ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : شىنجاڭ پۇتبولچىلىرى ئاسىيالىق مەستانىلە مېسسىنىڭ ئارگېنتىنا بارسېلونادىكى ئىسپا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تەنتەربىيە > تولۇق مەزمۇنى

بارسېلونادىكى ئىسپانىيەلىك ھۇجۇمچىنىڭ مانچېستىرغا بېرىشى مۇقىملاشتى

ۋاقىت : 2015-08-18 18:25 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم


بارسېلونادىكى ئىسپانىيەلىك ھۇجۇمچىنىڭ مانچېستىرغا بېرىشى مۇقىملاشتى

بارسېلونادىكى ئىسپانىيەلىك ھۇجۇمچىنىڭ مانچېستىرغا بېرىشى مۇقىملاشتى

  ئىسپانىيە تاراتقۇسى «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ ئاشىكارلىشىغا قارىغاندا، ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا كوماندىسىدا توپ تېپىدىغان داڭلىق ھۇجۇمچى پېدرونىڭ ئېنگىلاندتىكى مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبىغا بېرىشى مۇقىملىشىپ بولغان. ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن، پېدرو مانچېستىر شەھىرى كۇلۇبىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىۋەتكەن.

  پېدرو مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبىغا بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭ بارسېلونا كۇلۇبىدىكى توختامىدا 30 مىليون توختامغا خىلاپىق قىلىش سوممىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، بارسېلونا تەرەپ ئۇنى ئالدىراپ قويۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئارقىدىن مانچېستىر شەھىرى كۇلۇبىمۇ پېدرونى يۆتكەش سېپىگە قوشۇلغان، مانچېستىر شەھىرى كۇلۇبى پېدروغا 30 مىليون ياۋرو مۇقىم باھا ۋە ئىككى مىليون لەيلەتمە مۇكاپات سوممىسى بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبى بولسا 25 مىليون ياۋروغا يەنە ۋە بەش مىليون مۇكاپات قوشۇش تەكلىپىنى قويغان، گەرچە مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبىنىڭ پېدروغا قويغان باھاسى مانچېستىر شەھىرىدىن سەل ئاز بولسىمۇ، بىراق پېدرو مانچېستىر بىرلەشمىسىگە بېرىشنى قارار قىلغان. ئىگەللىنىشچە، ھازىر ئىككى تەرەپ كېلىشىم تۈزۈپ بولغان. يۆتكىلىش جەھەتتىكى تەپسىلىي ئىشلار مۇشۇ بىر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە مەلۇم بولۇشى مۇمكىن! مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبى يېقىندا فالكاۋا، دىمارىيا ۋە ۋان پېرسىنى يولغا سالغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە كوماندىغا ياراملىق بىر ھۇجۇمچى يۆتكەپ كەلمەكچى بولغان. پېدرو مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋانگالنىڭ بىرىنچى تاللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار