ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بارسېلونادىكى ئىسپا ۋانگالغا ئۆچ ئون چول 5-باشلانغۇچ مەكتەپنى گوگىل شىركىتى قايتا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تەنتەربىيە > تولۇق مەزمۇنى

خان مادرىدتىكى ئەڭ قىممەت 8 بېك

ۋاقىت : 2015-04-07 22:33 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
خان مادرىدتىكى ئەڭ قىممەت 8 بېك
 
\

 «سامانيولى جەڭ كېمىسى» ئارقا مۇداپىئە لىنىيەسىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. لېكىن يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خان مادرىد ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى، يېقىندا دانىلو بىلەن تۈزگەن توختامىنىڭ سوممىسى 31 مىليون 500 مىڭ ياۋروغا يېتىدۇ، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە خان مادرىد تارىخىدىكى يۆتكىلىش ھەققى ئەڭ يۇقىرى بېكقا ئايلاندى. ئىسپانىيە «ماركا گېزىتى» خان مادرىد تارىخىدىكى يۆتكىلىش ھەققى ئەڭ يۇقىرى 8 بېكنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
1. دانىلو __ 31 مىليون 500 مىڭ ياۋرو
دانىلو بۇ يىلقى پۇتبول مۇنبرىدىكى ھالى چوڭ بېكلارنىڭ بىرى بولۇپ، بارسېلونا بىلەن خان مادرىد سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان. ئەڭ ئاخىرىدا خان مادرىد يۇقىرى سوممىلىق يۆتكىلىش ھەققى بىلەن ئۇنى پورتۇدىن بېرنابۇغا ئېلىپ كەلگەن.
2. كونتراۋ __ 30 مىليون ياۋرو
كونتراۋ 2011-يىلى 30 مىليون يۆتكىلىش ھەققى بىلەن بېنفىكا كوماندىسىدىن خان مادرىدقا يۆتكەلگەن. كونتراۋ ئىلگىرى سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ، خان مادرىدتىن كەتكىلى تاسلا قالغان.
3. پىپى __ 30 مىليون ياۋرو
خان مادرىد پىپىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كونتراۋغا ئوخشاش 30 مىليون خەجلىگەن، پىپى 2007 يىلدىن باشلاپ خان مادرىدنىڭ توپ كىيىمىنى كىيگەن بولۇپ، بىر قانچە يىلدىن كېيىن خان مادرىد كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىدىكى مۇھىم شەخسكە ئايلاندى.
4.راموس __ 27 مىليون ياۋرو
خان مادرىد 2005-يىلى 27 مىليون ياۋرو خەجلەپ سېۋىللا كوماندىسىدىكى راموسنى سېتىۋالدى، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە خان مادرىد كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سىپىدە كەم بولسا بولمايدىغان توپچىدۇر.
5. سامۇئېل __ 25 مىليون ياۋرو
خان مادرىد 2004-يىلى 25 مىليون ياۋروغا ئارگېنتىنا «تاغ جىنسى» سامۇئېلنى سېتىۋالدى. ئۇ خان مادرىدتا پەقەت بىر مۇسابىقە پەسلى توپ تېپىپ ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە قايتىپ كەتتى.
6. ۋۇدگېيت __ 22 مىليون ياۋرو
2004-يىل خان مادرىد نيۇكاسىل كوماندىسىنىڭ توپچىسى ۋۇدگېيتنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 22 مىليون ياۋرو خەجلىدى. ئۇ شۇ چاغدا يارىسىنى بىر مۇسابىقە پەسلى داۋالاتتى. ئىككىنچى مۇسابىقە پەسلى يېتىپ كەلگەندە خان مادرىدقا ۋاكالىتەن مەيدانغا چۈشتى، ئەمما ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىغانلىقتىن ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە قايتىپ كەتتى.
7. ئالبيول __ 15 مىليون ياۋرو
2009-يىلى خان مادرىد ۋالېنسىيا توپچىسى ئالبيولنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 15 مىليون ياۋرو خەجلىدى، ئالبيول خان مادرىدتا 4 يىل توپ تېپىپ مۇقىم بولغان ئاساسىي كۈچ ئورنىغا ئېرىشەلمىدى، 2013-يىل يازدا ناپلېس كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كەتتى.
7. ۋارانېي __ 10 مىليون ياۋرو
2011-يىل خان مادرىد 10 مىليون ياۋرو خەجلەپ راسىڭ كوماندىسىدىكى ۋارانېينى سېتىۋالدى. فرانسىيەلىك توپچى خان مادرىدتا ناھايتى تېزلا يېتىلگەن بولۇپ، فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى بولدى.
 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار