xxxمەكتەپنىڭxxx- ئوقۇش يىلى x-مەۋسۇملۇق ‹‹تىنىچ-ئامان›› مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمەت لاھىيسى
ئومومى ئەھۋال:
xxxx
مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش،مۇقىملىق ،بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئىڭىنى تۇرغۇزۇپ،پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ تىنىچ ئامان مەكتەپ قۇرۇش پىلانى، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تىنىچ ئامان مەكتەپ بەرپاقىلىش لاھىيسى ۋە ۋىلايەتلىك ج ك پ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكومىنىڭ «تىنىچ ئامان مەكتەپ بەرپا قىلىش مىخانىزىمىنى ئومومىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ھۆججەت ئۇقتۇرۇشنىڭ روھى ،شۇنداقلا ناھىيلىك مائارىپ سىستىمىسى پارتىكومىنىڭ تىنىچ ئامان مەكتەپلەرنى باھالاپ ئۆلچىمنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مەكتەپنىڭ تىنىچ ئامانلىق خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن بۇ لاھىيە تۈزۈپ چىقىلدى.
ئومومى پىرىنسىپ
مەكتەپنىڭ تىنىچ ئامان خىزمىتىنى يولغا قويۇشتىكى ئاساسى پىرىنسىپ.
مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ،تەڭ تۇتۇپ بىرلىكتە ئىلگىرلەپ،رەھبەرلىك گۇرۇپپا،پارتىيە ئەزالىرى ۋەئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت مەسئۇليىتى ئايدىڭلاشتۇرلۇپ،رەھبەرلىك گۇرۇپپا باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇل بولۇش،مەمۇرىيەت ئەزالىرى ھەمكارلىشىدىغان،ئوقۇتقۇچىلار كونكىرىتنى مەسئۇل بولۇش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.
مەكتەپنىڭ تىنىچ ئامان مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمىتنى قانات يايدۇرۇپ،مۇھىم نوقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەتىراپلىق كونتىرۇل قىلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ.
قاتتىق بولغان سىناش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ،تولۇق ئەمىللەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلنىدۇ.
قەرەلسىز ۋە قەرەللىك سىناش تۈزۈمى ئورنىتىپ،خىزمەتنىڭ ئەمىليەتكە ئۇيغۇن بولىشى، چوڭ-كىچىك مەسىللەرنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ،ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مىخانىزىمى بەرپا قىلنىدۇ.
«تىنىچ ئامان مەكتەپ »بەرپا قىلىش خىزمىتى بويىچە ئەمىلى ئۈنۈم يارتىلىدۇ.
مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىم ئورۇنلارنى تەكشۈرۈپ،يوشۇرۇن خەۋىپنىڭ ئالدىنى ئىلىپ،ئوقۇتقۇچى- ئوقوغۇچىلارغا تىنىچ-ئامان بولغان ئوقۇتۇش مۇھىتى ھازلاپ بىرلىدۇ. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەۋەلىكىدىكى بىر قىسىم نوقتىلىق ئائىلىلەرگە نىسبەتەن كۆزىتىش، نازرەت قىلىشنى كۈچەيتىپ،ئوقوغۇچىلارنىڭ دىننى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ قىلىش،قانۇنسىز قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ قويۇش،دىننىڭ مەكتەپ تەلىم تەربىيە بازىمىزغا سىڭىپ كىرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئىلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارغا بىخەتەرلىك توغۇرسىدا تەشۋىق تەربىيە كۈچەيتىلىدۇ.
مەكتەپنىڭ ئامانلىق خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ.
مەكتەپكە كىرىپ چىققانلارنى تىزىملاپ،24سائەت ئامانلىقتا ئادەم بولۇش،يوشۇرۇن خەۋىپنىڭ سىڭىپ كىرىشنى چەكلەش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.
يىتەكچى ئىددىيە:
ماركىسىسزىم،لىنىنىزىم،ماۋزىدۇڭ ئىددىيسى،دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيسى،«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيسى،ئىلمى تەرەققىيات قارشىنى يىتەكچى قىلىپ،پارتىيىنڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش توغرىسىدىكى ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىجرا قىلىش،نۆۋەتتە يولغا قويىلىۋاتقان ئىناق جەمىيەت قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ،تىنىچ-ئامان مەكتەپ بەرپا قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئومومى خىزمەت نىشانى:
مەكتىپىمىزئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى،روھى ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مەكتەپنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئامانلىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ،مەكتىپىمىزنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك «تىنچ-ئامان مەكتەپ» بولغاندىن كىيىنكى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ،تىنىچ ئامانلىق قۇرلۇشىدا يىڭى نەتىجە يارتىشتىن ئىبارەت.
ئاساسى نىشان ۋەزىپىلەر
«تىنىچ ئامان مەكتەپ» بەرپا قىلىش خىزمىتىدە مەكتەپ رەھبەرلك بەنزە ئەزالىرى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى باشلامچى بولۇپ «تىنىچ ئامان مەكتەپ»بەرپا قلىىش مىخانىزىمى تۇرغۇزۇپ،تىنىچ ئامانلىق خىزمىتى بويىچە يەتمەكچى بولغان نىشانى، خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى ئىنىق بىلىش،مەكتەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،تىنىچ ئامان مەكتەپ بەرپا قىلىش پىلاننى مەكتەپ ئەمىلىيتىگە ماس تۈزۈش، تەدبىرلىرىنى ياخشى بىكىتىش.
،مەكتەپنىڭ ئومومى ئەھۋالى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلار ئەھۋالنى تولۇق ئىگەللەش، مەكتەپ ئىچىدىكى مەسىللەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش،كۆرۈلگەن مەسىللەرنى ۋاقتىدا باش ياچىكىغا مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئىجىرا قىلىش.
تىنىچ ئامان سىنىپ،تىنىچ ئامان ياتاق قاتارلىق ئورۇنلارنى باھالاش كۆرسەتكۈچنىڭ تەلىپى بويىچە باھالاپ بىكىتىش،قىلچە يوچۇق قويماسلىق،قىلچە سەۋەنلىك كۆرۈلمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
مەكتەپ ئەتىراپىدىكى ئىجتىمائى ئەھۋاللارنى ئىنىق بىلىش،مەكتەپنىڭ تىنىچ-ئامانلىقى، مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ۋە خەۋپ ئامىللىرىنى ئىنىقلاش ۋە ئىگەللەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش.
مەكتەپ تەۋەلىكىدىكى نوقتىلىق ئائىلىلەرنىڭ ئىجتىمائى ئەھۋالىنى ياخشى ئىگەللەپ، سىنىپلاردىكى نوقتىلىق ئائىلە پەرزەنىتلىرىگە بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تەشۋىق-تەبىيە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش.
سىنىپ مۇدىرلىرى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
سىنىپ مۇدىرلىرى مەكتەپنىڭ تىنىچ ئامان مەكتەپ بەرپا قىلىش ۋە تىنىچ ئامان سىنىپ بەرپا قىلىش خىزمەت نىشانى ۋە كونكىرىتنى تەلەپلىرىنى ئىنىق بىلىش،ئوقوغۇچىلارغا بولغان ئىنتىزام،ئەخلاق تەربىيسىنى كۈچەيتىش.
سىنىپىتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەمىللەشكەن بولۇش، سىنىپىتا ھىچقانداق مەسلىلە كۆرۈلمىگەن،بارلىق ئوقۇغۇچىلار سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ بىخەتەر، تىنىچ-ئامانلىقىغا كۆڭۈل بۆلگەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇش.
سىنىپ مۇدىرى «تۆتنى بىلىش،تۆتنى ئىگەلەش»خىزمىتنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆز سىنىپىدىكى ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ ۋە ئائىلىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى پىششىق بىلىش.
سىنىپ مۇدىرى سىنىپىتىكى ئوقوغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك،مۇقىملىق،يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش توغۇرسىدىكى تەشۋىق تەربىينى كۈچەيتىش،مەسىلە كۆرلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش،نوقتىلىق ئائىلە پەرزەنىتلىرىگە بولغان تەربىيلەشنى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش،مەسىلە كۆرۈلسە مەكتەپ پارتىيە ياچىكىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ يوليۇرۇق سوراش تۈزۈمىنى ئەمىللەشتۈرۈش.
ئاساسلىق تەدبىرلەر
ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارغا تىنىچ-ئامان مەكتەپ بەرپا قىلىش ئۆلچىمىنى ئومومىيۈزلۈك ئىگەللىتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلاردا تىنىچ-ئامان مەكتەپ بەرپا قىلىش قارشى تىكلىنىدۇ.
ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلارغا تىنىچ ئامان مەكتەپ بەرپا قىلىش توغۇرسىدىكى تەشۋىق تەبىيسىنى كۈچەيتىپ ئىلىپ بىرىپ،مەكتەپنىڭ تىنىچلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان خەۋىپ ئامىللىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ،ۋاقتىدا دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ،مەكتەپتىكى خەتەرلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىمىز.
تىنىچ-ئامان مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمىتى بويىچە ئايدا بىر قىتىم مەكتەپ خاراكتىرلىك تىنىچ-ئامان سىنىپ ،تىنىچ –ئامان ياتاق بەرپا قىلىش كۆرسەتكۈچىنىڭ تەلىپى بويىچە باھالاش ئىلىپ بىرىپ،تىنىچ ئامان سىنىپ ۋە تىنىچ ئامان ياتاقلار نى تەكشۈرۈش ئىلىپ بارىمىز .پەسىلدە بىرقىتىم تىنىچ-ئامان سىنىپ ،تىنىچ –ئامان ياتاقلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋىلىش ،نام بىرش خىزمىتنى ياخشى ئىشلەيمىز
ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا دىققەت قىلىش توغىرسىدا تەربىينى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى دىننى كەيپىياتنىڭ مەكتەپتە ئەۋىخ ئىلىشنى چەكلەپ،تىنىچ ئامان ، بىخەتەر مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
ئوقوغۇچىلارغا ساقلىقنى ساقلاش توغۇرسىدا تەربىينى كۈچەيتىپ،مەكتەپ ئەتىراپىدىكى كىچىك دۇكانلاردىكى سۈپىتى ئۆزگەرگەن يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك،شەخسى تازلىقنى ياخشىلاش توغۇرسىدا تەربىينى كۈچەيتىمىز.
مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىخەتەرلىككە تەسىرى يىتىدىغان جايلارنى رىمۇنىت قىلىپ،ئوقۇتقۇچى- ئوقوغۇچىلارنىڭ نۇرمال ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن شۇغىللىنىشىغا كاپالاتلىك قىلىمىز.
مەكتەپ رەھبەرلىرى مەكتەپتىكى ھەر بىر ئىشچى خىزمەتچىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى بىلىش،ھەر قايسى سىنىپ مۇدىرلىرى ئۆز سىنىپىدىكى ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ ئاساى ئەھۋالىنى بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،سىنىپتىكى بوقتىلىق ئائىللەرنىڭ پەرزەنىتلىرىگە بولغان تەربىينى كۈچەيتىمىز.
«تۆتنى بىلىش،تۆتنى ئىنىقلاش»خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ،مەكتىپىمىز تەۋەسىدىكى نوقتىلىق ئائىلىلەرنى ئىنىقلاپ ئۇلارغا بولغان نازارەت قىلىش ۋە سۆھبەتنى كۈچەيتىپ، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ مەكتەپكە تەھدىت ئىلىپ كىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
مەكتەپنىڭ توك،سۇ يوللىرىنى قەرەرلىك ھالدا تەكشۈرۈپ،تۇيۇقسىز ئوت كتىىش،توك سوقۇش ھادىسلىرىنىڭ كىلىپ چىقىسىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
مەكتەپ ئامانلىقىنى قوغداش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ،مەكتەپنىڭ 24سائەتلىك مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىىپ،ھەر ۋاقىت تىنىچ-ئامان مەكتەپ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلارغا قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش،قاتناش ۋەقەسىدىن ساقلىنىش،پىراۋىسىز قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىمەسلىك قاتارلىق قاتناش بىخەتەرلىككىگە دىققەت قىلىش توغۇرسىدا تەربىينى كۈچەيتىپ ئىلىپ بارىمىز.
ئوقۇتقۇچىلارياتىقى ۋە ئىشخانىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،ئوت ئاپىتى ۋە كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
تەجىربىخانا باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە تۈزۈم ئورنىتىپ،ئاسان ئوت ئالىدىغان ۋە ئاسان پارتىلايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى تىزىملاپ مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇش ۋە ئىككىدىن ئۈچكە قەدەر ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەسى ئورنىتىپ،خەيىم-خەتەر كۆرۈلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەنمەكتەپقوغداش ئەتىرتى قۇرۇپ،ئوقوغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە تىنىچ-ئامان،بىخەتەر كىلىپ كىتىشىگە يىتەكچىلىك قىلىمىز.
ئوقوغۇچىلارنى ئائىلىەە قايتۇرغاندا ئوقوغۇچىلارغا بىخەتەرلىك،مۇقىملىق توغۇرسىدا تەربىيە بىرىش،سىنىپتىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ سانىنى ئىگەللەش،سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئوقوغۇچىلارنى بىخەتەر جايغىچە ئۇزۇتۇپ قويۇش توغۇرسىدىكى تۈزۈمنى دائىملاشتۇرىمىز.