خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

تىل تەربىيسى ۋە ئۇنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىدىكى ئورنى توغرىسىدا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-04-06 20:57


تىل تەربىيسى ۋە ئۇنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىدىكى ئورنى توغرىسىدا

تىل ئىنسانلارنڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى ئالاقە قۇرالى بولۇپلا قالماستىن ئۇ يەنە بىر مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى،مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا تىل مىللەتنىڭ ئوبرازلىق تارىخىدۇر.تىل بىلەن مىللەت تارىخ ياراتقان ئايرىلماس بىر گەۋدە.
بۇ يەردە سۆزلىنىۋاتقان «تىل»ئوقۇمى ئىجتىمائىي،ئىقتىسادى،سىياسىي،تۇرمۇش،مائارىپ...قاتارلىق قاتلاملارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلغان فورماتسىيەسىدىن ئىبارەت.
يۇقىرى قاتلاملارنى ئومۇملاشتۇرۇپ شەرئىيلىسەك تىل ۋاستە تەلەپ قىلىدىغان بىباھا بايلىق شۇنداقلا ئەڭ كۈچلۈك قۇرال دىسەك مۇبالىغە قىلىنغان بولماس ئەلۋەتتە.
بۇلاردىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى تىل يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر مىللەتنڭ مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋىي بايلىقىنى ئۆلچەشتىكى «تارازا»دىن ئىبارەت بولۇپ،ئۇ ئارقىلىق شۇ مىللەتنىڭ ئەقىل ئىدراكى،پەم پاراسىتى،تارىخى قىممىتى ئۆلچىنىدۇ ياكى باھا بىرىلىدۇ.
تىل يەنە ئىجتىمائىي فورماتسىيە بولغانلىقى ئۈچۈن ھامان زىددىيەتكە تولغان بولىدۇ يەنى ئىجابى ۋە سەلبىي ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈلىدۇ.
ئەجداتلىرىمىز ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا تىلنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئورنى ۋە رولىنى تونۇپ يەتكەن ۋە ئۇنى ئىجابىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىك كۈچ چىقارغان،چۈنكى تىل ئىجابىي يۇسۇندا ئىشلىتىسە ھەقىقەتەن ئالەمشۇمۇل پايدا قىممىتى يارتالايدۇ ۋە ئىجابىي مۆجىزە يارتالايدۇ.
بۇ ھەقتە 11-ئەسىردە ياشاپ ئىجات ئەتكەن ئۇلۇغ ئالىم،جامائەت ئەربابى،تىل ئۇستىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتاتقۇبىلىك»تە:
«دىدى ئاي تولدى:سۆزدە پايدا تولا،
ئەگەر سۆز قىلىشنى تىلىم بىلسىلا»
دىگەن مىسرالىرى ئارقىلىق تىلنىڭ ئىجابى رولىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسا،
«يەنە ئىيىتتى ئاي تولدى:ئېلىگ ئۇقار،
زىيان يەتسە تىلدىن ھايالىق يوقار.....»
دىيىش ئارقىلىق تىلنىڭ سەلبى تەرپىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
يەنە ئەدىپ ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۈكنەكى «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» دىگەن ئەسىرىدە
«نە كىم كەلسە ئەركە تىلىندىن كىلور،
تىلىندىن كىم ئەدگۈ،كىم ئىشسىز بولۇر»
(كىشىگە ھەر ئىش كەلسە،ئەركە تىلىدىن كىلىدۇ)
دىيىش ئارقىلىق كىمنىڭ ياخشى،كىمنىڭ يامانلىقى تىلدىن مەلۇم بولىدۇ دەپ تولۇقلايدۇ.يەنە ئەجدادلار ھىكىمەتلىرىدىمۇ
«پۇت يۈگۈرۈكى ئىشقا كىلور،تىل يۈگىرىكى باشقا»،«ياخشى سۆز تاشنى يارار،يامان سۆز باشنى يارار» دىگەنگە ئوخشاش ماقال تەمسىللار ئارقىلىق مىسال ۋە سېلىشتۇرما ئورنىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.
ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلماقچى بولغان نوقتىنەزەر تىلغا دىئاگۇنۇز قۇيۇش ئەمەس بەلكى تىلنى قانداق يىتىلدۈرۈش،قانداق ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدىكى نوقتىنەزەردۇر.شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كىرەككى تىل ئەسلا تۇيۇقسىز ھەم بىر يولىلا پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس،ئۇ تەدىرجى تەرەققىيات جەريانىدا ۋاستىلىق ھالدا سىڭىشقان ۋە تاكامۇللاشقان بولدۇ،يەنى زوردىن سابىر ئىيتقاندەك «تىل ۋە بىلىم خۇددى ئاسقىغا ئېسىپ قويغان چاپانغا قپنغان تۇزاندەك ئاستا-ئاستا قۇنۇپ باردۇ» بۇيەردە دىمەكچى بولغىنىمىز،تىل ئالدى بىلەن جەمئىيەت،ئائىلە،مائارىپ قاتارلىق ئالاقە قاتلاملىرى ئارقىلىق كىشلەرگە بولۇپمۇ قىزقىش ۋە ئۈگەنچە باسقۇچىدىكى ياش ئۆسمۈرلەرگە ناھايىتى تىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلار قانداق تىل مۇھىتىدا ياشىسا ۋە ئۇچىراشسا ئۇنى ئۆزىگە شۇنچە تىز سىڭدۈرۋالىدۇ.ھەتتا ئۇنى شۇ بۇيىچە ئىشلىتىدۇ.
دىمەك ئۇلارنىڭ قانداق تىل مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلىشى كەلگۈسى ئىجتىمائىي تىل ئالاقىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇردۇ.بولۇپمۇ مائارىپ جۈملىدىن باشلانغۇچ مائارىپىدىكى تىل مۇھىتى بالىلارنىڭ تىل چۈشەنچىسى ۋە تىل ماھارىتى يىتىلدۈرۈشىدە ئىستىراتىگىيلىك ئورۇندا تۇردۇ.شۇ سەۋەپتىن بالىلارنىڭ ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىكى تىل سۈپۈتىنى يۇقىرى كۈتۈرىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم مائارىپ ئارقىلىق بولۇپمۇ باشلانغۇچ مائارىپى ئارقىلىق تەربىيلەشنى ئاساسىي ئورۇندا قۇيۇشىمىز لازىم.
بالىلارنى توغرا تىل بىلەن تەربىيلەشتە مەيلى ئانا تىلىمىز بولسۇن ۋە مەيلى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىلى بولسۇن تىل تەربىيسىنى مۇكەممەل بىر پەن قاتارىدا قۇيۇپ تەربىيلەشتىن سىرىت كۆپلەپ ئەخلاقى تەربىيە بىرىشىمىز چوڭلار جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلار ئۈلگە بولۇشىمىز ئۇلارنىڭ سەلبىي تىللارنى ئۆزگە يۇقتۇرۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم.
ناۋادا مائارىپنى بولۇپمۇ باشلانغۇچ مائارىپىنى مۇھىم ئورۇندا قۇيۇپ تىل تەربىيىسى ئېلىپ بارمىغىنىمىزدا ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ شەرمى-ھاياسىز،ئىسىل پىكىرسىز بولۇپ قاتارغا قۇشۇلۇشتىن سىرىت «جاپا سالدى تىلىم ماڭا كۆپ قېتىم،كىسىلمەستە باشىم،كىسەي مەن تىلىم» دەپ نادامەت چىكىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ.
خۇلاسە قىلغاندا «يىللىق ئىشنى باھاردىن باشلا،كۈنلۈك ئىشنى سەھەردىن» دىگەن ھېكمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قۇشۇپ،چوڭلارنى ئۈلگە،ئوقۇتقۇچىلارنى يىتەكچى ئورۇندا قۇيۇپ،ئەۋلاتلارنىڭ «باھارى» ۋە«سەھىرى» بولغان ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى ـــ باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىنى مۇھىم ئۇرۇندا قۇيۇشىمىز،توغرا تىل تەربىيسى ئارقىلىق ئۇلارنى مەدەنىيەتلىك،ئەدەپىلىك،ئەخلاقلىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ يىتىشتۈرشىمىز لازىم.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
بالامنى مەكتەپكە بەرگۈ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار