Xxxئوقۇش يىلى x-مەۋسۇملۇق ‹‹تىنىچ-ئامان›› مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمەت پىلانى
ئومومى ئەھۋال
xxx
2.ئومومى پىرىنسىپ
1)يىتەكچى ئىددىيە:
ماركىسىسزىم،لىنىنىزىم،ماۋزىدۇڭ ئىددىيسى،دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيسى،«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيسى،ئىلمى تەرەققىيات قارشىنى يىتەكچى قىلىپ،پارتىيىنڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش توغرىسىدىكى ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىجرا قىلىش،نۆۋەتتە يولغا قويىلىۋاتقان ئىناق جەمىيەت قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ،تىنىچ-ئامان مەكتەپ بەرپا قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
2)پىلاننىڭ مەقسىتى:
يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تىنىچ –ئامان مەكتەپ بەرپا قىلىش توغۇرسىدىكى ھۆججەت ، ئوقتۇرۇشلارنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىجىرا قىلىپ،تىنىچ-ئامانلىق خىزمىتىگە دائىر تۈرۈك خىزمەتلەرنى سىستىمىلىق قانات يايدۇرۇپ،مەكتىپىمىزنىڭ مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىيقى كاپالەتلىك قىلىپ،ئىناق ئىتتىپاق بولغان مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.
3)ئاساسلىق نىشان:
مەكتىپىمىزئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى،روھى ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مەكتەپنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئامانلىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ،مەكتىپىمىزنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك «تىنچ-ئامان مەكتەپ» بولغاندىن كىيىنكى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ،تىنىچ ئامانلىق قۇرلۇشىدا يىڭى نەتىجە يارتىشتىن ئىبارەت.
3.كونكىرىتنى ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر ۋە ئاساسلىق خىزمەت ئۇسۇلىمىز.
1)ئالدىنى ئىلىش،كونترول قىلىش،باشقۇرۇش،تەربىيلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ،كۈچلۈك بولغان تەشۋىقات مۇھىتى بەرپا قىلىمىز.
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسى-ئىددىۋى تەربىيىنى دائىملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى-ئىددىيى تونۇشىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە ئىزچىل ھالدا ئاڭلىق قارشى تۇرىدىغان ئاڭنى شەكىللەندۈرۈپ، ئالدىنى ئىلىش،كونترول قىلىش، باشقۇرۇش، تەربىيلەشتىن ئىبارەت باشقۇرۇش مىخانىزىمىنى بەرپا قىلىپ، مەكتىپىمىزنى مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قارشى مۇستەھكەم بازا قىلىپ قۇرۇپ،تىنىچ-ئامان بولغان ئوقۇتۇش مۇھىتى ھازىرلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
(1) ماۋسۇمنىڭ بىشىدىلا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىخەتەرلىك،مۇقىملىق توختامنامىسى ئىمزالاپ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە دىننى پائالىيەتنىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
(2)ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسى-ئىددىۋى تەربىيىنى ھەر قايسى پەن دەرسلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ،ھەر سائەتلىك دەرستە بەش مىنۇتلۇق سىياسى-ئىددىۋى تەربىيە ئىلىپ بىرىشنى دائىملاشتۇرۇش ئارقىلىق،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئىددىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ،مەكتىپىمىزنى مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قارشى مۇستەھكەم بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
(3) نۇقتىلىق كۈزىتىلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ،ئىككى ئەمگەكتىن قايتقانلارنىڭ مەكتىپىمىزدە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىقىپ،ئۇلارغا بولغان باشقۇرۇش،نازارەت قىلىش،سۆھبەتلىشىشنى دائىملاشتۇرۇش ئارقىلىق،ھۇشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ،ئالدىنى ئىلىش،كونترول قىلىش،باشقۇرۇش،تەربىيلەشتىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن»باشقۇرۇش مىخانىزىمى بەرپا قىلىش ئارقىلىق،مەكتىپىمىزنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش تەدبىرىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈپ،ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يىيىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
(4) ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قەرەرسىز ھالدا ۋەزىيەت دوكىلاتى، سىياسى دوكىلات ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى-ئىددىۋى كۆز قارىشىنى تىخىمۇ مۇستەھكەملەش ئارقىلىق مەكتىپىمىزنىڭ سىياسى جەھەتتىكى تىنىچ-ئامان،مۇقىملىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىمىز .
(5) مەكتەپتە مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننى ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش، بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش، جىسمانى ۋە روھى بىخەتەرلىكنى قوغداش توغرىسىدا تۈرلۈك تەشۋىقات شۇئارلىرىنى ئىشلەش، لۇزىنكا، قارا دوسكا ئىشلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كۈچلۈك بولغان تەشۋىقات مۇھىتى بەرپا قىلىپ ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك،مۇقىملىققا بولغان تونۇشىنى تىخىمۇ ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز .
(6)ھەر ئايدا بىرقىتىم «تىنىچ ئامانلىق كۆرسەتكۈچ سىستىمىسى»نىڭ تەلىپى بويىچە تىنىچ-ئامان سىنىپ،تىنىچ ئامان ياتاقلارنى باھالاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ،سىنىپلاردا بىرمۇ ئوقوغۇچىنىڭ ھەر خىل دىننى پائالىيەتكە قاتشمىغان،بىرمۇ ئوقوغۇچىنىڭ ھەر خىل سەۋەپلەردىن كىلىپ چىقىدىغان تۈرۈك ھادىسىلەر سەۋەبىدىن يارلىنىش ۋە ئۆلۈش ئەھۋاللىرى بولمىغان تىنىچ ئامان سىنىپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا،شۇنداقلا مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار ياتىقىدا يىتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،ياتاقتا تۈرلۈك شەكىلدىكى ئوت ئاپىتى يۈز بەرمىگەن بولۇش،ياتاقتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق ئامىللىرى يۈز بەرمىگەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
(7)ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارغا بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغۇرسىدىكى تەربىيسىنى كۈچەيتىپ،دۆلەتنىڭ «مىللەتلەر باراۋەرلىكى»تەشۋىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مەكتىمىزدىكى ئىككى نەپەر خەنزۇ يولداشنى ھۆرمەتلەش، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەم بىرىش ئارقىلىق ئۇلارغا مەكتەپنىڭ ئىللىقلىقىنى تونۇتۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
2.تۈرلۈك كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىمىز.
مەكتەپ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقىپ ،رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ رولىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى ۋە روھى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىمىز.
(1) ئوقۇغۇچىلارنى سىرتتا ساياھەتكە ، رەسىمگە چۈشۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللىمەسلىك،ئەگەر سىرتقا ئىلىپ چىقىش ،زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ سىرتقا كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە ئاچىققاندا، دەرىجە بويىچە يوليورۇق سوراش، كوللىكتىپ پائالىيەتلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىكى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا پائالىيەت ئىلىپ بىرىش،پائالىيەتتىن بۇرۇن سىنىپ مۇدىرلىرى ياكى مەسئۇل ئوقۇتقۇچى بىخەتەرلىك توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بىرىش، بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە يىشىغا ماس بولمىغان،ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا ماس بولمىغان پائالىيەتلەرگە تەشكىللىمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
(2) تەنتەربىيە دەرسلىرى،ۋە باشقا ئەمىلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان دەرسلەردە ئوقۇتقۇچى ئۆزى بىۋاستە مەسئۇل بولۇش، ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئۈلگە كۆرسىتىپ بىرىپ مەشغۇلات تەرتىپى ۋە قائىدىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا توغرا ئىگەللىتىش،دەرس جەريانىدا ئوقۇتقۇچى ئۆزى بىۋاستە يىتەكچىلىك قىلىشنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇپ،دەرس ئۆتۈش جەريانىدا يۈز بىرىش ئىھتىمالى بولغان كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز .
(3) ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قاتناش قائىدىسى توغرىلىق تەربىيە بىرىشنى كۈچەيتىپ،بۇ ھەقتە مەكتەپتە قارا دوسكا ئىشلەش،ئوقۇتقۇچىلارغا قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەندە بىخەتەرلىككە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلەش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىشىنى قەتئىي چەكلەش،مەكتەپ ئىچىدە ۋىلىسپىت مىنىشى چەكلەش،سىرتتا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىنى نازارەت قىلىشقا،كۈزىتىشكە ئورۇنلاشۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، قاتناش ۋاستىلىرىدىن كىلىپ چىقىدىغان تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز.
(4)ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى،شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىش قىلمىشىنى قەتئىي چەكلەيمىز. مەكتەپ تەجرىبىخانىسىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،زەھەرلىك بويۇملار ۋە ئاسان پارتلايدىغان خىمىيىۋى بويۇملار،تەجرىبە سايمانلىرى،تەجرىبە بويۇملىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە زىيان سىلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز.
(5) مەۋسۇم بىشىدا مەكتەپ ئىچىدىكى بارلىق ئورۇنلارنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان جايلارنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىخەتەر ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە،ئىلىكتىر مەنبەسى بار بولغان جايلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئىسىش،مەكتەپ كومپيۇتېرخانىسىدا ئۆت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى بولۇش،مەكتەپ ئىچىدە ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ توك،ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز .
(6) مەكتەپ ئامانلىقىنى ساقلاش تۈزۈمى ئورنۇتۇپ،مەكتەپتە 24 سائەت مۇقىم ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇش، ئامانلىق ساقلىغۇچى ئوقۇتقۇچى مەكتەپنىڭ 24 سائەتلىك ئامانلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش، ئامانلىق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى نازارەت قىلىش، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئامانلىقىنى ساقلاش مىخانىزىمىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە،مەكتەپ دەرۋازىسىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،سىرىتتىن كىرگەنلەرنى تىزىملاش،سىرتتىن قالايمىقان كىشىلەرنى مەكتەپ ئىچىگە كىرگۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەكتەپنىڭ تىنىچ-ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
3.مەكتەپ سىرتىدىكى نازارەتچىلىك، ئالدىنى ئىلىش،باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز .
(1) ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن مەكتەپ ئەتراپىدىكى تىجارەتچىلەرگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلار بىلەن ۋاقتى ئۆتكەن،سۈپەتسىز يىمەكلىكلەرنى ساتماسلىق،مەكتەپ ئەتراپىنىڭ تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىلىق مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاش بىلەن بىرگە بۇ ھەقتە ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز .
(2) ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن- تۈزۈم ،ئەخلاق تەربىيسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ،ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ،مەكتەپ ئەتراپىدىكى 50 مىتىر دائىرە ئىچىدە بىليارتخانا،ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانا ۋە باشقا كۆڭۈل ئىچىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى چەكلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى جەھەتتىن يامان يولغا مىڭىپ قىلىشى ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز .
(3) ئوقۇغۇچىلارنڭ سىرتتىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نازارەت قىلىش بىلەن بىرگە،مەكتەپ ئەتراپىغا جەمىيەتتىكى بىر قىسىم ناچار كىشىلەرنىڭ كىلىشىنى چەكلەش ئارقىلىق يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئالداپ ئىلىپ كىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزىقتۇرۇپ يامان يولغا باشلاپ كىتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز .
(4) ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ئوت ئويناش،پوجاڭزا ئىتىش قاتارلىق خەتەرلىك ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا كاپەتلىك قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپ بويىچە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا «ئوت-مۇداپىئە قانۇنى» لىكسىيىسى سۆزلەش،مەكتەپ مالىيە بۆلۈمى ۋە دىجۇرنى ئوقۇتقۇچى كونكىرت مەسئۇل بولۇپ ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەركىتىنى كۆزىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇغا چۆمۈلىشى،ئوت ئوينىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز .
(5) ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرەخكە ، قاتناش ۋاستىلىرىغا ئىسىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش بىلەن بىرگە، ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان تەشۋىق-تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ رەسمىيىتى تولۇق بولمىغان،بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلىرى ئۆلچەمگە توشمايدىغان قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىمىز .
يۇقارقى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ، ياخشى ئىشلەش بىلەن بىلەن بىرگە ھوۇشيارلىقىمىزنى،سەزگۈرلىكىمىزنى ئاشۇرۇپ،مىللى بۆلگىنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئى چەكلەپ، يۈز بىرىش ئىھتىمالى بولغان ھادىسىلەرنى ئالدىن ئويلىشىش،ئالدىن بايقاش، ئالدىنى ئىلىش،كونترول قىلىش ئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بىرىدىغان «تىنىچ-ئامان مەكتەپ بەرپا قىلىش مىخانىزىمى»نى تۇرغۇزۇپ چىقىمىز.