خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالىمايدۇ ؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-21 15:44

 

ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالىمايدۇ ؟

ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالىمايدۇ ؟

خىزمەت بىسىمى ئىغىر، تەمىنات تۆۋەن بولۇش تۈپەيلى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى
سىنىپ مۇدىرى بولۇش شەرەپلىك ئىش بولۇپ، سىنىپ مۇدىرلىرى مەكتەپتىكى غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىمۋولى بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، ئوقۇتقۇچىلارغا سىنىپ مۇدىرى بولۇش توغرىسىدا خىزمەت ئىشلەش بىر قېسىم مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ
باش قىتىقچىلىقى بولماقتا. يېقىندا، ۋۇخەن شەھىرىدىكى بىر مەكتەپ مۇدىرى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يىل ئاخىرىدا ئىش ئورنىنى بېكىتكەندە، بەزى ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالىمايدۇ، مەكتەپ مۇدىرى قايتا – قايتا خىزمەت ئىشلىسىمۇ كار قىلمايدۇ.
ۋېي شۇشېڭ: «مەن سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالايدىغان ئوقۇتقۇچىغا تەۋە. مىنىڭچە، ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، سىنىپ مۇدىرى بولمىسا قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويۇپ، چوڭ زىيان تارتىدۇ» دېگەنىدى. ھازىر نېمىشقا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟ ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ياش سىنىپ مۇدىرلىرى تور بىكىتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %43 كىشى سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمىتى جاپالىق، تەمىناتىمۇ تۆۋەن، سىڭدۈرگەن ئەمەگىكىگە ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارىسا %24كىشى مەكتەپنىڭسىنىپ مۇدىرىغا چۈشۈرگەن بىسىمى ئىغىر ، دەپ قارىغان.
جياڭئەن رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پېڭ جيەنشىې مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالىماسلىقى ئايرىم ئەھۋال ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، كەسپىي بىزارلىق قوشۇلۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىۋاتقان ئۈچ مەسىلە بولۇپ قالدى.
رايون دەرىجىلىك بىر مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى مۇنداق دېدى: ئاتا – ئانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ مائارىپقا قويغان تەلىپى كۈنسىرى يۇقىرىلاۋاتىدۇ، يالغۇز پەرزەنتلىرىنى باشقۇرۇشمۇ بارغانسىرى تەسلىشىۋاتىدۇ، ھازىر ياخشى سىنىپ مۇدىرى بولۇش ئاسان ئەمەس. بىرىنچىدىن، مەسئۇلىيىتى ئىغىر، ئوقۇغۇچىلار مەيلى مەكتەپ ئىچى ياكى سىرتىدا بىرەر ئىش چىقىرىپ قويسا، سىنىپ مۇدىرى بۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ، چۈنكى سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى بىرىنچى جاۋابكارى؛ ئىككىنچىدىن، سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرىلىپ ئوقۇتۇش بىسىمى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن ئېغىر بولۇپ، ئەگەر سىنىپنىڭ سىنىپ ئىستىلى، نەتىجىسى ياخشى بولمىسا، ئاتا – ئانىلار ۋە مەكتەپ تىغ ئۇچىنى ئالدى بىلەن سىنىپ مۇدىرىغا قارىتىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، سىنىپ مۇدىرى نۇرغۇن جاپا تارتقان بولسىمۇ، ياردەم پۇلى ئايدا ئاران 100 يۈەنلا. نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى: «سىنىپ مۇدىرى بولغاندىن كۆرە، كۆپرەك دەرس ئۆتكۈنۈم ياخشى، خىلىلا يېنىكلەپ قالىمەن» دېيىشتى.
ۋۇخەن شەھەرلىك 6-تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىياسىي تەربىيە مۇدىرى چىڭ زجۈن مۇنداق دېدى: گەرچە ئەھۋال ھازىرقىدەك بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالىمىسا ئۇندقاتا بۇ مەكتەپتە مەسىلە كۆرۈلگەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى قوزغىتىلمىغان بولىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەزكۇر مەكتەپ بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ياردەم پۇلىنى ئۆستۈرۈپلا قاماي، ئۇنۋان باھالاش، ئوقۇتۇش مۇنەۋۋەرلىرىنى باھالاش قاتارلىق تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى سىنىپ مۇدىرلىرىغا مايىللاشتۇرغان.

مەنبە: شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى (سەيشەنبە) سانىدىن ئىلىندى

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
بىز ئوقۇتقۇچى بولۇشقا ل

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار