يېڭى قىزىق نۇقتا :
شىنجاڭ پۇتبولچىلىرى
ئاسىيالىق مەستانىلە
مېسسىنىڭ ئارگېنتىنا
بارسېلونادىكى ئىسپا
مەن توپ تېپىشنى باشلىغاندىن بۇيان، كۆپلىگەن ئىشلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، بەزى ئىشلار شۇنداق ياخشى، بەزى ئىشلار ناھايىتى جاپالىق بولدى، بىراق دەل مۇشۇ ئىشلار كېيىن مېنىڭ تەرەققى قىلىشىمغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. (لىئونېل ئاندېرىس مېسسى)
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 10 يىلنىڭ ئالدىدىكى مۇشۇ ۋاقىت، يەنى 2005-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، مېسسى ئىسىملىك بىر توپچى ئارگېنتىنا دۆلەت پۇتبول كوماندىسىدا تۇنجى قەدىمىنى باستى. بۇ ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان تۇنجى قەدەم ئىدى. ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپىشتا ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى. بۇ ئادەتتىكى مۇسابىقە دېيىشكىمۇ بولىدىغان، ئادەتتىكى ئەمەس دېيىشكىمۇ بولىدىغان بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپ قالدى. شۇ چاغدا ئىككى كوماندا 1 : 1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنى ئويناشقا تەييارلاندى. ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسىنىڭ شۇ چاغدىكى مەشقاۋۇلى پېكېرمان بولۇپ، كوماندىنىڭ ھۇجۇم سېپىنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا، شۇ چاغدا ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن مېسسىنى مەيدانغا چىقاردى. مېسسى دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدى.
مېسسى ئەينى چاغنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «شۇ چاغدا مەندە تولۇپ -تاشقان بىر خىل روھ بار ئىدى، مۇسابىقە يەنە 25 مىنۇتتىن كېيىن ئاخىرلىشاتتى» شۇ مۇسابىقىدىكى بولغان ئىشلارنى ئېھتىمال سىز ئويلاپ يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! مېسسى مەيدانغا چىقىپ پەقەت 40 سىكونت بولغاندا، ئۇ بۆسۈپ ئۆتۈش جەريانىدا قارشى تەرەپ ماھىرىنى قاتتىق جەينەكلەپ قۇيۇپ بىۋاستە قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چىقىرىۋېتىلگەن. تېخى پىشمىغان مېسسى يېڭى مەيدانغا چىقىپ جازاغا ئۇچىرىدى، ئۇ مەيداندىن ئايرىلىدىغان چاغدا بېشىنى ساڭگىلىتىپ ھېچكىمگە قارىيالماي ئەلەم بىلەن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئارقىدىن زاپاس ئەزا قاتارىدا ئولتۇرغان توپچىلار ۋە مەشقاۋۇللار گۇرۇپپىسى باش رېپىرنىڭ چىقارغان قىزىل كارتىسىغا نارازىلىقلىقى بىلدۈردى، ھەتتا شۇ چاغدا نەق مەيداندا مەشقاۋۇل مۇرىنھومۇ بار بولۇپ، بۇ ئادەمنىڭ قارىشىدا، بۇ ئەمىلىيەتتە سېرىق كارتىغىمۇ لايىق كەلمەيدىغان قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىكەن.
قانداقلا بولمىسۇن مېسسىنىڭ شۇ چاغدىكى ئازابىنى چۈشەنمەك تەس ئەمەس، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مېسسى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ مېسسىنىڭ ھېكايىسى باشلىنىپ كەتتى. شۇ يىلى توققۇزىنچى ئايدا، مېسسى يەنە بىر قېتىم دۆلەت كوماندىسدا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مېسسى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق مەيدانغا چىقىشىنى re-debut يەنى قايتىدىن تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىش دەپ ئاتىدى. بۇ ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى بىلەن پاراگۋاي پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى بولۇپ، مېسسى بۇ مۇسابىقىدە 10 مىنۇت مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. كېيىن ئارگېنتىنا پۇتول كوماندىسى 2: 0 نەتىجە بىلەن پىرو پۇتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، مېسسى بۇ مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. توپ كىرگۈزمىگەن بولسىمۇ، بىراق مۇسابىقە جەريانىدا ھالقىلىق بولغان بىر نۇقتا توپنى بارلىققا كەلتۈردى.
تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسدە قىزىل كارتىغا ئېرىشكەن مېسسى ئۇزۇنغا قالماي دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى توپىنى ئۇردى. 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى بىلەن كىرودىيە پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق مۇسابىقىسدە، مەيداننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئوينىغان مېسسى بۇ مۇسابىقىدە ناھايىتى قالتىس ئوينىۋەتتى، ئۇ ئالدى بىلەن «ياۋايى ھايۋان» تېۋېزغا بىر ياردەمچى پاس بەردى، تېۋېز توپ ئۇردى، ئارقىدىن ئالدى مەيداندىن توپ تارتىۋېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەچىلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ دۇنياۋىي سەۋىيەلىك توپ كىرگۈزدى. گەرچە شۇ مۇسابىقىدە مېسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى 2 : 3 نەتىجە بىلەن كىرودىيە پۇتبول كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مېسسىگە نىسبەتەن، ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولۇپ قالدى.
2006-يىلى، مېسسى ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسدا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدى، بۇ مېسسىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى چوڭ تۈردىكى مۇسابىقىسى بولۇپ، گۇرۇپپىدىكى ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى 6 : 0 نەتىجە بىلەن سېربىيە پۇتبول كوماندىسىنى سۈر- توقاي قىلدى. مېسسى كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 74-مىنۇتىدا، زاپاس ئەزا قاتارىدا تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدە مەيدانغا چىقتى. ئۇنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى، ئۇ دەسلەپتە داڭلىق ھۇجۇمچى كېرىسپوغا بىر ياردەمچى پاس بەردى، ئارقىدىن تېۋېز چىقارغان پاسنى ئېلىپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى. ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈك باسقۇچىدا، كۈچلۈك گېرمانىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئۇچىراشتى، كېيىن ئىككى كوماندا رەھىمسىز نوقتا توپ جېڭى قىلدى. بۇ جەڭدە ساھىبخان گېرمانىيە پۇتبول كوماندىسى غەلبە قىلدى. مېسسى بۇ مۇسابىقىدە بىر مىنۇتمۇ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى، مەشقاۋۇل پېكىرمان ئۈچ نەپەر زاپاس توپچىنى مەيدانغا چىقارغاندن كېيىن، مېسسىنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتتى، چىرايىدىن خوشال ئەمەس ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى، بۇ توپچى شۇنداق قىلىپ كوماندىسىنىڭ شاللىنىپ كەتكەنلىكىنى زاپاس ئەزا ئورنىدا كۆرۈپ ئولتۇردى.
2007-يىلى 6-ئينىڭ 29-كۈنى، مېسسى ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىدى، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى 4 : 1 نەتىجە بىلەن ئامېرىكا پۇتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسدە پىرو پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئۇچىراشتى، مۇشۇ مۇسابىقىدە مېسسى بىر توپ كىرگۈزدى. 7-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مېكسىكا پۇتبول كوماندىسىنى يەڭدى، مېسسى يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر توپ كىرگۈزدى. بۇ توپ ھەقىقەتەن چىرايلىق كىردى. (ھازىر بۇ مېسسىچە توپ ئۇرۇش دېيلىدۇ، يەنى ئۆرلىتىپ توپ ئۇرۇشنى كۆرستىدۇ) مېسسى دۆلەت كوماندىسدا تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى ئاخىردا 0 : 3 نەتىجە بىلەن كۈچلۈك برازىلىيە پۇتبول كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. مېسسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى.
2008-يىلى بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، مېسسى باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى رەقىبلىرىنى بىربىرلەپ مەغلۇپ قىلىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرلىدى، ھەمدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە نېگىرىيە ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىنى يېڭىپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ئەينى چاغدىكى شۇ مۇسابىقىدە «كىچىك پەرىشتە» دىمارىيا 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپنى كىرگۈزگەن، مېسسى قارشى تەرەپ ماھىرىدىن توپ تارتىۋېلىپ دىمارىياغا پاس چىقىرىپ بەرگەن ئىدى. 2010-يىلىدىكى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مېسسىنىڭ ئىككىنچى قېتىم بۇ چوڭ سەھنىگە قەدەم بېسىشى بولۇپ، بۇ چاغدا پىشىپ يېتىلگەن ۋە دۇنيادا نامى چىقىپ كەتكەن مېسسىنىڭ كىيىمىدىكى نومۇر ئىلگىرىكى 18 ۋە 19-نۇمۇر ئەمەس، بەلكى ئەينى چاغدا پۇتبول شاھى مارادونا كىيگەن 10-نۇمۇرلۇق كىيىم ئىدى.
گۇرۇپپىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى بىلەن گىرىتسىيە پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. ماسچېرانو بىلەن يەنە بىر توپچى مەيدانغا چىقمىغان ئەھۋال ئاستىدا، شۇ چاغدىكى مەشقاۋۇل مارادونا كوماندىنىڭ كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى مېسسىنىڭ بېلىكىگە تاقىدى، شۇنىڭ بىلەن مېسسى ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياش كاپىتان بولۇپ قالدى. ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسىنىڭ يېڭى كاپىتانى مېسسىنىڭ شۇ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى تولىمۇ قالتىس بولدى، ئۇ بىر ياردەمچى پاس چىقاردى، «ساراڭ» دەپ نامى بار پالېرمو توپ كىرگۈزدى، مۇسابىقىدە جەريانىدا مېسسىنىڭ تەپكەن بىر توپى قاپقا تۈۋرۈكىگە تەگدى، ئاخىردا ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى 2 : 0 نەتىجە بىلەن گىرىتسىيە پۇتبول كوماندسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئەمما شۇنۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدە مېسسى بىرمۇ توپ ئۇرالمىدى، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى يەنە بىر قېتىم گېرمانىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئايىقىغا يىقىلدى. 0 : 4 نەتىجە بىلەن ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۇغاندىن كېيىن، مېسسى بىلەن مارادونا ئەلەم ئىچىدە قۇچاقلاشتى. بۇ ئارگېنتىنا توپ مەستانىلىرىنىڭ شۇ نۆۋەتلىك دنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى ئەسلىمىسى بولۇپ قالدى.
2011-يىلىدىكى ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئارگېنتىنادا ئېلىپ بېرىلدى، بۇ مېسسىگە نىسبەتەن، چوقۇم چېمپىيون بولۇش نىشان قىلىنغان مۇسابىقە ئىدى، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى گۇرۇپپىدىكى تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە بولۋىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن 1 : 1 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى. مېسسى ھەتتا توپ مەستانىلىرىنىڭ ئىسقىرتىپ مازاق قىلىشىغا ئۇچىرىدى، ئاخىردا مېسسى باشچىلىقىدىكى ساھىبخان ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرەلمىدى، مېسسى يەنە توپ كىرگۈزەلمىدى، 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى، مېسسى شىۋىتسارىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى قالپاق ئويۇنىنى ئوينىدى، تۆت ئايدىن كېيىن، ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق قالپاق ئويۇنىنى تاماملىدى، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى بىلەن برازىلىيە پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسى، مېسسىنىڭ دۆلەت پۇتبول كوماندىسىدىكى ئەڭ چاقنىغان بىر مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ قالدى، ئۇ مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىقى ۋاقىتلىردا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى توپتىن بىرنى ئۇردى، ھەمدە قالپاق ئويۇنى ئويناش شەكلى بىلەن كۈچلۈك برازىلىيە پۇتبول كوماندىسىنى ئۆز قولى بىلەن ئېچىنىشلىق «بوغۇزلىۋەتتى».
2014-يىلى يازدا، مېسسى يەنە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى سەپىرىنى باشلىدى. ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ قېتىم مېسسى باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى چېمپىيونلۇققا خېلى يېقىنلاشتى. مېسسنىڭ بۇ قېتىم ئىپادىسى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ياخشى بولدى، چوڭ مۇسابىقە ئويناپ تەجىربىلىك بولۇپ قالغان مېسسى گۇرۇپپىدىكى بوسىنىيە، ئىران ۋە نېگىرىيە كوماندىسىغا توپ ئۇردى، ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ ھەر بىر ئۇرغان توپلىرى ناھايىتى ھالقىلىق، يەنى مۇسابىقە نەتىجىسىنى بەلگىلەيدىغان توپ بولۇپ، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، شىۋىتسارىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ ۋاقىت قوشۇپ بەرگەن جەرياندا مېسسى ئەجەللىك بىر پاس چىقاردى، دىمارىيا توپ كىرگۈزۈپ شىۋىتسارىيە پۇتبول كوماندىسى شاللىنىپ كەتتى، ھىگۇايىننىڭ تۆت كۈچلۈكتە بىلگىيە پۇتبول كوماندىسىغا ئۇرغان توپىنى مېسسى پاس چىقىرىپ بەرگەن.
ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى كۈچلۈك رەقىبلىرىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچقا كىردى، بۇ قېتىم مېسسىنى يەنە گېرمانىيە تانكىسى كۈتۈپ تۇراتتى. ئاخىردا «گېرمانىيەلىك مېسسى» گوتزىنىڭ ھالقىلىق بىر توپى بىلەن چمپىيۇنلۇق گېرمانىيە پۇتبول كوماندىسىغا مەنسۇپ بولۇپ كەتتى. چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مېسسىنىڭ يېنىدىن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. مۇبادا ھىگۇايىن مۇسابىقە جەريانىدا بىر قېتىملىق ئەڭ ياخشى بولغان توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويمىغان بولسا، ئېھتىمال مېسسى دۆلەت كوماندا ھاياتىدا ئەڭ چوڭ لوڭقىنى كۆتۈرگەن بۇلاتتى. ئەپسۇس، يېقىندا ئاخىرلاشقان ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يامايكا پۇتبول كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مېسسى دۆلەت كوماندىسىدىكى 100-مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدى. ھەمدە ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياش 100 مەيدان مۇسابىقىنى تاماملىغان توپچى بولۇپ قالدى، بۇ مۇسابىقىدە ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى 1 : 0 نەتىجە بىلەن يامايكا پۇتبول كوماندىسىنى يەڭدى.
مېسسى باشچىلىقىدىكى پامپاس بۈركۈتى ئاخىردا ھەل قىلغۇچقا كىردى، ئەمما يەنە ئۇتتۇرۇپ بۇ تۈردىكى مۇسابىقىدىن خوشلاشتى. مېسسىنىڭ ئۈچ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ سەپىرى تۇلۇق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ 10 يىلدا مېسسى دۆلەت پۇتبول كوماندىسدا ھازىرغا قەدەر 103 مەيدان مۇسابىقىنى ئويناپ بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە 15 مەيدان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە 17 مەيدان ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى مۇسابىقىسى بار، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى مۇشۇ جەرياندا 61 مەيدان يېڭىپ، 22 مەيدان تەڭلەشتى، 20 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇردى. ھازىرغا قەدەر، مېسسى دۆلەت كوماندىسدا 46 توپ كىرگۈزدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئىلگىرىكى داڭلىق ھۇجۇمچى «جەڭ ئىلاھى» باتىستۇتا بار . بۇ مەرگەن 56 توپ كىرگۈزۈپ دۆلەت كوماندا تارىخىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. مېسسنىڭ بىرىنچى مەرگەن ئورنىغا چىقىش پۇرسىتى بار، ئېھتىمال بۇ پەقەت ۋاقىت مەسلىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!