ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : تاشقى پلانېتىلاردا ج كائىناتنىڭ چوڭلۇقى ق ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ب بېلىقنىڭ ئەستە تۇتۇش

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تەبىئەت > تولۇق مەزمۇنى

ئىككى نەپەر ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سورىغان سوئاللارغا جاۋاب

ۋاقىت : 2015-08-31 23:43 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم


 
ئىككى نەپەر ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سورىغان سوئاللارغا جاۋاب

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى


مەن يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئاكا-سىڭىل ئىككى ئۆسمۈرنىڭ ھەر بىرسى ئايرىم-ئايرىم يازغان ئىككى پارچە قول يازما خەتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.  ئۇلار مەندىن ئاسترونومىيىگە ئائىت بىر قىسىم سوئاللارنى سوراپتۇ.  ھەمدە ئۇلارنىڭ بىرى مېنىڭ باغداش مۇنبىرىدە جاۋاب بەرسەممۇ بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپتۇ.  

مەن بۇ بالىلىرىمىزنىڭ كىچىك تۇرۇپلا تەبىئىي-پەن ۋە ئاسترونومىيە بىلىملىرىگە قىزىققانلىقىدىن ناھايىتى خوشال بولدۇم ھەم سۆيۈندۈم.  شۇنداقلا ماڭا قەلەم بىلەن خەت يېزىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم.  گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقىمىز يېقىنقى بىر قانچە ئەسىرنىڭ مابەينىدە تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا بىلىملىرىدىن ئانچە پايدىلىنالمىغان، ئۇلارنىڭ پايدىسىنى ئانچە كۆپ ئالالمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مېڭىسىگە بۇ 4 خىل نەرسىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى سىڭدۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىن بۇ 4 خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانلىرىنى تەدرىجى ھالدا كۆپەيتىپ مېڭىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.  مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىردىن-بىر يولىمۇ ئەنە شۇ.   

شۇنداق بولغاچقا، مەن ھېلىقى ئىككى پەرزەنتىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب تەييارلاپ، ئۇلارنى مەن ئادەتتە ماقالە يوللاپ تۇرىۋاتقان 3 مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.

تۆۋەندىكىسى باشلانغۇچ 2-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان قىزىمىزنىڭ خېتى:

«ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەركىن مۇئەللىم: ياخشى تۇرۇپسىزمۇ؟  مەن ئۈرۈمچىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى.  بۇ يىل 8 ياشقا كىردىم.  شۇنداقلا 2-يىللىققا چىقتىم.  مەن سىزنىڭ تەرىپىڭىزنى مۇشۇ يېقىندىن بۇيان دادامدىن كۆپ ئاڭلاپ تۇردۇم.  شۇڭلاشقا ئۆزۈم كىچىك بولساممۇ، سىزگە بولغان ھۆرمىتىم بىلەن بىر قانچە سوئال سوراشنى لايىق تاپتىم.»

سوئاللار مۇشۇ يەردە باشلىنىدۇ.  مەن سوئاللارنى ئالدىدا يېزىپ، ئۇنىڭ ئاستىغا ئۆز جاۋابىمنى يازىمەن:

1-سوئال: نېمە ئۈچۈن مەن ياشاۋاتقان ئۈرۈمچىدە كېچىدە ئاسماندا يۇلتۇزلار ئېنىق كۆرۈنمەيدۇ.  لېكىن يېزا-سەھرالارغا بارسام ناھايىتى ئوچۇق كۆرۈنىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئەقىللىق قىزىم!  مەن سىزنىڭ ۋە ئاكىڭىزنىڭ كىچىك تۇرۇپلا تەبىئىي-پەن ۋە ئاسترونومىيە بىلىملىرىگە قىزىققانلىقىدىن ناھايىتى خوشال بولدۇم ھەم سۆيۈندۈم.  شۇنداقلا ماڭا قەلەم بىلەن خەت يېزىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىڭلاردىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم.  ماڭا  ئىشىنىپ خەت يازغىنىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

ئەمدى سىزنىڭ 1-سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەي: ئۈرۈمچىدە يۇلتۇزلار ئېنىق كۆرۈنمەسلىكىنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بار.  ئۇنىڭ بىرى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى چىراغلاردىن چىققان نۇر ئاسماننى بىر ئاز يورۇق قىلىپ قويىدۇ.  شۇڭلاشقا خۇددى كۈندۈزى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆرگىلى بولمىغاندەك، ئاسمان چىراغ نۇرلىرى بىلەن يورۇق قىلىۋېتىلسە، ئاسماندىكى يۇلتۇزلار بىزگە كۆرۈنمەيدۇ.  يېزىلاردا ئاسماننى يورۇتىۋېتىدىغان چىراغلار بولمىغاچقا يۇلتۇزلار ئېنىق كۆرۈنىدۇ (ئاسماندا كۈندۈزلىرىمۇ يۇلتۇزلار شۇ پېتى بار، ئەمما ئاسمان يۇرۇق بولغاچقا، بىز يۇلتۇزدىن كەلگەن نۇرلارنى كۆرەلمەي، شۇنىڭ بىلەن يۇلتۇزلارنىمۇ كۆرەلمەيمىز).  ئىككىنچى سەۋەب، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى يېزىلارنىڭكىدىن كۆپ بۇلغىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا ناھايىتى قېلىن ئىس بار.  ئۇ ئىسلار يۇلتۇزدىن كەلگەن نۇرلارنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ، ياكى بولمىسا يۇلتۇزدىن كەلگەن نۇرلارنى توسۇۋالىدۇ.  شۇڭا ئۈرۈمچىدە يۇلتۇزلار ئېنىق كۆرۈنمەيدۇ.

2-سوئال: نېمىشقا مەن ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان چولپان يۇلتۇز بەزىدە ئاسماندا كۆرۈنىدۇ؟ بەزىدە كۆرۈنمەيدۇ؟

جاۋاب: سىز دېگەن «چولپان يۇلتۇز» ئەسلىدە بىزنىڭ قۇياش سىستېمىمىزدىكى 2-پلانېتا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ۋېنىرا.  ئۇ بىز ياشاۋاتقان يەر شارىغا ئەڭ يېقىن بولغاچقا، بەزى ئاخشاملىرى ئۇ ئاسماندا باشقا بارلىق يۇلتۇزلاردىن بالدۇر پەيدا بولىدۇ.  شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا «چولپان يۇلتۇز» دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان.  پەندە بىزنىڭ كۈنگە ئوخشاش ئۆزىدىن نۇر چىقىرىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنى «يۇلتۇز» دەپ ئاتايمىز.  بىز ياشاۋاتقان يەر شارى ۋە بىزنىڭ قېشىمىزدىكى ۋېنىراغا ئوخشاش ئۆزىدىن نۇر چىقمايدىغان ئاسمان جىسىملىرىنى بولسا «پلانېتا» دەپ ئاتايمىز.  ۋېنىرامۇ ئۆزىدىن نۇر چىقارمايدىغان بولۇپ، قۇياشنىڭ نۇرى ئۇنىڭ يۈزىگە چۈشكەندە، خۇددى بىر پارچە ئەينەك نۇر قايتۇرغاندەك، ئۇمۇ قۇياش نۇرىنى قايتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋېنىرا بىزگە خۇددى ئۆزىدىن نۇر چىقىرىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.  ئايمۇ شۇنداق.  يەر شارى بىلەن ۋېنىرانىڭ ھەر ئىككىسى قۇياشنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ.  يەر شارى كۈننى ھەر 365 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ.  ۋېنىرا بولسا كۈننى ھەر 225 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ.  بۇ ئىككىسى تەڭ ماڭمىغان بولغاچقا، بەزىدە يەر شارى بىلەن ۋېنىرا كۈننىڭ ئوخشاش تەرىپىگە ئۆتۈپ قالىدۇ. شۇ چاغدا ۋېنىرا بىزگە ئاخشىمى «چولپان يۇلتۇز» بولۇپ كۆرۈنىدۇ.  بەزىدە يەر شارى بىلەن ۋېنىرا كۈننىڭ قارىمۇ-قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ قالىدۇ.  شۇ چاغدا بىزگە ۋېنىرا «چولپان يۇلتۇزى» بولۇپ كۆرۈنمەيدۇ.

3-سوئال: مەن مەھەللىدە كېچىلىرى دوستلىرىم بىلەن ئويناۋاتقاندا، نەچچە قېتىم بىر يۇلتۇزنىڭ تۇيۇقسىز تېز سۈرئەتتە ئاسماندىن يەر يۈزىگە چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈمەن.  بۇ نېمە ئۈچۈن؟  لېكىن بوۋام-مومام ۋە ئاپام «بىر يۇلتۇز يەرگە چۈشسە، بىر ئادەم ئۆلۈپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ»، دەيدۇ.  بۇ راستمۇ؟

جاۋاب: بىز ئاخشىمى ئاسماندا كۆرۈدىغان يۇلتۇزلار بىزدىن ئىنتايىن يىراق بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ھېلىقىدەك تېز سۈرئەت بىلەن ئاسماننىڭ بىر تەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتەلمەيدۇ.  دۇنيادىكى بارلىق ھەرىكەتچان جىسىملارنىڭ ئىچىدە نۇر ئەڭ تېز ماڭىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن بىرى نۇرنىڭ تېزلىكى بىلەن ئوخشاش تېزلىكتە ماڭغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئاسماننىڭ بىر تەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ بولۇشى ئۈچۈن نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ يىل ۋاقىت كېتىدۇ.  سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز يۇلتۇز ئەمەس، بەلكى كائىناتتىن كەلگەن ناھايىتى ئۇششاق ئۇچار تاشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭلۇقى ئادەتتە بىر قانچە مىللىمېتىرلا كېلىدۇ.  يەنى سىز كۆرگەن تاش بىر دانە بۇغدايچىلىك بار.  ئۇلار يەر شارىنىڭ ھاۋا قاتلىمىغا كىرىپ، يەر يۈزىگە يېقىن بىر جايدا ماڭغاندا، ئاتموسفېرادىكى ھاۋا بىلەن سۈركىلىپ، بىر خىل ئوت پەيدا قىلىدۇ.  بىر بۇغدايچىلىك تاش ناھايىتى چوڭ ئوتنى پەيدا قىلالايدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئوت بىزگە خۇددى بىر تال يۇلتۇز ئېقىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ.  

ئۇيغۇر دىيارىدا سىز چوڭلاردىن ئاڭلىغان ھېلىقى سۆزلەر خېلى كۆپ تارقالغان بولۇپ، مەنمۇ سىزدەك ۋاقتىمدا ئاشۇنداق گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغان.  ئۇ سۆزلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى مەن ئاسترونومىيە ۋە بىر ئاز دىن ئۆگەنگەندىن كېيىن ئاندىن چۈشەندىم.  يەنى، مېنىڭ دىنىي ئۇستازلاردىن ئاڭلىشىمچە، ئاللاھ ئادەتتىكى بەندىلەرنىڭ ئۆلۈمىنى بىرەر يۇلتۇزنىڭ ئېقىپ كېتىشىدەك چوڭ ھادىسىلەر بىلەن باغلاپ قويمايدىكەن.  يەنى، ھېلىقى سۆز دىن جەھەتتىنمۇ توغرا ئەمەس ئىكەن.

مەن يۇقىرىدىكى بەزى جاۋابلارنى سىز چۈشىنەلىگۈدەك سەۋىيىدە بايان قىلالمىغان بولىشىم مۇمكىن.  شۇنداق بولۇپ قالغان بولسا كەچۈرۈڭ.  جاۋابىمنىڭ ئاشۇنداق يەرلىرىنى دادا-ئاپىڭىز سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويسۇن.

= ========================================= =

يۇقىرىدىكى قىزىمىزنىڭ 5-سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئاكىسى مەندىن 3 سوئال سوراپتۇ.  ئۇ سوئاللار بىلەن ئۇلارنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە:

1-سوئال: ئىنسانلار مارسقا چىقالامدۇ؟

جاۋاب:  ئەسسالام ھۆرمەتلىك ئوغلۇم!  مەن خېتىڭىزنى ئوقۇپ، سىزنىڭ ئاسترونومىيىگە قىزىقىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ، ناھايىتى خوشال بولدۇم.  شۇنداقلا دادىڭىزنىڭ 15-ئەسىردىكى ئۇلۇغ ئالىمىمىز «ئۇلۇغبەگ» نىڭ ئىسمىدىن شۇنچە ئاقىلانە پايدىلانغانلىقىدىنمۇ ئىنتايىن سۆيۈندۈم ھەم تەسىرلەندىم.  بولسا ھازىردىن باشلاپ بوشاشماي قاتتىق تىرىشىپ، كەلگۈسىدە ئاسترونومىيىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار بىر ئۇيغۇر ئالىم بولۇپ چىقىڭ.  سىز مەندىن قانداق ۋاقىتتا سوئال سورىسىڭىز مەن سىزگە ئۆز ۋاقتىدا تولۇق جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن.  شۇنداقلا كەلگۈسىدە ئامېرىكىدا ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇقتا ئوقۇپ قالسىڭىز، مەن سىزگە قايسى مەكتەپ كەلگۈسىدە بىزنىڭ ئىدارىدەك يەرگە خىزمەتكە كىرىشكە ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىمەن.  ھەمدە ھەممە جەھەتتە قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمەن.  ھېسابلاپ باقسام، سىز ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى باشلاشقا يەنە 12 يىلدەك ۋاقىت بار ئىكەن.  ئاللاھ بۇيرىسا مەن شۇنىڭغىچە J P L دە ئىشلەپ تۇرۇشقا تىرىشىمەن.  شۇڭا سىزمۇ چوقۇم تىرىشىڭ بالام.  ئەمدى سىز سورىغان سوئالغا جاۋاب بېرەي:

مېنىڭچە ئىنسانلار مارسقا چوقۇم چىقالايدۇ.  ھازىر ئۇنىڭ خېلى كۆپ تەييارلىقى پۈتۈپ بولدى.  ھازىرقى پىلانلارچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قانچە چوڭ خۇسۇسىي شىركەتلەر كېيىنكى 10 يىلدەك ۋاقىتنىڭ ئىچىدە مارسقا ئادەم چىقىرىشى مۇمكىن.  ناسا بولسا 2030-يىللىرى مارسقا ئادەم چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.  شۇڭلاشقا يەنە 10 يىلدەك ۋاقىتتىن كېيىن سىز ئادەمنى ھاياجانغا چۆمدۈرىدىغان كۆپ ئىشلارنى كۆرۈسىز ياكى ئاڭلايسىز.

2-سوئال: دۇنيادىكى بارلىق ئالىملار بىرلىشىپ، ھاۋا بىلەن جانلىق بار تاشقى پلانېتىلارنى تاپالامدۇ؟

جاۋاب:  مەن «چوقۇم شۇنداق قىلالايدۇ» دەپ ئويلايمەن.  ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بارىدىغان ئاشۇنداق بىر قوشۇن ئاللىقاچان مەيدانغا كېلىپ بولغان بولۇپ، مەنمۇ شۇ قوشۇننىڭ بىر ئەزاسى.  بۇ قوشۇندا تاشقى پلانېتىلارنى بىۋاستە كۆرۈدىغان ئالەم تېلېسكوپى ياسايدىغانلار، پلانېتىلارنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن كەلگەن نۇرلارنى ئۆلچەپ ۋە ئانالىز قىلىپ، ئۇ پلانېتىنىڭ خىمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىدىغان، ھەمدە ئۇ پلانېتىدا جېنى بار بىئولوگىيىلىك جىسىملار بار-يوقلىقىنى ئېنىقلايدىغان ئالىم ۋە ئىنژېنېرلار بار.  مەن بولسام ئاشۇنداق تېلېسكوپنى ياساۋاتقان ئىنژېنېرلارنىڭ بىرى.

3-سوئال: كائىنات چوڭىيىۋاتامدۇ ياكى كىچىكلەۋەتامدۇ؟

جاۋاب: ھازىر كائىنات ناھايىتى تېز سۈرئەتتە چوڭىيىپ مېڭىۋاتىدۇ.  مەن ئۆتكەن يىل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېما ئۈستىدە بىر قانچە پارچە ماقالە يازغان بولۇپ، مۇمكىن بولسا دادىڭىز ئۇلارنى سىزگە ئوقۇپ، چۈشەندۈرۈپ بەرسۇن. 
ئەقىللىق بالىلىرىم، ئاخىرىدا مەن ئىككىڭلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەممە ئىشلىرىڭلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى، كەلگۈسىدە ھەر ئىككىڭلارنىڭ ئۇيغۇر تەبىئىي-پەن ئالىملىرىدىن بولۇپ چىقىشىڭلارنى ئاللاھدىن تىلەيمەن. خەير-خوش، ئامان بولۇڭلار!
ئىككى نەپەر ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سورىغان سوئاللارغا جاۋاب

1-رەسىم: ۋېنىرانىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان رەسىمى.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار