ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بارسېلونادىكى ئىسپا ۋانگالغا ئۆچ ئون چول 5-باشلانغۇچ مەكتەپنى گوگىل شىركىتى قايتا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تەنتەربىيە > تولۇق مەزمۇنى

مېسسى بىلەن نويىر كەسكىن مۇسابىقىلىشىدۇ

ۋاقىت : 2015-05-05 16:30 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
مېسسى بىلەن نويىر كەسكىن مۇسابىقىلىشىدۇ

 مېسسى بىلەن نويىر كەسكىن مۇسابىقىلىشىدۇ

  بايرىن كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، مۇسابىقىدىن بۇرۇن گېرمانىيەدە چىقىدىغان «سۈرەتلەر گېزىتى» بايرىننى قوللاپ مۇنداق دېدى: مېسسى كەسپىي ھاياتىدا ھازىرغا قەدەر بارسېلونا ۋە ئارگېنتىنا دۆلەتلىك كوماندىسىغا ۋەكالىتەن قاتناشقان مۇسابىقىدا نويىر تۇرغان ۋاراتارغا توپ كىرگۈزەلمىدى.

 بۇ گۇاردىئولانىڭ بىرىنچى قېتىم مېھمان كوماندا مەشقاۋۇلى سۈپىتىدە بارسېلونا بىلەن مۇسابىقىلىشىشى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا مېسسىنىڭ 100 – قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشىدۇر. مۇشۇ ئىككى سەۋەبتىن مېسسى بۇ مۇسابىقە پەسلى بويىچە بىرىنچى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، ئارگېنتىنالىق مېسسى ئالدىنقى قېتىم 2013 – يىلى 17 – ئىيۇل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان، مېسسى بۇ مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدا سەككىز توپ كىرگۈزگەن بولۇپ بارسېلونا كوماندىسىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ھۇجۇمچى ھېسابلىنىدۇ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدا پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا توپ كىرگۈزۈپ شاللاش مۇسابىقىسىدا مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىغا توپ كىرگۈزدى، ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسىدىن ھەيران قالدى.سەككىز كۈچلۈكلار مۇسابىقىسىدا ئۇ پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنى قايتا مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن، بارسېلونا ئىككى يىل ئىلگىرى يېڭىلگەن بايرىن كوماندىسى بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچتا مۇسابىقىلىشىدۇ، مۇسابىقىدىن بۇرۇن گېرمانىيەدە چىقىدىغان «سۈرەتلەر گېزىتى» بايرىننى قوللاپ مۇنداق دېدى: مېسسى كەسپىي ھاياتىدا ھازىرغا قەدەر بارسېلونا ۋە ئارگېنتىنا دۆلەتلىك كوماندىسىغا ۋەكالىتەن قاتناشقان مۇسابىقىدا نويىر تۇرغان ۋاراتارغا توپ كىرگۈزەلمىدى.2010 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا گېرمانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارگېنتىنا دۆلەتلىك كوماندىسىنى 4 – 0 نەتىجىدە ئۇتتى، دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مېسسى توپ كىرگۈزەلمىدى.2013 – يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا بايرىن 4 – 0 نەتىجىدە بارسېلونانى ئۇتتى.بۇلتۇرقى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا گېرمانىيە دۆلەتلىك  پۇتبول كوماندىسى ئارگېنتىنا دۆلەتلىك كوماندىسىنى1– 0 نەتىجىدە ئۇتتى،ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ كاپىتانى مېسسى دۇنيا لوڭقىسى ئۇزغۇنلۇقىدىن مەھرۇم قالدى.كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىم بارسېلونا بىلەن بايرىن يەنى مېسسى بىلەن نويىر كەسكىن مۇسابىقىلىشىدۇ.بارسېلونا توپ مەستانىلىرى بولسا بۇ مەيدان بايرىن بىلەن بولغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا ،مېسسىنىڭ توپ كىرگۈزۈشىنى ئارزۇ قىلدى.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار