يېڭى قىزىق نۇقتا :
شىنجاڭ پۇتبولچىلىرى
ئاسىيالىق مەستانىلە
مېسسىنىڭ ئارگېنتىنا
بارسېلونادىكى ئىسپا
8-ئاينىڭ 19-كۈنى، داڭلىق ۋاستىچىلىك شىركىتى Octagon بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا ئاسىيالىق توپچىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۇلۇب ۋە پۇتبول چولپانلىرى تەكشۈرۈپ كۆرۈلگەن بولۇپ، نەتىجىدە، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى قىزىل ئالۋاستى-مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبى ئاسىيالىق توپ مەستانىلىرىنىڭ ئورتاق ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۇلۇب بولۇپ قالغان. ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا كوماندىسدا توپ تېپىدىغان ئارگېنتىنالىق داڭلىق چولپان مېسسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ مەرگىنى كىرىستىئانو رونالدودىن ئېشىپ، ئاسىيا توپ مەستانىلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىرىنچى چولپان بولۇپ قالغان.
Octagon بۇ قېتىم ئاسىيادىكى ئالتە دۆلەتتىن 1200 نەپەر توپ مەستانىسىگە قارىتا رايىنى سىناش قەغەزچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، سىنگاپور، مالايسىيا، ھىندىنوزىيە، كورىيە، ياپونىيە ۋە جۇڭگو بۇ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. ھەر بىر دۆلەتتىن 200 نەپەر توپ مەستانىسى سىناش ئوبىكتى قىلىنغان. ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى لىۋېرپول، چېلسى ۋە ئارسېنال كۇلۇبلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، بىراق خان جەمەتى مادرىد بىلەن بارسېلونا جۇڭگو ۋە ياپونىيە توپ مەستانىلىرىنىڭ ئامراق كۇلۇبىغا ئايلانغان. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، گەرچە ئېنگىلاند كۇلۇبلىرى كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاسىيا توپ مەستانىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان توپچىسى بولسا مېسسى، بېكھام، كىرىستىئانو رونالدو ۋە برازىلىيەلىك چولپان نېيمار ئىكەن.
قەغەزچە تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئالتە دۆلەتنىڭ ئىچىدە (ياپونىيەدىن باشقا) بەش دۆلەتتىكى توپ مەستانىلىرى مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن. سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ياپونىيە توپ مەستانىلىرى ئىتالىيەدىكى ئا س مىلان كوماندىسىنى بىرىنچى بولۇپ قوللايدىكەن، سەۋەبى بولسا ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماتورى» خوندا دەل ئا س مىلان كوماندىسدا توپ تېپىدۇ. ياپونىيە توپ مەستانىلىرىنىڭ ئا س مىلان كۇلۇبىنى ياخشى كۆرىشى خوندا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن! بارسېلونا بولسا ياپونىيە توپ مەستانىلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئىككىنچى كۇلۇب بولۇپ، ياپونىيەدىكى كۆپلىگەن كىچىك توپچىلار ھازىر بارسېلونا لاماسىيا توپچى تەربىيلەش بازىسدا مەشق قىلىۋاتىدۇ، بۇلار كېيىن ياپونىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ تايانچ كۈچلىرىدىن بولۇپ قالىدۇ.
200 نەپەر جۇڭگولۇق توپ مەستانىلىرىنىڭ %25 مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبىنى تاللىغان. %16 توپ مەستانىلىرى خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنى تاللىغان. %14 گېرمانىيەدىكى بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىنى، %13 توپ مەستانىلىرى بارسېلونا كۇلۇبىنى، %7 توپ مەستانىلىرى ئا س مىلان كۇلۇبىنى تاللىغان. چولپان تاللاشتا بولسا، ئالتە دۆلەتتىن بەش دۆلەتتىكى توپ مەستانىلىرى مېسسىنى تاللىغان، بىردىنبىر ئايرىلىپ قالغىنى بولسا ياپونىيە بولۇپ، نېيمار بولسا ياپونىيە توپ مەستانىلىرى ئەڭ ئامراق توپچى ھېسابلىنىدىكەن. ياپونىيەلىكلەر مېسسىنى ئىككىنچى ئورۇنغا، كىرىستىئانو رونالدو ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزغان. جۇڭگو توپ مەستانىلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چولپانلار بولسا بىرىنچىسى مېسسى، كېيىنكىسى كىرىستىئانو رونالدو ۋە نېيمار ئىكەن. ھىندىنوزىيە، مالايسىيا، سىنگاپور ۋە كورىيە توپ مەستانىلىرى مېسسى، كىرىستىئانو رونالدو ۋە بېكھامنى تاللىغان. تۆۋەندىكى مەلۇماتنى كۆرۈڭ:
دۆلەت قوللايدىغان كۇلۇب
سىنگاپور:(مانچېستىر بىرلەشمىسى، لىۋېرپول، ئارسېنال، چېلسى، بارسېلونا) ھىندىنوزىيە:(مانچېستىر بىرلەشمىسى، بارسېلونا، چېلسى، خان مادرىد، ئا س مىلان، لىۋېرپول) مالايسىيا:(مانچېستىر بىرلەشمىسى، لىۋېرپول، ئارسېنال، چېلسى، خان مادرىد، مانچېستىر شەھىرى)كورىيە: (مانچېستىر بىرلەشمىسى، چېلسى، بارسېلونا، مانچېستىر شەھىرى، بايرىن مىيۇنخېن)ياپونىيە:(ئا س مىلان، بارسېلونا، مانچېستىر بىرلەشمىسى، دورتموند، خان مادرىد) جۇڭگو: (مانچېستىر بىرلەشمىسى، خان مادرىد، بايرىن مىيۇنخېن، بارسېلونا، ئا س مىلان)