ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىختىساسلىقلار رىقابىتى كەسكىنلەشتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمىمۇ بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. بۇنىڭ پاسسىپ تەسىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا، ئوقۇش – ئوقۇتۇشنىڭ سۈپىتىگە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ زور تەسىر كۆرسەتمەكتە.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مائارىپ قانىلىنىڭ ‹‹2013 – يىلى جۇڭگودىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي بېسىمى ۋە پسىخىك ساغلاملىقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش›› نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، %40ئوقۇتقۇچى خىزمەت بېسىمىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ئىنكاس قىلغان. دېمەك، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشى ئوقۇتقۇچىلاردا خىزمەتتىن بىزار بولۇش، ئوقۇغۇچىلارغا قوپال مۇئامىلىدە بولۇشتەك پىسخىك ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدىكەن.
ئوبيېكتىپ ئامىللار ئوقۇتقۇچىلىق بېسىمىنىڭ مەنبەسى. بۇلار ئېھتىياج – تەلەپ بېسىمى، مەسئۇلىيەت – بۇرچ بېسىمى، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت بېسىمى، كەسپىي جەھەتتىكى تەرەققىيات بېسىمى، خىزمەت بېسىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار خىزمەتنىڭ تەلىپى، خىزمەتنىڭ تىزگىنلىشى ۋە ئىجتىمائىي قوللاشتىن ئىبارەت يادرولۇق ئۈچ ئامىل بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. بۇ ئۈچ ئامىلنىڭ مۇناسىۋىتى توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئاسانلا ئوقۇتقۇچىغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ، پاسسىپ كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئوقۇتقۇچىلاردىكى پاسسىپ كەيپىياتنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۈمىدۋار بولۇش، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەش، ئۆزىنى تەڭشەش، كۆپ سىردىشىش، دوستلۇق ئورنىتىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن بىللە، نامۇۋاپىق كۆز قاراش، ھەرىكەت ئەندىزىسى ۋە تۇرمۇش شەكىللىرىنى، ئۆزىدىكى ئاجىزلىقلارنى ئۆزگەرتىش زېرىكىشتىن خالاس قىلىپ، بۇرۇقتۇرمىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.
پىسخولوگىيە تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىجابىي ئاكتىپ كەيپىياتتىكى كىشىلەر يۇقىرى پىسخىك ساغلاملىق ھالىتى ۋە ياخشى خىزمەت ھالىتىنى ساقلىيالايدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خۇشاللىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئاشۇرالايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار پىسخىك كەيپىياتنى تەڭشەيدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنىشى كېرەك. ئالايلۇق، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكىنى توغرا تونۇپ، ئۆزىگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىش؛ ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە بېسىملارنى توغرا مۆلچەرلەش ۋە قوبۇل قىلىش؛ ئۆزىنىڭ كەسىپ سالاھىيىتىنى مۇۋاپىق تونۇپ، تەلىم – تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدىن پايدىلىنىپ، خىزمەتتىن رازى بولۇش ۋە قانائەتلىنىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردىن ئۆزىنى كۈچەيتىشكە تىرىشقاندا، ئاكتىپ ئېنېرگىيە شەكىللەندۈرۈپ، نورمال پىسخىك كەيپىيات ياراتقىلى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى دوستۇم ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەر چاغ پىسخىكىڭىزنى تەڭشەپ، قوغداپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]