خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

كىملىككە ئائىت سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-28 00:29


 
كىملىككە ئائىت سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر

1999-يىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە «گوۋۇيۈەن خەلق ئاممىسىنىڭ كىملىكى تۈزۈمى ھەققىدىكى قاراى» ئېلان قىلىنىپ شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. كىملىك نومۇرىدىكى سانلار شۇنچە ئۇزۇن، ھەربىر خانىسى زادى نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ نېمىشقا بەزى ئادەملەرنىڭ كىملىك نومۇرى ئاخىرىدا X بار ؟ كىملىك يۈتۈپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟ كىملىكنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى قانداق قىلغاندا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟....تۆۋەندە بىز كىملىك توغرىلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىمىز.

كىملىككە ئائىت سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر

كىملىككە ئائىت سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر

كىملىكتىكى رەقەملەرنىڭ مەنىسى :

①ئالدىنقى ئالتە خانىسى ئۆلكە شەھەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، تۇنجى قېتىم كىملىككە چۈشكەن ئورۇنغا ئاساسەن تىزىلىدىغان بولۇپ ئادرېسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ياكى نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆگەرمەيدۇ.

②7-خانىدىن 14-خانىگىچە سان تۇغۇلغان كۈنىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

③15-خانىدىن 17-خانىگىچە رەقەملەر بولسا ئوخشاش ئادرېستىكى بىر يىل بىر ئاي بىر كۈندە تۇغۇلغان كىشىلەرنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ 17-رەقەم جىنسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تاق سان بولسا ئەر جۈپ سان بولسا ئايال بولىدۇ.

④18-خانە رەقەم بولسا تەكشۈرۈش سانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر ئاخىرقى سانى 9-0 گىچە سان بولسا X بولمايدۇ، ئەگەر ئاخىرقى سانى 10 بولسا ئۇنداقتا X بىلەن ئىپادىلەيدۇ، شۇندىلا كىملىك نومۇرىنىڭ 18 خانىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

كىملىككە ئائىت سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر

كىملىكنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى

16 ياشقا توشمىغان پۇقرا ئىختىيارى ھالدا كىملىك ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان بولۇپ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 5 يىل

16-ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا كىملىك ئىلتىماس قىلسا ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل

26 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا كىملىك ئىلتىماس قىلسا ئىناۋەتلىك ۋاقتى 20 يىل

46 ياشتىن يۇقىرى پۇقرالار كىملىك ئىلتىماس قىلسا ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئىناۋەتلىك بولىدۇ.

كىملىككە ئائىت سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر

كىملىك بېجىرىشكە كېتىدىغان راسخوت

كىملىك بېجىرىشكە كېتىدىغان راسخوت 20 يۈەن.

كىملىك يۈتۈپ كەتسە كېتىدىغان راسخوت 40 يۈەن.

ۋاقىتلىق كىملىك بېجىرسە ھەر قېتىملىقىغا 10 يۈەن كېتىدۇ.

كىملىككە ئائىت سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر

كىملىككە چۈشىدىغان رەسىمگە قويۇلىدىغان تەلەپ

1.    فورما ياكى ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىشكە بولمايدۇ

2.   ئەگەر كۆزئەينەك تاقايدىغان بولسا كۆزئەينەك نۇر قايتۇرماسلىقى كېرەك

3.   گۈزەللىكىنى سۆيىدىغان خانىم-قىزلا بولسا قېنىق گىرىم قىلىشقا ۋە چېچىنى تۈگۈۋېلىشقا بولمايدۇ.

4.   كۆز قارىچۇقى تاقىۋېلىشقا ياكى ھالقا قاتارلىق زىننەت بۇيۇمى تاقاشقا بولمايدۇ.

5.   ئەگەر چېچى ئۇزۇن بوسا ئىككى قۇلىقىنى توسۇۋالماسلىقى كېرەك.

كىملىككە ئائىت سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر

كىملىكنى تولۇقلاپ بېجىرىشكە كېتىدىغان ھۆججەت ۋە ئىسپاتلار

① ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇس قەغىزى

② ئىلتىماس قىلغۇچنىڭ كىملىك تولۇقلاپ بېجىرىش يازما ئىلتىماسى

③ ئەگەر كىملىك ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇزۇن مۇددەت دۆلەت سىرتىدا ياكى باشقا شەھەردە خىزمەت قىلىپ ۋە ياكى كېسەل سەۋەبى ئۆزى كېلىپ بېجىرەلمىسە ئائىلىدىكىلىرىگە ياكى تۇغقانلىرىغا ھاۋالە قىلىپ ۋاكالىتەن كىملىك بېجىرسە بولىدۇ. كونكرېت بېجىرىش ئۇسۇلى : ۋاكالىتەن بىجىرگۈچى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يازما ھاۋالىنامىسى ( ھاۋالىنامە كىملىك بېجىرىش سەۋەبى، كىملىك تۈرى، ۋاكالىتەن بېجىرگۈچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ۋاكالىتەن بېجىرگۈچىنىڭ ئىسمى ۋە كىملىك نومۇرى، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىمزاسى ۋە باشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك) نى، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇس قەغىزىنى ۋە يېقىندا چۈشكەن بىر سۇڭلۇق ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكىگە ماس كېلىدىغان رەڭلىك رەسىمدىن ئىككىنى ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كىملىك تولۇقلاپ بېجىرىش يازما ئىلتىماسى ، ۋاكالىتەن بېجىرگۈچىنىڭ كىملىك ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتمە نۇسخىسىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

كىملىككە ئائىت سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر

كىملىك كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنىڭ بىخەتەر ئىشلىتىلىشى

كىملىكنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى بەزىدە ئىش بېجىرىش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلى ئىككى قېتىم كۆپەيتىلىپ قېلىشى مۇمكىن، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بانكا كارتىسى ۋە تېلېفۇن كارتىسىنى بېجىرىپ قانۇنىي مەسئۇلىيەت پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن.

كىملىك كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشى تۆۋەندىكىدەك بولۇشى كېرەك:

  پەقەت XX بانكا ئۈچۈنلا........

پەقەت XX فوندى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈنلا.....

باشقا ئىشلار ئۈچۈن بولسا ئىناۋەتسىز......

مەيلى ئىناۋەت كارتىسى، فوند، تېلېفۇن ياكى ئىلتىماس قەغىزى ئۈچۈن بولسۇن كىملىكنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى بولسىلا چوقۇم مۇشۇنداق يېزىلىشى كېرەك.

كىملىككە ئائىت سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر

تېلېفۇن، بانكا كارتىسى ۋە كىملىك بىرلا ۋاقىتتا يىتۈپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

1 . تېلگىراف ئىدارىسىغا بېرىپ يوقاپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش كېرەك

2 . بانكىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ كارتا يوقاپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش كېرەك

3 . ئالى چىىقىمدانى(支付宝)غا 95188 غا تېلېفۇن بېرىپ يوقاپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش كېرەك.

4 . ئۈندىدار ئابونېتلىرى 110.qq.com غا چىقىپ ئۈندىدارىنى توڭلىتىپ قويۇشى كېرەك

5 . ئۆزى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ كىملىك تولۇقلاپ بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك

6 . تېلگىراف ئىدارىسىغا بېرىپ كارتىنى تولۇقلاپ بېجىرىش كېرەك.

كىملىككە ئائىت سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر

كىملىك يوقاپ كەتسە پويىزغا قانداق چىقىمىز ؟

1 . بىر سۇڭلۇق رەسىمدىن بىرسىنى تەييار قىلىش كېرەك

2 . ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلىيالايدىغان گۇۋاھنامىنى چىقىرىش كېرەك، گۇۋاھنامىدە يولۇچىنىڭ ئىسمى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، يۇرتى ۋە ئىناۋەتلىك كىملىك نومۇرى بولۇشى ھەمدە ئىدارە ئورگاننىڭ تامغىسى بولۇشى كېرەك.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#0000FF'>ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈ</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار