بىز بىلىم بېرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پەيتلىرىمىزدە، ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنىڭ ئاددىي بولغان كەسپىي بىلىملەرنى يەتكۈزۈپ قويۇش بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىمىز. ئادەتتە، مەكتەپلىرىمىزدىن يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇۋاتقان، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى ئوقۇشلىرىنى تاماملاپ، خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى تەتقىق قىلىپ كۆرگىنىمىزدە، پەقەت ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە دېگەندەك قاراتمىلىقى كۈچلۈك كەسپىي پەنلەردە يۇقىرى نەتىجىلەرنى يارىتىشنىڭ گەرچە ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشىدا مۇھىم رول ئوينىسىمۇ، بىر ئادەمنىڭ ئىنسانىي ساپا ۋە كىشىلىك قىممەت قارىشىنى يارىتىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىيالمايدىغانلىقىنى، ئىنسان ئۈچۈن بىر ئۆمۈرلۈك ساپاغا تەسىر قىلىدىغان ئامىلنىڭ يەنىلا ئەخلاقىي پەزىلەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇغۇچىلارنى چىن قەلبىدىن قايىل قىلالايدىغان ئەخلاق تەلىم-تەربىيەسى يېتەرلىك ئېلىپ بېرىلغاندا، جەمئىيەت ئۈچۈن ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان، ھەر ۋاقىت ئاۋامنىڭ ۋە شەخسنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك بىرتەرەپ قىلىپ، ئۆز پۇرسەتلىرىنىڭ قەدىر-قىممىتىگە يېتىدىغان، جەمئىيەتكە ۋە ئۆز كەلگۈسىگە توختىماي ھەسسە قوشالايدىغان ئىلغار ئىدىيەدىكى جەمئىيەت ئەزالىرىنى تەقدىم ئەتكىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق زۆرۈرىيەت نۇقتىسىدىن چىقىپ مەكتەپ ئىشلىرىنى ئويلاشقىنىمىزدا، ئەخلاق تەلىم–تەربىيەسى خىزمىتىدە قانداق نۇقتىلارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى ئاسانلا ئايرىپ چىقالايمىز.
1. مەكتەپلىرىمىزدە ئەخلاق–پەزىلەت خىزمىتىنى مۇدىر ۋە باشقا رەھبەرلىرىمىزدىن باشلاش كېرەك
بىز خىزمەت ۋە مەكتەپ ئىچى-سىرتىدا دائىم مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، يىغىن، خىزمەت تەكشۈرۈش، خۇلاسىلەش دېگەندەك ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرىمىز. كۆپچىلىك بۇنداق ۋاقىتلاردا كۆپىنچە بىزنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي ساپاسىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتساق، ئوقۇتقۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىنماسلىق، بەزى ئوقۇتقۇچىلار يىل بويى دەرس بىلەن كارى بولمىسىمۇ، تۈرلۈك مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچراش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخى دائىم كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ قېلىش، ئادەتتە توختىماي تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلار يىللاپ ياخشى ئىشلەپ، بىرەر قېتىم ئىلاجسىزلىقتىن سەۋەنلىك سادىر قىلىپ قالسا، يىللاپ سىڭدۈرگەن ئەجرى بىراقلا يوققا چىقىش دېگەندەك ئىشلار نۇرغۇن مەكتەپلەردە يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار سەۋەنلىك سادىر قىلىپ قالسا، مەكتەپ مۇدىرلىرى ياكى ئوتتۇرا قاتلامدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىشى، ئۆز سالاھىيىتىگە ماس بولمىغان تۈرلۈك ئىپادىلەر بىلەن غۇرۇرىغا تېگىشى دائىملىق ئىش بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە كەمچىلىك ياكى خاتالىق بولسا، تۈزىتىش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش كېرەك، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن غۇرۇرى دەپسەندە بولسا بولمايدۇ-دە. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي يوسۇندا قوغدايدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىنى تەرك ئېتەلەيدىغان رەھبەر ياكى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى تاپماق تولىمۇ قىيىن. ئەگەر كەڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئۆز رەھبەرلىرىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمسە، ئۆزىدىكى تۈرلۈك سەۋەنلىكلەر ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكلەردىن تەبىئىيلا نومۇس قىلىشقا باشلايدۇ، كېيىنكى قەدەملىرىدە ئامال بار يۇقىرىراق ساپا بىلەن خىزمەت قىلىشقا ۋە كىشلىك مۇناسىۋەتلەردىمۇ باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلىنىدۇ. مۇشۇنداق بولغىنىدا سۇنىڭ بېشىدىن تارتىپ سۈزۈكلىشىپ، ئارىلىقتا سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتىدىغان نان قېپىلارغا پۇرسەت قالمايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، دائىم ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۈلگە تىكلەپ بېرىۋاتقان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەلبى ئاسانلا جاراھەتلىنىدۇ-دە، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا رەھبەرلەردىن يۇقتۇرۇۋالغان پەزىلەتسىزلىكلەرنى ئىپادىلەپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ جاراھەت ئوقۇغۇچى قەلبىگە ئورنايدۇ. شۇنداق قىلىپ جەمئىيەتكە قەلبى پاك، ئېسىل پەزىلەتلىك بىر ياشنى تەربىيەلەپ چىقىرىش ئورنىغا ئادالەتسىزلىك ۋە ساپاسىزلىقنىڭ ئۇرۇقى چېچىلغان، كەلگۈسى گۇمانلىق بولغان بىر يېڭى ئەزانى ئىتتىرىپ چىقىرىمىز. بۇ جاراھەتنىڭ جەمئىيەتتە قاچان، قانداق ۋاقىتتا ئىپادىلىنىپ چىقىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىلا بولۇپ قالىدۇ…
2. ئەخلاق تەربىيەسى گەپ-سۆزلىرىمىزدە، قىياپەتلىرىمىزدە ۋە ھەرىكەتلىرىمىزدە ئىپادىسىنى تاپسۇن
«ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز باشنى» دېگەندەك، ئاغزىمىزدىن چىققان ئېسىل ئۈنچىلەر بالىلار قەلبىدە لەززىتى چەكسىز ھۇزۇر-ھالاۋەتنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بېزەيدىغان يېشىل ماتېرىيالغا ئايلىنىدۇ. مەلۇم مەقسەتكە يەتمەكچى بولغىنىمىزدا دائىم ئىككى خىل يولغا دۇچار بولىمىز، بىرى قوپاللىق ۋە زەھەرخەندىلىك ئارىلاشقان ناچار ئىپادە ئارقىلىق ئېرىشىش، يەنە بىرى ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ، ئۆزىمىزدىكى گۈزەل ئەخلاق–پەزىلەتنى ئەڭ ياخشى نامايان قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىش. بىز ھەر ۋاقىت كېيىنكىسىنى تاللاپ، ئۆزئارا گۈزەل سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنسەك، بىر-بىرىمىزگە كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق ۋە ئېتىراپ قىلىش پوزىتسىيەسىدە يۈزلەنسەك، بىراۋنىڭ ئاغزىدىن مەينەت گەپ ئاڭلاشقا ئورۇنمۇ قالمايدۇ. شۇنداقلا، ئۆزىمىز رەھبەر ياكى ئادەتتىكى ئادەم بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپمۇ ئويلاپ كۆرسەك، ئۆزىمىزنىڭ روھىي دۇنيارىمىز ساپلىنىپلا قالماي، بىزنىڭ ئەخلاق تەلىم-تەربىيەمىز يۇقىرى پەللىدە ئىمكان تېپىپ، ئەۋلادلارغا بىزدىن قىممەتلىك ئەنئەنىلەر ئۇدۇم قالىدۇ.
ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دېگەن خۇلاسىدىن ئايان بولغىنىدەك، ئىنسانلار دۇنيانى بىلىشتە ئاڭلاش سەزگۈسىگە قارىغاندا كۆرۈش سەزگۈسىگە بەكرەك تايىنىدۇ. بىز ئادەتتە ئەخلاق تەلىم-تەربىيەسى خىزمىتىنى دەرسخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەخلاق دەرسى، لىكسىيەلەر ۋە كىتاب ئوقۇپ بېرىش دەپ تونۇپ قالىمىز. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسىگە تەلىم-تەربىيە ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قىياپىتىمىزدە، يۈز-كۆزىمىزدە، كىيىم-كېچەكلىرىمىزدە، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا گۈزەل ئەخلاق–پەزىلەتنىڭ ئىپادىسى تويۇنۇپ تۇرسا، ھەرىكەتلىرىمىزدە، قىلىقلىرىمىزدا ۋە پائالىيەتلىرىمىزدە ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتكى دوستلارنى زوقلاندۇرىدىغان پەزىلەت ئامىللىرى ئوخچۇپ تۇرسا، ئوبرازىمىز ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار قەلبىدە بۈيۈكلىشىدۇ–دە، ئىستىخىيەلىك ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى تەلىم-تەربىيە مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
3. مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىش ئەخلاق تەلىم-تەربىيەسىنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى
بىر بالىغا يىللاپ تەلىم-تەربىيە قىلىپ، ئەخلاق جەھەتتىن يېتەكلەپ، قەلبىدە گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، ئۇتۇقلۇق مائارىپ لىنىيەسىنى سىزىپ، ئاخىرىدا ئۇچۇرما بولغان قۇشلىرىمىزنى ئۇۋىمىزدىن يىراق-يىراقلارغا يولغا سالغىنىمىزدا، گەرچە ئۆزىمىز قۇرۇق قول، يالغۇز قالساقمۇ ئۆز ئەجرىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىسى بولغان ئۇلارنىڭ پەرۋازى بىزگە شېرىن ھېس–تۇيغۇلارنى ۋە پەخىرلىك مىنۇتلارنى ھەدىيە قىلىدۇ. شۇ تۇيغۇلار ئىچىدە بىر نۇقتىنى ئېسىمىزدىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەككى، ئەجرىمىز مەيلى قانچىلىك زور بولسۇن، نىيەتلىرىمىز توغرا ۋە بۈيۈك بولسۇن، مەنپەئەت مەسىلىسىدە بىلىپ-بىلمەي كەتكۈزۈپ قويغان كىچىككىنە سەۋەنلىكىمىز بىز ئېرىشمەكچى بولغان بارلىق مەقسەتلىرىمىزنى بەربات قىلىشقا يېتەرلىكتۇر.
كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئايان، بىر ئادەمگە يۈز ياخشىلىق قىلىشقا توغرا كەلسە، 99 ىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاخىرىدىكى بىرىدە ئۆز مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ دىلىنى رەنجىتسەك، ئۇ كۆپ ھاللادا ئالدىنقى 99 ياخشىلىقنى ئەستىن چىقىرىپ، ئاخىرقى بىرى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ شۇنداق، ئۇلار نۇرغۇن ئىشلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بارلىقى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، دەپ قارايدۇ. مانا بۇ مەسىلە ئىشلارنىڭ قىيىن نۇقتىسى، بۇ نۇقتا بىز خىزمەتتە، مۇناسىۋەتلەردە ئىنچىكىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلالماي قالساقلا، مەغلۇب بولۇپ قالىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. مەكتەپتە مەنپەئەت تالاش-تارتىشلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ. بەزىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدىلا سەتلىشىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە چېقىلىپ قويىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ، ئۇلارنىڭ يۇمران قەلبىدە مەڭگۈلۈك تاتۇق قالدۇرۇپ كېتىدۇ. بۇ خىل تالاش-تارتىش، ئاچكۆزلۈك مەسىلىلىرى ساقلانغان تەلىم-تەربىيەنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن سۆز ئېچىشنىڭ قىلچە ئورنىمۇ قالمايدۇ.
4. ئوقۇغۇچىلار قەلبىگە گۈزەل ۋە نۇقسانسىز نەمۇنىنى سىزىپ قويۇش كېرەك
بىز ئوقۇتۇش ئىشلىرىمىزدا مەقسەتلەرگە يېتىشنى ئىستەيدىغان بولساق، مەكتەپ مۇدىرىدىن تارتىپ، دەرۋازىۋەنگىچە تەلىم-تەربىيەدە ئورتاق تونۇشقا ئىگە بولۇشىمىزغا ۋە ماسلىشىپ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى بۈيۈك ئوبرازىمىزنى بىر قوللۇق سىزىپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. قايسى ھالقىدا مەسىلە كۆرۈلسە، ئوقۇغۇچى تەرەپتە شۇنىڭغا ماس ئىپادىسى كۆرۈلىدۇ. مۇدىرلىرىمىزنىڭ ئۆزىدە بولمىغان مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئوقۇتقۇچىلاردىن تەلەپ قىلىشقا ھەققى بولمىغىنىدەك، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىمۇ ئۆزىدە بولمىغان ئەخلاقىي ساپانى ئوقۇغۇچىدىن كۈتۈشىنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوقتۇر.
ئاپتور: غۇلجا ناھىيەسى خۇدىيار يۈزى ئوتتۇرا مەكتىپىدىن گۈلنىسا ئابدۇمۈلۈك . توردىكى مەنبە: ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]