ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بارسېلونادىكى ئىسپا ۋانگالغا ئۆچ ئون چول 5-باشلانغۇچ مەكتەپنى گوگىل شىركىتى قايتا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تەنتەربىيە > تولۇق مەزمۇنى

كىرىستىيانو رونالدو، مېسسىلارمۇ 2016-يىللىق ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ

ۋاقىت : 2015-07-12 20:00 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

كىرىستىيانو رونالدو، مېسسىلارمۇ 2016-يىللىق ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ

 سىنا تەنتەربىيەسى 30-ئىيۇن خەۋىرى : ياش چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئولىمپىك ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئالتۇن مېدالىنىڭ ئالتۇن مىقدارى يىتەرلىك ئەمەس دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئەمما كېلەر يىللىق رىئو ئولىمپىك مۇسابىقە مەيدانىدا بۇ ھۆكۈم ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ، چۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئۈچ توپچى __ كىرىستىيانو رونالدو، مېسسى، نېيمار قاتارلىقلار كوماندىسىنى يېتەكلەپ بۇ مېدالنى تالىشىشى مۇمكىن.

»as گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئارگېنتىنا بىلەن برازىلىيە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىگە كىرگەن بولۇپ، مېسسى بىلەن نېيمارنىڭ مۇسابىقىگە چۈشىشىدە گەپ يوق. يېقىندا، پورتۇگالىيە U21 دۆلەت كوماندىسى 0-5 نەتىجە بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، شۇنداقلا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. پورتۇگالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسىمۇ ئېتراپ قىلغان بولۇپ، ئۇلار كىرىستىيانو رونالدونى يېشى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن توپچى قاتارىدا رىئو ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

   پراگادا ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان گومېز برازىلىيە يەر شارى تەنتەربىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «كىرىستىيانو رونالدونى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش ئېھتىماللىقى بار، بىز 3 نەپەر يېشى چەكتىپ ئېشىپ كەتكەن توپچىنى رىئو ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرالايمىز، كىرىستىيانو رونالدو شۇ نامزاتلارنىڭ بىرى، ئەمما بىز بۇ ئىشنى رەسمىي مۇھاكىمە قىلمىدۇق».

  مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئىككى توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەت كوماندىسى قاتلىمىدا ھېچقايسىسى نەتىجىگە ئېرىشىپ باقمىدى، ئەمما مېسسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا 2008-يىللىق ئولىمپىك چېمپيونلۇقىدىكى «ئۆز-ئۆزىگە بەرگەن تەسەللىسى» بار. كىرىستىيانو رونالدو بۇ قېتىم ئالتۇن مېدالنى تالىشىشى مۇمكىن.

  لېكىن، كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىكى توسالغۇسىمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئولىمپىك مۇسابىقىسى 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ناۋادا كىرىستىيانو رونالدو كوماندىغا كىرگۈزۈلۈپ قالسا، پىلان بويىچە خان مادرىدنىڭ مۇسابىقە پەسلىدىن بۇرۇنقى خىزمەتلىرىنى قىلالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، 2016-يىل ياۋروپا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، كىرىستىيانو رونالدوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ تېخىمۇ مۇھىم مۇسابىقىدۇر.

  مېسسى، كىرىستىيانو رونالدو ۋە نېيماردىن باشقا، شۋېتسىيەلىك دەرىجىدىن تاشقىرى توپچى ئىبراھىموۋىچمۇ رىئو ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى مۇمكىن، ئۇ ئىلگىرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇسى بارلىقىنى ئېيتقان، ئەمما تەكلىپ قىلىنمىغان.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار