خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
بىر يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىش، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئاشۇردى، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەردە چوڭ ئىشلار، مۇھىم ۋە يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى، بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى نۇقتىسىدىن پىلانلىدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. ئىككىنچى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. تەبرىكلەش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئائىت تۆت مۇھىم پىرىنسىپ ۋە بەش ئاساسىي تەلەپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە سوتسىيالىستىك مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇشنى چوڭقۇر شەرھىلدى. ئۈچىنچى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، قەلب ۋە كۈچنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملىدۇق. ئەزالارنى كوللېكتىپ ئۆگىنىش، كۆزدىن كەچۈرۈش – تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مۇزاكىرە قىلىش – پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچ ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىسلاھات ئىجابىي كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈردى. تۆتىنچى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتلىك دېموكراتىيە دائىرىسى كېڭەيتىلدى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى تۇنجى قېتىم ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش خاراكتېردىكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ مەخسۇس قارالمىسى قىلىندى، ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش – مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئىشتا يارىلانغان بىناكارلىق ئىشچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مۇھىم ھالقىلار چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىندى.
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىدىيە ۋە نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك
دائىمىي كومىتېت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 – قۇرۇلتىيى ۋە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 – ، 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىدىيەۋى – سىياسىي ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش جەھەتتە ئەقىل – تەدبىر كۆرسىتىش ۋە كۈچ چىقىرىشقا پائال سەپەرۋەر قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا، نەزەرىيەسىگە، تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش نىشانىنى يەنىمۇئايدىڭلاشتۇردى. رەئىسلەر يىغىنى، نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ۋە سۆھبەتلىشىش – پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى مەركەزلىك ئۆگەندى. 2 – ، 3 – قارارلىق يېڭى ئەزالار ئۆگىنىش – مۇھاكىمە كۇرسى ۋە شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق يېڭى ئەزالار مۇھاكىمە كۇرسى ئېچىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىدى. پۈتۈن بىريىلدا دائىمىي كومىتېت كوللېكتىپ ئۆگىنىش لېكسىيەسى، بېيجىڭدىكى ئەزالار ئۆگىنىش – دوكلات يىغىنى، سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى بولۇپ 30 نەچچە قارار كۇرس ئاچتى، بۇنىڭغا قاتناشقانلار 7000 ئادەم/قېتىمدىن ئاشتى.
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئەقىل كۆرسىتىشى كېرەك.
دائىمىي كومىتېت پۈتۈن يىلدا ئېلىپ بېرىلغان 25 تۈرلۈك مۇھىم كېڭىشىش پائالىيىتى ۋە 88 تۈرلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش – تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ كۆپىنچىسىنى مۇھىم ئىسلاھات مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى ئىسلاھاتقا قارىتىش، ئىسلاھات توغرىسىدا ئەقىل كۆرسىتىش، ئىسلاھاتقا مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت يادرولۇق مەسىلىنى چۆرىدەپ، ‹‹بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش›› بويىچە مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلاتنىڭ باھا – باج ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، ئېكولوگىيەلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ھېسابلاش قاتارلىق ئىقتىسادىي ئىسلاھاتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە بۇ ھەقتە تەكلىپ بەردى. قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت زور ئىسلاھات تېمىسىنى تۇتۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چۆرىدەپ مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى مەزمۇنى بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئورنىتىش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر بويىچە، نوپۇس، بايلىق، مۇھىت ھالىتىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك تەكلىپلەرنى بەردى.
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن مەسئىۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك
دائىمىي كومىتېت مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش مەخسۇس تېمىسى بويىچە كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى. مەجبۇرىيەت مائارىپىدا يۈكنى يېنىكلىتىش – سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى تېز يولغا قويۇش، قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىلىق قىلدى داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق چوڭ – چوڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىدە، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۆلەم مېخانىزمى ۋە تېببىي خادىملارنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياشانغانلارنى كۈتۈشنىڭ داۋالاش بىلەن بېقىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئەقىل – تەدبىر كۆرسەتتى. ساھە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا، سەھىيە، تەنتەربىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا يۈزتۇرا مۇلازىمەت قىلدى. قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا ۋە قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش، مىللىي دارامەتنى تەقسىملەش ئەندىزىسىنى تەڭشەش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تاقابىل تۇرۇش تەكلىپى بەردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى، مىللىي رايونلارنىڭ كەسىپ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇش، زويۇجياڭ كونا ئىنقىلابىي رايونىنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدى. ‹‹مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى›› ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى، ئاز سانلىق مىللەت ۋە دىن ساھەسىدىكى ئەزالار جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا بايراق روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ – چوڭ ۋەقەلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىدى.
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىنى چۆرىدەپ تەكلىپ بېرىشى كېرەك
دائىمىي كومىتېت ئەزالارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورماللىقىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ياخشى ئىشلىدى. ماكرو ئىقتىسادنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ۋە مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتتى، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، ئىقتىساد تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ مۇھىم يۈرۈشىشىنى ساقلاش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تەكلىپ بەردى. مەخسۇس كومىتېتلار، ساھەلەر ۋە جايلاردىكى سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇق بولۇش زىددىيىتىنى ھەل قىلىش، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇچۇر ئىستېمالىنى نىڭشيا ئىچكى قۇرۇقلۇق ئوچۇق ئىقتىساد تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشى، بىجيې تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا بويى رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، چېگرا بويى رايونلىرىنىڭ بازا سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ھەققىدە تاقابىل تۇرۇش تەكلىپلىرىنى بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر – تەكلىپ بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى.
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىككى ھەپتىدە بىر كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق كېڭىشىش ئۇسۇللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك
دائىمىي كومىتېت سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسلىھەتلىك دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، كېڭىشىش ۋاسىتىسىدە كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ، كېڭىشىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، كېڭىشىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىنى باشلامچى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرىدىكى دائىمىي كومىتېت مەخسۇس يىغىنى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنىنى مۇھىم نۇقتا، ئىككى ھەپتىدە بىر كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى نورمال ھالەت قىلغان كېڭىشىش – ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يىللىق كېڭىشىش خىزمىتى پىلانىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش خىزمىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ياخشى ئىشلىدى. ئىككى ھەپتىدە بىر كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى ئەمەلىيەت داۋامىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ يۆنىلىش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش – كېڭىشىش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئەزالارنىڭ تەكلىپىنى ئەينەن ۋە تېز يەتكۈزدى، پۈتۈن بىر يىلدا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇق بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيە سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ سۈپىتىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە 19 قېتىم كېڭىشىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئىككى ھەپتىدە بىر كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قارالمىسىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، كەيپىياتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈپ، مۇزاكىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتنى موللاشتۇرۇپ، ئۇنى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەنى يولغا قويۇشتىيكى دائىملىق سەھنىسى ۋە مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇردى.
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ۋە تەيۋەنلىك مۇھاجىرلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.
دائىمىي كومىتېت سىياسىي كېڭەشنىڭ چېگرا سىرتىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كەڭ، ئالاقە يوللىرى كۆپ بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئىككى ياقلىق ئىجابىي رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ تۇردى، شياڭگاڭلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون مەمۇرىي باشلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىگە كۈچ چىقىرىشىغا، سىياسىي ئىسلاھاتنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا پائال خىزمەت قىلىشىغا، ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى، ئاۋمېننى سۆيىدىغان مۇھىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بەردى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ئەزالارنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ياش – ئۆسمۈرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن كۈچەيتىشىگە، ‹‹شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ياش – ئۆسمۈرلەر خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش›› ئۈستىدە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بەردى.
دائىمىي كومىتېت بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىي تېمىسىنى ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن تەيۋەن ئەلرايى ۋەكىللىرى ئۆز ئارا زىيارەت قىلىش – ئالاقە باغلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەللەردىكى ئىناق مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى نۇقتا قىلىپ تەكلىپ بېرىشى كېرەك
خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئەقىل – تەدبىر كۆرسىتىشنى پۈتۈن يىللىق فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت مەخسۇس يىغىنى ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئالدىن كۆرەرلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە تەكلىپ – پىكىرلەرنى تىرىشىپ ئوتتۇرىغا قويىمىز. ‹‹مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش›› ھەققىدە مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئاچىمىز. ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، يېڭى نورماللىقتىكى ماكرو ئىگىلىك ھەرىكىتىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ۋە ئۇنىۋېرساللىقى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشىنى پايدىلانما بىلەن تەمىنلەيمىز. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، قاتارلىق مۇھىم تېمىلار بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرىمىز. ‹‹سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش›› تېمىسىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت مەخسۇس يىغىنى ئاچىمىز. ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش، دراما ۋە ئەلنەغمىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىمىز. نوپۇس، بايلىق، مۇھىت ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئاچىمىز. نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نوپۇس مەسىلىسى، سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، تاقابىل تۇرۇش تەكلىپلىرىنى بېرىمىز.
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، پائال تەكلىپ بېرىشى ۋە كۈچ چىقىرىشى كېرەك
دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىداقەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش، مەسلىھەت بېرىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. ‹‹خەلق سوت مەھكىمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› ھەققىدە مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئاچىمىز. ‹‹پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا كېڭىشىش، مۇزاكىرە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بويىچە ھوقۇق قوغداش ۋە ماجېرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى تۇرغۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار ھەققىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىمىز.
‹‹يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى››نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ئادىل ۋە قاتتىق بولماسلىق قاتارلىق خاھىشلار ئۈستىدە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۆزئالدىغا ئادىل يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىپ، قانۇنچىلىققا دائىر تەشۋىقات – تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئەزالارنى خىزمەتلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلاپ قانات يايدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى دائىرىسىدە ئاڭلىق ئاد اقىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈلگىلىك ئەمەلىيەتچىسى بولىمىز.
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دېموكراتىك ئاساستا نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك
سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، نازارەتچىلىكنى پىلان ۋە تېما ۋاسىتە بويىچە ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرىمىز. مەخسۇس كومىتېتنى تايانچ قىلىپ، يىغىن ئېچىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكلىپ بېرىش، ئۇچۇر، يىغىندا سۆزگە چىقىش، ئاخبارات خەۋىرى قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ، جايلارنىڭ قەرز خەۋپ – خەتىرىنى تۈگىتىش، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش – ئىشلىتىش ، پەن تەتقىقات خىراجىتىنى ئىشلىتىشنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تېڭگىر قۇملۇقىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش، چوڭ – چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، نازارەتچىلىك خاراكتېرىدىكى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەھۋاللارنى ئەينەن ئىنكاس قىلىپ، تەنقىد ۋە ئىجابىي پىكىرلەرنى سەمىمىيەتلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دېموكراتىك نازارەتچىلىكنىڭ تەشكىللەش – ماسلاشتۇرۇش، ئەھۋالىنى بىلىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش – ئالاقىلىشىش قاتارلىق ھالقىلىرىغا ئائىت تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سوتسىيالىستىك مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەسىنىڭ خاراكتېر ۋە ئورنىنى توغرا ئىگىلەيمىز. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم ئاپپاراتى، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي ھاياتىدا سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم شەكلى، ئۇ ھاكىمىيەت ئورگىنى ئەمەس، تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنىمۇ ئەمەس، بەلكى پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەرساھە زاتلىرى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان مۇھىم سەھنە بولۇپ، تەڭداشسىز سۆز ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە، مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى باراۋەر ئاساستا مۇھاكىمە قىلىپ، ئومۇمىيەت قارىشى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇرىنى كۈچەيتىمىز.
جەمئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسلىھەتلىشىش ئىشلىرىغا تەرتىپلىك قاتنىشىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىمىز. مېخانىزملاشقان، نورماللاشقان كېڭىشىشقا قاتنىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسلىھەتلىشىش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىقلارنى سىياسىي كېڭەش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇش ئۇسۇل يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ساھەلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز.
كېڭىشىش – مۇزاكىرىلىشىش دېموكراتىك كەيپىيات يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. سىياسىي كېڭەش مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەسىدە، ھەر كىم ئۆز پىكرىنى كەڭ – كۇشادە بايان قىلغىلى بولىدىغان، ھەم يوللۇق، چەكلىك ۋە قانۇنلۇق بولغان ياخشى كېڭىشىش كەيپىياتىنى جەزمەن زور كۈچ بىلەن يارىتىش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ۋە دادىل پىكىر قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش، كەڭ قورساق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتە تىرىشىپ ئەڭ زور ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىمىز.
سىياسىي كېڭەش مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىمىز. سىياسىي كېڭەش مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە، تېمىنى ئىلمىي تاللاشنى ئالدىنقى شەرت، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئاساس، ھەمتۈرتكىلىك ئالماشتۇرۇشنى مۇھىم ھالقا، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك. مەسىلىلەرنى يۆنىلىش بويىچە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىپ، كېڭىشىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.
سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسلىھەتلىك دېموكراتىك تۈزۈمى ۋە مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك مەسلىھەتلىك دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى››گە ئاساسەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يانداشتۇرۇپ يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار پىكىرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تۈزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىمىز.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]