ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

تېببىي پەنلەر دوكتۇرى مۇتەللىپ ھامۇت (ئاۋسترالىيە)

ۋاقىت : 2015-07-13 12:03 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

تېببىي پەنلەر دوكتۇرى مۇتەللىپ ھامۇت (ئاۋسترالىيە)

بىلىمخۇمار

دوكتۇر مۇتەللىپ ھامۇت ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇتەللىپ كېچىكىدىنلا ئىنتايىن تىرىشچان بالا ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا ئوقۇتقۇچى ئاپىسىنىڭ ياردىمىدە ساۋاتىنى چىقىرىپ ھەم نۇرغۇن دەرسلىكلەرنى ئۆگىنىپ بولغاچقا، ئۇ 1-يىللىققا كىرىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىنلا سىنىپ ئاتلاپ، باشلانغۇچ مەكتەپنى 3-سىنىپتىن باشلاپ ئوقۇيدۇ. 1985-يىلى ئونسۇ ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ نېفىت مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. مۇتەللىپ كىچىكىدىنلا تىل ئۆگىنىشكە ناھايىتى قىزىقاتتى. شۇڭا ئۆزىنىڭ شىنجاڭ تاشقى سودا مەكتىپىدە ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇش باشلاپ بىر ئايدىن كېيىن، بۇ مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، يۇرتىغا قايتىپ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشنى باشلايدۇ.  مۇتەللىپ باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكۈچە ئىزچىل ھالدا سىنىپىنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتى، ۋە دەرستىن سىرتقى خىمىيە گۈرجىكىدە باش تەشكىللىگۈچى ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

مۇتەللىپ 1988-يىلى ئونسۇ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كېچە-كۈندۈز ئىخلاس بىلەن تېرىشىدۇ. ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدا خەنزۇ تىلىدا 97 نومۇر (تولۇق نومۇر 100 نومۇر ئىدى) ئالغان بولغاچقا، 1-يىلى تەييارلىق سىنىپىدا خەنزۇ تىلى تېز سىنىپقا تاللىنىدۇ.  ئۇ كەسپى خەنزۇ تىلى ۋە كەسپى تېببىي دەرسلەرنى تېرىشىپ ئۆگەنگەندىن سىرت، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە بولغان ئىشتىياقىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەر كۈنى ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. دەرستىن سىرتقى ئىنگلىز تىلى كۇرسلىرىغا قاتنىشىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن سەھەردە ئىنگلىزچە خام سۆزلەرنى يادلايدۇ. چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئالدى بىلەن مەكتەپ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ، «جۇڭگو كۈنلۈك گېزىتى» (چىنا دائىلي) ۋە «ئىنگلىز تىلى دۇنياسى» (ئەڭلىش ۋورلد) نى ئوقۇيدۇ. شۇ سەۋەبتىن دائىم ئاشخانىدا ئېشىپ قالغان تاماقلارنى يېيىشكە رازى بولىدۇ. مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقنىڭ تۈرتكىسىدە،  1993-يىلى 12-ئايدا دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجىدىن ئۆتىدۇ.  بۇ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخىدىكى ئانا تىل بىلەن ئالىي مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى  تۇنجى رېكورت ئىدى. ئارقىدىنلا، يەنى 1994–يىلى 1–ئايدا، مۇتەللىپ دۆلەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلار ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخىدىكى تۇنجى ئانا تىل بىلەن ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ماگىستىرلىققا ئۆتكەن 2 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولىدۇ (يەنە بىرى ئاياللار ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرى گۈزەلنۇر ئابلىز). بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىنگلىز تىلى دەرسى ئۆتۈلمەيتى. لېكىن، ماگىستىرلىققا كىرىش ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىدا چوقۇم لاياقەتلىك بولۇش تەلەپ قىلىناتتى.  ئۇنىڭدىن سىرت سىياسەت دەرسلىرى ئانا تىلدا ئۆتۈلگەن بولسىمۇ، دۆلەتلىك ماگىستىرلىققا كىرىش ئىمتىھانىدا سىياسەتنى خەنزۇ تىلىدا بېرىش تەلەپ قىلىناتتى. قالغان 3 ئىمتىھان تۈرى تېببىي كەسپىي پەنلىرى ئىدى. تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخىرقى يىلى ئوقۇغۇچىلار دوختۇرخانىلاردا ئەمەلىي پراكتىكا بىلەن ناھايىتى ئالدىراش ئۆتىدىغان بولسىمۇ، مۇتەللىپ قىسقىغىچە نەچچە ئاي ئىچىدە ئۆزىنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىقى بىلەن، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخىدا 2 چوڭ بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەر كېيىنكى يىللىق ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر ئىلھام ۋە تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى 2-3 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ماگىستىرلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ ماڭدى، ۋە بۇ قوشۇن داۋاملىق زورايدى.

مۇتەللىپ يەنە 1994–يىلى شۇ قاراردىكى 125 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە ئىلمىي نەتىجىسى 1–بولۇپ ئوقۇش پۈتتۈردى. ئۇ 1994-يىلىدىن 1998–يىلغىچە داڭلىق يۈرەك كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى روزى ھاجى مۇھەممەدنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يۈرەك كېسەللىكلىرى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تاماملايدۇ. بۇ جەرياندا 1995-يىلى  مۇتەللىپ يەنە دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى 6-دەرىجىدىن ئۆتىدۇ. بۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخىدىكى يەنە بىر يېڭى رېكورت ئىدى.  مۇتەللىپ ماگىستىر تەتقىقاتىنى خوتەندە ياشانغان ئۇيغۇرلاردىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلمىي زھۇرناللاردا ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا يۈرەك كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدۇ. خىزمەت جەرياندا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن توختىماي  ئىزدىنىدۇ. ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە ئوقۇماقچى بولغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان تىل ئىمتىھانى TOEFL  ۋە GRE  قاتارلىقلاردا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ، ھەمدە ئامېرىكا ۋە كانادادىكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇش چاقىرىقلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. بىراق، تېببىي پەنلەردە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەكمۇ چەكلىك بولغاچقا، ھەمدە ئۆز ئىقتىسادى بىلەن ئوقۇش يار بەرمىگەچكە، يۇقارقى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا بېرىشقا ئامالسىز قالىدۇ.

مۇتەللىپ 2000-يىلى دۆلەتلىك سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرىدىغانلار ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىدا ئاپتونوم رايون بويىچە بىرنچى بولىدۇ، ھەمدۇ. ھەمدە  ياپونىيەگە بېرىپ بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. لېكىن  ئىنگلىز تىلى قوللىنىدىغان دۆلەتلەرگە بېرىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغاچقا، ياپونىيەگە بېرىشنى رەت قىلىدۇ. ئۇ ئاخىرى، 2002-يىلى  خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى (ۋھو) ئوقۇش مۇكاپاتىغا  ئېرىشىدۇ. بۇ مۇكاپاتقا مەملىكەت بويىچە ئارانلا 26 كىشى تاللانغان بولۇپ، مۇتەللىپ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە تاللانغان بىردىن-بىر نامزات ئىدى.  مۇتەللىپ 2003-يىلى 4-ئايدا ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنىي شەھىرىگە كېلىپ Prince of Wales دوختۇرخانىسىدا 6 ئايلىق يۈرەك كېسەللىكلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشنى باشلايدۇ. 2004-يىلى، بۇرۇنقى ئەلا ئوقۇش ۋە تەتقىقات  نەتىجىلىرى ۋە يۇقىرى ئىنگلىز تىلى نەتىجىلىرى بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا (Endeavour International Postgraduate Research Scholarship:IPRS) ئېرىشىپ، Newcastle ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلايدۇ.  شۇ يىلى Newcastle ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار پەقەت 6 كىشى بولۇپ، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئومۇمى سانى 6 مىڭدىن ئاشىدۇ). ئۇ يۈرەك تاجسىمان قان تومۇر ئايلىنىشىنىڭ كونترول مېخانىزمى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. بۇ جەرياندا ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئاۋسترالىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. مۇتەللىپ 2009–يىلى يۈرەك قان تومۇر فىزىئولوگىيە كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالىدۇ.
مۇتەللىپنىڭ دوكتۇرلۇق يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور تونى كۋايىل (توني قۇئائىل)  بىلەن 2009-يىلى 6-ئايدا گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا.

مۇتەللىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، دوختۇرلۇق كەسپىگە قايتىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغاچقا، دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتىدىن ۋاز كېچىپ، 2010–يىلى ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىنى (ئامك) نەتىجىلىك تاماملايدۇ. (ئامك ئىككى باسقۇچلۇق ئىمتىھان بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچ تېببىي ئاساسىي پەنلەر ۋە بارلىق كلىنىكىلىق پەنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ كلىنىكىلىق ئەمەلىيەت ئىمتىھانى. ئامك ئامېرىكىنىڭ دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانى ئۇسملا بىلەن باراۋەر). مۇتەللىپ 2011-يىلىدىن ھازىرغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سىدنىيدىكى Westmead، Liverpool ۋە Royal Prince of Albert قاتارلىق دوختۇرخانىلىرىدا خىزمەت قىلدى. ئۇ ئوتكەن يىلدىن باشلاپ ئىچكى كېسەللىكلەر كەسپىنىڭ باش ۋراچلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ.  ئۇ ھازىر ئايالى رىزۋانگۈل خېلىل، قىزلىرى رەنا ۋە لالە لەر بىلەن سىدنىيدا تۇرىدۇ.
مۇتەللىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇشكەن سۈرىتى.

مۇتەللىپ كىچىكىدىنلا پەقەت مەقسەت ۋە نىشان ئېنىق بولسىلا، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغانلىقىغا  چەكسىز ئىشىنەتتى. يەنى ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى ئىنگلىزچىدىكى: «نىيەت بار يەردە، ئامالمۇ بار» (There is a will, there is a way) دېگەن ئەقلىيە سۆزىدۇر.

مۇتەللىپ ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ياشلاردىن ئاۋسترالىيەگە كېلىپ دوختۇرلۇق قىلماقچى بولغانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى، خالىس مەسلىھەت بېرىشنى خالايدۇ. ئەگەر ئىنىمىز مۇتەللىپ بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئىستىسىڭىز، مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ: bilim.humar@yahoo.com

تۆۋەندىكىسى دوكتۇر مۇتەللىپ ھامۇت ئىنىمىزنىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلغان ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشتۇرغان ماقالىلىرىنىڭ تىزىملىكى:

Journal Articles:

[1] Mutalip Hamut, Rozi Haji, He Bingxian (2000). A case control study on the levels of lipid, fasting glucose, fasting insulin and sex hormones of hypertension in among elderly Uyghur people in Hetian, Xinjiang. Chinese Journal of Epidemiology,  21(5): 359-361.

[2] Mutalip Hamut, Rozi Haji (2000). Insulin resistance, hyperinsulinemia and hypertension. Journal of Xinjiang Medical University,  23(4): 375-377.

[3] Mutalip Hamut, Rozi Haji, He Bingxian (2000).  A study on the risk factors of hypertension in the elderly Uyghur people. Journal of Xinjiang  Medical University, 23(2): 118-121.

[4] Hamut M, Haji R, He BX (2002). A case control study on the risk factors of hypertension in the elderly Uyghur people. Journal of American College of Cardiology, 39 (suppl B): 469; conjunction with the Fourteenth World Congress of Cardiology (Sydney, Australia,  May 2002).

[5] Hamut M, Quail A, Cottee D, Seah P, McLeod D, Blake R, and White S. Vagal-cholinoceptor control of coronary circulation in sheep. Clin. Exp. Pharmacol. Physiol  Manuscript in preparation.

[6] Hamut M, Quail A, Cottee D, Seah P, McLeod D, Blake R, and White S. Mammalian differences in baroreflex control of coronary conductance. Am. J. Physiol (Heart Circ.).  Manuscript in preparation.

Conference:

Oral presentation:
[7] Hamut M, Quail A, Cottee D, Seah P,   McLeod D, Blake R, White S (2007). Baroreflex-autonomic control of regional coronary blood flow conductance in awake sheep. Australian Physiological Society Annual Meeting, Newcastle, Australia; Proc. Au.P.S. 38: 65P .

[8] Hamut M, Quail A, Seah P, McLeod D, Blake R, Cottee D, White S (2009) Cholinoceptor control differences do exist in the coronary circulation of Mammals. 6th Congress of the International Society for Autonomic Neuroscience (ISAN), Sydney, Australia, 1-4 September, 2009.

[9] Hamut M, Quail A, Cottee D, Seah P, McLeod D, Blake R, White S (2009) Evolutionary differences in baroreflex control of mammalian coronary conductance.  6th Congress of the International Society for Autonomic Neuroscience (ISAN), Sydney, Australia, 1-4 September, 2009.

Poster presentation:
[10] Hamut M, Quail A, Cottee D, Seah P, Blake R, White S, McLeod D, Bishop R (2006). Development of a chronic sheep model for the study of regional coronary control mechanisms. Experimental Biology Meeting, San Francisco, USA; FASEB Journal, 20: A1398.

[11] Hamut M, Quail A, Cottee D, Seah P, McLeod D, Blake R, White S (2008). Effects of evoked acute and steady-state high blood pressure on control of right and left coronary blood flow and conductance in awake sheep. 18th Scientific Meeting of European Society of Hypertension and 22nd Scientific Meeting of International Society of Hypertension, Berlin, Germany; Journal of Hypertension 2008, Vol. 26 (suppl. 1): S272.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار