ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : شىنجاڭ پۇتبولچىلىرى ئاسىيالىق مەستانىلە مېسسىنىڭ ئارگېنتىنا بارسېلونادىكى ئىسپا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تەنتەربىيە > تولۇق مەزمۇنى

ۋانگالغا ئۆچ ئون چولپان

ۋاقىت : 2015-08-18 18:12 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ۋانگالغا ئۆچ ئون چولپان

ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا، ئىسپانىيەلىك توپچى دىھىيا يەنىلا مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلىرىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىدى، مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ ۋارتا تىرېنىرى دىھىيادىن مەيدانغا چىقىشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، دىھىيا مەيدانغا چىقىشنى رەت قىلغان، بۇنىڭدىن دىھىيانىڭ مانچېستىر بىرلەشمىسىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ، باش تىرېنىر ۋانگالنىڭ كەسپىي ھاياتىدا ئۇنىڭغا ئۆچ بولغان چولپانلار ئاز ئەمەس، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بارسېلونانىڭ ئىلگىرىكى توپچىسى ستوئىچكوۋ ۋانگالغا ئۆچ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. يىقىندا كۈندىلىك تېلگىراف گېزىتى ۋانگال بىلەن زىددىيىتى بار ئون چولپاننى ئېلان قىلغان.

ۋانگالغا ئۆچ ئون چولپان

جىئوۋاننى: 1997-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ۋانگال تىرېنىرلىك قىلغان بارسېلونا كوماندىسىدا توپ تەپكەن، ۋانگال بۇ توپچىنىڭ 12 مىلىيون ياۋرۇ باھا بىلەن ئولىمپىياكوس كۇلۇبىغا قوشۇلىشىغا ئۇنىمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا بولغان، 2010-يىلى جىئوۋاننى ۋانگالغا باھا بېرىپ «ۋانگال بىرازىلىيەلىك توپچىلارغا نىسبەتەن گېتلىر ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ناھايىتى ھاكاۋۇر ئادەم» دېگەن.

ۋانگالغا ئۆچ ئون چولپان

لۇسىئو: ۋانگال 2009-يىلى لۇسىئونى خەلقئارا مىلانغا سېتىپ بەرگەن، كېيىنكى يىلى لۇسىئو قارا كۆك قوشۇن بىلەن ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بايرىن مىيۇنخىننى مەغلۇپ قىلىپ ۋانگالدىن ئىنتىقامىنى ئالغان، ۋانگالغا باھا بەرگەندە لۇسىئو يۈز خاتىرە قىلماي «پۇتبول ساھەسىدە، ھىچقانداق ئادەم ماڭا ۋانگالدەك ئازار بېرىپ باقمىغان» دېگەن.

ۋانگالغا ئۆچ ئون چولپان

ستوئىچكوۋ: بۇلغارىيەنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى ستوئىچكوۋ ئالدىنقى ھەپتە ۋانگالغا باھا بەرگەن، ھەمدە پىدرونىڭ مانچېستىر بىرلەشمىسىگە قوشۇلماسلىقنى، بولمىسا ۋانگالنىڭ ئۇنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ستوئىچكوۋ «مەن ۋانگالنى ئازراقمۇ ھۆرمەتلىمەيمەن، چۈنكى ئۇ بىر ئەخلەت» دېگەن.

ۋانگالغا ئۆچ ئون چولپان

رىبېرى: 2009-2010-مۇسابىقە پەسلى، رىبېرى ۋانگال يېتەكلىگەن بايرىن مىيۇنخىندا قوش شاھلىققا ئېرىشكەن، بىراق ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا دوستانىلىك يوق، رىبېرى «ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ پەرقىمىز ناھايىتى چوڭ، ۋانگال كەلگەندىن كېيىن نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى نۇرغۇن ئادەم بىلمەيدۇ، ئۇ داڭلىقلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇنىڭ نەزىرىدە كوماندا داڭلىق توپچىلارغا ئىھتىياجلىق ئەمەس، ھەممە توپچى چوقۇم ئۆزىنى ئىسپاتلىشى كېرەك» دېگەن.

ۋانگالغا ئۆچ ئون چولپان

ئىبرايىموۋىچ: شىۋىتسىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى ئىبرايىموۋىچنىڭ ئاشكارلىشىچە، ۋانگال ئاجاكىس كۇلۇبىنىڭ تىخنىكا نازارەتچىسى بولغان ۋاقىتتا باش تىرېنىر كومەن بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغان، ئىبرايىموۋىچ يەنە ئۆزىنىڭ ۋانگالنى پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ يارىماس ئادەم دېگەنلىكىنىمۇ ئاشكارلىغان.

ۋانگالغا ئۆچ ئون چولپان

ۋان پېرسې: ئالدىنقى يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا ۋان پېرسې ۋانگال بىلەن ئۇستاز شاگىرت بولغان، بىراق بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ۋانگال مانچېستىر بىرلەشمىسىگە تىرېنىر بولغاندىن كېيىن بۇزۇلغان. ۋان پېرسې قىزىل ئالۋاستى قوشۇنىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر پەسىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تۈركىيە بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان، ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ «مەن دائىم مەيدانغا چىقىشنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، ئورۇندۇق بېقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلاتتىم. ۋانگال مانچېستىر بىرلەشمىسىگە كەلگندىن كېيىن بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئۆزگەرگەن، بۇنى ھەممە ئادەم ھېس قىلالايدۇ» دېگەن.

ۋانگالغا ئۆچ ئون چولپان

تونى: تونىمۇ رىبېرىغا ئوخشاش بايرىن مىيۇنخىندا ۋانگالنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچىرىغان توپچىلارنىڭ بىرى، ئىتالىيەلىك بۇ ھۇجۇمچى ۋانگالدىن قەتئىي رازى ئەمەس، ئۇ «ۋانگال بىزدەك داڭلىق توپچىلاردىنمۇ ئۆزىگە قابىلىيىتىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بىزنىڭ داڭلىق توپچى ئىكەنلىكىمىز بىلەن كارى يوق، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ بىر ساراڭ» دېگەن.

ۋانگالغا ئۆچ ئون چولپان

ۋان بوممېل: ۋان بوممېل 2009-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بايرىن مىيۇنخىندا ۋانگال بىلەن ھەمكارلاشقان، ۋانگال ئالدى بىلەن ۋان بوممېلنى زاپاس ئەزا قىلىپ، كېيىن كاپىتانلىق سالاھىتىنى ئېلىپ تاشلىغان، ۋان بوممېل چېكىنگەندىن كېيىن، ۋانگالنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئاشۇ ئىشىنىڭ، كەسپىي ھاياتىدا ئۇچىرىغان ئەڭ چوڭ زەربە ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىغان.

ۋانگالغا ئۆچ ئون چولپان

رىۋالدو: ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ داڭلىق ھۇجۇمچى رىۋالدو ۋانگال بارسېلوناغا تىرېنىرلىك قىلغان ۋاقىتتا كوماندىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا رىۋالدو ۋانگالغا ئۆزىنىڭ سايىسىمان ھۇجۇمچى ئورنىدا توپ تەپكۈسى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، بىراق ۋانگال ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان، شۇ يىلى بارسېلونا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئىچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان، ۋانگالمۇ بارسېلونادىن ئايرىلغان.

ۋانگالغا ئۆچ ئون چولپان

ۋالدىس: ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، ۋانگال ۋالدىسنى بارسېلونانىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا ئېلىپ چىققان، ۋالدىسمۇ ئۆزىنىڭ شانلىق ۋاقتىنى بارسېلونادا ئۆتكۈزگەن. بىراق ۋانگال بۇ يىل ۋالدىسنى مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ ب كوماندىسىغا چۈشۈرۋەتكەن، ھەتتا ئۇنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا تىزىمغا ئالدۇرىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىغان، ۋالدىس «ۋانگال مەن ئەڭ چىقىشالمايدىغان ئادەم، بىراق ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا گۇئادىيالا مېنى چۈشىنەتتى» دېگەن.

 

ۋانگالغا ئۆچ ئون چولپان

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار