خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقۇتقۇچى بىر ئەينەك

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-07-12 19:46

 
 ئوقۇتقۇچى بىر ئەينەك

    ياخشى ئادەت ئادەمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يۈزلەندۈرسە، ناچار ئادەت ئادەمنى ئادىمىيلىكتىن ياتلاشتۇرۇۋېتىدۇ. مائارىپچىلارنىڭ ئورتاق نىشانى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئادىمىيلىك جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلاردا كۈچلۈك ياشاش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈش، شۇنداقلا ئۇلارنى ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتۇر.

    م.ئى.كالنىن ئېيتقاندەك: ‹‹تەربىيەچى تەربىيەلەنگۈچىلەرگە بىلىم بېرىش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەدەپ – ئەخلاقى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، كۈندىلىك ۋەقەلەرگە بولغان ئىنكاسى قاتارلىقلار بىلەنمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ››. ھەر قانداق بىر كاتتا نەتىجە، ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەت كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدۇ. كونىلاردا ‹‹تاما – تاما كۆل بولار›› دەيدىغان ھېكمەت بار، شۇڭا تەربىيەنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاش تولىمۇ زۆرۈر.

    ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا ئاجايىپ پاساھەتلىك قائىدىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىلمىي سۆزلەشكە، قالايمىقان، ئەخلاقسىز ئىبارىلەرنى ئېغىزدىن چىقارماسلىققا، ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىدۇ – يۇ، ئەمما ئۆزى ھالقىلىق ۋاقىتلاردا دېگەنلىرىگە ئەمەل قىلالمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى تۆۋەن چىققاندا، ئوقۇغۇچىلار دەرسكە دىققەت قىلماي پاراڭ سالغاندا، مەكتەپتىن قاچقاندا... بىر قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىنى دەپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى تىللايدۇ، ھاقارەتلەيدۇ. بىز ئوقۇغۇچىلارنى ئەيىبلەشتىن ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار دەرسىمنى ئاڭلىمايدۇ؟ نېمىشقا تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدۇ؟ نېمىشقا مەكتەپتىن قاچىدۇ؟ ئەخلاق شۇنچە كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتسىمۇ يەنە نېمىشقا ئەخلاقسىز بالىلار كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى ئۆسمۈر جىنايەتچىلەر كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىپ بارىدۇ؟... دېگەندەك سوئاللار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ باقتۇقمۇ؟ تاپتىن چىقىپ كېتىۋاتقان بالىلار بىلەن يېقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى تىڭشاپ باقتۇقمۇ؟ ئۇلارنىڭ قەلبىگە مېھىر – مۇھەببىتىمىز ئارقىلىق سىڭىپ كىرمەي، يەنە نېمىشقا سېسىق گەپلىرىمىز بىلەن ئۇلارغا زەربە بېرىمىز؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپمىساق، بۇ خۇددى بىر تۈپ قىزىلگۈلنى بىر توپ ئازغان ئورۇۋالسا، گۈلنىڭ گۈزەللىكى نامايان بولمىغىنىدەك، چەككەن جاپالىرىمىز ئاقىۋەتتە ناتوغرا تەربىيە ئۇسۇلىمىز بىلەن نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدۇ، خالاس.

    بىز يەنە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە خاس بولمىغان ئادەتلەرنى يۇقتۇرۇۋالماسلىققا، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئۆگىنىشكە قارىتىشقا ئۈندەيمىز – يۇ، ئۆزىمىز ئۇنىڭغا ئۈلگە بولالمايمىز. يان تېلېفون ئوينىغان ئوقۇغۇچىلارنى بۇرنى – قۇلىقىغىچە تويغۇزۇپ تىللاپ، تېلېفونىنى تارتىۋالىمىز، خەتنى سەت يازغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەر قېتىملىق خۇلاسە يىغىنىدا تىلغا ئېلىپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيمىز – يۇ، ئۆزىمىز بۇ خاتالىقنى تارتىنماي سادىر قىلىۋېرىمىز، ئوقۇغۇچىلارنى مۇزاكىرىگە، تازىلىققا تەشكىللەپ، ئۆزىمىز ئۈندىدار ئويناپ ئولتۇرىمىز، دەرس ۋاقتىدا تېلېفونلىرىمىز سايراپ كەتسە قىلچە خىجىل بولماي سىرتقا چىقىپ تېلېفون ئالىمىز، ‹‹ئۇلارغا بىز ئاز ئەجىر سىڭدۈردۇقمۇ؟ بىز ئۇلارنى دەپ شۇنچە جاپا تارتىۋاتساق، ئۇنچىلىك ئىش دېگەن نېمىتى؟›› دەپ ئويلايمىز، ئېھتىمال. يۈرۈش – تۇرۇش، كىيىم – كېچەك مەسىلىسىدە ‹‹ئوقۇغۇچىلارغا خاس كىيىنىڭلار، سېنىڭ ئىشتىنىڭ تاركەن، سېنىڭ چاچ پاسونۇڭ غەيرىكەن، چاچنى بويۇۋاپسەن، ئەتىدىن باشلاپ بۇ ئەپتىڭنى ماڭا كۆرسەتكۈچى بولما...›› دەپ تەربىيە ئىشلەيمىز، ئەمما بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ماسلاشمايلا قالماستىن، قايسى جىنىسقا تەۋە ئىكەنلىكىنىمۇ ئايرىغىلى بولمايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بولسا گىرىمنى بولۇشىغا قىلىپ، چاچنى بوياپ، ‹‹شىر پادىشاھ››تەك ئەپتىمىز بىلەن دەرسخانىغا ئەيمەنمەي كىرىمىز، ئوقۇغۇچىلار مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا سىنىپنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ ئەينەككە قاراپ بۇزۇلغان گىرىملىرىمىزنى ئوڭشايمىز... مانا بۇ بىر قىسىم ‹‹ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرلىرى››نىڭ قىلىپ يۈرگەنلىرى.

    بۇ مىساللارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىۋاتقان تەربىيەمىز بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزنىڭ بىردەك بولمايۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى. رۇس تەنقىدچىسى بىلنىسكى ئېيتقاندەك: ‹‹پەند – نەسىھەتلەر ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، ئەگەر ئۇلار ئوقۇغۇچىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى قورشاپ تۇرغان پۈتۈن ۋەقەلىكلەرنى ئىلمىي ئىزاھلاپ بېرەلمىسە، مىساللار ئارقىلىق تەستىقلىيالمىسا، ئەمەلىيەتتە بۇ پەند – نەسىھەتلەر پۈتۈنلەي پايدىسىز، ھەتتا زىيانلىق بولۇپ چىقىدۇ››.

    گېپىمىزنى يىغىنچاقلىغاندا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ كۆز ئالدىدىكى بىر ئەينەك. ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئەينەكنى كىر باسسا غۇۋالىشىدۇ، غۇۋالاشقاندا ئوقۇغۇچىلار ئۆزىدىكى نۇقسانلارنى ئېنىق كۆرەلمەيلا قالماي، يەنە ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەرنى خاتا كۆرۈۋالىدۇ، ماڭماقچى بولغان يولنى پەرقلەندۈرەلمەي، ھايات مۇساپىسىدە گاڭگىراپ، ئەڭ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىدىغان مەزگىلنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبكارى يەنىلا بىز ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، ۋىجدان سوتىنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتمەكتىن باشقا يولىمىز قالمايدۇ.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ قا

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار