ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

ستاتىستىكا دوكتورى مۇختەر ئوسمان (ئامېرىكا)

ۋاقىت : 2015-07-13 12:52 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

ستاتىستىكا دوكتورى مۇختەر ئوسمان (ئامېرىكا)

بىلىمخۇمار




دوكتور مۇختەر ئوسمان
ئەجىر ھامان يەردە قالمايدۇ. بولۇپمۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۈچۈن تىنىمسىز تىرىشىۋاتقان ۋە ئىزدىنىۋاتقانلار ھامان ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ. مەن بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغان ياش يىگىت دەل شۇ تىرىشچانلىق روھى ۋە ئىرادىسى بىلەن ياشلارغا ئۈلگە بولالىغۇدەك نەتىجىلەرنى ياراتقان ئىپتىخارلىق ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ بولسىمۇ ھازىر ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئەمجىن (AMGEN) شىركىتىدە باش بىئوستاتىستىكا مۇتەخەسسىسى (Principal Biostatistician) بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىنىمىز دوكتور مۇختەر ئوسماندۇر. ئەمجىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شىركەت ئاساسلىقى تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرى ۋە ئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرىنىڭ شىپاسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەتقىقات ۋە دورا مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 17000 دىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىمى بار بولغان بۇ شىركەتتە بۇ يىگىتىمىزنىڭ بىر كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىشى ئۇنچە ئاسانغا توختىغان ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە.

دوكتور مۇختەر ئوسمان 1980-يىلى ئۈرۈمچىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىنلا پەن-تېخنىكىغا تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدى. نەچچە ئون يىللىق مائارىپچىلىق ھاياتىنى كۈچلۈك مەسئۇلىيەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاتىسى ئوسمان ئەپەندىممۇ ئۇنىڭ ھەر خىل قىزىقىشلىرىغا بەكمۇ ھۆرمەت قىلاتتى. ئۇنىڭغا بولغان ئىلھام-مەدەتلىرىنى ئايىمايتتى. يەنە بوش ۋاقىت تاپسىلا مۇختەرنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان كىتاب-ژۇرناللارنى ئوقۇپ بېرەتتى. مۇختەر بالىلىق چاغلىرىنى ئەنە شۇنداق قىزغىن ئۆگىنىش مۇھىتى بىلەن باشلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئاتىسى ئوسمان ئەپەندىممۇ ئەينى زاماندا بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەچكە، دائىم ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىلغار بىلىم يۇرتلىرىنىڭ پاراڭلىرىنى قىلسا، مۇختەر «چوڭ بولغاندا ئاتامغا ئوخشاش ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇيمەن»، دېگەن ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. شۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك ئارزۇغا يېتىش ئىستىكىدە ئۇ قاتتىق بېرىلىپ ئۆگەندى. ئۆزىنىڭ تىل ئۆگىنىشتىكى ئەۋزەل شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىللىرىدىلا ئىنگلىز تىلىنى پىششىق ئىگىلەپ ماڭدى. تەبىئىي پەنلەردىكى ئالاھىدە نەتىجىلىرى بىلەن ئۇستازلىرىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. ئۇ نۇرغۇن تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ئۆز ئارزۇسى بويىچە 1999-يىلى بىر تۇتاش ئېلىنغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نەتىجە بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يەرشارى فىزىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى.

ئۆز ئارزۇسىغا يەتكىنىدىن پەخىرلەنگەن مۇختەر ئۆيىدىكىلىرىنىڭ مەدەت-رىغبەتلىرى بىلەن ئالىي مەكتەپكە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەكتەپتىكى ئوقۇش بېسىمىنىڭ خېلىلا يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلدى. ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان ۋە كەسكىن ئۆگىنىش رىقابىتىگە تولغان بۇ مەكتەپ ھاياتى ئۇنى خېلىلا گاڭگىرىتىپ قويدى. ئەمما ئۇ بۇنىڭدىن ئىرادىسىنى قىلچىمۇ بوشاشتۇرمىدى. ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن ئىلھام ئالدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇرۇندىنلا يېتىلدۈرگەن ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئادەتلىرىگە يەنە يېڭى تولۇقلىمىلارنى كىرگۈزدى.

ئۇ يەنە ئۆزىگە يېڭى نىشان قىلىپ بېكىتكەن چەت ئەلگە چىقىپ بىلىم ئىگىلەش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن، «GPA»، «TOEFL»، «GRE» نەتىجىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇش كېرەكلىكىنى ئاڭلاپ، ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىلىدىن باشلاپلا بۇ ئۈچ تۈردە ياخشى نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىشنى باشلىدى. كەچلىرى بولسا مۇزاكىرە ئۆيىدە سائەتلەپ ئۆگىنىش قىلاتتى. بەزىدە ئۇ قانچىلىغان تۈنلەرنى تاڭلارغا ئۇلىغىنىنى بىلمەيلا قالاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ مۇۋەپپەقىيەت يوللىرىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن بويسۇندۇرۇپ، ئەلا نەتىجىسى بىلەن 2003-يىلى ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دەيۋىس شۆبىسى (University of California, Davis) نىڭ ئاتموسفېرا ئىلمى كەسپىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىندى (مەنمۇ ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىقىدىكى دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى مۇشۇ مەكتەپتىن ئالغان). شۇ يىلى كۈزدە ئۇ كۆپتىن بېرى ئۆزىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئاتا-ئانىسىغا مىننەتدارلىقىنى ئېيتىپ، چەت ئەلدە كەسىپ ئىگىلەش سەپىرىنى باشلىۋەتتى.

ئامېرىكا تۇرمۇشىغا كۆنۈش ئۈچۈن ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ تىل ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى. ئوقۇش داۋامىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىرلىكتە يازغان تەتقىقات ماقالىسىنى «خەلقئارالىق كىلىمات ژۇرنىلى» (International Journal of Climate) دا ئېلان قىلدى. تەتقىقات ماقالىسىنى يېزىش جەريانىدا ئۇ نۇرغۇن ماتېماتىكا ۋە ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىش، ھەمدە شۇ كەسىپتىكى ئوقۇتقۇچى-پروفېسسورلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. مۇختەرنىڭ ماتېماتىكىدىكى ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقىنى بايقىغان ئۇستازلىرى ئۇنىڭغا ماتېماتىكا ۋە ستاتىستىكا پەنلىرى بويىچە ئۆرلەپ ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات جەريانىدىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ماتېماتىكا ۋە ستاتىستىكا بىلىملىرىنى باشقا كەسپىي ساھەلەرگە خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ كەسىپ ئالماشتۇرۇش خىيالىغىمۇ كېلىپ قالدى. ئۇ ئۈچ يىللىق ماگىستىرلىق ھاياتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 2006-يىلى ئامېرىكىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ستاتىستىكا كەسپىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان شىمالىي كارولىنا شتات ئۇنىۋېرسىتېتى (North Carolina State University) ستاتىستىكا فاكۇلتېتىغا پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى (PhD) بويىچە يەنە تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

ئوقۇش جەريانىدا ئۇ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىلگىرىلىدى. دوكتورلۇق ئوقۇشى مەزگىلىدە، ئۇ ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن 200 گە يېقىن ئامېرىكىلىق ستۇدېنتلارغا ئىككى مەۋسۇم دەرس بەردى. ئوقۇش جەريانىدىكى نەتىجىلىرى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، فاكۇلتېت رەھبەرلىكى ئۇنى بىئولوگىيە كەسپى بويىچە تەتقىقات ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان «Inspire» دورا تەتقىقات شىركىتىنىڭ تەتقىقات خىزمىتىگە ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتتى. بۇ جەرياندا ئۆزلىرى ئىشلىگەن تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ بىمارلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى كېسەل ئازابىدىن خالىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن مۇختەر ئۆزىنىڭ ستاتىستىكا بىلىملىرىنى دورىگەرلىك ساھەسىگە خىزمەت قىلدۇرۇشتەك بۇ يولنى توغرا تاللىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
 


دوكتور مۇختەر ئوسمان ئايالى گۈلارە ۋە قىزى شۈكرانە بىلەن بىللە. شۈكرانە بۇ يىل 4 ياشقا كىردى.
دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا ئۇ ئىزدىنىش روھىنى قىلچىمۇ بوشاشتۇرمىدى. ئۇنىڭ يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى ستاتىستىكا نەزەرىيىسى ۋە قوللىنىش ژۇرنىلى (Journal of Statistical Theory and Practice)، بىئو-دورا ئىشلەش ستاتىستىكا ژۇرنىلى (Journal of Biopharmaceutical Statistics)، ۋە ھېسابلاش ستاتىستىكا ژۇرنىلى (Computational Statistics and Data Analysis) قاتارلىق خەلقئارالىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇ يەنە ئامېرىكىدا ئېچىلىدىغان مۇھىم ستاتىستىكا يىغىنلىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئىلمىي دوكلاتمۇ بەردى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ «Bayesian-noninferiority» سىناق ئۇسۇلى مېدىتسىنا ستاتىستىكا ساھەسىدە يارىتىلغان بىر يېڭىلىق دەپ قارالدى. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان «Bernstein» كۆپ ئەزالىق يېقىنلاشتۇرۇشنى قوللىنىپ تۈزگەن ئاجىزلاش مودېلى راك كېسەللىرى تەتقىقات ئانالىزىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دېگەن باھاغا ئېرىشتى. 2011-يىلى ئۇ ئەلا نەتىجىسى بىلەن 31 يېشىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى شەرىپىگىمۇ ئېرىشتى.

مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئىنىمىز مۇختەر ئامېرىكا قان ۋە لىمفا راك كېسەللەر تەتقىقاتى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سېلجىن (Celgene) شىركىتىگە قوبۇل قىلىنىپ، دورا تەتقىقاتىدا ستاتىستىكا ۋە ماتېماتىكىنى قوللىنىشتەك ئەمەلىي خىزمەتكە رەسمىي ئاتلاندى. نەچچە يىللىق قىسقىغىنە تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشتىن كېيىن، مۇختەر مېدىتسىنا ستاتىستىكا ساھەسىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان نۇرغۇن مەسىلەردە بىر خېلىلا پىشقان تەجرىبىلىك كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندى. شۇ سەۋەبلىك مۇختەر ھازىرغىچە ئىچكى كېسەللەر ژۇرنىلى (Annals of Internal Medicine)، ھازىرقى زامان كلىنىكىلىق سىناقلىرى (Contemporary Clinical Trials)، ۋە ۋاكسىنا ژۇرنىلى (Vaccine) قاتارلىق 9 خىل ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلەرگە «تەستىقلىغۇچى مۇتەخەسسىس» (Reviewer) بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ بەردى. سېلجىن (Celgene) شىركىتىدە ئىككى يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، مۇختەر 2013-يىلى ئائىلىسى بىلەن كالىفورنىيە شتاتىغا كۆچۈپ كېلىپ، سان فرانسىسكودىكى ئەمجىن گۇرۇھى تارمىقىدىكى ئونىكىس (ONYX) شىركىتىگە خىزمەتكە چۈشتى. ئونىكىسمۇ مۇختەر بۇرۇن ئىشلىگەن شىركەتكە ئوخشاش قان ۋە لىمفا راك كېسەللىكلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان شىركەت بولغاچقا، مۇختەر بۇ يېڭى خىزمەت مۇھىتىغا تېزلا ئۆزلىشىپ، شىركەتنىڭ مۇھىم تەتقىقات تۈرىدە باشلامچى ستاتىستىكا مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. مۇختەر قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا خىزمەتداشلىرى ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ، ستاتىستىكا بۆلۈمى يېڭى ئۇسۇل تەتقىقات ۋە لايىھە گۇرۇپپىسىنىڭ باش يېتەكچىلىك خىزمىتىگە تەيىنلەندى.

ئىنىمىز مۇختەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن سانائەتلەرنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى «زور ھەجىملىق ئۇچۇر» (Big Data) دەۋرىگە قەدەم قويغان بولۇپ، بۇ ئېقىم بۇلۇپمۇ كومپۇتېر بىلەن بىئو-تېخنىكا (biotechnology) ساھەلىرىدە تېخىمۇ تېز چوڭىيىۋاتىدۇ. كومپيۇتېر ساھەسىنى مىسالغا ئالساق، نۇرغۇن شىركەتلەر مىليونلىغان يانفۇن ئابونتلاردىن يىغقان زور ھەجىمدىكى ئۇچۇرلارنى ستاتىستىكا ئىلمىدىكى تۈرلۈك ئالگورىزىملىق ھېساپلاش ئۇسۇللىرى بىلەن ئانالىز قىلىش ئارقىلىق شىركەتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرماقتا. بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرىمۇ ئادەملەرنىڭ مىليونلىغان گېن ئۇچۇرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى ۋە شىپاسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. بۇ تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، «ئۇچۇر ئىلمى مۇتەخەسسىسى»(Data Scientist) غا ئوخشاش يېڭى كەسىپمۇ بارلىققا كەلدى. بۇ يېڭى كەسىپ كومپيۇتېر ئىلمى بىلەن ستاتىستىكا پېنىنىڭ بىرىكىشى بۇلۇپ، ئۇنىڭدا كەسىپ ئەھلى بولۇش مۇئەييەن ستاتىستىكا نەزەرىيەسى ۋە «R»، «SAS»، «Python»، «Hadoop»، «NoSQL» قاتارلىق كومپيۇتېر تېخنىكىلىرىنى پىششىق ئىگەللەشنى تەلەپ قىلىدۇ. نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدىكى ئامېرىكا خىزمەت بازىرى بۇ جەھەتتە يېتىلگەن تالانت ئىگىلىرىگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئىنىمىز مۇختەر ھازىر كەسىپ تاللاش باسقۇچا تۇرىۋاتقان ياشلارنىڭ ئۆزلىرىنى مۇشۇ جەھەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەن مۇختەر ئۇكىمىز بىلەن ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە بىر قانچە سورۇنلاردا بىرگە بولدۇم. ئۇ ناھايىتىمۇ كىچىك پېئىل، كەمتەر، ئاددىي، چىقىشقاق ۋە سەمىمىي بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان كىشى ھەرگىزمۇ ئۇنى بىر يۇقىرى سالاھىيەتلىك مۇتەخەسسىس، دەپ ئويلىمايدىكەن. مەن بۇ ئىنىمىزنى بۇ قېتىم بىر قەدەر تولۇق تونۇدۇم. مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتىمۇ پەخىرلىنىمەن.

تۆۋەندىكىسى دوكتور مۇختەر ئوسمان ئىنىمىزنىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلغان ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشتۇرغان ماقالىلىرىنىڭ تىزىملىكى:



Journal Articles:

[1] Osman M. and Ghosh S. K. (2012) Nonparametric Regression Models for Right-censored Data using  Bernstein Polynomials. Computational Statistics and Data Analysis, 56, 559-573.

[2] Osman M. and Ghosh S. K. (2011) Semiparametric Bayesian Testing Procedure for Noninferiority Trials with Binary Endpoints. Journal of Biopharmaceutical Statistics, 21, 920-937.

[3] Osman M. and Ghosh S. K. (2010) Novel Bayesian Methods for Noninferiority Tests based on Relative Risk and Odds Ratio for Dichotomous Data. Journal of Statistical Theory and Practice, 4, 433-452.

[4] Grotjahn R. and Osman M. (2007) Remote Weather Associated with North Pacific Subtropical Sea Level High Properties. International Journal of Climatology, 27, 587-602.

Conferences:

[1] Evaluation of Bayesian Logistic Regression Model and 3+3 in a dose escalation study for              combination drugs: a simulation study, Joint Statistical Meetings, Boston, MA, Aug 2014.

[2] A Noninferiority Testing Procedure based on Bayes Factor and Total Weighted Error Criterion, FDA-Industry Statistics Workshop, Washington, DC, Sep 2012.

[3] Bayesian Noninferiority Testing based on Total Weighted Error Criteria, Fourth Annual Bayesian  Biostatistics Conference, MD Anderson Cancer Center, Houston, TX, Jan 2011.

[4] Nonparametric Regression Models for Right-censored Data using Bernstein Polynomials, ENAR Spring Meetings, New Orleans, LA, March 2010.

[5] Semiparametric Bayesian Testing Procedure for Noninferiority Trials with Binary Endpoints, Joint Statistical Meetings, Washington, DC, August 2009.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار