خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقۇتقۇچىلارنى سۆكمەيلى!

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-04-27 16:47

 
ئوقۇتقۇچىلارنى سۆكمەيلى!

پەرھات جەمىشت( دەردى يوق)
 
  مائارىپ يۈكسەلمىسە مىللەت يۈكسەلمەيدۇ،مىللەت يۈكسەلمىسە دۆلەت يۈكسەلمەيدۇ،يۈكسەلگەن دۆلەتلەر مائارىپقا ،مائارىپچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈدۇ.شۇنداقلا مائارىپچىلارغا ھۆرمەت قىلىدۇ.ئازادلىقتىن كېيىن مەملىكىتىمىز مائارىپقا سېلىنغان سېلىنمىنى يىلمۇ-يىل ئاشۇردى،بولۇپمۇ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30نەچچە يىلدىن بۇيان مەملىكىتىمىز ھۆكۈمىتى مائارىپقا ۋە مائارىپچىلارغا ئەھمىيەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقتىن قىسقىغىنە 30نەچچە يىلدىن بۇيان مەملىكىتىمىزنىڭ ئونېۋېرسال كۈچى ئاشتى ،ئىقتىسادى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇنى جۇڭگودا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ.نۆۋەتتە مەملىكىتىمىز مائارىپى دۇنيادىكى مائارىپى يۈكسەلگەن ئەللەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.بۇ كۆز يۇمغۇسىز پاكىت.خوش ئۇنداق بولسا بىز نەزىرىمىزنى ئۆزىمىزگە ئاغدۇرۇپ باقايلى!
   ئازادلىقتىن بېرى بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان مىللىتىمىزنىڭ مائارىپىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولدى دېيىشكە ھەقلىقمىز.لېكىن بۇ ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە خېلى ئېغىر.ئۇنداق بولسا بىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە زادى نېمە؟
1.مائارىپقا پاسسىپ مۇئامىلىدە بولۇش.يەنى بالىلارنى مەكتەپتىن ئېلىپ قېچىش،مەكتەپكە بېرىپ قويۇپلا كارى بولماسلىق.نۆۋەتتە  مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى «ئالۋان»ئۈچۈنلا ئوقۇتىدۇ  ئەگەر« مەجبۇرىي مائارىپ قانۇ»نى بولمايدىغان بولسا ئۇلار پەرزەنتلىرىنى  ھەرگىزمۇ مەكتەپكە بەرمىگەن بولاتتى.يەنە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار :
«بالىلار مەكتەپتە ئوقۇسىمۇ خىزمەت تاپالمايدۇ»دېگەندەك گەپ-سۆزلەرنى باھانا قىلىشىدۇ.ئۇلاردا بالام قانداق ئوقۇدى،نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟دېگەنلەرنى ئويلاشمايدۇ شۇنداقلار ئويلاشقىمۇ قادىر ئەمەس.
يەنە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلاردا مائارىپىمىز ۋە مائارىپ خىزنەتچىلىرىدىن رەنجىش ئىدىيىسى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغاچقا بالىلارنى ئامالنىڭ يوقىدىن مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشى بىلەن كارى بولمايدۇ.ھەدىسىلا سەۋەبنى مەكتەپتىن،ئوقۇتقۇچىدىن ئىزدەيدۇ.ئۇلار ھەرقانداق بىر ئىشتا ئىچكى ئامىلنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى،ئائىلە،مەكتەپ،جەمئىيەت ئۆزئارا بىرلەشكەندىلا پەرزەنت تەربىيىلەش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقى ئايدىڭ ئەمەس،ئۇلار  بىرياراملىق   ئانىنىڭ ئون نەپەر ياراملىق ئوقۇتقۇچىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى بىلىشمەيدۇ.  
2.ئوقۇتقۇچىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق،ئۇلاردىن قۇسۇر ئىزدەپ ھاقارەتلەش.
بىزدىكى مائارىپقا تۇتقان پوزىتسىيە.شۇنىسى ئېنىق بولۇش كېرەككى ئوقۇتقۇچىلار ئەۋلىياھ ئەمەس ئۇلارمۇ ئادەم،شۇ تۈپەيلى ئۇلاردىمۇ كەمچىلىك-خاتالىقالرنىڭ بولۇشى تۇرغانلا گەپ.چۈنكى دۇنيادا مۇكەممەل ئىنسان بولمايدۇ.
3.خېلى كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ نەقەدەر جاپالىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.
ئوقۇتقۇچىلار پۈتۈن خىزمەتچىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ بۇرۇن خىزمەتكە چۈشۈپ ئەڭ كېيىن خىزمەتتىن چۈشىدۇ.ئۇلار ئاتا-ئانا بولغۇچى ئائىلىدە باشقۇرالمىغان ئاشۇ كەپسىز بالىلارنى گەپكە كىرگۈزۈپ ئۇلارغا ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈزىدۇ.
بەزىلەر مائارىپ ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ئوقۇتقۇچى يوق دىيەرلىك دېيىشسە يەنە بەزىلەر ئوقۇتقۇچىلار ھاراقكەش،ياسانچۇق دىيىشىدۇ.خۇش سىز ئۆزىنى مائارىپقا بېغىشلىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ يوقلۇقىنى نەدىن بىلدىڭىز؟سىز مەكتەپلەرگە چۈشۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىڭىزمۇ؟
ھەرقايسى كەسىپتىكىلەرگە قارىغاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟ياش تۇرۇپلا يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ مۇنبەردە جان تەسەددۇق  قىلغان مېھنەتكەش ئوقۇتقۇچىلار توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقتىڭىزمۇ؟
ئوقۇتقۇچىمۇ ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانغا خاس ھالدا كىيىنىپ يۈرۈشكە لايىق،ئەجەبا  ئۇلار كىيىملىرى كونا،يىرتىق ھالەتتە مۇنبەرگە چىقسا سىز ۋە مەن خۇش بولاتتۇقمۇ؟«ئۆچكىنىڭ ئېچىلىپ قالسا گەپ يوق،قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا،ۋەيت-ۋەيت»دېگەندەك.پەقەت ۋە پەقەت ئوقۇتقۇچىلارلا ھاراق ئىچىەمدىغاندۇ؟باشقا كەسپتىكىلەر مەسچىتلەرگە كىرىپ تەقۋادار بولۇشۇپ كېتىپتىمۇ؟ئەجەبا بىز نېمىشقا ھە دىسىلا ئاشۇ جاپاكەش ئۇستازلىرىمىزنى سۆكۈش ئارقىلىق كۆڭلىمىزگە تەسەللىي ئىزدەشتىن باشقىنى بىلمەيمىز؟ ئەجەبا سىز ۋە مېنىڭ شۇنداقلا  ئالىم، دوختۇر،ئىنژېنىرلارنىڭ ئاشۇ سىز ۋە مەن ھاقارەتلەۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكنى ئېتىراپ قىلغۇمىز كەلمەيدۇ؟ ئەجەبا سىزنىڭ ھەم مېنىڭ قۇلۇمدىن باشقا ياخشىلىق كەلمىسىمۇ ئاشۇ جاپاكەش ئۇستازلارغا ھۆرمەت قىلىشمۇ كەلمەسمۇ؟!
«ئىللىتنى ئۆزگەرتمىگەن مىللەتنىڭ تەقدېرى ئۆزگەرمەيدۇ»دەيدىغان سۆز بار.بىز ھە دېگەندە ئوقۇتقۇچىلارنى غاجاپ يۈرمەي ئەتراپىمىزغا ئوبدان سەپ سېلىپ باقايلى! ئوقۇتقۇچىلارنى بىزدەك ھاقارەتلەيدىغان مىللەتتىن يەنە بىرى تېپىلارمىكىن.«تەۋپىق ئەپەندى تۈرمىدە ياتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئۆزى بىلەن بىر كامىردا يېتىۋاتقان فىرانسىيىلىكتىن:
ـ مېنىڭ مىللىتىم ئازاد بولارمۇ دەپ سورىغان،فىرانسىيىلىك –بولىدۇ-بىراق قاچان سېنى ئاۋۇ موللىدىن ئەتىۋار كۆرگەندە مىللىتىڭ ئازاد بولىدۇ»دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن.دېمەك بىز بۇرۇندىن تارتىپلا ئوقۇتقۇچىدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان بىر مىللەت،شۇنداق بولغاچقا ئازادلىقتىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بىزدە ساۋادسىزلىق تۈگىنگىنى يوق.قېرىنداشلا بىز ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسرائىلىيەگە قاراپ باقايلى!ئۇلارنىڭ مائارىپقا،مائارىپچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى زادى قانداق ئىكەن؟
   دۇنيادا ئسرائىلىيەنى بىلمەيدىغان كىشى ئاز بولسا كېرەك،مەلۇمكى ئىسرائىلىيەنىڭ زىمىنى بېيجىڭ شەھرىچىلىكلا كېلىدۇ،بىراق ئۇ ئۆزىدىن نەچچە يۈز ھەسسە ئارتۇق رەقىبى ئەرەبلەرنى بوزەك قىلىپ قاڭقىر قاقشىتىدۇ ئۇنىڭ رۇياپقا چىقارغان ماركىسى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ،ئۇنىڭ ھەربىي سانائەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانائىتى ئىنتايىن يۈكسەلگەن.يىللىق ئىشلەپچىقىرىش كىرىمى 24ئەرەب دۆللىتىنىڭ يىغىندىسىنىڭ 20%گە تەڭ كېلىدۇ،ئەرەبلەردە نېفىت چىقىدۇ ئىسرائىلىيىدە نېفىت يوق. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نەدىدۇ؟يەنىلا مائارىپىنىڭ يۈكسەلگەنلىكىدە.ھەر قانداق بىر يەھۇددىي  پەرزەنتىنىڭ تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.ئۇلاردا باشلانغۇچنى ئوقۇپلا بولدى قىلىدىغانلار يوق،ئىسرائىلىيەدە ھەر 22ئادەمنىڭ ئىچىدە 20سى ئالىي مەلۇماتلىق،سىز ھەرقانداق بىر يەھۇددىي بالىسىدىن« چوڭ بولغاندا نېمە قىلىسەن» دەپ سورىسىڭىز پۇل تاپىمەن دەپ جاۋاب بېرىدۇ.پۇل تېپىپ نېمە قىلىسەن دەپ سورىسىڭىز،مۇئەللىمگە بېرىمەن دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ.مانا بۇ ئوقۇتقۇچىلارغا قىلىنغان ھۆرمەت.
ئۇنداقتا بىزدىچۇ؟ ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ تىللىشى،ئىتلىرىنى قويۇۋېتىپ قورقۇتىشىدىن باشقىغا ئېرىشەلمەيدۇ  . يېزىلاردا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تىللاش،ئىتلىرىنى قويۇۋېتىپ قورقۇتىشىدىن خالىي بولالمايۋاتقان موشۇ كۈنلەردە،تور،ئۈندىدارسالۇنلىرى قاتارلىقلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى سۆكىدىغان بىر قىسىم ماقالىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.خۇددى ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىدە بولماي ھەممىنى ئۆزىمىز ئۆگىنىۋالغاندەك.ئەگەر ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بولمىغان بولسا سىز ۋە مېنىڭ ئاشۇ بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلەپ ماقالە يازغۇدەك ئىقتىدارىمىز نادىن كەلگەن؟
   قېرىنداشلا تازا ئوبدان ئويلىنىپ باقايلى ئوقۇتقۇچى ئۇ بىر ئاددىي ئىنسان ئەۋلىياھ ئەمەس،ئۇنداق ياكى بۇنداق كەمچىلىك-خاتالىقلارنىڭ بولۇشى مۇقەررەر،ئۇنىڭمۇ شەخسى تۇرمۇشى،ئۆزىگە خاس ئىژتىمائىي ئالاقىسى بولىدۇ،چۈنكى ئۇمۇ خۇددى سىز ۋە ماڭا ئوخشاش جەمئىيەتتە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ ياشايدۇ.بۇ جەرياندا ئۇلاردا ئۇنداق ياكى بۇنداق كەمچىلىك –خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇشى تۇرغانلا گەپ ،شۇ ۋەجىدىن ھە دىسىلا ئوقۇتقۇچىلاردىن ئەيىب ئىزدەپ ھاقارەتلەيدىغان ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە تىگىدىغان تېتىقسىز يازمىلارنى يازغاننىڭ ئورنىغا بېرىلىپ بىلىم ئالايلى ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرەيلى!زېھنىمىزنى شۇ خىلدىكى تېتىقسىز ماقالىلارنى يېزىشقا سەرىپ قىلغاندىن كۆرە جەمئىيەتنى  ئوبدان بىر كۈزىتىپ ئۆزىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تۈگىتىشكە تىرىشايلى!  
  يەنە بىر قانچە ئون يىللاردىن كېيىن بىز تىللايدىغان ئاشۇ دىلى سۇنۇق ئوقۇتقۇچىلار قالمىغاندا مىڭ بىر پۇشايمان يېسەكمۇ ئەسلىگە كەلمەيدۇ...
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار