ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بارسېلونادىكى ئىسپا ۋانگالغا ئۆچ ئون چول 5-باشلانغۇچ مەكتەپنى گوگىل شىركىتى قايتا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تەنتەربىيە > تولۇق مەزمۇنى

گوگىل شىركىتى قايتا تەشكىللىنىپ يېڭى شىركەت قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ۋاقىت : 2015-08-14 13:32 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم


گوگىل شىركىتى قايتا تەشكىللىنىپ يېڭى شىركەت قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

گوگىل شىركىتى قايتا تەشكىللىنىپ يېڭى شىركەت قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
  ئامېرىكا ئالاقە تورى ماگناتى گوگىل شىركىتى 10-ئاۋغۇست قايتا تەشكىللەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گوگىل يېڭى شىركەت ئالفابېت(Alphabet) قۇرۇپلا قالماستىن يەنە، ئەسلى گوگىل شىركىتىنى قايتىدىن يېڭى شىركەتنىڭ تارماق شىركىتى قىلىپ تەشكىللەيدىكەن.

  بۇيىل تۆتىنچى پەسىلدىن باشلاپ، ئالفابېت گوگىل شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سالىدىغان ئەمەلىي گەۋدە بولۇپ قالىدۇ. گوگىل شىركىتى بارلىق پاي چېكىنى بىۋاستە ئالفابېتقا كىرگۈزىدۇ.

   گوگىل شىركىتى ئالاقە تورى كەسپىنىڭ ھازىرقى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لارىي پېيىج ئالفابېتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بۇلۇپ تەيىنلىنىدۇ.

   پېيىجنىڭ ئېيتىشىچە، ئالفابېت گۇگۇلنىڭ يادرولۇق ئالاقە تورى مەھسۇلاتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان بەزى كەسىپ تۈرلىرىنى ئاچىدىكەن. يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان گۇگۇلنىڭ ئالاقە دائىرىسى ئادەمسىز ماشىنا ئارقىلىق يوللاش، ئاپتوموبىلنى ئاپتوماتىك ھەيدەش، شۇنداقلا ساغلاملىق سىستېمىسى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە كېڭەيگەن.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار