خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قەدىرىسىز قالمىسۇن

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-28 01:03

 

بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قەدىرىسىز قالمىسۇن

ئايىمگۈل مەمەت
بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قەدىرىسىز قالمىسۇن

   قىزىقىش بولمىسا بىرەر تىلنى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ. دەرس مۇنبىرىدە بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىپ، ھەربىر سائەتلىك دەرسنى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش مۇساپىسىدىكى ياخشى بېسىلغان بىر قەدەمگە ئايلاندۇرالىساق، ئاندىن ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

   ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدا دوستانە كەيپىيات بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قوزغىلىدۇ، چۈنكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دادىللىق بىلەن سۆزلىشى، يېزىشى ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆيۈمچانلىقىنى، دوستانىلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق، كۆيۈنۈش بىلەن بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قەدىرلەش باشقا – باشقا گەپ، ئۇزاق يىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبەمگە ئاساسلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قانداق قوزغاش، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن پاسسىپلىقىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىرى بالىلارنىڭ قىزىقىشى ئۆز مەنىسىنى تاپقاندىلا ئاندىن ئىزچىللىقىنى ساقلىيالايدىكەن ۋە بۇ تىلنى ياخشى ئىگىلىيەلەيدىكەن دېگەن تونۇشقا كەلدىم. تېخىمۇ كونكرېتراق ئېيتقاندا، بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قەدىرلىگەندە ئىزچىل يېتەكلىگىلى بولىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈنسىز كۆيۈنۈشتىن كۆرە، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا ئەقەللىي ھۆكۈم چىقىرىپ، سەمىمىي يېتەكلەش بەكرەك مۇھىم. مېنىڭچە، بىر ئوقۇتقۇچىدا مېھرىبانلىق بولۇشى كېرەك ھەم ئەقلىي ھۆكۈم قابىلىيىتى تېخىمۇ بولۇشى كېرەك. مەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن قانداقتۇر بۇيرۇق، شوئار خاراكتېرلىك قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقمىدىم، پەقەت ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ قىزىقىشىنىڭ قەدىرسىز قالماسلىقىغا ۋە تىرىشچانلىقىنىڭ ئۆز مەنىسىنى تېپىشىغا ياردەم قىلدىم. ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن بىر ئادەم، شۇڭا ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىپ داۋاملىق ئاكتىپ بولۇشىنى تەكىتلىمىدىم. چۈنكى، ھەركىم پەقەت ئىنسانىيلىق ھۆرمىتىگە ئېرىشەلىگەندىلا ئاندىن ئىنتىلىشچان بولىدۇ، شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئاكتىپ بولغان چاغلىرىغا تولىمۇ قىزغىن مۇئامىلىدە بولدۇم. پاسسىپ بولغان چاغلىرىدا سوغۇققان نەزەر بىلەن قاراپ، ئۇلاردىكى بۇ پاسسىپلىقنىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈگىشىنى ئارزۇ قىلدىم ۋە ئۇلار بىلەن سىرداشتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇلار جۇشقۇنلىقىغا قايتتى ۋە ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش روھىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى. ئۇلارنىڭ بۇ تىلنى پىششىق ئىگىللەۋاتقانلىقى مېنى سۆيۈندۈردى.

   دېمەك، بىرەر تىلنى ئۆگىنىشتە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قەدىرلىگەندە، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ئۆز مەنىسىنى تاپالايدۇ ۋە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#0000FF'>ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈ</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار