ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

ئاياللار ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوكتورى- نۇرسىمانگۈل يۈسۈپ (ياپونىيە)

ۋاقىت : 2015-07-13 12:56 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

ئاياللار ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوكتورى- نۇرسىمانگۈل يۈسۈپ (ياپونىيە)

بىلىمخۇمار



سىڭلىمىز نۇرسىمانگۈل يۈسۈپ
نۇرسىمانگۈل يۈسۈپ 1981-يىل غەربىي جەنۇبى تارىم نېفىتلىكىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ بىرلا ئىنىسى بولۇپ، باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنى غەربى جەنۇبىي تارىم نېفىتلىكىدە بىرگە ئۆتكۈزگەن بۇ ئىككى قېرىنداش بىر بىرىگە بەكمۇ ئېجىل-ئىناق ئىدى.

ئۇنىڭ ھاياتىغا دادىسى يۈسۈپجان ئاكا بەكمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، يۈسۈپجان ئاكا ئىنتايىن تەلەپچان، ئەستايىدىل ئادەم بولسىمۇ، ھېچقاچان بالىلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىمايتتى. ئىلمىي تەربىيىنى ئاساس قىلاتتى. ئۇ دائىم «سىلەر ياشايدىغان دەۋر تولىمۇ رىقابەتكە تولغان بولىدۇ. قاتتىق تىرىشىپ ئوقۇپ بىرەر ئىقتىدارنى يېتىلدۈرمىسەڭلار، جەمئىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرالمايسىلەر. ياخشى ئوقۇڭلار بالىلىرىم» دەپ نەسىھەت قىلاتتى. گۆدەك نۇرسىمانگۈل گەرچە بۇ گەپلەرنى چۈشىنىش يېشىدا بولمىسىمۇ، سەبىي كاللىسىدا ياخشى ئوقۇمىسام بولمايدىكەن، دېگەن ئاڭ بالىلىق چاغلىرىدىلا شەكىللەنگەن ئىدى، ۋە ھەر ۋاقىت ئالدىنقى قاتاردا ياخشى نەتىجە ئىلىپ ئوقۇشقا تىرىشاتتى. ئۇنىڭغا يەنە بىر ئىش زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. دادىسى يۈسۈپجان ئاكا 1970-يىللاردا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇيالمىغان ئىدى. يۈسۈپجان ئاكىنىڭ «سىلەرنىڭ تىرىشىپ ئوقۇپ، چوڭ بولغاندا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشۇڭلارنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن» دېگەن سۆزى دادىسىنى ھاياتىنىڭ قەھرىمانى دەپ بىلىدىغان نۇرسىمانگۈلنىڭ سەبىي قەلبىدە دادىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر ئىستەكنىڭ بىخ سۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان ئىدى. نەتىجىدە ئۇ ئۈن-تىنسىز تىرىشىشقا باشلىدى. بۇ غايە ھەر زامان ئۇنىڭغا ئىلھام بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆز يېشىغا ماس بولمىغان بىر خىل تىرىشچانلىق ۋە رىقابەت ئېڭىنى شەكىللەندۈردى. باشلانغۇچتىن باشلاپلا سىنىپ بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا ئوقۇش ئۈچۈن، ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆيدىكىلەرگە تەسىر كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئىشىك ئالدىدىكى يول چىرىغىنىڭ ئاستىدا تېكىستلەرنى يادلايدىغان، دەرسلەرنى ئالدىن ئۆگىنىپ ماڭىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈردى. مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرى ۋە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىدە داۋاملىق بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىدى.

غەربىي جەنۇبى تارىم نېفىتلىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پوسكام ناھىيىسىگە جايلاشقان بولۇپ، 90-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە دوختۇرخانىدىن بىرسىلا بولۇپ، ئېغىرراق كېسەللىكلەرنى داۋالاش شارائىتى يوق، دوختۇرلارمۇ كەمچىل ئىدى. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندا، نۇرسىمانگۈلنىڭ دادىسى ئاغرىپ قېلىپ ئۈرۈمچىدە ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا توغرا كەلدى. يۈسۈپجان ئاكا ئەر- ئايال ئىلاجسىز يۈرەك پارىلىرىنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قالدۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە داۋالىنىشقا ماڭدى. ھېچقاچان ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بۇ قىز دادىسىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلدى، ۋە ئەگەر يۇرتىدا ئۇستا بىر دوختۇر بولغان بولسا بەلكىم ھېچكىمنىڭ يىراق يەرگە بېرىپ كېسەل داۋالىتىشىغا ھاجىتى چۈشمەس ئىدى، دەپ ئويلىدى، ھەمدە چوڭ بولغاندا دوختۇر بولۇپ، يۇرتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنى قەلبىگە پۈكتى، ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىپ ئوقۇدى.

تىرىشچانلىق ئاخىر مېۋە بەردى. 1999-يىلى يۇقىرى نومۇر بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. ئاچىسىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىنىدىن ئىنىسى ئەنۋەرجانمۇ بەك خۇش بولدى، بىراق كىچىكىدىن تارتىپ ئاچىسىدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلىپ باقمىغان ئەنۋەرجان ئۈچۈن ئاچىسىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىش ئېغىر كەلدى، ۋە «خەپ، مەنمۇ تىرىشىپ ئوقۇپ، ئاچام ئۆتكەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتمەي قويمايمەن» دەپ ئۆز ئۆزىگە ۋەدە بەردى. شۇندىن باشلاپ ئۇمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتى.

نۇرسىمانگۈل ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئەتىگەنلىرى سەھەر تۇرۇپ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى ئادىتىگە ئايلاندۇردى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە ئىنگلىزچە رومانلارنى ئوقۇپ تەرجىمە قىلالايدىغان سەۋىيىگە يەتتى. ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدىن باشلاپ، ئىنگلىز تىلىدا ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇش راسخوتىنى ئۆزى غەملىيەلىگۈدەك شارائىتنى ھازىرلىدى ۋە ئۇدا ئۈچ يىل ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ، سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ئوقۇدى. شۇ كۈنلەردە يۈسۈپجان ئاكا ئائىلىسىگە يەنە بىر خۇشاللىق نېسىپ بولدى. ئەنۋەرجاننىڭمۇ تىرىشچانلىقى مېۋە بېرىپ، ئۇمۇ ئاچىسى ئوقۇۋاتقان شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىگە يۇقىرى نومۇر بىلەن قوبۇل قىلىندى. بۇ ئامراق ئاچا-ئىنى ئىككىيلەن ئالىي بىلىم يۇرتىدا يەنە قايتا جەم بولدى.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ كىتابخانىدا ماتېرىيال ئىزدەۋېتىپ تۇيۇقسىز «بىزنىڭ دوكتورلىرىمىز» دېگەن كىتابنى كۆرۈپ قالدى، ھەمدە دەرھال سېتىۋېلىپ ياتاققا قايتىپ قايتا-قايتا تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى. كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان ھەر بىر شەخسنىڭ ئىزگۈ كەچمىشلىرى ئۇنىڭغا بەكمۇ قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇ ئۆزى ئۈستىدە كەسكىن ئويلاندى. ۋاقىت چەكلىك، ھايات قىممەتلىك. قارىغاندا مەن بۇ ئاكا ھەدىلىرىم بېسىپ ئۆتكەن يوللارنىڭ يېرىمىنىمۇ ماڭماپتىمەن، نېمىدېگەن قەيسەر ئادەملەر. مەنمۇ چوقۇم شۇلارغا ئوخشاش تىرىشىپ ئوقۇپ خەلقىمگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈشۈم كېرەك. شۇندىلا پۇشايمانسىز ئەھمىيەتلىك ياشىغان بولىدىكەنمەن. ئۇ كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىر تېببىي تېخنىكا سەۋىيىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ياپونىيەگە بېرىپ ئوقۇش ئىرادىسىگە كەلدى.

2005 -يىلى6-ئايدا ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىدى، ھەمدە شۇ يىلى ئىيۇلدا جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدىكى شەرقىي-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياپون تىلى ئۆگىنىشكە ماڭدى. ئۇ كىرگەن سىنىپتا ياپون تىلى ئاساسى كۈچلۈك بالىلار كۆپ بولۇپ، ياپون تىلى ساۋادىمۇ يوق، ھەرپلەرنىمۇ تونۇمايدىغان ھالەتتىكى بۇ قىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور تىرىشچانلىقى بىلەن سىنىپتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى، ۋە بىر يىلغا قالماي ياپونلۇق مۇئەللىملەر بىلەن بىمالال پاراڭلىشالايدىغان سەۋىيىگە يەتتى. بۇ جەرياندا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنىمۇ تاشلاپ قويمىدى، ۋە شۇ يىلى ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجىدىن ۋە ياپون تىلى 2-دەرىجىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ 2006-يىلى 7-ئايدا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، شۇ يىلى 9-ئايدا توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھاياتلىق ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ مولېكۇلا بىئو-خىمىيىسى (Molecular Biochemistry) كەسپىگە تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلىققا قوبۇل قىلىندى. ئۇ ياپونغا يولغا چىقىش ئالدىدا ئىنىسى ئەنۋەرجان: «ئاچا، مەن ھەقىقەتەن سىزدىن پەخىرلىنىمەن، يەنە سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمنى ئويلىسام كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولىدۇ، بىراق سىزدىكى جاسارەت ماڭا ئەمدى نېمە قىلىش، قايسى يولدا مېڭىشنى ياخشى كۆرسىتىپ قويدى» دېدى. شۇندىن باشلاپ ئۇمۇ سەھەر تۇرۇپ ، كەچ يېتىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتى.

ياپونغا كەلگەن دەسلەپكى ئىككى يىل جەريانىدا نۇرسىمانگۈل شەخسلەرنىڭ DNA تەكشۈرۈپ بېكىتىش (個人識別DNAの鑑定) دېگەن تېمىدا تەتقىقات ئىلىپ باردى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ تىرناق ۋە چاچ ئەۋرىشكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىرسىي ئۇچۇر بىلەن تۇغما كېسەللىكلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر تەتقىقات ئىلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى توپلىدى.



2006-يىلى توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور تاناكا ئەپەندى ۋە ساۋاقداشلىرى
2007-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭغا قايتىپ توي قىلدى. 2008-يىلى يولدىشىمۇ توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇچۇر فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئىككىسى بىرلىكتە ياپونىيەدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ ياپونىيەگە كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بالىلار مېڭە پارالىچ كېسەللىكلىرىگە ئائىت تەتقىقات جەھەتتە ئىزدىنىپ بېقىشنى نىيەت قىلغان ئىدى. كىيىن ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ياپونىيەدە مېڭە پارالىچ كېسىلى بولغان بالىلار سانىنىڭ شىنجاڭدىكىنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدى، ھەمدە تۇغۇت جەريانىدا ھامىلىنى ياخشى كۆزىتىش ۋە ھامىلىدارلىق جەريانىدىكى قەرەللىك تەكشۈرتۈشكە ئەھمىيەت بەرگەندە بالىلاردىكى پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىنى، بالىلار مېڭە پارالىچ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۇنى داۋالاشتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئاياللار كېسەللىكلىرى ئىلمىدە ئوقۇسا ھەم ئاياللار كېسەللىكلىرى ھەمدە تۇغۇتقا دائىر كۆپ دائىرىلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىش پۇرسىتىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يىتىپ، ئاياللار كېسەللىكلىرى ئىلمىدە ئوقۇش قارارىغا كەلدى. بىراق ياپونىيەدە ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى كەمچىل بولۇپ، دوختۇرلار كىلىنىكىلىق داۋالاشقا كۆپ ۋاقىت ئاجراتقانلىقتىن، ئوقۇغۇچى تەربىيىلەشكە ۋاقتى يېتىدىغان يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تېپىش تولىمۇ تەسكە توختايتتى. شۇنداقتىمۇ ياپونىيەدىكى ئوندىن ئارتۇق ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورلىرى بىلەن ئالاقە قىلغان بولسىمۇ، پەقەت ئىككىلا مەكتەپتىن، يەنى كيۇشيۇ ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتى بىلەن جۇنتېندو ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورىدىن ئالاقە تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ قايسى مەكتەپتە ئوقۇش ئۈستىدە كۆپ ئويلاندى. مەكتەپنىڭ بىرى توكيودا، يەنە بىرى باشقا بىر ئۆلكىدە ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئالدى بىلەن كيۇشيۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ كيۇشيۇغا قاراپ يولغا چىقتى. كيۇشيۇ بەكمۇ گۈزەل بولۇپ، مەكتەپ سەل شەھەر سىرتىدا بولغاچقا، ماشىنىلىق بېرىشقا توغرا كېلەتتى. ياپونلۇق پروفېسسور شۇنچە يىراق يىپەك يولىدىن كەلگەن بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ ياپون تىلىدا ئۆزى بىلەن قىلچە تەمتىرىمەستىن خۇددى ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەۋاتقاندەك پاراڭلىشىۋاتقىنىدىن بەكمۇ ھەيران قالدى، ھەمدە قىزغىنلىق بىلەن مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. نۇرسىمانگۈلگە بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ قالسا، ئوقۇشى تۈگىگىچە ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالايدىغانلىقىنى، ھەم ئۆزلىرىنىڭمۇ ھەر قايسى جەھەتتىن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. نۇرسىمانگۈل كيۇشيۇدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىر يەنىلا ياپونىيەدە تۇنجى 175 يىللىق تارىخقا ئىگە ھەمدە ئاياللار كېسەللىكلىرى ئىلمى بويىچە ئەڭ داڭلىق جۇنتېندو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش قارارىغا كەلدى. يىللاردىن بۇيانقى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، تىرىشچانلىق ئاخىر مېۋە بەردى . باشقا پروفېسسور ۋە باشقا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياپون تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدا بويىچە يۈز-تۇرانە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ياپون تىلى بىرىنچى دەرىجىدە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلىكى، ھەمدە ئىنگلىزچە سەۋىيىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇنتىندو ئۇنىۋىرسىتېتى كىلىنىكىلىق داۋالاش فاكۇلتېتى ئاياللار كېسەللىكلىرى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا يېزىقچە ئىمتىھان كەچۈرۈم قىلىنىپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىندى، ھەمدە شۇ يىلى ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى تەسىس قىلغان ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قوشۇلۇپ بالىياتقۇ راكىغا دائىر تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كەتتى. بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئىگىلىگەن بىلىمىنىڭ ياپونلۇق ئوقۇغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا بەكمۇ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ياپونلارنىڭ ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ھەمدە بىلىم دائىرىسى تولىمۇ كەڭ قاتلاملىق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپتىن باشلاپلا تەتقىقاتنى باشلايدىكەن. ئاساسىي بىلىم قۇرۇلمىسى ناھايىتى پۇختا بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكىگە ئوخشاش يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ھەممە ئىشىغا يېتەكچىلىك قىلماستىن، ھەپتىدە بىر قېتىم پىكىرلىشىپ، قالغان ۋاقىتتا پۈتۈنلەي ئۆزىگە تايىنىپ ئىنگلىز تىلىدىكى ماقالىلەرنى كۆرۈش، تەتقىقات پىلانىنى ۋە بۇندىن كېيىنكى قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئۆزى تېپىپ قىلىش مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق تەتقىقاتنى مۇستەقىل قىلىشقا يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. نۇرسىمانگۈلگە دەسلەپتە بەك تەسكە توختىدى . كۈنلىرى ھەر كۈنى تەجرىبىخانىلاردا، كۇتۇپخانىلاردا كىتاب دۆۋىسى ئىچىدە ئۆتتى. يېرىم يىل قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىر ياپونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان ھالەتكە كەلدى. ئىنىسى ئەنۋەرجانمۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە بىر يىل ئىنگلىز تىلى ئۆگەندى. بۇ جەرياندا ياپون تىلى ئۆگىنىشنىمۇ قولدىن بەرمىدى. يۈسۈپجان ئاكا ئەر-ئايال دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن يالغۇزلۇق دەردىنى كۆپ تارتتى. بۇ جەرياندا نەچچە قېتىم قاتتىق ئاغرىپ بالنىستتا داۋالاندى. لېكىن بالىلىرىنى ئەندىشىگە سالماسلىق، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارمۇ ئۈن-تىنسىز كۆپ بەدەل تۆلىدى.
يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى نۇرسىمانگۈلدىكى كەسىپكە بولغان بۇ ئوتتەك قىزغىنلىقنى كۆرۈپ، ئۇنى يەنىمۇ ئەتراپلىق تەربىيىلەش ئۈچۈن، بۇندىن كېيىن ئوپېراتسىيىلەرگىمۇ قاتنىشىشنى ئېيتتى. ئۇ شۇنداق قىلىپ پەقەت تەتقىقات بىلەنلا ئەمەس، ئەمەلىيەت بىلەنمۇ ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. تەجرىبىنى تۈگىتىپ ھەرخىل ئاياللار ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە ئائىت ئوپېراتسىيىلەرگە قاتناشقاندىن سىرت يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئامبۇلاتورىيىدە كېسەل كۆرۈشكە باشلىدى، ھەمدە ئەتىگەنلىك ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ دوختۇرخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىغا ياردەملىشىپ، تەجرىبىخانىدا سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. جۇنتىندو ئۇنىۋېرسىتېتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ خىزمەت تەرتىپى مۇنداق ئىدى. ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6~7 گىچە سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن بىمارلاردىن تۇخۇملار ئېلىنىپ تەجرىبىخانىدا پەرۋىش قىلىناتتى. 7~9 غىچە باش پروفېسسورنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلاتتى . 9 دىن باشلاپ بالنىستتا كېسەل كۆرۈش باشلىنىپ، 10 دىن باشلاپ نۆۋەتچى دوختۇرلار ئامبۇلاتورىيىدە كېسەل كۆرسە، قالغان دوختۇرلار ئوپېراتسىيىگە چىقاتتى. ۋاقىتلا بولسا خالىغان بىلىمنى ئۆگىنىش پۇرسىتى كۆپ ئىدى. ئۇ بۇ خىل ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ھەممە بىلىملەرنى تولۇق ئۆگىنىشكە تىرىشتى، ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە ئۇدا تۆت يىل ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان دەسلەپكى ئىككى يىلدا ئۆز تەتقىقاتىدىن باشقا، سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسىنىمۇ مۇكەممەل ئۆگىنىۋالدى. بۇ جەرياندا تۇغماسلىق كېسىلى توغرىسىدىمۇ نۇرغۇن ئىزدىنىشلەرنى ئىلىپ باردى. چۈنكى ئۇ ۋەتەندىكى چاغلىرىدىلا پەقەت راك كېسەللىكلىرىنىلا ئەمەس، ئاياللار ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى ، تۇغماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگەنمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى. 2009-يىلى چوڭ ئوغلىغا ھامىلىدار بولدى. ئۆگىنىش، تەتقىقات ئىشلىرى ئالدىراش بولغاچقا، ھامىلىدارلىق سەۋەبىدىن بەزى تەجرىبىلەرنى ئىشلەش ۋە ئۇزاق ۋاقىت ئوپېراتسىيە كارىۋىتى ئالدىدا تۇرۇشقا جىسمانىي قۇۋۋىتى يار بەرمىدى. بالىسىنى ئامان-ئېسەن يەڭگىۋېلىش ئۈچۈن مەكتەپتىن بىر يىل تۇغۇت دەم ئېلىشى ئىلىپ، تەتقىقاتىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ياپونىيەدە ئالاھىدە سەۋەب بولمىغان ئەھۋالدا، ھەر قانداق ئىشقا ئېتىبار بېرىلمەيتتى. مەلۇم سەۋەب بىلەن خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزۈشكە ۋە باشقىلارغا يۈك بولۇشقا بولمايتتى. ئۇ دەم ئالماي ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرغىچە غەيرەت قىلىپ چىداشنى ئويلىدى، بىراق مەكتەپكە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن كۈنىگە ئۈچ سائەت پويىزدا تۇرۇشقا توغرا كەلگەچكە، ھەر كۈنى ئۆرە تۇرۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كېتەتتى . بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا ھامان خىزمەت تەرتىپىگە تەسىر يىتەتتى . شۇ سەۋەبتىن ئامالسىز ئوقۇشنى بىر يىل توختىتىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. چوڭ ئوغلى تۇغۇلۇپ ئالتە ئايدىن كىيىن، بالىسىنى ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىسىغا قاراشقا تاپشۇرۇپ يەنە دەرھال ياپونغا قايتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى. ئىنىسى ئەنۋەرجانمۇ ئۈرۈمچىدىكى ئىنگلىزچە ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تۈگەتتى. ئەمدىكى ئىش يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئالاقىلىشىشتە قالغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇش تارىخنى ئىنگلىزچە ھەم ياپونچە تەييارلاپ ئاچىسىغا ئەۋەتىپ بەردى. جۇنتېندو ئۇنىۋېرسىتېتى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ باش پروفېسسورى ئەنۋەرجاننىڭ ماتېرىياللىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، « ئۇكىڭىزنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ھەقىقەتەن ياخشىكەن، ئۇمۇ تىرىشسىلا چوقۇم سىزگە ئوخشاش ياخشى ئوقۇپ كېتەلەيدۇ، دەپ قارايمەن. بولىدۇ، مەندە ئوقۇشىغا قوشۇلىمەن، بىراق بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ياپون تىلى دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى كېرەك» دېدى، ۋە كاتىپىغا ئەنۋەرجاننىڭ رەسمىيەتلىرىگە تامغا قويۇپ بېرىشنى تاپىلىدى.
نۇرسىمانگۈل ئاخىر بۇ مېھرىبان، قەيسەر ئىنىسى بىلەن دوكتورلۇقنىمۇ بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى ئويلاپ قەۋەتلا خۇش بوپ كەتتى. يۈسۈپجان ئاكا ئەر-ئايالمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بالىلىرىدىن شۇ قەدەر سۆيۈندى. ئۇزاق ئۆتمەي ئەنۋەرجانمۇ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىپ، ياپونغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ ياپونغا كېلىپ يېرىم يىل كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ياپون تىلى ئىمتىھانىغا پۇختا تەييارلىق قىلدى. ئەسلىدىن تىل ئاساسى ياخشى بولغاچقا ئىمتىھاندىن غەلىبىلىك ئۆتتى، ھەمدە ئارقىدىن جۇنتېندو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىمتىھانىغىمۇ قاتنىشىپ ئويلىغىنىدىنمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئامراق ئاچا-ئۇكا بىر مەكتەپتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تىرىشىشقا باشلىدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن تۇرمۇش جەھەتتە بىر بىرىگە يار يۆلەك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش-تەتقىقات جەھەتتە داۋاملىق بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشاتتى، بىلمىگەنلىرىنى ئۆز ئارا بىرلىكتە ھەل قىلاتتى. 2012-يىلى يىل ئاخىردا نۇرسىمانگۈلنىڭ يولدىشىمۇ ياپونىيە سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانائەت تەتقىقات فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ، ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىندى. ئۇمۇ ئائىلىدە كۆيۈمچان ئەر، مەكتەپتە تىرىشچان ئوقۇغۇچى بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىنى قامداش ئۈچۈن ئوقۇشتىن سىرت ئىشلەش، كۈنىگە تۆت-بەش سائەتلەپ پويىزغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشكە ئوخشاش ئىشلار بۇ ئەر-ئايالنى خېلىلا چارچاتتى. لېكىن بۇ تەستە نېسىپ بولغان ئوقۇش پۇرسىتىنى ئويلاپ، ئۇلار يەنىلا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا قاراپ ماڭدى. مەكتەپكە كىرىپ ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتكەندە نۇرسىمانگۈلنىڭ يولدىشىمۇ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىر ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىمۇ خېلىلا يەڭگىللەپ قالدى. نۇرسىمانگۈل بولسا بىر يېرىم يىل زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئاخىرى دوكتورلۇق ماقالىسىنى يېزىشقا كىرىشتى. ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ تۈگەتكەن ۋاقىتتا ئوغلى ئىككى ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى. ئۇ ۋەتەندىن ئوغلىنى قايتۇرۇپ كېلىپ ، ئۆزى قاراشقا باشلىدى ھەمدە 2012-يىلدىن باشلاپ ياپونىيىنىڭ فۇكۇئوكا، كوبې، شىمانې ۋە توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ماقالىسىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ ، ناھايىتى ياخشى باھالارغا ئېرىشتى. گەرچە بىر نەچچە قېتىم چەت ئەللەردە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش پۇرسىتى كەلگەن بولسىمۇ، بالىسى تېخى كىچىك بولغاچقا ئامالسىز ۋاز كەچتى. 2014-يىلى ئۇنىڭSPAR was overexpressed in human endometrial cancer stem-like cells and promoted migration activity. دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى «Gynecologic Oncology» ناملىق داڭلىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى ھەمدە 2014-يىلى 4-ئايدا ياخشى نەتىجە بىلەن دوكتورلۇق ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ياپونىيە دۆلەتلىك راك تەتقىقات مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ قىلىۋاتقان تەتقىقات تۈرىگە ياردەملىشىپ، راك تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇردى. 2014-يىلى 9-ئايدا ئىككىنچى ئوغلىنى يەڭگىش سەۋەبىدىن يەنە دەم ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. 2015-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىغا ياردەملىشىپ، ياپونىيە دۆلەتلىك راك تەتقىقات مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ قىلىۋاتقان غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇردى. شۇ يىلى مارت ۋە ئاپرېلدا ئۇنىڭ يولدىشى ھەم ئىنىسى دوكتورلۇق ۋە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشلىرىنى غەلىبىلىك تۈگەتتى. ئۇ يېقىن كەلگۈسىدە ۋەتەنگە قايتىپ دوختۇرخانا ئېچىپ، ئاياللار ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە قارىتا داۋالاش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، خەلقىنىڭ ھەقىقىي خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن ئەتراپلىق ئىزدەنمەكتە.


دوكتور نۇرسىمانگۈل يۈسۈپ ئېلان قىلغان ماقالىلەر ۋە قاتناشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى

ئەسكەرتىش : ئاپتورنىڭ باشقا بىر نەچچە تۈرلۈك تەتقىقات تېمىسى ۋە مەزمۇنى دۆلەتنىڭ تەتقىقات تۈرى بولغاچقا، ئاشكارىلاشقا بولماسلىق سەۋەبىدىن ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىدى.




دوكتور ئائىلىسى بىلەن بىرگە (دادىسى يۈسۈپجان ئىبراھىم ئاكا، ئاپىسى نۇرىمانگۈل ئايمۇھەممەت ھەدە، ئىنىسى ئەنۋەرجان بىلەن بىرگە)



ئاتا ئانىسى ۋە ئىنىسى بىلەن يوكوخامادا



كوبېدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش



ئاياللار كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى كيۇشيۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاياللار كېسەللەر بۆلۈمى مۇدىرى، باش ۋىراچ كاتو كىيوكو خانىم، دوكتورنىڭ يېتەكچى ئۇستازى بىلەن بىللە.



ئىنىسى ئەنۋەرجاننىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن كۆرۈنۈشى



ئائىلىسىدىن بىر كۆرۈنۈش (يولدىشى تۇرغۇنجان ياسىن ئەپەندى، چوڭ ئوغلى فىكرەت تۇرغۇن 5 ياش، ۋە كىچىك ئوغلى فېرزاد تۇرغۇن 5 ئاي).



يولدىشى تۇرغۇن ياسىن ئەپەندىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقتى
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار