xxxمەكتەپنىڭ x-يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمەت لاھىيسى
مائارىپ ئىدارىسى ۋە باشقا تۈرلۈك ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت-ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن،،مەكتىۋىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرى سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،تۈرلۈك ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىپ،خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ،مەكتىۋىمىزنىڭ x-يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىشان ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن،مائارىپ ئىدارىسى تارقاتقان بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشلىرى ۋە ( ق م ھ «2012»12-نومۇرلۇق) ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن،2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن x-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە پائالىيتى بويىچە تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمەت لاھىيسى تۆۋەندىكىچە :
1.يىتەكچى ئىددىيە ۋە نىشان ۋەزىپىلەر
(1)يىتەكچى ئىددىيە.«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيسى ۋە ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى يىتەكچى،توغرا نەزەرىيە قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ بىخەتەر مەدەنىيەت قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،بىخەتەر تەرەققى قىلىش ئۇقۇمىنى تىكلەپ،«تىنىچ-ئىناق»مەكتەپ بەرپا قىلىشنى ئاساسى تىما،«بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى»،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتنى ئازايتىش قانۇنى»،«ئاپتونۇم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىزامى»،«تاشيول بىخەتەرلىك قانۇنى»، قاتارلىق قانۇن-نىزاملار،ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپلىرىنى ئاساسى لىنىيە،«ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ يەسلىلەرنى بىخەتەر باشقۇرۇش قانۇنى»،«ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىخەتەرلىك تەربىيسى يىتەكچى تىزىسى»نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيتى،ئالاھىدىلىكى ۋە ۋەزىپىلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ،تەشۋىق- تەربىيە ۋە تەربىيلەش مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىپ،مەزمۇن،ئۇسۇلدا يىڭىلىق يارىتىپ،دائىملاشقان تەشۋىق -تەربىيە ۋە تەربىيلەش پائالىيەتلىرىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ،مەكتىۋىمىزنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت ئىڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىڭى ۋە بىخەتەر مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،ھەممەيلەن «بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ ھاياتلىققا ئەھمىيەت بىرىش»تەك ياخشى كەيپىيات يارىتىپ،ئوقۇتۇشنىڭ تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، يىزىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيتىنىڭ سىجىل مۇقىم ئالغا ئىلگىرلىشىنى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىن ئىتىشتىن ئىبارەت.
(2)خىزمەت ۋەزىپىسى.ئومۇميۈزلۈك،ماس بولغان بىخەتەرلىك قانۇنى ۋە بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەشۋىقاتى،تەربىيلەش ئارقىلىق،كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىڭىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈش،تىنىچ-ئامان مەكتەپ،ئىناق مەكتەپ قۇرۇلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى،ئوتتىن،زوراۋانلىقتىن،توك سوقۇۋىتىش،زەھەرلىنىپ قىلىش،يەر تەۋرەش ۋە تۈرلۈك ۋەقەلەردە ئۆزىنى قوغداش ئاساسى بىلىمىلىرى تەربىيسىنى كۈچەيتىپ،بىخەتەرلىك بىلىمىلىرىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان تۈرلۈك ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە زىيىنىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت.
2.تەشكىلى رەھبەرلىك
بۇ خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن، مەكتىۋىمىزدە x-يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىيى پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.
xxxx
3. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى
(1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە پائالىيتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
(2)ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىش. تىنىچ-ئامان مەكتەپ،ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ نىشان ۋەزىپىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ،مۈكەممەل بولغان تەشۋىق-تەربىيە خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش.«ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيە كۈنى»، «ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتنى ئازايتىش كۈنى»،«بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىيى»،«119 ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات كۈنى»،«قاتناش بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى» قاتارلىق پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ،بىخەتەرلىك مەسلىھەت سوراش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش،مەكتەپ رادىئوسىى،تەشۋىقات دوسكىسى،قارا دوسكا قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ،تەشۋىقات سالمىقىنى كۈچەيتىپ،ئىناق مەكتەپ،تىنىچ-ئامان مەكتەپنىڭ كىشى قەلبىگە سىڭدۈرۈپ،كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى بەرپا قىلىش پائالىيتىگە ئاكىتىپ قاتنىشىشقا تەشكىللەيمىز .
(3)ئاممىۋى بىخەتەرلىك تەربىيسىنى دەرىسخانىلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش. يىللىق ئاممىۋى بىخەتەرلىك تەربىيسى ۋاقتى 12 دەرىس سائىتىدىن كەم بولماسلىقى،( ئۈچ ھەپتىدە 1سائەت)شۇنىڭ بىلەن برگەئوقۇتۇش خىراجىتى،ئوقۇتۇش پىلانى،ئوقۇتۇش سائىتى،ئوقۇتقۇچى،دەرىسلىك لاھىيسى،باھالاش«تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى»،بىخەتەرلىك بىلىملىرىنىڭ دەرىسخانىغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەلىنىش ئىڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز .
(4)خىلمۇخىل شەكىلدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتنى ئازايتىش ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيسى پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا يەر تەۋرىگەندە جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىمىنى بىلدۇرۇش شۇنداقلا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە قوللىنىدىغان مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى ۋە ئۇسۇلىنى بىلدۈرۈپ، ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى خەتەردىن قۇتۇلۇش،ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،«بىر پەرزەنىت بىر ئائىلىگە تەسىر كۆرسىتىش،پۈتۈن جەمىيەتنى يىتەكلەش»نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز .
4. بۇ يىللىق تەشۋىقى تەربىيە پائالىيتى خىزمىتىگە قويۇلىدىغان ئاساسى تەلەپ .
(1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيسى بولسا خەلق ئاممىسنىڭ بىخەتەرلىك ئىڭىنى كۈچەيتىپ،خەلق ئاممىسنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،ۋەقەلەردىكى ئۆلۈم-يىتىم ۋە زىياننى ئازايتىشتىكى مۇھىم ۋاستە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ،تەشكىلى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ،لاھىينىڭ ئەمەلىيلىشىشنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
(2) «ئادەمنى ئاساس قىلىش»ۋە ئىلمى تەرەققىيات قارىشى يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ،مەكتەپنى ئاساس قىلىپ،«ئەمەلىيەتكە يىقىنلىشىش،تۇرمۇشقا يىقىنلىشىش،ئاممىغا يىقىنلىشىش،مەزمۇندا يىڭىلىق يارىتىش،ئۇسۇلدا يىڭىلىق يارىتىش»پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىقاتنىڭ سىجىللىقى،ماسلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ،ئامما ياقتۇرىدىغان، شەكلى خلمۇخىل،مەزمۇنى مول بولغان بىخەتەرلىك مەدەنىيتىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ،مەكتەپنىڭ بىخەتەر باشقۇرۇش سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
(3)مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز .
(4)كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق- تەربىيە پائالىيتىنىڭ ئۈنۈمىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، بۇ پائالىيەتنى قەدەم باسقۇچ بويىچە ياخشى قانات يايدۇرۇپ ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز . .
(5)ئۇچۇرلارنى يوللاش خىزمەت سالمىقىنى كۈچەيتىپ،ئۇچۇر يوللاشقا مەسئۇل خادىم پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدىكى ھەرىكەتچان ئۇچۇرلارنى ۋاقىدا يوللاپ، يۇقىرنىڭ مەكتىۋىمىزىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا ئىگەللەشكە قولايلىق يارىتىمىز . بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە پائالىيتى خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن،خۇلاسلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز .
5. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقى- تەربىيە پائالىيەتنىڭ قەدەم- باسقۇچلىرى
مەكتىۋىمىزنىڭ x-يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە پائالىيتى 3 باسقۇچ بويىچە ئىلىپ بىرىلىدۇ.
(1)تەييارلىق باسقۇچى (2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە). رەھبەرلىك گۇرۇپپا قۇرۇلۇپ ،ئىش تەخسىماتى بىكىتىلىدۇ . خىزمەت لاھىيسى تۈزىلىدۇ . سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئىچىلىپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار تەشۋىق-تەربىيە پائالىيتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە سەپەرۋەرلىك قىلىنىپ ، پائالىيەتنى تەنتەنىلىك ئىلىپ بىرىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى پائالىيەتكە ئاكىتىپلىق بىلەن قاتناشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ . بۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارنىڭ تونۇشى يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ .
(2)تەشۋىق-تەربىيە باسقۇچى (2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە). بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمەت سالمىقىنى كۈچەيتىپ، مەكتىۋىمىزنىڭ تۈرلۈك تەشۋىقات يوللىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شەكلىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ،تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمز . ھەركۈنى ئىككى قىتىم گۇاڭبۇ تەشۋىقاتى ، ھەر ھەپتىدە بىرقىتىم ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ خاراكتىرلىك بىخەتەرلىك دوكىلاتى بىرلىدۇ . ماۋسۇمدا بىرقىتىم <<بىخەتەر ئىشلەپ چىقىرىش قانۇنى>>دىن زىھىن سىناش ئىلىپ بىرلىدۇ . ھەركۈنى سىنىپلاردا ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيسى بىرىش تۈزۈملەشتۈر لىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا پىئونىرلار پائالىيتى ،2-دەرىسخانا پائالىيتى، قارا دوسكا ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرش كەڭ تەشۋىقى قىلىنىدۇ.
(3) خۇلاسلاش باسقۇچى (1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە).
مەكتەپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مەسئۇل تارماق ۋە مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەشۋىق تەربىيە خىزمىتىگە قارتا تەكشۈرۈپ باھالاش ئىلىپ بارىدۇ . شۇنداقلا تەشۋىقى –تەربىيە خىزمىتىدىن ئومومىيۈزلۈك خۇلاسلاش ئىلىپ بىرىلىدۇ .