ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : تاشقى پلانېتىلاردا ج كائىناتنىڭ چوڭلۇقى ق ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ب بېلىقنىڭ ئەستە تۇتۇش

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تەبىئەت > تولۇق مەزمۇنى

بېلىقنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى ئادەملەرنىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن !

ۋاقىت : 2015-08-31 23:32 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم


 
ئەڭ يېڭى بايقاش: بېلىقنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى ئادەملەرنىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن !

بېلىقنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى ئادەملەرنىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن !

ئادەملەر پىرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلار قاتارىغا كىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە پىرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلار بىلەن ئادەتتىكى ھايۋانلارنىڭ پەرقى ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ بار يوقلۇقىدا. ئەگەر مەلۇم بىر كۈنى باشقا جانلىقلارنىڭمۇ ئەقلى بولۇپ قالسا ياكى ئەقلى ئىقتىدارى ئەزەلدىنلا بار بولغانلىقى بايقالسا بۇ دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟ بېلىق ئىنسانلارغا ئىلھام بېرىپ بېلىقلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئۈستىدە بىر قاتار تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى.

مەشىق قىلدۇرۇلغان بېلىقنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بار، بېلىقنىڭ ئەستە تۇتش قابىلىيتى بولۇپلا قالماستىن تېخى ئادەملەرنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدۇ. كانادالىق ئالىم بېلىقنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بار يوقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن مۇنداق بىر قىزىقارلىق تەجرىبە ئىشلىگەن. بۇ تەجرىبىنىڭ ئىسمى بولسا« 12 كۈندىن كېيىن». بۇ تەجرىبىدە بېلىقنىڭ بارلىق تۇرمۇش ئادىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرەلەيدىغان يۇمشاق دېتال ئىشلىتىلگەن بولۇپ بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق بېلىق توغرىلىق ھەممە نەرسىنى بىلگىلى بولىدىكەن. بۇ تەجرىبىدە ئىشلىتىلگىنى بولسا ئافرىقىدىن كەلتۈرۈلگەن ئىسسىق بەلباغ تىپىدىكى زاغرا بېلىق بولۇپ مەلۇم دەرىجىدە ھۇجۇم قىلىش خۇسۇسىيتى بار شۇنداقلا بېلىق تۈرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بېلىققا تەۋە ئىكەن.

بۇ تەجرىبىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سەۋەب ئالىملار ئىلگىرى بۇ بېلىققا ئالىي دەرىجىدە ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى مەشىقى ئېلىپ بارغان ئىكەن. مەشىق تۆۋەندىكىدەك ئىكەن: بۇ ئافرىقا زاغرا بېلىققا ھەركۈنى مۇقىم ئورۇندا ئوزۇق بەرگەن، ھەركۈنىدىكى مەشىق 20 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدىكەن. ئۇدا بىر ھەپتە مەشىق قىلدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن تەجرىبە ئېلىپ بارغان.

تەجرىبىدە مەشىقلەندۈرۈلگەن ئافرىقا زاغرا بېلىقىنى بىر سۇ ساندۇقىدىن ئېلىپ چىقىپ 12 كۈندىن كېيىن ئۇنى يەنە شۇ سۇ ساندۇقىغا سېلىپ قويغان. يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئانالىز قىلىپ بىز مۇنداق بىر ئېنىق يەكۈنگە ئېرىشەلەيمىز: ئافرىقا زاغرا بېلىقى 12 كۈن بۇرۇنقى يېگەن ئوزۇقىنى ئېنىق ساقلىيالايدىغان بولۇپ يەنە تېخى ئوزۇق بېرىلگەن ئورۇننى توپتوغرا تاپالىغان.

بۇ تەجرىبىنىڭ ئەھمىيتى ناھايىتى زور، ئۇ بولسىمۇ دۇنيا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بېلىقلار ئۆزى ياشاۋاتقان تونۇش مۇھىتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. ئەگەر بېلىقلار ئىلگىرى ئۆزى ياشاۋاتقان جايغا قايتىپ ئوزۇقلىنالىسا ئۇنداقتا بېلىقلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارىغا چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

ئەمما ئالىملار نۆۋەتتە پەقەت ئافرىقا زاغرا بېلىقىنىڭلا مۇشۇنداق ئەستە تۇتۇش قابىليىتى بارلىقىنى بايقىدى، باشقا بېلىقلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتى تېخى ئالىملارغا نامەلۇم. بۇ خىل ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنىڭ مۇھىت، سۇ ئېقىمى، ھاۋا كىلىماتى ياكى دورىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرامدۇ يوق ئۇ تېخى تەتقىقات باسقۇچىدا.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار