خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مۇئەللىمنى تىللىماڭ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-04-06 20:54

 
مۇئەللىمنى تىللىماڭ

 
(‹‹مۇئەللىمنى تىللايمەن›› دەپ شىئىر يازغان جاناپقا ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلەپ يازما يېزىۋاتقان ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئورۇنسىز ھاقارەتلەيدىغان ‹‹تىللامچى›› لارغا)

پۇرسەت چىقسا غاجىلاپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ،
تۆھمەت چاپلاپ، قارىلاپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ،
ئاپشاركىدەك ئىز پۇراپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ،
ھەر قەدەمدە يول توراپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

 
‹‹غۇرۇرىڭىز›› بولغاچقا مۇئەللىمنى تىللاپسىز،
باردەك خۇددى ئۆچىڭىز، يامان گەپنى خىللاپسىز،
گوپپاڭچىنى دوست تۇتۇپ ، يېنىڭىزغا چىللاپسىز،
نومۇس قىلماي يازغاننى، ئۇندىدارغا يوللاپسىز،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
 
ئوقۇپ قالدىم بىر شىئېر مۇئەللگە بەك ئەپسىز،
‹‹ساقال چىقسا ئوغلىغا، تىرۇرچىمۇ؟›› دەپتۇق بىز،
‹‹مايمۇ ئىدى ئەجدادىڭ، سەنمۇ ھايۋان بول›› دەپ بىز،
ياغلىق ئارتسا قىزلىرى، مەكتەپلەردىن قوغلاپمىز،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

 
‹‹بار مائارىپتا مائاشقا، چارە قىلار مۇئەللىم،
ئەجدادىنى ئەۋلاتقا، يات كۆرسەتكەن مۇئەللىم،
بەستلىك دېھقان ئوغلىنى، لاتا قىلار مۇئەللىم››
باردۇر دىلدىن ئەلگە يار ، مىللەت سۆيەر مۇئەللىم،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
 
‹‹باردۇر يەنە مائارىپتا، كۆزنى بويار مۇئەللىم،
ئىتقاتسىز بىلىمدار، مېڭە يۇيار مۇئەللىم››
دەپ كاپشىماڭ بار يەنە،زەر گۆھەردەك مۇئەللىم،
ئاتا كەچكەن لاتىنى، گاڭگۇڭ قىلار مۇئەللىم،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
 
كۆزنى يۇمۇپ تىللاپسىز، يۈرەك يەنە چوڭ  بولغاچ،
جەميەتتە ھايالىق  باردۇر ئەنە بۇدۇر چاچ.
ھىجاپتىمۇ بۇزۇلغان باردۇر شۇنداق ‹‹قەلەمقاش››
باردۇر مەكتەپ بېغىدا ، دىبا چىراي  گىلدىڭباش،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
 
ساقال بارمۇ سەندىمۇ ئېڭىكىڭنى سىلاپ باق،
كۇسار كېيىپ شاشلاشقان قىز بالاڭغا قاراپ باق،
سۆيۈشۈشنى مەكتەپتە ئۈگەتمەنمۇ؟ سوراپ باق؟
شەرمى-ھايا ئۈگەتكەن ئەجداتلارنى دوراپ باق،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
 
‹‹دېھقان›› تىللار ‹‹مەلىم››نى ، ‹‹باشلىق›› تىللار‹‹ مەلىم››،
يۇندا ئىچكەن، ئىت قاشماق، شاۋچى تىللار ‹‹مەلىم››نى.
‹‹ئال خىزمەتنى›› دەپ قالسا، كىممۇ تېلەر ‹‹مەلىم›› نى،
ئىلىم-پەنگە تەشنا كۆز يەنە چىللار مۇئەللىمنى،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
 
بىزدىن نومۇس قىلسىزڭىز، زەر گۆھەرنى كىم قازۇر؟
ئەۋلادلارنىڭ قەلبىگە، ئوت گۇلخاننى كېم ياقۇر؟
پەرزەنتلەرنى ‹‹كەل، كەل ›› دەپ ئەتىرلەرنى كېم چاچۇر؟
قانات ياساپ ئېلىمدىن، مارىسلارغا كېم ئاتۇر؟
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
 
‹‹ئىككى ئاساسەن›› دېۋىدى، مەيلى دېدۇق چىدىدۇق،
‹‹ئىدلوگىيەدە چاتاق بار›› دەپتى شۇئان جىمىدۇق،
نەچچە- نەچچە ئۆزگەردى،‹‹ سىياسى›› دەپ جىجىدۇق،
‹‹ئەمەلدار ئۆزگەرسە›› دەپ، پارتىيەدىن ‹‹ تىلىدۇق››
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
 
نەچچە –نەچچە يىل ئۆتتى، ئاقاردىغۇ باشتا چاچ،
پەقەت ئۈمۈت ئۈزمىدۇق، پارتىيەم ئادىل بولغاچ،
مىڭ-مىڭ شۇكرى قالمىدۇق، پەقەت-پەقەت يالغاڭغاچ
شۇنچە دەرتكە چىداۋەردۇق، بولامتىكىن مۇئەللىم‹‹ كاج››
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
 
ئەسلى ئىدۇق زەر گۆھەر، مانا قارڭ خار بولدۇق،
مۇناپىقنىڭ قولىدا ، ھەق سۆزلەشكە زار بولدۇق،
غۇرۇرلۇقتۇق، مەرت ئىدۇق، كۈنلەر ئۆتۈپ لاي بولدۇق،
ئەزرىمەسنىڭ قىتىدا ، بىزلەرمۇ ھەم بار بولدۇق،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
 
پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇش مۇئەللىمنىڭ گۇناھى،
مىللەت ئۈچۈن تەر تۆكۈش، مۈئەللىمنىڭ خىيالى،
شۇڭا مۇئەللىم ئاتالدى‹‹سىسىق توققۇز زىيالى››
لېكىن چەكسىز پارلاقتۇر مۇئەللىمنىڭ ئىقبالى،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
 
گەر مۇئەللىم بولمىسا، ھايۋان بولۇر بالىڭىز،
گەر مۇئەللىم بولمىسا، زىندان بولۇر جايىڭىز،
كۈندىن-كۈنگە ئۇلغۇيۇپ، كۆككە يېتەر ئاھھىڭىز،
قارا قوساق، نادانلىق بولۇر مەڭگۇ يارىڭىز،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
 
مۇئەللىم دېگەن مۇنبەردە يورۇپ تۇرغان بىر قۇياش،
مۇئەللىم دېگەن دىللارنى يورۇتقۇچى گۆھەر تاش،
مۇئەللىمسىز ئالەمدە روناق تاپماس قىرى-ياش،
مۇئەللمسىز قۇياشمۇ كۆكتە تاپماس يالتىراش،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
 
ئادىل بولغاچ سىياسەت، ھەممە نەرسە بار بولدى،
ناباپ بولغاچ باشچىمىز، مۇئەللىملەر خار بولدى،
كەڭرى ئەسلى بۇ جاھان، ئەمما بىزگە تار بولدى،
مەركەزنىڭ گەپ سۆزىگە ، ھەممە ئادەم زار بولدى،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

 
‹‹ئەجەپ يېزىپ كېتىپتۇ، تاققۇ-تۇققۇ›› دەپ قالماڭ،
تىرىپ، ئەپلەپ ياسىدىم، ‹‹قاپىيسىزكەن›› دەپ ئاتماڭ،
مۇئەللىمنى ئاقلىغان ‹‹ئەيسا ئۇشۇق›› دەپ قالماڭ،
ئەلنىڭ كۆزى ئەللىكتۇر ، بۇنى بىلمەي گەپ ساتماڭ
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

- ئەيساجان
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار