يېڭى قىزىق نۇقتا :
بارسېلونادىكى ئىسپا
ۋانگالغا ئۆچ ئون چول
5-باشلانغۇچ مەكتەپنى
گوگىل شىركىتى قايتا
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر دىيارىمىز ۋاقتى سائەت 12:00 دە، 2014-2015 مۇسابىقە پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسنىڭ 35-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان قىززىق نوقتلىق مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا سېۋىلىيا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 36 مىنۇت بولغاندا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى مەيداندىكى قاتماللىقنى بۇزدى. مارسېلىو سەبدىشى ئىسكوغا توپ يەتكۈزۈپ بەردى، ئىسكو كىرىستىئانو رونالدوغا پاس بەردى. چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە كىرىستىئانو رونالدو توپنى تېپىپ كىرگۈزدى. خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ۋاقىتلىق بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. ( كىرىستىئانو رونالدو بۇ پەسىلدىكى 40-توپىنى ئۇردى ) 37-مىنۇتىدا، كولومبىيەلىك چولپان خامىس رودىرىگۇس ئوڭ تەرەپتىن توپ تاشلىدى، مېكسىكىلىق ھۇجۇمچى ئىرنەندىس چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە توپنى باش بىلەن چىقىرىپ بەردى، چەكلەنگەن رايۇن قاتىلى كىرىستىئانو رونالدو ئىككىنچى توپىنى ئۇردى. ( كىرىستىئانو رونالدو ھازىرغا قەدەر سېۋىلىيا كوماندىسىغا 20 توپ ئۇردى )
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا ئاز قالغاندا، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسنىڭ مۇداپىئەچىسى راموس قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ سېۋىلىيا كوماندىسى نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. باكا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە داۋاملىشىپ 69 مىنۇت بولغاندا، ۋېلىشلىق چولپان بېل سول تەرەپتىن پاس تاشلىدى، كىرىستىئانو رونالدو توپنى ئۈسۈپ كىرگۈزدى. كىرىستىئانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدا 29-قېتىم قالپاق ئويۇنىنى تاماملاپ، ئەينى چاغدىكى رىۋايەتلىك ھۇجۇمچى دىستىفانودىن ئېشىپ كەتتى. كېيىن سېۋىلىيا كوماندىسى تىرىشىپ ئويناپ بىر توپ كىرگۈزدى. ئاخىردا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى كىرىستىئانو رونالدونىڭ قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ 3 : 2 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى. بۇ ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئىككى نومۇر تۆۋەن ھالەتتە بىرلەشمىدە داۋاملىق ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ.