ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : قۇچقاچلار بەزمىسى(چ قۇم ئاستىدا قالغان گ سېغىزخان بىلەن يولۋ ئۆزلۈكنى ئىزدەش (چۆچ

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > چۆچەك > تولۇق مەزمۇنى

قۇچقاچلار بەزمىسى(چۆچەك)

ۋاقىت : 2015-08-21 15:41 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
قۇچقاچلار بەزمىسى
(چۆچەك)
ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى

 قۇچقاچلار بەزمىسى(چۆچەك)
بىر توپ قۇچقاچ شەھەر چېتىگىرەك جايلاشقان ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ كونا سوقما تاملار بىلەن قورشالغان قورۇسىدىكى ئىككى تۈپ يوغان قېرى دەرەخنىڭ باراخسان شاخلىرىدا ھەر كۈنى ۋىچىرلاپ بەزمە قىلغىنى قىلغان ئىدى.
ئاشلىقنى ساڭغا كىرگۈزۈش جەريانىدا چېچىلىپ كەتكەن دانلار مانا بۇ تەلەيلىك قۇچقاچلارنىڭ ئوزۇقى ئىدى،شۇڭا بۇ يەرگە كەلگەن قۇچقاچلار بىرىدىن بىرى سېمىز ، پەيلىرى پاقىراق ئىدى.بۇ تەييارتاپ قۇچقاچلار ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ خاتىرجەم ۋە خوشال كۈنلىرىنىڭ بۇ يەردە،مەڭگۈ داۋام قىلىدىغانلىقىدىن قىلچە گۇمانلىنىپ باقمىغان ئىدى.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە،ئاشلىق ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقى شۇڭا بۇنداق چوڭ ئاشلىق ساڭلىرى بولمىسا ،كىشىلەر بىر كۈنمۇ ياشىيالمايتتى.
قۇچقاچلار بۇنىڭدىن نېرى خىياللاردىن بولۇپ باقمىدى.بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن،خۇسۇسلار ئاچقان ياغ-ئاشلىق دۇكانلىرى كۆپىيىپ،تېلىفون قىلسىلا ئۆيگىچە مۇلازىمەت قىلىدىغان ،ئاممىغا قولايلىق يارىتىلدى-دە،كونا ئاشلىق ساڭلىرىنىڭ ئورنىغا رەت-رەت ئېگىز بىنالار چۈشتى.شۇنىڭدىن كېيىن قۇچقاچلارمۇ نەگىدۇ يوقالدى. بىراق بۇ قۇچقاچلار شەھەردىكى باياشات تۇرمۇشغا بەكمۇ كۆنۈپ كەتكەچكىمۇ ئۇلار بىر ئامال قىلىپ،شەھەردە ياشاشنىڭ ئامالىنى قىلىشقا كاللا قاتۇرماي قالمايتتى،ئەلۋەتتە.
يېڭى ئېگىز-ئېگىز بىنالار سېلىنغان مەھەلىنىڭ بىرىدە،بىر قانچە قۇچقاچنىڭ يەنە ۋىچىر-ۋىچىر قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى،ئەسلىدە بۇ قۇچقاچلار ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىش ئۈچۈن تېشىلگەن بولسىمۇ لېكىن نېمە سەۋەپتىندۇر كېيىن ئىشلىتىلمىگەن تۆشۈكلەر ياكى يوچۇقلارنى تېپىۋېلىپ، بىر ئەپلىك ئوۋا قىلىۋالغانلىقىنى كىشىلەر بەلكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىسە كېرەك.بۇ يوچۇقلاردا ھەتتا پار تۇربىلىرىمۇ تارتىلغان بولغاچقا،قۇچقاچلار قىشتىمۇ ئىسسىق بۇ «شەھەرچە ئۇۋىلىرى»دا بىخارامان ئارام ئالالايدىغان بولدى. بۇ ئەھۋال قۇچقاچلارنىمۇ شەھەرلىك ياكى سەھرالىق دەپ ئىككى تۈركۈمگە ئايرىۋەتتى.
گۇگۇم چۈشكەن چاغ،ئىككى قارا قۇچقاچ «شەھەرچە ئۇۋىلىرى»دىن چىقتى.ئۇلار قاناتلىرىنى كېرىپ ئەمدى ئۇچاي دەپ تۇرۇشىغا پەستىكى دەرەخ ئۈستىدە سايرىشىۋاتقان بىرنەچچە سېرىق قۇچقاچنى كۆرۈپ توختاپ قېلىشتى.
ئىككى قارا قۇچقاچ بىر-بىرىگە قاراپ،جىمجىت بولۇپ قېلىشتى،بەلكىم ئۇلار شۇ تاپتا بۇ شەھەردە يېڭىدىن پەيدا بولغان بۇ سەھرالىق قۇچقاچلارغا ئۆزلىرىنى بىر كۆرسەتكۈسى باردەك قىلاتتى.قارا قۇچقاچنىڭ بىرى يەنە بىرىگە:
- ئاداش، چىرايلىق سېرىق قۇچقاچلارمۇ شەھەرگە كەپتۇ،ئۇلارنى بىر كولدۇرلىتىپ كەلمەمدۇق-دەپتۇ.
- مەيلى،بەرىبىر كەچلىك بازارنى يىغىشتۇرۇشقا تېخى بار-،دەپتۇ يەنە بىرى.
ئۆزىنى شەھەرلىك دەپ ئاتىۋالغان بۇ قۇچقاچلار كەچلىك بازار سودىنى توختاتقان چاغدا،چېچىلغان دانلار،گۆش پارچىلىرى،سەي-پەي قاتارلىقلارنى يەپ قوسىقىنى تويدۇراتتى.
سېرىق قۇچقاچلار قارا قۇچقاچلارنىڭ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم »دېگەن سالاملىرىنى ئىلىك ئېلىپ: «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام »دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى.
سېرىق قۇچقاچلار قارا قۇچقاچلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى،ئۇلار قارا قۇچقاچلار بىلەن تونۇشۇپ قېلىشقانلىقلىرىدىن ئىنتايىن خوشال بولغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ناتونۇش شەھەرگە تاسادىپى بىر پۇرسەتتە كېلىپ قالغانلىقىنى ،بىراق بۇ يەرگە كېلىپ تولىمۇ جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشىپتۇ.قارا قۇچقاچلار:
-تەكەللۇپ قىلماڭلار،بىز ھەمممىز قېرىنداشلارغۇ –دىيىشىپتۇ.
سېرىق قۇچقاچلار قارا قۇچقاچلارنىڭ بۇ خىل دوستانە مۇئامىلىسىدىن بەكمۇ رازى بولۇشۇپ دىلى يايراپتۇ.
قۇچقاچلاردا ئادەتتە،رەسمىي ئىسىم بولمىسىمۇ،لېكىن لەقەم بولىدۇ،ئۇلار ئادەتتە لەقەمنى ئىسىم ئورنىدا قوللىنىدۇ. سېرىق قۇچقاچنىڭ بىرىنىڭ لەقىمى «لاي پاچاق» يەنە بىرىنىڭ لەقىمى«پۇچۇق زاغرا» ئىدى.بۇ لەقەملەرنى ئاڭلا-ئاڭلىماي،قارا قۇچقاچلار قاقاخلاپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ.ئۇلار قارا قاناتلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇرۇپ پوكانلىرى قىزارغىچە تېلىقىپ كۈلۈپتۇ.بۇنداق تېتىقسىز كۈلكىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان لاي پاچاق بىلەن پۇچۇق زاغرا دەسلەپتە ھۆرمەت يۈزىدىن تەڭ كۈلۈپتۇ،كېيىنرەك ئۇلارنىڭ كۈلكىسىدىن بىزار بولۇشۇپ،قاپاقلىرىنى تۈرگەن ھالدا جىمجىت قاراپ قېلىشىپتۇ.لاي پاچاق :
- ئىسىملىرىمىز بەك كۈلىكىلىكمىكىن-دەپتۇ كۆڭلى ئازار يىگەن ھالدا.
- ياق،ياق .-دەپتۇ قارا قۇچقاچنىڭ بىرى .
- بىزنىڭ سىلەرنى زاڭلىق قىلىش مەقسىدىمىز يوق،-دەپتۇ يەنە بىرى.
- ئەمىسە تولا كۈلىۋەرمەي،ئۆزەڭلارنىڭ لەقەملىرىنىمۇ ئېيتمامسىلەر،-دەپتۇ پۇچۇق زاغرا زەردە بىلەن.
- خاپا بولما.پۇچۇق زاغرا،مېنىڭ لەقىمىم تەمكىن ،ئۇنىڭ لەقىمى ساداقەت ،-دەپتۇ تەمكىن كۆرەڭلىگەن ھالدا.
لاي پاچاق بىلەن پۇچۇق زاغرا «تەمكىن» ،«ساداقەت»دېگەن ئىسىملارنى ئىلگىرى پەقەتلا ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى. قارا قۇچقاچلار سېرىق قۇچقاچلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھەۋەسلىنىپ قاراۋاتقانلىقىدىن تېخىمۇ تەكەپپۇرلىشىپ قارا قاناتلىرىنى قېقىپ-قېقىپ قويۇپتۇ.
سېرىق قۇچقاچلارنى «كولدۇرلاتماقچى بولغان»قارا قۇچقاچلار بۇ قۇچقاچلارنىڭ غورۇرلۇق، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىگە بەك ئېتىۋار بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ،ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى.
ئاڭغىچە كەچلىك بازارنىڭ تاقىلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قاپتۇ.تەمكىن بىلەن ساداقەت دەرەخ ئاستىدا بىر پەس ئايرىم كۇسۇرلىشىۋالغاندىن كېيىن،لاي پاچاق بىلەن پۇچۇق زاغرىنى كەچلىك بازارغا ئاپىرىپ مېھمان قىلماقچى بولۇپتۇ.
-دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ياخشى ئىش بارمۇ؟ -دەپتۇ لاي پاچاق قارا قۇچقاچلاردىن كەچلىك بازاردىكى مول زىياپەتنىڭ ئۆزلىرىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن.
- ئۇنداق بولسا،ئاۋۋال سىلەرگە رەھمەت دېسەك بولغۇدەك،-دەپتۇ پۇچۇق زاغرا ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا.
قۇچقاچلار بۇلۇتلۇق ياز ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىپ،كەچلىك بازار تەرەپكە يول ئاپتۇ.
لاي پاچاق بىلەن پۇچۇق زاغرا كەچلىك بازاردىكى تىزىلغان شىرە ۋە ئورۇندۇقلارنىڭ كۆپلىكىدىن ھەيران قاپتۇ. ئۇلار كەچلىك بازارغا كەلگەندە،پەقەت ئەڭ چەتتىكى بىر شىرەدە يېرىم بوتۇلكا ھاراقنى ئالدىغا قويۇۋالغان بىر ئەر يەنە بىر ئەرگە توختىماي ئۆز دەردىنى ئېيتىۋاتاتتى:
-بۇ دۇنيادا ئەڭ يامان غەم خوتۇن غېمىكەن ،ئاداش،بىر ئوبدان ئۆتىۋاتقان ئىدۇق،بىر ئايدىن ئىلگىرى،ئۇ خوتۇن بىر ياش يىگىت بىلەن تېپىشىۋېلىپ، ئز-دېرەكسىز يوقالدى.
مەس بولۇپ قالغان ئەر ياش تۆكىۋاتاتتى،ئۇنىڭ قارىشىدا ئولتۇرغان شام بۇرۇتلۇق دوستىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ،ئۇنىڭغا:
-ئۇنداق ۋاپاسىز خوتۇننىڭ گېپىنى قوي،باللىرىڭچۇ؟-دېدى.
- ئىككى يۈز مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ كېتىپتۇ،مەن ئىككى بالا بىلەن قانداقمۇ قىلارمەن؟،-مەس بولۇپ قالغان ئەر ئەمدىلىكتە ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى.
-ۋاي،بىچارە –دەۋەتتى پۇچۇق زاغرا مەس بولۇپ قالغان ئەرنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ.
-مۇشۇ ئىشقىمۇ ئىچ ئاغرىتىۋاتقىنىڭنى قارا،-دېدى ساداقەت ،ئادەملەر بۇزۇلۇپ كەتتى،ئۇلار كەچلىرى ھاراق ئىچكەندە يىغلاۋالىدۇ،كۈندۈزلىرى غېمىدە يوق خىزمىتىنى قىلىپ ئالدىراش يۈرىشىدۇ.
-شۇنداق،-دېدى تەمكىنمۇ گەپ ئارىلاشتۇرۇپ،لاي پاچاقنىڭ ھاڭۋېقىپ قاراپ قالغانلىقىنى مەنسىتمىگەن ھالدا.
-ئەي،ئاداش ،مەنچۇ ؟ مۇشۇنداق قۇچقاچ بولۇپ قالغان بولسامچۇ دەپ ئويلاپ كېتىمەن،قارا،ئۇلار نېمە دېگەن غەمسىز-ھە؟
شام بۇرۇتلۇق ئەر :
-قوپە،قۇچقاچ دېگەن قۇچقاچ،ئادەم دېگەن ئادەم،سەن يېڭىۋاشتىن قەد كۆتۈرۈپ،ئوغۇل بالىدەك ياشا !يۈر مەن سېنى ھورداققا چۈشۈرۈپ،سەگىتىپ قوياي-دېدى.
مەس بولغان ئەر دەلدەڭشىگەن ھالدا ئورنىدىن تۇردى.ئۇلار يول بويىغا چىقتى-دە،تاكسىدىن بىرنى توسۇپ،كۆزدىن غايىپ بولدى.
لاي پاچاق بىلەن پۇچۇق زاغرا ئۇ ئىككى ئەرنىڭ كەينىدىن قاراپ نەپرەتلەنگەن ھالدا:
- ئۇلار بەك بىلىمسىزكەن،قۇچقاچلارنىڭ غېمى يوق دەپ كىم ئېيتىدۇ،بىز ياشايدىغان ماكاننى خېمىيىۋىي ئوغۇت زاۋۇدى،نېفىت ئايرىش زاۋۇدى دېگەندەك ساپلا كېرەكسىز بۇلغانمىلارنى چىقىرىدىغان،ھاۋانى بۇزۇدىغان زاۋۇدلارنى قورۇپ،بىزنى سەرسان قىلغان ئىنسانلار يەنىلا مۇشۇلارغۇ-دېدى .
- ئادەملەرگە پۇل بولسىلا بولدى،ئۇلار بىزدەك ئۇچار قۇچلارنىڭ غېمىنى يەپ قويمايدۇ،-دېدى تەمكىن .
- ھازىرقى كۈنىمىزگە شۈكرى دېسەك بولىدۇ ،-دېدى ساداقەت .
تەمكىن سېرىق قۇچقاچلارغا :
- ئاۋۋال دانلار،سەي-پەيلەر ۋە گۆش پارچىلىرى بىلەن قوساقنى ئەستەرلىۋېلىڭلار،ئاندىن كېيىن بىزمۇ بىر پەيزى قىلايلى-دېدى .
سېرىق قۇچقاچلار «پەيزى قىلايلى »دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ،لېكىن قوساق تويدۇرۇش غېمى بىلەن ئۇنىڭ مەنىسىنى سوراشقا رەغبىتى بارماپتۇ.
ئۇلار قوساقلىرىنى بىرەر قۇر ئەستەرلىۋالغاندىن كېيىن،تەمكىن بىلەن ساداقەت دەردى بار ئەر بىلەن شاپ بۇرۇتلۇق ئەر ئولتۇرغان شىرەگە كېلىپ قونۇپتۇ،ئۇلارغا ئەگىشىپ پۇچۇق زاغرا بىلەن لاي پاچاقمۇ شىرەگە كېلىپ قونۇپتۇ.
قارا قۇچقاچلار شىرەگە تۆكۈلۈپ قالغان ھاراقنى ھوزۇرلىنىپ ئىستىمال قىلىشقا باشلاپتۇ ھەم سېرىق قۇچقاچلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپتۇ.
لاي پاچاق بىلەن پۇچۇق زاغرا قۇچقاچلارنىڭ ياشاش ئادىتىگە زىت،ئۆرىپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىسىگە پەقەتلا يېقىن كەلمەيدىغان بۇ ئىشنى قىلىشقا قوشۇلمىغان بولسىمۇ،شەھەرلىك قۇچقاچلارنىڭ چىرايلىق گەپلىرى،يېلىنىپ-يالۋۇرۇشلىرىغا ئەل بولۇپ،شىرەدىكى تۆكۈلگەن ھېلىقى ھاراق تامچىلىرىدىن ئىچىشكە باشلاپتۇ.سېرىق قۇچقاچلار بىردىنلا مەيدىسىدىن بىر پارچە ئوت كۆيدۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ،قورققىنىدىن قېقىلىپ كېتىپتۇ.بىراق ئۇلار شەھەرلىك قۇچقاچلار قىلغان ئىشنى بىز نېمىشقا قىلالمايدىكەنمىز دەپ غورۇرلىنىپ كېتىپ، قارا قۇچقاچلارغا ئەگىشىپ ھاراقنى يەنە ئىچىپتۇ-دە غەرق مەس بولۇپتۇ.
ئاھ،ئۇرىمەن،ئاھ ئۇراي،
سەھرايىمدىن ئايرىلىپ.
نېمە كۈندە قالارمىز ،
قاناتىمىز قايرىلىپ.
سېرىق قۇچقاچلار قاناتلىرىنى سۆرەپ،ھېلىقى دەردى بار مەس ئەردەك دەڭدەڭشىپ مېڭىشقا باشلىدى.
-بۇلارنىڭ خېلى پەيزى باركەن،-دەپتۇ ساداقەت تەمكىننىڭ قولىقىغا شىۋىرلاپ.
ئانا سەھرا ،سەن قايدا،
يىلتىز-پۇشتۇم قەيەردە؟
مۇساپىرمەن،سەرسانمەن،
دەردىم تولا قەلبىمدە.
سېرىق قۇچقاچلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن توقۇغان قوشاقلىرى كەچلىك بازارنىڭ سۇس بۇلۇتلۇق ئاسمىنىدا ياڭراشقا باشلاپتۇ.
ساداقەت بىردىنلا ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئىچىدە ئالا-تاغىل چىقىراپ،سېرىق قۇچقاچلارنىڭ پەيزىنى قاچۇرۇپتۇ. سېرىق قۇچقاچلار دەرھال ئەخلەت ساندۇقىنىڭ يېنىغا كېلىپ قاراپ تۇرۇپتۇ.تەمكىن ساداقەتنىڭ شەھەرلىكلەرنى دوراپ،خالىي جايغا بېرىپ سىيىۋالماقچى بولۇپ بۇ يوغان ئەخلەت ساندۇقىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. تەمكىن ئەخلەت ساندۇقىغا چۈشۈپ قارىسا،ساداقەتنىڭ قاناتلىرى پۈتۈنلەي قانغا بويالغان ئىكەن .ساداقەت تىنماي ئىڭراپ ياتاتتى.
تەمكىن قورقۇپ ۋاقىراپ كېتىپتۇ.تەمكىن بىلەن ساداقەتكە ئايانكى،ئادەملەر خىرويىن دەپ ئاتىلىدىغان زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىمۇ چېكىدۇ. ئۇلار ئوكۇل يىڭنىسى بېكىتىلگەن شىپرىس بىلەن ئاشۇ زەھەرلىك چېكىملىكنى تومۇرىغا بىۋاستە ئۇرىدۇ،بىر شىپرىسنى بىر نەچچە ئادەم تەڭ ئىشلەتكەچكە،ئەيدىس ۋېروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ،ئۇزاق ئۆتمەي ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ .تەمكىن ساداقەتنىڭ ئىختىياتسىزلىقتىن ئوكۇل يىڭنىسىغا قانىتىنى ئۇرۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ھوشىنى يوقاتقاندەك بولدى،بۇ قاباھەتلىك ئىشنى ئەمدىلا چۈشەنگەن سېرىق قۇچقاچلار مەسىلىكتىن يېشىلىپ،ساداقەتكە ئىچ ئاغرىتقان ھالدا مەيۈس نەزەردە نېمە قىلارىنى بىلمەي قاراپ قېلىشتى.تەمكىن ئاۋايلاپ ساداقەتنىڭ قانىتىنى قانىتىۋەتكەن ئوكۇل يىڭنىسىنى تارتىپ چىقاردى.ساداقەتنىڭ يۈزى تاتىرىپ،قان دىدارى قالمىدى.
قۇچقاچلار كەچلىك بازاردىن روھى چۈشكەن ھالدا قايتىشتى. ساداقەت قاناتلىرىنى كېرىپ ئۇچالمايدىغان بولۇپ قالدى،ئەمدىلىكتە تەمكىنگە سېرىق قۇچقاچلار ياردەم قىلمىسا بولمايتتى.سېرىق قۇچقاچلار قارا قۇچقاچلارنىڭ «شەھەرچە ئۇۋىسى»كىرگەندە،بۇ ئۇۋىنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن ھەيران قالدى.ئۇنىڭ ئىچى ئىسسىق بولۇپ،يامغۇر-بوراندىن پۈتۈنلەي خالىي جاي ئىدى. سېرىق قۇچقاچلار قارا قۇچقاچلارنىڭ ھەتتا بۇنداق كاتتا تۇرالغۇسىغا باشلاپ كىرىپ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىدىن تولىمۇ خوش بولۇپ،ساداقەت ساقايغىچە بۇ «شەھەرچە ئۇۋى»دا تۇرۇپ قالماقچى بولۇشتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سېرىق قۇچقاچلار «شەھەرچە ئۇۋى»نىڭ تاماق ،تازىلىق ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئۈستىلىرىگە ئالدى ھەمدە ساداقەتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتى. بۇ خۇددى شەھەرلىكلەرنىڭ سەھرادىكى 12-13 ياشلاردىكى ئوقۇشسىز قالغان قىزلارنى بالا باققۇچى قىلىپ ئىشلەتكىنىگە ئوخشايتتى.
كۆپ ئۆتمەي،ئوكۇل شىپرىسىدىكى ئەيدىز ۋېروسىدىن يۇقۇملانغان بەخىتسىز ساداقەت بۇ دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز ھالدا خوشلاشتى. تەمكىنگە ئەگشىپ،سېرىق قۇچقاچلار ھازا ئاچتى،تەمكىنگە تەسەللىي بەردى.
ساداقەت كۆز يۇمغان كۈنى كۈن تۇتۇلدى،ئارقىدىن بىرنەچچە كۈن يامغۇر سەلدەك ياغدى.گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ چاقماق چاقتى.چاقماقنىڭ يورۇقىدا ھەتتا پۈتۈن شەھەر يوپ-يورۇق بولۇپ كەتتى.
سېرىق قۇچقاچلار تەمكىنگە ئۆزلىرىنىڭ بۇ شەھەردىن يىراق بىر جايغا سەپەرگە چىقماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىشتى ناۋادا تەمكىن قوشۇلسا،ئۆزلىرى بىلەن بىللە مېڭىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قويدى.
تەمكىن سېرىق قۇچقاچلارغا ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەينى يىللاردا ئاشلىق ساڭلىرى ئەتىراپىدا ياشاپ،تەييارغا كۆندۈرۈپ قويغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ بۇ شەھەردە تۇغۇلغانلىقىنى سەھراغا بارسا قىينىلىپ قالىدىغانلىقىنىمۇ يوشۇرمىدى
لاي پاچاق بىلەن پۇچۇق زاغرا تەمكىنگە ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ شەھەردىن يىراق جايدىكى بىر جاڭگالنى ئاران بىر بالالىقتا تاپقانلىقىنى شۇ يەردە قۇچقاچتەك ياشايدىغانلىقىنى ،ئەۋلاد قالدۇرىدىغانلىقىنى،قۇچقاچلارنىڭ ياشاش ئادىتى ۋە ئۆرىپ-ئادىتىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىز قالدۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندا،تەمكىن تولىمۇ تەسىرلىنىپتۇ
-مەن ھېلىقى شاپ بۇرۇتلۇق ئەرنىڭ «قۇچقاچ دېگەن قۇچقاچ،ئادەم دېگەن ئادەم»دېگەن گېپىنىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشەندىم.چۈنكى بىز ئۆزىمىز بىلىپ-بىلمەيلا،شەھەرچە ئادەملىشىپ كېتىپتۇق،قېرىندىشىم ساداقەتنىڭ ئۆلۈمى بۇنى ماڭا چوڭقۇر تونۇتتى،بىراق ئادەملەرچۇ ؟ يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن بەك ھايۋانلاشتى.شۇڭا بىز بۇ يەردە سەرسان بولۇپ يۈرۈپتۇق-دېدى تەمكىن ئىچ-ئىچىدىن بۇغۇلۇپ يىغلاپ.
-بولدى قوي،بۇنداق كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان گەپنى قىلما دېدى لاي پاچاق ئۆزىنى تۇتالماي ئېسەدەپ تۇرۇپ.
پۇچۇق زاغرا ئۇلاپلا مۇنداق قوشاق توقۇپتۇ:
قېرىندىشىم ياخشى قال،
قۇچقاچ بولۇپ ياشىغىن.
تەبىئەتتۇر ئانىمىز،
يىلتىزىڭدىن تانمىغىن !!!
تەمكىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئاران –ئارانلا :«سىلەرگە ئاق يول بولسۇن»دەپتۇ كۆزلىرىدىكى لىغىلداپ تۇرغان ياشلىرىنى يۇشۇرالماي ھەم لاي پاچاق ھەم پۇچۇق زاغرا بىلەن ئايرىم-ئايرىم چىڭ قۇچاغلىشىپ خوشلىشىپتۇ.
سېرىق قۇچقاچلار قاناتلىرىنى مەردانە كېرىپ،شەھەردىن يىراق جايدىكى جاڭگاللىققا قاراپ ئۇچۇپتۇ.
كېچە.تەمكىن يالغۇز قالغان «شەھەرچە ئۇۋى»سىدا يېتىپ ،سېرىق قۇچقاچلار ياشاۋاتقان جاڭگال تەرەپتىن ئۇلارنىڭ خوشاللىققا تولغان قىزغىن بەزمىسىنى ۋە ھەقىقىي سايراشلىرىنى ئاڭلىغاندەك بولۇپتۇ.
ئالدىنقىسى:قۇم ئاستىدا قالغان گۈزەل چۈش ( چۆچەك) | كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار