ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

سۆڭەك كېسەللىكلەر دوكتورى- ئەنۋەرجان يۈسۈپ(ياپونىيە)

ۋاقىت : 2015-07-13 13:00 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم


سۆڭەك كېسەللىكلەر دوكتورى- ئەنۋەرجان يۈسۈپ(ياپونىيە)

بىلىمخۇمار



ئىنىمىز ئەنۋەرجان يۈسۈپ

ئەنۋەرجان يۈسۈپ 1983-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى غەربىي جەنۇبى تارىم نېفىتلىكىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى شۇ يەردە تاماملىغان. دادىسى يۈسۈپجان ئاكىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي كۈندىلىك ئۆگىنىش ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىغىچە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە پەرزەنتلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى ئۇنىڭدا ھەر قانداق ئىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىدىغان، ھەمدە ئاخىرىغا چىقارمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن. ھەدىسىنىڭ تەسىرى، ھەمدە ئۆزىنىڭ شۇ ئەستايىدىل، كىچىكىدىن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا ئامراق، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان خاراكتېرى ئۇنى بارا-بارا يۈكسەك ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان دوختۇرلۇق كەسپىگە قىزىقتۇرغان. ئەنە شۇ قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەدىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ 2002-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپتىكى تىرىشچانلىقى ۋە ئەستايىدىللىقى بىلەن سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئايلىنىدۇ. كەلگۈسىدە بىر ياراملىق تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇش ئارزۇسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۆز نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆزىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويۇپ تىرىشىپ ئوقۇيدۇ. 2006-يىلى ئۇنىڭ ئوقۇش نىشانىدا چوڭ بىر بۇرۇلۇش يۈز بېرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن تا ھازىرغا قەدەر بىر نۇرلۇق ماياك بولۇپ كېلىۋاتقان، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تاكى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكۈچە ئوخشاش مەكتەپتە بىللە ئوقۇپ كەلگەن ھەدىسى نۇرسىمانگۈل يۈسۈپ شۇ يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشنى تاماملايدۇ، ئەمما ئەۋزەل بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى تاشلاپ، ياپونىيەگە كېلىپ داۋاملىق ئوقۇش قارارىنى چىقىرىدۇ. كىچىكىدىن «ئوقۇيمەنلا دېسەڭلار، چوقۇم ۋايىغا يەتكۈچە ئوقۇتىمەن»، دەپ ئىلھاملاندۇرۇپ كېلىۋاتقان مېھرىبان ئاتا-ئانىسى بىر مۇشەققەتتە ئاران جەم بولغاندا چىقىرىلغان بۇ قاراردىن دەسلەپتە نارازى بولغان بولسىمۇ، ئۆز يۈرەك پارىسىنىڭ كۆكتە تېخىمۇ ئېگىز پەرۋاز قىلىشى ئۈچۈن، زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ، ۋە زور ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن يولغا سېلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر تەرەپتىن ھەدىسىنىڭ غەيرىتىگە بولغان قايىللىق شەكىللەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىز بالىنىڭ تىكەندەك يالغۇز، شۇنچىلىك ئىرادە بىلەن يات بىر ئەلگە مېڭىشى تومۇرىدا ئوخشاش بىر دادىنىڭ قېنى ئېقىۋاتقان ئەنۋەردە «مەنمۇ چوقۇم ئوقۇيالايمەن، ھەم ئاچامنى يېنىدا تۇرۇپ قوغدايمەن» دېگەن دەسلەپكى نىشان پەيدا بولىدۇ. شۇ نىشاننىڭ تۈرتكىسىدە ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇشىنىڭ ئاخىرىنى تېخىمۇ تېرىشىپ ئوقۇيدۇ . 2008-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك بۆلۈمىدە پراكتىكا قىلىش جەريانىدا، فىرانسىيەدىن كەلگەن بىر پروفېسسور بىلەن بىللە تىز بوغۇم ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسىگە بىللە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان بۇ ئوپېراتسىيە، شۇنداقلا پروفېسسورنىڭ شۇنچىلىك ئۇستىلىق بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىشى كىچىكىدىن يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان ئۇنى ئۆزىگە شۇنداق قىزىقتۇرىدۇ، ۋە ياپونىيەگە چىققاندىن كىيىن سۆڭەك كېسەللىكلىرى ئىلمىدە ئوقۇش نىشانى شەكىللىنىدۇ، ھەمدە بۇ ئارزۇسىنى ھەدىسىگە ئېيتىدۇ. 2008-يىلى 7-ئايدا تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئەۋزەل خىزمەت پۇرسىتىنى تاشلاپ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كېتىدۇ (دوختۇرلۇق كەسپىدە ئىنگلىز تىلى كۆپرەك ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن). 2009-يىلى 11-ئايدا ھەدىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيە جۇنتېندو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ. تىلىسەڭ تاپارسەن دېگەندەك، ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەتقىقاتىنىڭ دەل ئۇ ئارزۇ قىلغان تىز بوغۇم كېسەللىكلىرى ئۈستىدە بولۇپ چىقىشى ئۇنى شۇنچىلىك خوش قىلغان ئىدى. قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ھەدىسى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ياردىمىدە ئوقۇشقا تېزلا كىرىشىپ كېتىدۇ. رەسمىي ھالدا دوكتورلۇق ئىمتىھانى بېرىش ئۈچۈن بىر يىل تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى بولۇپ تەييارلىق قىلىشقا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا، يېڭى مۇھىت، تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمى ھەر تەرەپتىن قىيناپ تۇرسىمۇ، شۇنچە يىراق جايدا تۇرۇپ ئۆزى جاپا تارتسىمۇ، بۇ بىر جۈپ پەرزەنتى ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلىپ تۇرۇپ قوللاپ كېلىۋاتقان مېھرىبان ئاتا-ئانىسى، شۇنداقلا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچى (ئۇنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئەنۋەر كېلىشتىن بۇرۇن ھەدىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە ھەدىسىنىڭ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقى، ئەنۋەرنىڭمۇ شۇنداق ئوقۇيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى، چۈنكى ئۇلاردا ئوخشاش DNA بارلىقى توغرىسىدا ئېيتقانىدى) ئۇنى ئۈزلۈكسىز تىرىشىشقا ئۈندەيتتى. بىر يىللىق تەييارلىقتىن كىيىن 2010-يىلى 9-ئايدا ئىنگلىز تىلىدا رەسمىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى بېرىدۇ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىپ ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمىدۇ. لېكىن قوبۇل قىلىش شەرتىدە چوقۇم ياپون تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 3-دەرىجە (N3) ىدىن ئۆتۈش شەرت قىلىنغان ئىدى. ئۇ ئىمتىھان 12-ئايدا ئېلىنىدىغان بولۇپ، پەقەت ئىككى ئايلا تەييارلىق ۋاقتى بار ئىدى. مەكتەپتە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەت ياپون تىلى دەرسى ئۆتۈپ بېرىلەتتى. بۇرۇن ياپون تىلى ئۆگىنىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ياپون تىلىنى شۇ دەرسخانىدا ئۆگىنەتتى. شۇ سىنىپنىڭ ياپون تىلى ئوقۇتقۇچىسىدىن مەسلىھەت سورىسا، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى سەۋىيىسىدە N3 ئىمتىھاندىن ئۆتۈشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ كەينىگە يېنىشقا قەتئىي بولمايتتى. بولمىسا يەنە بىر يىل ساقلاشقا توغرا كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئاي كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ ئىمتىھاننى بېرىدۇ. شۇنداق جاپالىق تىرىشىشتىن نەتىجە چىققان ئىدى. ئاشۇنداق جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئۇ ياپون تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنى ھەيران قالدۇرۇپ N3 سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتۈپ، مەكتەپكە رەسمىي دوكتورلۇق پروگراممىسى بويىچە 4 يىللىق تەربىيىلىنىشكە قوبۇل قىلىنىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، 2011-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، «ياشانغانلاردىكى تىز بوغۇم شىللىق پەردە ياللۇغىنىڭ تىز بوغۇم فۇنكسىيىلىك ئۆزگىرىشىدە ئوينىغان رولى ۋە تىز بوغۇم ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلىشنىڭ ئالتۇن پەيتى» توغرىسىدىكى تەتقىقاتى باشلىنىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس تۈزۈلگەن تەتقىقات تېمىسى ئۈچۈن ئامبۇلاتورىيىدە، ئوپېراتسىيەخانىدا كېسەللەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ۋە توقۇلما ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىشقا توغرا كېلەتتى. ئىككى يېرىم يىل ئەۋرىشكە ۋە سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىش نەتىجىسىدە ئاخىرى ستاتىستىكا قىلىشقا يەتكۈدەك سانلىق مەلۇماتلار تەييار بولىدۇ. بۇ جەرياندا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىرلىكتە ئامبۇلاتورىيىدە بىرگە كېسەل كۆرۈپ، ئوپېراتسىيىگە بىرلىكتە قاتنىشىپ، مول تەجرىبىلەرگە ئىگە بولىدۇ. ئەنۋەر ۋەتەندىكى ۋاقتىدا چەتئەلدە دوختۇرلۇق ئوقۇسا كەچكىچە تەجرىبىخانىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېسەللەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمايدۇ، دەپ ئاڭلىغان ۋە مەنمۇ شۇنداق بولارمەنمۇ دەپ ئەندىشە قىلغان. لېكىن، بۇ پۇرسەتلەرگە ئېرىشىپ ئۆزىنىڭ خاتا ئۇچۇرغا ئىگە بولۇۋالغانلىقىنى، ۋە ئارتۇقچە ئەندىشە قىلغانلىقىنى، چەتئەلدىمۇ ھەقىقىي قول سېلىپ ئىشلەش پۇرسىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ.



ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىللە تىز بوغۇم ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسىدىن بىر كۆرۈنۈش

ھەرخىل ستاتىستىكىلىق ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تەتقىقاتىدىن ئاخىرى نەتىجە چىقىدۇ، ۋە بۇ نەتىجىنى 2013-يىلى 4-ئايدا پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بوغۇم ياللۇغى ۋە كۆمۈرچەك كېسەللىكلىرى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئېلان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. يىغىندىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، يەنى دوكتورلۇق ئوقۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى تەتقىقاتىنىڭ ياپونىيە ياشانغانلار كېسەللىكلىرى ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات فوندىنىڭ تەتقىقات ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقى ۋە تەتقىقات ياردەمچىسى مائاشى بېرىدىغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە تىرىشچانلىقىنىڭ ئېتىراپقا ئېرىشكەنلىكىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىدۇ.




پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 2015-يىللىق خەلقئارالىق بوغۇم ياللۇغى ۋە كۆمۈرچەك كېسەللىكلىرى مۇھاكىمە يىغىنىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور Ishijima ئەپەندى بىلەن بىللە

ئاخىرقى يىلىمۇ توختىماي تىرىشىش نەتىجىسىدە تەتقىقاتىنىڭ داۋامى يەنە يېڭى نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكا بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى رادىئاتسىيە بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى، ھازىرقى ماگنىتلىق رېزونانس سىفىرلەش (MRI) تېخنىكىسى ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇش ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى ئەلى.گۇئېرمازى (Ali. Guermazi) ئەپەندىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. شۇنداقلا بۇ يىل 4-ئايدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بوغۇم ياللۇغى ۋە كۆمۈرچەك كېسەللىكلىرى مۇھاكىمە يىغىنىغا يەنە بىر قېتىم تەكلىپ قىلىنىدۇ.



يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە تەتقىقات گۇرۇپپا ئەزالىرى



ئامېرىكىدىكى 2015-يىللىق خەلقئارالىق بوغۇم ياللۇغى ۋە كۆمۈرچەك كېسەللىكلىرى مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكتور Ali.Guermazi ئەپەندى بىلەن بىللە

شۇنداق قىلىپ 2015-يىلى 4-ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ھازىر جۇنتېندو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە دوكتور ئاشتى بولۇپ ئۆز تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.



ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ھەدىسى نۇرسىمانگۈل بىلەن بىللە



ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە

ئىنىمىز ئەنۋەرجان يۈسۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ جەرياندا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار ھەم ئوڭۇشسىزلىقلار شۇنچىلىك كۆپ بولسىمۇ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ. شۇڭا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقان ياشلارغا دەيدىغىنىم، چەتئەلدە ئوقۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىڭىزگە تايىنىش. چۈنكى، چەتئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەر سىزگە بارماقچى بولغان مەنزىلنى ئېيتىپ بەرگەن بىلەن قانداق بېرىشنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز.»

دوكتور ئەنۋەرجان يۈسۈپ ئېلان قىلغان ماقالىلەر ۋە قاتناشقان ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرى

[1] Yusup. A, Kaneko. H, Liu. L, Sadatsuki. R, Hada. S, Kinoshita. M, Futami. I, Kurosawa. H, Shimura. Y, Saita. Y, Takazawa. Y, Ikeda. H, Kaneko. K, Ishijima. M
Synovitis Is Associated With Bone Marrow Abnormality In Patient With End-Stage Knee Osteoarthritis

2014 OARSI World Congress on Osteoarthritis, April 24-27, Paris, France
[2] Yusup. A, Kaneko. H, Liu. L, Sadatsuki. R, Hada. S, K.Kamagata Kinoshita. M, Futami. I, Kurosawa. H, Shimura.Y, Saita. Y, Takazawa. Y, Ikeda. Shigeki Aoki. Kaneko. K, Ishijima. M
Bone marrow lesions, subchondral bone attrition and subchondralbone cysts are associated with histological synovitis in patients with end-stage knee osteoarthritis: A cross-sectional study
2015 OARSI World Congress on Osteoarthritis, April 30-May 3, Seattle, U.S.A

[3] Bone marrow lesions, subchondral bone attrition and subchondral bone cysts are associated with histological synovitis in patients with end-stage knee osteoarthritis: A cross-sectional study.
Anwarjan Yusup, Haruka Kaneko, Lizu Liu, Liang Ning, Ryo Sadatsuki, Shinnosuke Hada, Koji Kamagata, Mayuko Kinoshita, Ippei Futami, Yukio Shimura, Masaru Tsuchiya, Yoshitomo Saita, Yuji Takazawa, Hiroshi Ikeda, Shigeki Aoki, Kazuo Kaneko, Muneaki Ishijima, Osteoarthritis and Cartilage (2015), doi: 10.1016/j.joca.2015.05.017.

[4]  末期変形性膝関節症の滑膜炎と関連する関節内構造変化因子(会議録 )Author:アニワルジャン・ユスプ (順天堂大学 大学院医学研究科整形外科・運動器医学), 石島 旨章, 金子
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار