىغا800جىڭدىن توغرا كەلمەيدىغان ئاشلىق ،يەرنىڭ كۆپ ،بايلىقنىڭ مول بولىشى بىلەن كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان بايلىق جەھەتتە دۇنيانىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيىسىدىن تۆۋەن تۇرۇش ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان سانائەت بىلەن بايلىق مەنبەسىنى ئېچىشنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كىتىشىنى ۋە نىسپىي ھالدىكى جاپالىق مۇھىت ئىكولوگىيىلىك شەرت شارائىت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر جۈملە سۆزگە ،يەنى جوڭگۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان ،سوتسىيالىزىمنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ،چوڭ دۆلەت دىگەن بىر جۈملە سۆز گە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ .مانا بۇ جوڭگۇنىڭ ئاساسلىق دۆلەت ئەھۋالى . دۆلەت ئەھۋالى يەككە يىگانە ئەھۋال بولماستىن بەلكى دۇنيا ئەھۋالىنىڭ بىر قىسمىدۇر.شۇڭا جوڭگۇنىڭ ئەھۋالىنى توغرا تونۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇنيا ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈش سىلىشتۇرۇش نوختىنەزىرى بىلەن قاراش كېرەك .
دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، جوڭگۇ نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن چىگرىلىنىدىغان ۋە نۇرغۇن نوپۇسقا ئېگە 3-دۇنياغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئەڭ مۇھىم پاكىت بولغاچقا ،تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ھېساپلىنىدۇ. تەرەققىي قىلۋاتقان دۆلەت تارىختا ئومۇمەن كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكە ياكى يىرىم مۇستەملىكە قىلىشىغا ھەمدە جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزى ۋە تالان تاراچ قىلىشىغا ئۇچىرغان بولىدۇ چۈنكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى 19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يىرىمىدا زامانىۋىي ئىختىزاتنىڭ يۈكسىلىشى دەۋرىگە قەدەم قويغاندا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تخىچىلا ئەنئەنۋى ناتۇرال ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان جەمىيەتتە تۇرۇۋاتاتتى .پەقەت 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنلا ئاندىن ئۇلار ئارقا –ئارقىدىن مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشتى.بۇ دىگەنلىك –تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر زامانىۋىي ئىقتىزاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا غەرىپتىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىغاندا 100-150يىل كىيىن ئاتلاندى دىگەنلىكتۇر.
جوڭگۇ نامراتلىقنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىغان، شۇڭا بىز ھەرگىزمۇ غەرپ دۆلەتلىرى ئۈچۈن «قان يەتكۈزۈپ بەرگۈچى نەيچە» بولماسلىقىمىز كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىقتىزادىي جەھەتتە كاپىتالىزىم سىستىمىسىغا تايىنىشنى تەل-تۆكۈس تۈگىتىپ مۇستەقىل ھەم مۇكەممەل بولغان خەلق ئىلىكى سىستىمىسىنى قۇرۇشىمىز ،دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق تەرەپلەرنى ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلىشىمىز لازىم ،مۇشۇنداق قىلغاندا زۆرۈر بولغان خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ھەقىقى باراۋەرلىك ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى تولۇقلاپ ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايمىز. مەملىكىتىمىزنىڭ بىر نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش باشتىن ئاخىر يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي تەرەققىيات ئېقىمى باشتىن ئاخىر بىردەك بولغان، ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ كەلدى .جوڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسى جوڭگۇ ئىنقىلاۋى ۋە قۇرلىشىغا رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا ماركىزىملىق مىللەت نەزەريىسىنى جوڭگۇنىڭ دۆلەت ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈردى ،مىللەتلەر باراۋەرلىكى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش مىللىي تىرتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيىلەش ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىزادىنى راجلاندۇرۇش ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ،دىنىي ئىتتىقات ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ھازىرقى زامان ياش ئۆسمۈرلىرى ماركىسىزىم ،لىنىنىزىم ،ماۋزىدوڭ ئىددىيىسى ۋە دىڭ شىياۋپىڭ نەزەريىسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئېلىم-پەننى ھۆرمەتلەپ ،مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ ئىلمىي دۇنيا قاراش تىكلەپ ،مەردانىلىق بىلەن ئاتىزىمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىپ خوراپاتلىق قارىشىنىڭ تەسىرىنى تازىلاپ كونا ئۆرۈپ ئادەتنى ئۆزگەرتىپ يىڭى دۇنيا قاراش بىلەن ئۆزلىرىنى قوراللاندۇرۇش كېرەك .
  بارلىق فىئودال –خوراپاتلىق ۋە قانۇنغا خىلاپ دىنىي ھەركەتلەرنى چەكلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشىمىز ،ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆزىمىز ھەل قىلالايدىغان ،مەدەنىيەتلىك، سوتسىيالىزىم ئىزباسارلىرىدىن بولىشىمىز كېرەك.
مۇھاكىمە سۇئالى:  (1) ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى دۆلەت ئەھۋالىنى سۆزلەڭ؟
(2) دۆلىتىمىزنىڭ نەچچە يىللىق تارىخى تەرەققىيات جەريانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكەۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرۈتكىلىك رول ئوينىغان يىتەكچى كۈچ قايسى؟
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەينەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-20 21:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-11-01 22:11