يېڭى قىزىق نۇقتا :
بارسېلونادىكى ئىسپا
ۋانگالغا ئۆچ ئون چول
5-باشلانغۇچ مەكتەپنى
گوگىل شىركىتى قايتا
13 ياشلىق ئەقىدە بۇرۇن «پۇتبول خانىشى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. بۇ يىل فېۋرالدا مەملىكىتىمىزنىڭ «U13» قىزلار پۇتبول كوماندىلىرى مەشىق لاگېرى ۋە جۇڭگو «U13» قىزلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەشىق لاگېرىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان، بۇلار 2016-يىللىق ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ «U14» پۇتبول لەۋھە تاللىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو «U17» ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان قەيسەر ئادىل مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئۇدا ئىككى نۆۋەت جۇڭگو «ۋېيفاڭ» ئۈمىد لوڭقىسى خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى» ۋە «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن بېيجىڭ «گوئەن» كۇلۇبى ئۇنى زاپاس ئەزا سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان.