ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بارسېلونادىكى ئىسپا ۋانگالغا ئۆچ ئون چول 5-باشلانغۇچ مەكتەپنى گوگىل شىركىتى قايتا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تەنتەربىيە > تولۇق مەزمۇنى

باتۇر 11-چېسلا سەپتىن چېكىندى

ۋاقىت : 2015-08-14 13:30 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم


باتۇر 11-چېسلا سەپتىن چېكىندى

باتۇر 11-چېسلا سەپتىن چېكىندى
  ماتېرىيال سۈرەت

   11-ئاۋغۇست، باتۇر بېيجىڭ ۋەنشىدا مەركىزىدە سەپتىن چېكىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، «جۇڭگونىڭ سەددىچىن سېپىلى»دەپ قارىلدىغان باتۇر توپ مەستانىلىرى بىلەن رەسمىي خوشلاشتى. NBAنىڭ ئىلگىرىكى گىگانت چولپىنى ئابدۇل ئولاجون شۇنداقلا جۇڭگودىكى كۆپلىگەن ۋاسكىتبول ھەۋەسكارلىرى پايتەختكە يىغىلىپ، ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى.

  باتۇرنىڭ كەسپىي ھاياتى ئىنتايىن رەڭدار، ئۇ توققۇز ياشقا كىرگەندە بويى ئېگىز بولغانلىقتىن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نەزى چۈشكەن ۋە ئۆزىنىڭ ۋاسكىتبول ھاياتىنى باشلىغان. 31 يىلدىن بۇيان، ئۇ جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ پارلاق دەۋرى ۋە نۇرغۇنلۇق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇنداقلا NBAنىڭ چېمپىيۇنلۇق ئۈزۈكىگە ئېرىشكەن.

   ئىگىلىنشىىچە، باتۇر سەپتىن چېكىنىش مۇراسىمىغا ئەينى ۋاقىتتا بىرلىكتە پارلاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن كونا كوماندا ئەزالىرى، بېيجىڭ كوماندىسىدىكى ياردەملەشكەن سەپداش دوستلىرى شۇنداقلا شىنجاڭ، 1-ئاۋغۇست، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىكى دوست بۇرادەرلىرىنى تەكلىپ قىلغان. مۇخبىر: سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن قانداق پىلانىڭىز بار؟

   چوقۇم ۋاسكىتبولدىن ئايرىلمايمەن. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋاسكىتبول ماڭا ھەممىنى بەردى، ھازىر ۋاسكىتبولدىن باشقا مەن باشقا نەرسىلەرنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. مېنىڭ ۋاسكىتبولدا ئارتۇقچىلىقىم بولغاچقا، ۋاسكىتبولنى چۈشىنىدىغانلىقىم ئۈچۈن ياكى بولمىسا بەكرەك پىششىق بىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن يەنە نېمىشقا ۋاسكىتبولغا ئالاقىدار خىزمەت بىلەن شۇغۇللانمايمەن؟ ۋاسكىتبولدا مەيداندىكى ماھارەتتىن باشقا يەنە مەيدان سىرتىدا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، مەسىلەن ئۆسمۈر ۋاسكىتبولچىلارنى تەربىيەلەش. جۇڭگونىڭ ۋاسكىتبولى ۋە تەنتەربىيەسىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، مەن ئۆزۈمگە ماس كېلىدىغان خىزمەتنى تاللايمەن.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار