يېڭى قىزىق نۇقتا :
بېلىقنىڭ ئەستە تۇتۇش
مۇھىت ئاسراشتىكى تۆھ
ئالىملار يېڭى بىر خى
نېمە ئۈچۈن قارا رەڭل
فېڭ شياۋ
2015 – يىللىق دۇنيادىكى ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ باب كېلىدىغان شەھەرلەر تىزىملىكىدە، ئالدىنقى ئون شەھەرنىڭ ئالتىسى ئاۋسترالىيەدە بولۇپ، بۇ ئالتە شەھەر سىدنېي، ئادېلاد، بۇرىسبان، ۋېللىڭتون، كانبېررا ۋە پېرس ئىكەن. مېلبۇرېن 11 – ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر ئەڭ تەلپۈنىدىغان شەھەر ئىكەن، چۈنكى ئۇ دۇنيادىكى ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ باب كېلىدىغان شەھەرلەر تىزىملىكىدە ئۇدا تۆت يىل 1 – ئورۇندا تۇرغان، ئادېلاد، سىدنېي ۋە پېرسمۇ ئالدىنقى ئون شەھەر ئىچىگە كىرگەن. ‹‹باغچە دۆلىتى›› دەپ ئاتالغان ئاۋسترالىيەنىڭ ھاۋاسى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىغا ھېچكىم كۆز يۇمالمايدىكەن.
ئاۋسترالىيە ئىلگىرى بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلانماي، زېمىنلىرى قۇملىشىپ كېتىشتەك ئاچچىق ساۋاقنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇڭا ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر بۇرۇنلا مۇھىت مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، ‹‹ئاۋسترالىيەنى تازىلاش›› شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم مۇھىت پىلانلاش بىلەن بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش، تەبىئەتنى قوغداش بىلەن قەدىمىي خارابىلەرنى قوغداشنى تەڭ ئېلىپ بېرىپ، ‹‹مۇھىت ئاسراش قانۇنى››، ‹‹ئوزون قاتلىمىنى قوغداش قانۇنى››، ‹‹دۆلەتلىك باغچە ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى›› قاتارلىق 50 نەچچە تۈرلۈك مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن ۋە مەمۇرىي بەلگىلىمىنى ئېلان قىلغان. بۇ قانۇن – بەلگىلىمىلەر مەزكۇر دۆلەت خەلقىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
1992 – يىلى ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ‹‹دۆلەت ئېكولوگىيەسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى››نى ئېلان قىلىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلغان پىرىنسىپنى تۇرغۇزغان، كارخانا قۇرۇش، كان ئېچىشتا ئاۋۋال بۇلغاش، كېيىن تۈزەشكە ھەرگىز يول قويمىغان، كارخانىلاردىن بۇلغىنىش پەيدا قىلمايدىغان ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىش قاتتىق تەلەپ قىلىنغان.
ئاۋسترالىيە قانۇنىدا مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن، مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 1 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى جەرىمانە قويۇلىدىكەن، بىۋاسىتە مۇھىت بۇلغاش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.
20 يىل ئىلگىرى ئاۋسترالىيەنىڭ مۇھىت ئاسراشقا سالغان يىللىق مەبلىغى نەچچە مىليارد دوللارغا يېتىپ،GDP نىڭ %6 1.ىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنداق كۆپ مۇھىت ئاسراش مەبلىغى پاسكىنا سۇ ۋە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلگەن، نوپۇسى 2 مىليونغا بارمايدىغان بۇرىسبان شەھىرىدە 14 جايدا يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى بار ئىكەن. ئاۋسترالىيەدە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى، ئىشتات، شەھەر ئۈچ دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتى تەسىس قىلىنغان، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ۋە مىراس مىنىستىرلىقىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچى 500 گە يېتىدىكەن، ئىشتاتلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدە بولسا 1000 دىن ئاشىدىكەن. بۇ كىشىلەر مۇھىت قانۇنىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قوغدايدىكەن.