ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

پاتىگۈل ئابىخان (ياپونىيە)

ۋاقىت : 2015-07-13 12:10 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

پاتىگۈل ئابىخان (ياپونىيە)

بىلىمخۇمار



سىڭلىمىز پاتىگۈل ئابىخان يولدىشى خەمىت ئوسمان ۋە ئىككى پەرزەنتى بىلەن بىللە.  بۇ رەسىم  2015-يىلى 3 -ئاينىڭ 20 -كۈنى توكيودا تارتىلغان.   
سىڭلىمىز پاتىگۈل ئابىخان 1982 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تيانشان رايونىدا ئاددىي بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.  پاتىگۈل 5 بالا ۋە ئاتا - ئانا ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات مەھەللىرىنىڭ بىرى بولغان شىخابا ئالدى كوچىسىدىكى كىچىككىنە بىر ئېغىزلىق ئۆيدە ياشىدى.  ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن يىللىرى كىچىككىنە ھويلىسى بار 2 ئېغىزلىق ئۆيگە كۆچۈپ چىقتى. پۈتۈن ئۆينىڭ چىقىمىنى جاپاكەش دادىسى ئۆز زىممىسىگە ئالغان ئىدى.

بۇ يەردە پاتىگۈلنىڭ رەھمەتلىك دادىسى توغرىسىدا ئازغىنە مەزمۇن قىستۇرۇپ قوياي: پاتىگۈلنىڭ دادىسىنىڭ ئەسلى يۇرتى قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ لەڭگەر يېزىسى بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتلاردىكى پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بىرى ئىدى.  دادىسىنىڭ پاتىگۈلگە ئېيتىپ بەرگەنلىرىگە ئاساسلانغاندا، پاتىگۈلنىڭ چوڭ دادىسى ئۇنىڭ دادىسىنى 12 يېشىغىچە ئازراق ساۋاتلىق قىلىپ، 12 يېشىدىلا ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر كارۋان ترانسپورتىغا خېلى كۆپ  تۆگىنى پاي-چېك قىلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق دادىسىنى ئۇ شىركەتكە كىرگۈزىدۇ.   شۇڭا پاتىگۈلنىڭ دادىسى شۇ ياشلىرىدىن باشلاپلا تۆگە ۋە كارۋانلار بىلەن يىپەك يولىنىڭ كارۋانچىسى بولۇپ ياشايدۇ. پاتىگۈلنىڭ  دادىسىنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ قارا قۇرۇم تاغلىرىنى نەچچە  ئايلىنىپ ئۆتۈپ، نەچچە قېرىنداشلىرىنى شۇ يەرلەرگە دەپنە قىلىدۇ. بۇ گەپلەر پاتىگۈلگە كىچىك ۋاقتىدا ئەپسانىدەكلا ئاڭلىناتتى.  ئەمما كېيىن ئوقۇغان كىتابلىرىدا بۇنداق ئىشلارنىڭ ھەقىقىي ئىشلار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.  ھەمدە دادىسىدىن يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ جىق بىلىملەرنى ئاڭلىۋالمىغىنىغا پۇشايمان قىلىدۇ (پاتىگۈلنىڭ دادىسى 2003-يىلى ئالەمدىن ئوتكەن).

كارۋانلار بىلەن بولۇپ ئائىلە قۇرۇشقا ۋاقتى يەتمىگەن دادىسى تولىمۇ كېچىكىپ، 40 ياشقا يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭ مېھرىبان ، قەيسەر ئاپىسى بىلەن توي قىلىدۇ.  ھەمدە ئاپىسىمۇ بىر پومېشچىك ئائىلىسى بولغانلىقتىن، بۇ ئىككىيلەن توي قىلىپ يۇرتمۇ-يۇرت سۈرگۈن قىلىنىدۇ.  ئاۋۋال قەشقەر، ئاندىن قىزىلسۇ ئوبلاستى قاتارلىقلار، ئاخىرى بۇ ئىككىيلەن غەيرەت قىلىپ 1970-يىللىرىدا ئۈرۈمچىگە قېچىپ چىقىپ تۇرۇپ قالىدۇ.

پاتىگۈلنىڭ دادىسى مۇساپىرچىلىقنىڭ تەمىنى بەك تېتىغان ئادەم بولغاچقا، ئۆيىنىڭ ئالدىدىن بىرەر مۇساپىر يول سوراپ ئۆتۈپ قالسىلا ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ ئۆيگە باشلاپ كىرىدۇ.  بىر ئېغىزلىق ئۆيىدە ئورۇن يېتىشمىگەچكە، ئۆگزىگە ئۆزى كىچىككىنە بىر ياغاچ ئۆينى قۇرۇپ قويىدۇ.  بەزى مۇساپىرلار ياز كۈنلىرى ئاشۇ ياغاچ ئۆيدە «شۇنداق سۆرۈن ھۇزۇر ئالدۇق»، دەپ خوش بولۇشۇپ قونۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇ ۋاقىتلارنىڭ تەسىرىدىن بولۇشى مۇمكىن، پاتىگۈلنىڭ دادىسىنىڭ مېھماندوستلۇقى، تەقدىر ئۇچراشتۇرغان ھەر قانداق بىرىنىڭ خىزمىتىدە بولۇش روھلىرى ئىزدىسە بەلكىم پاتىگۈلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ۋە ئۆزىدىن ئاز-تولا چىقىدۇ.  ئۇنىڭ دادىسى 5 بالىنى ئۆزى ئاچقان كىچىككىنە كۆكتات تىجارىتى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىپ، قاتارغا قوشىدۇ.  ئاپىسى بولسا تىنىم تاپماي دادىسىغا ياردەم قىلىدىغان ئاجايىپ كۈچلۈك بىر ئايالدۇر.  ئاللاھ ئانىسىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن.

پاتىگۈل باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن يىللىرى تەتىللەردە مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىللە، شۇ ۋاقىتلاردىكى رەسىملىك كىچىك كىتابچە، يەنى «شىياۋفۇ» دەيدىغان كىتابچىنى يىغىپ، مەھەللىنىڭ بىر بۇرجىكىدە ئوقۇيدىغانلارغا 5 پۇڭدىن ئارىيەتكە بېرىپ، ئويۇن قىلىپ ئوينايتتى. ھازىر ئۇلارنى ئويلاپ باقسا، شۇنداقلا پاتىگۈلنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى تەتىللىرىدە كۆممىقوناق پىشۇرۇپ، چېلەك بىلەن كۆتۈرۈپ چىقىپ، دوقمۇشلاردا ساتقانلىرى، كەچلىك بازارلاردا پايچېك بازارلىرىنىڭ ئادەم كۆپ رەستىلىرىدە ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقلىرى ساتقانلىرى، گېزىت ساتقانلىرىنى ئويلىسا، پاتىگۈل ھەقىقىي بىر كارۋان قىزى ئىكەنلىكىنى،  يەنى ئۇنۋان بىلەن ئەمەس، ئۆزىدە بار بولغان بىر قىسىم يوشۇرۇن كۈچنى ھەر ۋاقىت خىزمەت قىلدۇرالىغان بىرى ئىكەنلىكىنى مانا ھازىر ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلىدۇ.

پاتىگۈلنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتلىرى كۆپرەك تەنتەربىيە تۈرلىرىدە نەتىجە قازىنىشلاردەك ئىشلاردا بولۇپ، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەردە ئوقۇش نەتىجىسى ئالدىنقى 10 نىڭ قاتارىدا، يەنى نورمال ھالەتتە  بولدى.  شۇنداق قىلىپ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ۋاقتى پۈتۈن جەمئىيەت كومپيۇتېر قىزغىنلىقىغا چۆمگەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.  ئۇ ئوتتۇرا تېخنىكومدا كومپيۇتېر تېخنىكىسى كەسپىدە ئوقۇشنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قارار قىلدى، ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي مائارىپ مەكتىپىدە (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى)  3 يىل كومپيۇتېر قوللىنىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. ئوقۇشنىڭ 3-يىلى، يەنى ئوقۇش پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا، پراكتىكا قىلىش باھانىسى بىلەن شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدا  توختاملىق خىزمەتچى خادىم بولۇپ خىزمەتكە كىرىپ، ئۇ يەردە 4 يىل ئىشلىدى. پاتىگۈل ئاشۇ جەرياندا مەكتەپتە ئۆگەنگەن كىتابىي بىلىملەرنى ئۇنىڭغا ئەمەلىي بىلىم قىلىپ ئۆگەتكەن، ۋە جەمئىيەتكە چىقىپ خىزمەتچى بولغاندىن كېيىنكى ئەخلاق تەربىيىسىنى ۋە مائارىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن، ئەينى ۋاقىتتىكى كومپيۇتېر ئۇيغۇر تىل-يېزىقى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى غوللۇق ئەزا، پاتىگۈلنىڭ خىزمەت ئورنىدىكى ئىشخانا باشلىقى مۇھەممەتجان ئەردەم،  ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى تەكلىماكان تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نىجات ئاكىلىرىغا چىن قەلبىدىن تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرىدۇ.

جەمئىيەتكە يېڭى چىققان دەۋرلەردىن باشلاپلا پاتىگۈلنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسى بار ئىدى. تۆت يىلدىن كېيىنكى خىزمەت ئورنىنىڭ توختام مۇددىتىنىڭ توشۇشى ۋە شۇ ۋاقىتلاردا جەمئىيەتكە چىقىپ باشقا خىزمەتلەردە بولۇشى، ئۇنىڭ چەت ئەلگە چىقىش ئىستىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى دېيىشكە بولىدۇ. تۆت يىللىق مائارىپ ساھەسىدىكى خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كىچىك بىر شىركەتكە پايچېك بولۇپ خىزمەت قىلىش تەجرىبىسى ، ئەڭ ئاخىرىدا  ئۆز ئىزدىنىشى ئارقىلىق جۇڭگو بانكىسى بانكىلارنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ كومپيۇتېر بۆلۈمىدىكى خىزمەت تەجرىبىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئاللانىڭ بىباھا نېمەتلىرى ئىدى.  بۇ  4-5 يىل جەريانىدا پاتىگۈل ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مائارىپىغا تىزىملىتىپ، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە مەخسۇس كۇرس ۋە تولۇق كۇرس دىپلوملىرىنى ئالدى.  شۇ تەجرىبىلىرى بولمىغان بولسا، ھازىرقى پاتىگۈل مەۋجۇت بولمايتتى. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ۋەتەنگە يېقىنراق بولغان ياپونىيەدە ئەينى ۋاقىتلاردا توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىنى تىكلىگەن چوڭ ھەدىسىنىڭ دوستى ۋە ساۋاقدىشى بولغان پولات ئاكىسى ۋە دىلبەر ھەدىسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن چاڭچۈنگە بېرىپ، 4 ئايچە تۇرۇپ، ياپون تىلىدىن ئاساس سالدى.  ھەمدە شۇ جەرياندا شۇ مەكتەپتىكى ۋاسىتىچى ئىشخانا ئارقىلىق  نەچچە يىلدىن بۇيان يىغقان ئاز تولا ئۆز خىراجىتى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىل مەكتىپى سېنداگايا ياپون تىلى مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 2004 -يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ياپونىيەگە ساق سالامەت كېلىۋالدى.  

تىل مەكتىپىگە ئەسلى ئوقۇش پۇلىنىڭ ھەممىنى تاپشۇرۇپ بولالمىغان پاتىگۈل كېلىپلا مەكتەپ تېپىپ بەرگەن ياتاققا 3 ئايلىق ياتاق ھەققى تاپشۇرۇش قاتارلىقلاردا ئىقتىسادتىن يانچۇقى قۇرۇقدىلىپلا قالدى، ۋە مەكتەپنىڭ قالدۇق ئوقۇش پۇلى بولغان 30 تۈمەن ياپون يېنىنى  ھەدىسىنىڭ دوستلىرىدىن قەرز ئېلىپ تۇرۇپ، ئاستا-ئاستا بۇ ياپون تۇرمۇشىغا كىرىشتى. پاتىگۈل ياپونغا كېلىپ بىر ئايدىن كېيىن خىزمەت تاپقان كۈنى، يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ ئىمتىھان بەرگەن خىزمەت ئورنىدىن ئۇنى خىزمەتكە قوبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تېلېفوندا تاپشۇرۇپ ئېلىپ، شۇنداق خۇشال بولدىكى، ئۇنىڭ ئۆز زېمىسىدىكى يۈكلەرنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تىرىشىش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيدى.

پاتىگۈل شۇنىڭ بىلەن يېرىم  كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۈن ئىشلەپ يۈرۈپ، 3 ئايدىن كېيىن  قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرۇپ، ئۆزىنى تېخىمۇ يېنىك ھېس قىلىدۇ.   چۈنكى تا ھازىرغىچە بۇنداق قەرز ئىچىدە يۈرۈپ باقمىغان پاتىگۈل ئۈچۈن  بۇ 3 ئاي تولىمۇ دەككە دوككىدە  ئۆتكەن 3 ئاي بولىدۇ.  ئاللانىڭ رەھمىتى بىلەن، پاتىگۈل ياپون تىلى مەكتىپىدە يېرىم كۈن ئوقۇپ، سىرتتا يېرىم كېچىلەرگىچە ئىشلەپ، مەكتەپكە بىر قېتىممۇ كېچىكمەي، ئوقۇشتا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولغاچقا، 6  ئايدىن كېيىن ناھايىتى ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ياپون تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئايدا 5 تۈمەن يېنلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.  ئۇيغۇر تىلىغا ناھايىتى يېقىن بولغان بۇ تىل پاتىگۈلگە بەكمۇ تەس بىلىنىپ كەتمەيدۇ.  پاتىگۈل دەل مۇشۇ يەردە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ياپون تىلى ئۆگىنىشىنىڭ بەك ئۆلۈك ھالەتتە بولۇپ قالماسلىقىنى، بولسا ھەپتىدە 2 كۈن بولسىمۇ ياپونلۇقلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، جەمئىيەت ۋە ياپونىيە خىزمەت سىستېمىسى قاتارلىقلاردا تەجرىبە توپلاشقا پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن بولسىمۇ يېرىم كۈندىن ئىشلەپ  قويۇشنىڭ ناھايىتى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ.

پاتىگۈل كەلگەن ئۇ يىللىرى ياپونىيەنىڭ تىل مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاساسەن يوق ئىدى.  يەنى كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ئۆز مۇناسىۋەت دائىرىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەجرىبە ئوقۇغۇچىسى بولۇپ كېلەتتى.   يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن، پاتىگۈلگە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن ئاستا - ئاستا تونۇشۇش پۇرسىتى بولىدۇ.  ئۇ  بىر قىز  بىلەن بىللە سايىتامادىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان تاكاساكاغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىدۇ.

پاتىگۈل بىر يىللىق ياپون تىلى سەۋىيىسى بىلەن ئاسپىرانتلىققا ئوقۇش ئىستىكىدە مەكتەپ ئىزدەشكە كىرىشىپ، توكاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ.  ھەمدە ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ گۇرۇپپىسىغا تەتقىقات ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ.  پاتىگۈل ھېلىقى تىل مەكتىپىنىڭ  6 ئايلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلۇمدىنمۇ ۋاز كېچىپ، بۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئەمما مەكتەپ ئورنىنىڭ بەك يىراقلىقى، ۋە بۇ مۇئەللىمنىڭ تەتقىقات تېمىلىرى پاتىگۈلنىڭ  ئوقۇماقچى بولغان جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پسىخىكا ئىلمىي تېمىسىغا ماس كەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، پاتىگۈل باشقا مەكتەپكە ئالمىشىش قارارىغا كېلىپ، ئۇستازى بىلەن مەسلىھەت قىلىدۇ. بۇ جەرياندا بۇ مېھرىبان مۇئەللىم  تېما جەھەتتىن پاتىگۈلگە يېتەكچىلىك قىلالمىغانلىقىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش، ۋە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىك مەقسىتىدە، پاتىگۈلدىن ياپونىيەنىڭ قانداق ساھەلىرىگە قىزىقىدىغانلىقىنى سورايدۇ. پاتىگۈلنىڭ ياپونىيە مائارىپىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ،  تەجرىبە ئالماشتۇرۇش خىيالى بارلىقىنى بىلگەن بۇ كۆيۈمچان ئۇستاز پاتىگۈلنىڭ  ئۆيىگە يېقىن يەردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىمۇ بار بولغان بىر يەسلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، پاتىگۈلگە ھەپتىدە 2-3 كۈن 2 سائەتتىن ئەمەلىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى ھەر بىر نەرسە ئەينى ۋاقىتلاردىكى پاتىگۈل ئۈچۈن بىر خىل يېڭىلىق ئىدى.  پاتىگۈلدىكى ياپونىيە جەمئىيىتىنى كۆزىتىش، ۋە ئۇ يەرلەردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى كۆزىتىش ئىستەكلىرى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ پەيدا بولدى، دېسەكمۇ بولىدۇ.  پاتىگۈل ئاشۇ يەسلىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر  پەرزەنتلىرى ھەر بىر كۈننىڭ 8-9 سائىتىنى ياپون تىلى بويىچە تەربىيىلىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشتە قىينىلىۋاتقانلىقىنى  ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى  بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىش جەريانىدا چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.  ئۇ كۆڭلىدە «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىللىرىمىزنى  بۇ يەرلەردىكى ياش ئەۋلادلىرىمىز سۆزلىيەلمىسە، ئۇ تىللىرىمىز ئۇنتۇلۇپ كېتىلسە قانداق بولىدۇ؟» دېگەن ئويدا بولىدۇ،  ۋە ئىزدىنىدۇ.

پاتىگۈل 2006 -يىلى 4-ئايدا توكاي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئايرىلىپ، توكيو ئېلېكتر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ پسىخولوگىيە ستاتىستىكا  تەتقىقات بۆلۈمىگە تەتقىقاتچى  ئوقۇغۇچى بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ.  

پاتىگۈل  بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا  ئۈرۈمچىدە بىر ياپون تىلى مەكتىپىنىڭ يوقلۇقىدىن ئىبارەت بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش،  ئۇيغۇر ياشلىرىنى ياپون تىلى ئۆگىنىپ، ياپونىيەگە ئوقۇشقا بېرىشقا قىزىقتۇرۇش ئارزۇسىدا بولغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر كارخانىسى بار بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.   ئۇ ياپونغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا  ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بىر ئەڭ ياخشى چېنىقىش مەيدانى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.  ھەمدە بۇ جەمئىيەتكە چىقىپ چېنىشقا ئىنتىلىۋاتقان ياشلار ئۈچۈن بىر يول ئېچىشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. ئۇ 2006-يىلى 6-ئايدا تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز خىراجەتلىرىدىن  ئىقتىساد قىلغان 30 مىڭ يۈئەن ئەتراپىدىكى پۇلنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قايتىدۇ.  ھەمدە شۇ يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزى بولغان  جەنۇبىي قوۋۇق دوقمۇشىدا ئۈرۈمچى ئۇيۇل ياپون تىلى مەكتىپىنى قۇرىدۇ.  پاتىگۈل مۇشۇ جەرياندا ئۇنى قوللىغان بارلىق دوست - بۇرادەرلىرىگە چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى . تەتىل توشۇپ، پاتىگۈل مەكتەپنى يېقىن بىر دوستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئامانەت قىلىپ، ياپونىيەگە قايتىپ كېلىدۇ.  ئەپسۇس 2 يىل ئۆمۈر كۆرگەن ئۇيۇل ياپون تىلى مەكتىپى ئارانلا  40-50 ئۇيغۇر ئوقۇرمەننىڭ ياپونىيەگە ھەر خىل يوللار بىلەن كېلىشىگە سەۋەب بولۇپ، 2 يىلدىن كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تاقىلىپ قالىدۇ.  پاتىگۈل تەتىلدىن قايتىپ كېلىپلا، ياپونىيە توكيو رايونىدا ياشاۋاتقان ئاكا-ھەدىلەرگە تەشەببۇس قىلىپ، ياپونىيەدە بىر ئۇيغۇر ئانا تىلى سىنىپى قۇرۇشنى پىلانلايدۇ.  يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ كېلىۋاتقان ياپونلۇق ئاق-كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ  ياردىمى بىلەن، توكيونىڭ مەركىزىي رايونىدىن ھەر شەنبە كۈنى 2 سائەت پايدىلانغىلى بولىدىغان بىر ئورۇننى ھەل قىلىدۇ.  ھەمدە بۇ 2 سائەتتە قانچىلىك ئۇيغۇر بالىسى كەلسە شۇنچىلىك ئانا تىلى دەرسى ئۆتۈشنى مەقسەت قىلغان «ئۇيۇل ئانا تىلى سىنىپى» رەسمىي ئېچىلىدۇ.  بەك ئەپسۇس، ياپوندىكى تۇرمۇش رىتىمىنىڭ بېسىملىرى ۋە توكيو رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارقاق ئولتۇراقلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،  ئەڭ دەسلىپىدە 10 چە ئوقۇغۇچى بىلەن باشلانغان بۇ سىنىپ 2 ئايغا بارماي تاقىلىپ  قالىدۇ.  ئەمما بۇنداق بىر سىنىپنى قايتا قۇرۇش پاتىگۈلنىڭ ھەر ۋاقىت ئويلايدىغان بىر ئويىدۇر.   

ئاشۇ ۋاقىتلاردا «خەمىت ئوسمان» ئىسىملىك بىر يىگىتمۇ  توكيو ئېلېكتر ئۇنىۋېرسىتېتىغا  ئوقۇشقا كېلىدۇ.  پاتىگۈل بىر تەرەپتىن ئاسپىرانتلىققا تەييارلىق قىلىش باسقۇچلىرىنى ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 2007 - يىلى خەمىت بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ.  پاتىگۈل  توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ.  تولىمۇ ئەپسۇس، يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن يۈز-تۇرانە ئىمتىھان ئېلىش بىلەنلا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش تۈزۈمى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆزگىرىدۇ.  يەنى، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئادەتتىكى ياپونلۇقلار بىلەن ئوخشاش ئىمتىھان بېرىشكە ئۆزگەرتىلىدۇ.  پاتىگۈل تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن بۇ ئىمتىھان ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەي قالىدۇ. بۇ ئەسنادا  پاتىگۈل يەنە بىر تەقدىر ئۇچراشتۇرغان ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ،  ۋە ئۇلارنىڭ «سەن تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان، بىر خەلقئارالىق مۇلازىمەت سۇپىسى بولغان ياپون تىلى مەكتىپىنىڭ خىزمىتىنى قىلساڭ بولغۇدەك»، دېگەن تەكلىپى بىلەن،  توكيودىكى بىر ياپون تىلى مەكتىپىنىڭ جۇڭگو ۋە باشقا ئاسىيا  دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە ئېرىشىدۇ.  پاتىگۈلنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ، كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ياپونىيە مائارىپى ۋە تۇرمۇشى قاتارلىقلاردا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمىتى 5 يىل داۋاملىشىدۇ. بۇ جەرياندا  پاتىگۈل ئۇ خىزمەتكە ئېرىشكىنىدىن، مائارىپ سېپىدە جەمئىيەتكە تېخىمۇ يېقىن مۇلازىمەتتە بولالىغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ.   گەرچە ئۆزى يۇقىرى ئۇنۋان ئېلىپ ئوقۇشقا كىرىشەلمىگەن بولسىمۇ، دەل شۇ يۇقىرى بىلىم سەھنىلىرىگە ئىنتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بۇ خىزمەتنى قەدىرلەپ ئىشلەيدۇ.  خىزمەتكە قاتنىشىپ 2 يىلدىن كېيىن ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىش ئارزۇسى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنمۇ خىزمەتتە بولالايدىغان سەۋىيىگە يېتىدۇ،  ۋە تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئايروپىلان ياسىغان ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇلئەخەت ئابدۇللا قاتارلىق بىر قانچە ئىزدىنىش روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلارنىڭ  ياپونىيەگە كېلىش خىزمىتىدە  ئەڭ چوڭ ياردەمچى بولىدۇ.  تۇنجى نۆۋەتلىك 3 ئوقۇغۇچىنىڭ ۋىزا ۋە باشقا ھەرقانداق ئىشلىرىنى تەجرىبە قىلغان پاتىگۈل ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ،  تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى بەك قېيىن ئويلىۋالغان تالانت ئىگىلىرىنىڭ كۆمۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەردە  تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ.  

پاتىگۈل 2014 -يىلى بىر يىل ۋەتەندە تۇرۇپ، كۆزىتىش ۋە ئەھۋال ئىگىلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى.  ئۇ 2015 - يىلى توكيوغا قايتىپ كېلىپ، مەكتەپتە ئىشلىگەن تەجرىبىلىرىنى، 10 يىل  مابەينىدە ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مۇناسىۋەت دائىرىلىرىنى،  ۋە ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىكى تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، مەڭگۈلۈك قوللىغۇچىسى ۋە يولدىشى خەمىت بىلەن مەسلىھەت قىلىپ، ھەر ئىككىلىسى ئۆز شىركەتلىرىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيۇل» نامىدىكى ئىگىلىكىنى تىكلەشنى قارار قىلدى.  چۈنكى بۇ ئىككى ياشنىڭ ياپون شىركەتلىرىدە داۋاملىق باشقىلارغا ئىشلەپ ئۆتۈشى ئۇلارنىڭ  ئۆز ئىرادىلىرى بويىچە كېيىنكى چوڭ ئارزۇلىرىغا يېتىش يوللىرىنى  بوغۇپ قوياتتى.  كەلگۈسى پىلانلىرىغا بولغان يوللىرىنى تېخىمۇ ئەركىن ۋە تېخىمۇ كەڭرى ئېچىش نىيىتىدە، «ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت تۈرلىرىنى جانلاندۇرالايدىغان بىر شىركەت بولسۇن»، دەپ، ئۇلار 2015-يىلى 3-ئايدا رەسمىي ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ،  «ياپونىيە ئۇيۇل پاي - ھەسسىدارلىق شىركىتى» نى قۇرىدۇ.  

2009-يىلى 3-ئايدا پاتىگۈلنىڭ قىزى نازىنە تۇغۇلىدۇ.  2010-يىلى 11-ئايدا ئوغلى ئەزھەر تۇغۇلىدۇ.  پاتىگۈل ئەر-ئايال ئىككىيلەن ھازىر ئاللانىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئەڭ چوڭ نېمىتى بولغان پەرزەنتلىرىنى ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ چىقىش، نۇرغۇنلىغان ئوقۇش ئىستىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ياپونىيەگە ئەڭ ياخشى مەسلىھەتلەر بىلەن ئەكېلىش، ھەمدە ئۇلارغا ياپونىيەدە تۇرۇپ خىزمەت قىلىش پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بېرىش پىلانىدا  ئىزدىنىۋاتىدۇ.  ئۇلار توكيودىكى ئەڭ ياخشى بولغان تىل مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، شىركەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە جەمئىي 15 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ كېلىشىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ.  پاتىگۈلنىڭ يولدىشى  خەمىت ئوسمان كەمسۆز ئەمما ئىشىغا پۇختا ، ئاق-كۆڭۈل بىر يىگىت ئىكەنلىكىنى مەن توكيودىكى ئۇچرىشىشىمدا  ھېس قىلغان ئىدىم.  ئۇ ئىككىيلەن ئۆز-ئارا كونا ساۋاقداشلاردىن بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئەڭ ياخشى قوللىغۇچىلىرىدىن ئىدى.  گەرچە پاتىگۈل چەت ئەللەردىكى دوكتور ئۇنۋانلىق ئۇيغۇرلاردىن بولمىسىمۇ،  ئۇنى ۋەتەندىكى ياشلار ئۈچۈن چەت ئەللەردە تۇرۇپ ئىزدىنىپ ۋە تىرىشىپ، كەلگۈسىدە دوكتور ئاسپىرانتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېتىشىپ چىقىشىغا تۆھپە قوشۇش يولىنى تاللىغان بىر مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى، دېيىشكە بولىدۇ.
 مەن 2012-يىلى 12-ئايدا ياپونىيەگە ئوغلۇم بىلەن ساياھەتكە بارغاندا، سىڭلىمىز پاتىگۈل بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى خەمىت ئوسمان ئىككىيلەن مېنى توكيودىكى بىر تۈرك رېستورانىدا كۈتۈۋالغان ئىدى.  بۇ رەسىم شۇ چاغدا تارتىلغان.

پاتىگۈلنىڭ يولدىشى خەمىت ئوسمان بولسا «كارخانىچى» نامىنى ھەقىقىي تۈردە قازىنىپ، چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتكۈدەك جەمئىيەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان، ۋە تاشقى سودىغا ئائىت ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش باسقۇچىلىرىنى تاماملىغان بىر يىگىتتۇر.  شۇنداقلا ئۇ ئائىلىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇل بولىدىغان، ھەر يەر ۋە ھەر ۋاقىتتا ئاز بولسىمۇ ئۆز قوۋمى ئۈچۈن ئازدۇر-كۆپتۇر ھەسسە قوشۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان بىر يىگىتتۇر.  شۇڭا ئۇ بىكار ۋاقىتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئاشپۇزۇلى ۋىۋىسكىسىنى كۆركەم قىلىپ بېزىگەن يۆتكىلىشچان ئاشپۇزۇل ماشىنىسىدىن بىرنى ئۆز قوللىرى بىلەن ياساپ چىقىدۇ.  شۇ ئارقىلىق ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا توكيو رايونلىرىدا «ئۇيغۇر» دېگەن چوڭ خەتلىك بۇ كىچىككىنە ئاپتوموبىلىنى ئىشقا سېلىپ،  بىر تەرەپتىن ئائىلە ئۈچۈن ئىقتىسادىي قىممەت ياراتسا، يەنە بىر تەرەپتىن كوچىدا ئۇچرىتىپ، سوئال سورىغان مېھمانلارغا ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى ياش ئۆز  كارخانىسىنىڭ  بۇندىن كېيىن تېخىمۇ راۋاج تېپىشى ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ.  

پاتىگۈل خىزمەتكە قاتناشقان بۇ 6 يىل مابەينىدە ئابدۇلئەخەت ئۇكىمىزغا ئوخشاش تىرىشچان ياشلاردىن جەمئىي  60 قا يېقىن ئۇيغۇر ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ توكيوغا كېلىپ ئوقۇشىغا ھەقلىق ۋە ھەقسىز مۇلازىمەتلەردە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى.  ئۇ ھەر خىل كەسىپتە ئۇنىۋېرسىتېتىتلەرنى پۈتتۈرۈپ، ياپونىيەدە خىزمەت قىلىش ئارزۇسىدا بولغان ياشلار ئۈچۈن تۇنجى قېتىم بىر يېڭى ياپون تىلى مەكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياپون تىلىدا 2-دەرىجىلىك سەۋىيىگىچە تەربىيىلەپ، ئاندىن ئاشۇ مەكتەپنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۇلارغا خىزمەت تېپىپ بېرىشتەك ياخشى  ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.  پاتىگۈل مۇنداق دەيدۇ: «ئاللانىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتى ۋە نېمىتى بولغان ئەقلىي زېھنىمىزنى ۋە پۇت-قوللىرىمىزنى داۋاملىق چېنىقتۇرۇپ ۋە ئىشلىتىپ، ئامانەتكە خىيانەت قىلماي، يوشۇرۇن كۈچلەرنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ چىقىشىغا  چىشلىق چاقتەك ھەمكارلىقلارنى قۇرۇپ، تېخىمۇ راۋاج تاپقۇزۇمىز. »  ئۇ بۇندىن كېيىن شىركەت  نامى بىلەن ھەر خىل تېخىمۇ ياخشى پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ.   

مەن 2012-يىلى 12-ئايدا ياپونىيەگە ئوغلۇم بىلەن ساياھەتكە بارغاندا، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا توكيو رايونىدا ئوقۇۋاتقان ۋە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئۆزۈم ناسادا قىلىۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا بىر مەيدان ئىلمىي دوكلات بەردىم. بۇنىڭغا سىڭلىمىز پاتىگۈل ۋە يولدىشى خەمىت ئوسمانمۇ قاتناشتى.  بۇ رەسىم شۇ قېتىم يىغىن زالىدا خاتىرە ئۈچۈن تارتىلغان.  ئالدىنقى قۇر ئوڭدىن 4-كىشى سىڭلىمىز پاتىگۈل بولىدۇ.

پاتىگۈل ناھايىتى ئوچۇق مىجەز، باشقىلار بىلەن ئاسانلا يېقىنلىشىپ ئۆتەلەيدىغان تىپتىكىلەردىن بولغاچقا،  ياپونىيەگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر تۈرك رېستورانىدا سائەتلىك ئىشلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ، ۋە تۈرك تىلىنى ئۆگىنىۋالىدۇ.  شۇ چاغدا يېتىلدۈرگەن تۈرك تىلى قابىلىيىتى ئارقىلىق توكيودىكى تۈرك دوستلىرى بىلەن ئورناتقان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.  ھەمدە شۇ ئارقىلىق توكيو رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئاز بولسىمۇ يىغىلىپ، تۈركچە ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتلىرىدە تۈرك ئۇستازلار قىلغان سۆھبەت  نۇتۇقلىرىنى خانىم-قىزلىرىمىز ئۈچۈن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىش شەرىپىگە ئىگە بولدى.  ھەر شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان تۇرمۇش، ئائىلە، بالا تەربىيىسى ۋە ئەخلاق قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى سۆھبەتلەر بىر تەرەپتىن پاتىگۈلنىڭ ئۆزىگە زور بىلىم ئىگىلەش پۇرسىتى بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا خالىسانە خىزمەت قىلىش پۇرسىتى بولۇۋاتقان بولۇپ، مۇشۇنداق ئەھۋالدىن بۇ ئوت-يۈرەك سىڭلىمىز ناھايىتى زور خۇشاللىق ھېس قىلىۋاتىدۇ.  

 
مەن شۇ قېتىم دوكلات بېرىۋاتقان بىر كۆرۈنۈش.  ئوتتۇرا-قۇر يىراقتىن 2- ۋە 3-كىشىلەر پاتىگۈل ۋە ئۇنىڭ يولدىشى خەمىت ئوسمان بولىدۇ.  
«ئۇيۇل پاي-ھەسسىدارلىق شىركىتى» نىڭ تىجارەت ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرى تاشقى سودا مەسلىھەت مۇلازىمەتچىلىكى، ئۇيغۇر رايونىدىن ۋە باشقا چەت ئەللەردىن ياپونىيەگە ئوقۇشقا كېلىش رەسمىيەتلىرىدىكى مەسلىھەتچىلىك ۋە مۇلازىمەت قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.  بۇ شىركەت يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ياپونىيەدەك يۇقىرى ئىستېماللىق ئەللەردە تۇرالغۇ ئۆي ئىزدەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  بۇ شىركەتنىڭ ئادەمنى ئەڭ خۇرسەن قىلىدىغان ئەڭ يېڭى بىر خالىسانە مۇلازىمەت تۈرى يېقىندا ئېلان قىلىنغان بولۇپ،  مەن ئۇنى 5-، 6- ۋە 7-رەسىم سۈپىتىدە ماقالىنىڭ ئاخىرىدا قىستۇرۇپ قويدۇم.  يەنى، پاتىگۈلنىڭ شىركىتى چەت ئەللەردە تېخى ھېچ بىر شىركەت ياكى شەخس قىلىپ باقمىغان ئانا تىل كىتاب خەزىنىسى قۇرۇش، ۋە بۇ خەزىنىدىكى كىتابلارنى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تىلى كىتاب خۇمارلىرىغا ئازراق خىراجەت بىلەن ئارىيەتكە بېرىش ئىشىنىمۇ قىلماقچى.  پاتىگۈلنىڭ ھازىرقى پىلانى  كىتابلارنى ئارىيەتكە بېرىش ھەققىدىن يىغىلغان بارچە ساپ كىرىمنى يىغىپ، ئۇ مەلۇم نىسبەتكە يەتكەندە بىر «ئۇيۇل ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» تەسىس قىلىش.  ئاشۇنداق مەقسەت بىلەن پاتىگۈل ۋەتەندىن ئەڭ نادىر ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئەكەلدۈرۈپ،  ئۇلارنى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئارىيەتكە بېرىشتەك مۇلازىمەتنى يولغا قويدى.  بۇ مۇلازىمەت پاتىگۈل ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتە ناھايىتى ئاز قىممەت يارىتىشى مۇمكىن.  ئەمما پاتىگۈلنىڭ قارىشىچە كىتاب بىلىم بۇلىقى بولۇپ، ئۇ «ئانا تىلىمىز تاشلىنىپ قالمىسۇن»، دېگەن ئىدىيىدە ئاز بولسىمۇ كىتابقا مەبلەغ سېلىپ، بۇ ياقا يۇرتتا ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ئۆزىنىڭ كىتاب خەزىنىسىنى بىر مەڭگۈلۈك نەرسە سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. پاتىگۈل ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ھەقىقىي  مەقسىتى، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ روھىي بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش، خىزمەت، ئائىلە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش،  ۋە بالىنى ياخشى تەربىيىلەش جەھەتلەردە يات مىللەتنىڭ ئىلغار يەرلىرىنى ئۆگىنىپ، ھازىر ئۇيغۇرلاردا بار بولغان ئىلغار ۋە ئىلمىي ئىدىيىلىك كىتابلاردىن مەنىۋى ئوزۇق ئېلىپ ، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇپ، بالىلىرىغا ئۇيغۇر چۆچەكلىرىنى ئاڭلىتىپ، ئۇلارنى بىر مۇكەممەل ئۇيغۇرلۇق ئېڭى بىلەن قاتارغا قوشۇشىغا ئازدۇر-كۆپتۈر ياردەمدە بولۇش ئىكەن.  

سىڭلىمىز پاتىگۈل مۇنداق دەيدۇ: «مەن 17 يېشىمدىلا جەمئىيەتكە خىزمەتكە چىقىپ، نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم.  مەن ئۇلارغا چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن. دۇنيادىكى  ئىنسانلار مەن ئۈچۈن پەقەت 2 تىپقىلا بۆلىنىدۇ:  بىرى ياخشى ئادەملەر، يەنە بىرى ئەسكى ئادەملەر.  ئىشىنىمەنكى، ياخشىلارنىڭ سانى ئەسكىلەرنىڭكىدىن ھەر زامان كۆپ كېلىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا ھەمراھ قىلغان سۆزۈم شۇكى، ئىنسان ئەتراپىدىكى بىر ئەڭ كىچىك گىياھقىچە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياشايدىكەن، ئۇ ئىنساندا ئۈمىد بار.  ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ ئىنساننىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدا ئۈمىد يوق.»

پاتىگۈل ئاخىرىدا كەلگۈسىدە چوقۇم  ئوقۇش پىلانى بارلىقىنى، ئەگەر ئاللاھ پۇرسەت ئاتا قىلسا، مەيلى قانچە ياشقا كىرىپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە چوقۇم بىر بىلىمدار بولغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.


سىڭلىمىز پاتىگۈل يېقىندا ئۆزىنىڭ فېيىسبۇك تېمىدا ئېلان قىلغان «كىتاب ئوقۇش يىلى ۋە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار» دېگەن چاقىرىقنامىسىنىڭ 1-بېتى.



«كىتاب ئوقۇش يىلى ۋە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار» دېگەن چاقىرىقنامىنىڭ 2-بېتى.



«كىتاب ئوقۇش يىلى ۋە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار» دېگەن چاقىرىقنامىنىڭ 2-بېتى.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار