خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقۇتقۇچىلار كىشىلەرنىڭ تىللىشىغا لايىقمۇ؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2015-04-24 18:44

 
ئوقۇتقۇچىلار كىشىلەرنىڭ تىللىشىغا لايىقمۇ؟
ئوقۇتقۇچىلار كىشىلەرنىڭ تىللىشىغا لايىقمۇ؟
 
    يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم تور بەت،مۇنبەر، ئۈندىدار سالونلىرىدا ئوقۇتقۇچىلارنى سۆكىدىغان، ئەيىپلەيدىغان،تىللايدىغان، يەنە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە بىر قىسىم ساپاسىز ناچارئوقۇتقۇچىلار مەۋجۇت دەپ داۋراڭ سالىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ قالدى، ئۇنداقتاراستىلا شۇنداقمۇ؟
يېزا مائارىپى ئۈچۈن تىنىمسىز تەر تۆكىۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزكۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مەكتەپ سىرتىدىكى كىشىلەرگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زادىنېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ۋە قانداق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغۇم كەلدى…
 
1. ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇئاشى كۆپمۇ؟
   خىزمەتكە چىققىلى بەش يىل بولغان ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىغا تېگىدىغان ئەمەلىي مۇئاشى ئاران 2500 يۈەن، سىز بۇ ساننى بانكا خىزمەتچىسى، يېزا كادىرى، ساقچىخانىنىڭ ساقچىسى قاتارلىقلارنىڭ مۇئاشىغاسېلىشتۇرۇپ بېقىڭ، مۇئاش تەمىناتى جەھەتتە ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغىنى يەنىلائوقۇتقۇچى.
2. ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتى يەڭگىلمۇ؟
    سىز بىر ئۆيدە ئىككى ئۈچ بالىنىڭ جېدىلىنى ئايرىپ بولالماي بېشىڭىز قاتىدۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچى بولسا 40-50 بالىنىڭ ئوخشىمىغان مىجەزىنى ئىگەللەپ يەنە شۇلارنى تەڭ قاتاردا باشقۇرۇپ ماڭىدۇ، ھازىربىر قىسىم بېشەم ئاتا-ئانىلارنىڭ تەسىرىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ-تىللاشتىن سۆزئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ھەتتا قاتتىقراق گەپ قىلىپ قويسىمۇ، ھەدەپ بالىسىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەيۋاتقان، ئوقۇتقۇچىنى بىر تىيىنغا ئالغۇسىز قىلىپ مەكتەپ مۇدىرىغاچېقىۋاتقان، بۇنداق ئىشلار ھېلىھەم نۇرغۇن مەۋجۇت.
   سىنىپ مەسئولى ئەتتىگەندە چۈشتە كېلىپ بالىلار بىلەن بىرلىكتە تازلىق قىلغان، باشقىلارغائوخشاش دەرس ئۆتۈپ، سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەر خىل ئىشلىرىنى جان پىدالىق بىلەن ئورۇنلاۋاتقان، بالىلار ئەكىلەلمىگەن پۇللىرىنى يېنىدىن پۇل چىقىرىپ تولۇقلاۋاتقان، ئۇرۇش جېدىلىنى ئايرىۋاتقان، ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتقاندابالىلارنى مەكتەپ دەرۋازىسدىن خېلى بىر يەرگىچە ئۇزىتىۋاتقان، كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈيىگە بارغان، تېلىفۇن قىلغان… مۇشۇنداق خىزمەتلەرنىڭ كەينىدەيەنە مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن تىل ئاھانەت ئىشىتكەن، مەۋسۈم ئاخىرىدا سىنىپ مەسئوللۇقى ئۈچۈن ئالغان پۇلى ھەتتا تېلىفۇن پۇلىغىمۇ چىقىش قىلمىغان. ھەر بىرئوقۇتقۇچى دەرس تەييارلىق خاتىرىسى، دەرس ئاڭلاش خاتىرىسى، سىياسىي ئۆگىنىش خاتىرىسى، سىنىپ مەسئوللۇق خاتىرىسى، ئەلاچىلارنى يېتەكلەش خاتىرىسى، ئەخلاق تەربىيە خاتىرىسى قاتارلىقلارنى قاتارلىق تۈرلۈك خاتىرىلەرنى ۋاقتىدا تولۇق يېزىپ ماڭمىسا يەنە رەھبەرلىكتىن تىل ئىششىتىۋاتقان… ئوقۇتقۇچىدىن باشقا قايسى بىر دۆلەت خىزمەتچىسى يۇقىرىقىغا ئوخشايدىغان تۈرلۈك خاتىرىلەرنى يازىدۇ، ئەسلا يوق…مۇشۇنداق تۇرسا يەنە قانداقمۇ ئوقۇتچىلارنىڭ خىزمىتىنى يېنىك دەپ قارىغىلى بولسۇن.
3. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت تۈزىمى بوشمۇ؟
    مەيلى قانداق مەكتەپ بولسۇن، ھەر بىركېچىككەن ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ھەر قېتىمغا ھېسابلاپ پۇل تۇتىدۇ، رۇخسەت سورىغان ھەتتاكېسەل سەۋەبى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئىسپاتىنى ئېلىپ كەلسىڭىزمۇ پۇل تۇتىدىغان تۇرسا قانداقمۇ خىزمەت تۈزىمىنىڭ بوشلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن، مەكتەپلەردە قاتمۇقات رەھبەرلىك تۈزۈمى ئورنىتىلغان، گۇرۇپپا باشلىقى، ئىلمى بۆلۈم، مۇئاۋىن مۇدىرلار، سېكىرتار، مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىقلار ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ئىش ھەرىكىتىڭىزنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ، كېچىكىشكە، خىزمەت فورمىسى كىيمەسلىككە،بالدۇر قايتىشىڭىزغا، بوش ۋاقىتتىن پايدىلنىپ ئاستا ھالدا ئۆز ئىشىڭىزنى بىجىرىپ كىرىشكە ئەسلا ئىمكان يوق.
4. ساپاسىز ئوقۇتقۇچىلار كۆپمۇ؟
    مەكتەپلەر بىر تۇتاش ھالدائوقۇتقۇچىلارنى تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە تۈرلۈك مەزمونلاردا ئۈزلۈكسىز ھالدا تەربىيلەش ئېلىپ بارىدۇ، ھەر يىلدا بىر قېتىم كەسپىي سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئالىدۇ، ھەرھەپتىدە ھەر ئايدا ،ھەر مەۋسۈمدە تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە ئۇيۇشتۇرىدۇ، يوقىلىمىسىنى قاتتىق قىلىپ قاتناشمىغان، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرمىغان، پوزۇتسىيىسى ياخشى بولمىغان ئوقۇتچىلارنى قايتىدىن ئۆگىنىشكە تەشكىللەيدۇ، يەنە شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلاركەسپىي ئەخلاقى ۋە مەكتەپ تۈزۈملىرى بىلەن ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنى مۇنتىزىم تەربىيە، قاتتىق باشقۇرۇش ۋە ئۈن تىنسىز بويسۇنۇش ئېڭىغا ئىگە قىلىدۇ. مەيلى قانداق مەكتەپ بولسۇن بىرمۇ ناچار ئوقۇتقۇچى يوق.
    سۆزلىسەك سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ،يۇقىرىدا ئېيتىلغانلار ئوقۇتقۇچى خىزمىتىنىڭ پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى خالاس،مەيلى قانداق ئوقۇتقۇچى بولسۇن ھېچقاچان ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ باققان ئەمەس،ئوقۇغۇچىلاردىن بىرتال يىڭنە چاغلىق نەرسە ئېپ باققان ئەمەس، زەردىسىنى قاينىتىپ ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىدلىشى قانداقتۇ ئىچىنى بوشىتىۋىلىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت بىرلامەقسەت، شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ئەقلىي جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈندۇر.
     جەمىيىتىمىزدىكى ئۆزىنى بىلەلمەي قانداقتۇر ئوقۇتقۇچى توغرىسدا يالغان ياۋىداق گەپلەرنى توقۇپ تارقىتىپ، ئوقۇتقۇچى خىزمىتىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى ئوبرازىغا داغ يەتكۈزمەكچى بولغانلار پەقەتلاروھىيىتى پۇچەك، ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن، ئەخلاقىدىن ئېغىر مەسىلە چىققان بىرقىسىم بىچارە بايقۇشلار خالاس، قوش تىل مائارىپىدا ئۇلار دىگەندەك ناچار ئەخلەت ساپاسىز ئوقۇتقۇچىلار تېخى يوق، ھەم مەڭگۈ بولمايدۇ، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ھەر قانداق بىر پارازىتنىڭ مائارىپ ساھەسىگەسوقۇنۇپ كىرىۋىلىشىغا ئەسلا يول قويۇلمايدۇ.
    ئوقۇتقۇچى ئەگەر ئاشۇ ئازغىنە مۇئاشنىدىسە ھەرگىزمۇ ئوقۇتقۇچى بولمايدۇ، چۈنكى ئوقۇتقۇچى مەكتەپتە سەرپ قىلغان ۋاقتى ۋەزىھنىنى باشقا ئىشقا قاراتسا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قىممەت يارىتالايدۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچى پەقەت سەبىيلەرنىڭ ئالغا بېسىشى، مىللەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، يۇرتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئاخىرىدە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى بىردىنبىر مەقسەت قىلغان. ئوقۇتقۇچى روھىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ ئەڭ ئەزىز ئەڭ يۈكسەك ئىنساندۇر، ئوقۇتقۇچىمۇ ئاددى بىرئىنسان، ئوقۇتقۇچى ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا، جەمىيەتنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ۋە ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئەڭ مۇھتاج ئىنسانلاردۇر.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار