ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ماجىراسى سوت مەھكىمىسىنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىدىمۇ؟
دېلو ئەھۋالى: پولات 2010 - يىلى 1 - نويابىر مەلۇم مەكتەپ بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن، مەكتەپ پولاتقا تۈرلۈك (ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى)ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى نەق بېرىدىغان، پولات ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇللىرىنى ئۆزى تاپشۇرىدىغان بولغان. پولاتنىڭ خىزمەتتىكى ئىپادىسى ياخشى بولمىغاچقا، مەكتەپ 2011 - يىلى 11 - ئىيۇل پولاتنى ئىشتىن بوشاتقانلىقىنى يازما شەكىلدە ئوقتۇرغان. پولات مەكتەپنىڭ قارارىغا قايىل بولماي، ئەمگەك كېسىم كومىتېتىغا ئىلتىماس قىلىپ، مەكتەپتىن 2010 - يىلى 1 - ئۆكتەبىردىن 2011 - يىلى 11 - ئىيۇلغىچە بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. كېسىم كومىتېتى كېسىم چىقىرىپ مەكتەپنى پولاتنىڭ ئىشلىگەن مەزگىلدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەپ بېرىش (ئورۇن تۆلەشكە تېگىشلىك قىسمىنى ئورۇن تۆلەش، شەخس تۆلەشكە تېگىشلىك قىسمىنى شەخس تۆلەش)كە بۇيرۇغان.
مەكتەپ كېسىمنامىگە قايىل بولماي خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەشنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
سوت مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، مەكتەپ بىلەن پولات ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت، بىراق مەزكۇر دەۋا تەلىپى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە ئەمەس، دەپ قاراپ، دەۋاگەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.
تەھلىل: دېلودىكى مۇھىم مەسىلە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تالاش - تارتىشىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش دائىرىسىدىمۇ - ئەمەسمۇ؟ دېگەن مەسىلە بولۇپ، ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقانلارنى، ئەمگەك ئىش ئورنىدىن ۋاقتىنچە قالغانلارنى ياكى تەن سالامەتلىكى تۈپەيلىدىن زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىغانلارنى كىرىم ياكى تولۇقلىما بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۈزۈم. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پىلانىنى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويىدۇ، مەمۇرىيلىققا ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ.
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 74 - ماددا 6 - تارمىقىدا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلارغا قاتنىشىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەقلىرىنى تاپشۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرماسلىق، تۇتۇپ قېلىش، ئاز تاپشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، دەۋاگەرلەر ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇ مەمۇرىي قانۇن ياكى مەمۇرىي دەۋا قانۇنى تەڭشەيدىغان قانۇنىي مۇناسىۋەت ياكى مەمۇرىي دەۋا مۇناسىۋىتى بولۇپ، ھەق تەلەپ قانۇنى دائىرىسىدە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىشى قانۇنغا ئۇيغۇن.