خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدىكى ئەپلىك چارىلەر

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-07-12 19:47

 
 خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدىكى ئەپلىك چارىلەر

بۈۋىمەريەم مۇھەممەد

    خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ئوقۇتقۇچىدىن زېرىكمەي ئۆگىتىش، ئەستايىدىل يېتەكلەشنى تەلەپ قىلسا، ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ ئوقۇش، كۆپ سۆزلەش، كۆپ ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار تىلنىڭ ئالاقە قوراللىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاسىتە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش شارائىتىنى يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى تېز، توغرا ئۆگىنىشىگە ۋە راۋان سۆزلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى لازىم.

    ئوقۇتقۇچى دەرس باشلانغاندىن تارتىپ ئاخىرىغىچە خەنزۇ تىلىدا سۆزلىسە، ئوقۇغۇچىلاردا خەنزۇ تىلىنىڭ جۈملە قۇرۇلمىسى، سۆزلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىسى ۋە تەپەككۇر قىلىنىشى جەھەتتە مەلۇم سېزىم شەكىللىنىپ، ئۇلارنىڭ دەرس مەزمۇنىنى ياخشى ئىگىلىشىگە ئاساس سالىدۇ ھەم ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس مەزمۇنىنى يەتكۈزۈش جەريانىدا ئىشلەتكەن سۆزلىرى ئارقىلىقمۇ دەرستىن سىرتقى ئەمەلىي بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ. خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ئاساسلىق مەقسەت ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈشلا بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى كەلگۈسىدە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى خىزمەت، تۇرمۇشتا بىمالال ئىشلىتىپ، نەتىجە قازىنالايدىغان قىلىشتىن ئىبارەت. ئومۇمەن، ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا خەنزۇچە سۆزلىگەندىن سىرت، ئوقۇغۇچىلارنىمۇ كۆپرەك خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىشكە دەۋەت قىلىشى كېرەك. بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىپ تۇرۇپ سۆزلىمەسلىك ياكى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالماسلىقتەك ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق.

    ھەر بىر سائەتلىك دەرسنىڭ قۇرۇلمىسى، باسقۇچلىرىمۇ ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئوخشاش بولمىغان ھالقىلاردا ئىشلىتىدىغان سۆزلۈكلەر ئىنتايىن كۆپ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل مۇھىتقا ماسلاشقان ھالدا باشقىلار بىلەن ئاددىي شەكىلدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆز مەقسىتىنى ئۇقتۇرالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش زۆزۈر. ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۆتۈلىدىغان دەرسنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىپادىلەش شەكلىنىڭ جانلىق بولۇشىغا دىققەت قىلىشى، دەرس سۆزلىگەندە، ئېنىق، توغرا، ئىخچام، ئوبرازلىق سۆزلىشى كېرەك. بۇنىڭ دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېز ئەستە قالدۇرۇشىغا ياردىمى بولىدۇ.

    توغرا تەلەپپۇز قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچ. ئوقۇتقۇچىلار ئۈنئالغۇ ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش قوراللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دوراپ تەلەپپۇز قىلىشقا تەشكىللىشى، تەكرار – تەكرار مەشىق قىلدۇرۇشى، تېلېۋىزوردىكى خەنزۇچە پىروگراممىلارنى كۆپرەك كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشى لازىم. دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزئارا خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىشكە شۇنداقلا خام سۆز، تېكىستلەرنى يادلاشقا، ئۈنلۈك ئوقۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار