خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرايلى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2015-09-02 21:52

 
ئاڭلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرايلى
 
يولداشلار!
تىيانشان قارغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبى بىر تۇتاش. شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تۇمۇرى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەتى. بۇ قېتىمقى لىكسىيەنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يولداشلارنى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىدىن چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئېغىر خەۋپى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرسىنى تۇنۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلقى تەربىيسىنىڭ ئاڭلىقلىقى، مەسئۇليەتچانلىقى ۋە جىددىيلىك ھېسسىياتىنى ھەققىي كۈچەيتىش. بارلىق مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش.
بۇ قېتىمقى ئۆگىنىدىغان لىكسىيە ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى ئەنئەنسى
2. شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئالاھىدە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
3. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شىنجاڭنىڭ مۇقۇملقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان باش جىنايەتچى.
4. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى
 يولداشلار! ھەممىز بىلىمىز شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ تەرەققى قىلىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەبەدىي ئەمىنلىكدىكى مۇھىم مەسلە. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىناق بولغاندىلا، مۇقۇم تەرەققى قىلىپ شانلىق مەدەنىيەت ياراتقىلى بولىدۇ. ئازارلىشىپ، كۆڭۈل يىراقلاشقاندا، قالايمىقانچىلىق تۈگمەيدۇ، خەلقىنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم بولمايدۇ. ئىلمىي كىشلەر بولۇش سۈپتىمىز بىلەن بىز چۇقۇم ۋەزىيەتنى تۇنۇپ يېتىشىمىز، زىممىزدە مۇقۇملۇقنى قوغداشتىىن ئىبارەت تارىخى ۋەزىپىنىڭ بارلىقىنى ئىسىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئەمەلىي جېڭىدە ئەمەلىي ھەركەتكە كېلشىمىز كېرەك.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى ئەنئەنسى
جۇڭگۇ ئەزەلدىنلا كۆپ مىللەتلىك بىرلىككە كەلگەن دۆلەت. يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بىكتىشى بىلەن مىللەتلەرنىڭ سانى 56 بولدى. خەنزۇلاردىن باشقا 55 مىللەت خەنزۇلارغا سېلىشتۇرغاندا نۇپۇسى بىر قەدەر ئاز بولغاچقا ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتالدى.
جۇڭگۇدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلكى: چوڭ جەھەتىتىن  ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كىچىك جەھەتتىن توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. خەنزۇلار رايۇنىدا ئاز سانلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئازسانلىق مىللەت رايۇنىدا خەنزۇلارمۇ ئولتۇراقلاشقان. بۇ خىل تارقىلىش ھالىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز-ئارا ئالاقىلشىش ۋە يۆتكىلىشىدن شەكىللەنگەن. جۇڭگۇدا گەرچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نۇپۇسى ئاز بولسىمۇ لېكىن تارقىشى كەڭ. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. كۆپ قىسىم ناھىيە دەرىجىلىك رايۇنلاردا ئىككدىن كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان.
بىرىنچى، دۆلىتىمىزىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخقا ئىگە. بىر مىللەتلەر ئارلىشىش تارىخى دىسەك بولىدۇ: يەندى، خۇاڭدى پادىشاھلىقىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە ئالدى كەينى بولۇپ تۆت قېتىم مىللەتلەرنىڭ ئارلىشىشى بولغان. يەندى، خۇاڭدى پادىشاھلىق مەزگىلىدە دۆلىتىمىزدە مىللەتلەرنىڭ ئارلىشىشى شەكىللەنگەن. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئارلىشىشى جەريانىدا خۇاشىيا مىللىتى شەكىللەنگەن. يەنى ھازىرقى خەنزۇ مىللىتى.
چىن ۋە خەن خاندانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى بىرىنچى قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ چوڭ ئارلىشىىشىنىڭ تىپىك مىسالى. چىنشخۇاڭ جۇڭگۇنى بىرلككە كەلتۈرگەندىن كېيىن پۇلىنى، يېزىقىنى ۋە ئۆلچەم بىرلىكىنى بىرلىككە كەلتۈردى. فېئوداللىق تۈزۈمنى بىكار قىلدى. خەن سۇلالىسى چىن سۇلالىسىنىڭ تۈزۈلمىسىنى قوللىنىپ، مىللەتلەر تۇققانلىشىش سىياسىتىنى كۈچەيتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىم بولىغىنى خەنزۇلىشىش سىياسىىتىنى يولغا قويدى، خەنزۇچە سۆزلىشىش ۋە خەنزۇچە يېزىق ئىشلىتىشنى بەلگىلەپ، بۈگۈنكى خەنزۇلار شەكىللەندى.
ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ ئارلىشىش: ئۈچ پادىشاھلىق ۋە ئىككى جىن سۇلالىسى دەۋرى. ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچكىرگە يۆتكىلىشى، خەنزۇلارنىڭ جەنۇبقا يۆتكىلىشى، شىمالىي ۋىي پادىشاھلىقىدىكى شىياۋۋىندىنىڭ خەنزۇلاشتۇرۇش سىياسىتى قاتارلىق ۋەقەلەر خەنزۇلار ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ يەنىمۇ ئارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۈچنچى قېتىملىق چوڭ ئارلىشىش: تاڭ ۋە سۇڭ دەۋىرى. تاڭ سۇلالىسى مىللەتلەر باراۋەرلىك سىياسىيىتىنى يولغا قويۇپ، باشقا مىللەتدىن بولغان كىشلەرنىىڭ ئوردا ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتۈشىگە يول قويدى، باشقا مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلارنىڭ توي قىلىشى ئومۇملاشتى. شۇنىڭ بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلىشىشى تىزلەشتى. لىياۋ، سۇڭ، جىن دەۋرلىرىدە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پۇقرالىرى جەنۇبقا زور كۆلەمدە كۆچۈپ، فۇجىيەن، گۇاڭدۇڭ رايۇنلىرىنى ئاچتى. جۇڭگۇنىڭ نۇپۇسى يېڭى باشتىن شىمالدىن جەنۇبقا يۆتكەلدى. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋىرلىرىگە كەلگەندە، چاڭجىياڭدىن ئۆتۈپ جەنۇبقا كىردى. شۇنىڭدىن كېيىن خەنزۇلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى جەنۇبتا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. نۇرغۇنلىغان چوڭ فامىللەر شەكىللەندى.
تۆتىنچى قېتىملىق چوڭ ئارلىشىش: چىڭ دەۋرى. چىڭ دەۋرى دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلەرنى بىرلككە كەلتۈرۈپ مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم بىر دەۋرى بولدى.  بۇ دەۋردىكى مىللەتلەرنىڭ ئارلىشىشى، ئالاقىلىشىشى غايەت زور بولغان ھەمدە يېڭىچە ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن.
ئالدى بىلەن، مانجۇلار، خەنزۇلار ۋە باسقا مىللەتلەر ئۆز ئارا ئارلىشىشى ئەمەلگە ئاشقان. ئاندىن چىگرا رايۇنلاردىكى مىللەتلەرنىڭ ئارلىشىشى ئالدىنقى قېتىملاردىكىگە قارىغاندا كۈچەيگەن.
ئىككىنچى، مەملىكىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تارىخى بولسا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ كۆرەش قىلىش تارىخىدۇر.
ئەپيۇن ئۇرشىدىن بېرى، ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار بىرلىكتە تاجازۋۇزچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرغان. شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر چار رۇسيەنىڭ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى تۇرغان. گۇاڭىشىدكى ھەر قايسى مىللەتلەر فىرانىسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلقىغا قارشى تۇرغان. تەيۋەندىكى گاۋشىيەن مىللىتى ياپۇن تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى تۇرغان. شىزاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئەنگىليەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرغان.....
ھەممىسى ۋەتەننىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداپ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرغان.
ياپۇنغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەر بىرلىكتە ياپۇنغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۇرۇش سېپىنى قۇرۇپ چىقىپ، ياپۇن تاجاۋۇزچىللىرىغا تاقابىل تۇرغان. مەسلەن: خۇيزۇ پارتىزانلىرى، ئىچكى مۇڭغۇل ياپۇنغا قارىشى پارتىزانلار قاتارلىقلار
ج ك پ نىڭ ئىچىدىمۇ بىر تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن ئاز سانلىق مىللەت قۇماندانلىرى كۆرۈلگەن. مەسلەن: لى گۇ، گۈەن شىياڭ يىڭ قاتارلىقلار.
ئۈچىنچى، مەملىكىتىمزىدىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ ئىتىتپاقلىشىش تارىخى بولسا ھەر مىللەتنىڭ ھەمنەپەس بولۇپ تەرەققىي قىلىش تارىخى.
66-يىلىدىكى خېبىي شىيەنتەيدىكى يەر تەۋرەش، 5-ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى ۋىنچۈەندىكى يەر تەۋرەش، ئامرىكىدىكى بىر داڭلىق ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى گېزىتكە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگۇلۇقلار بىر دەمدىلا بىر تەخسە چېچىلاڭغۇ قۇمدىن بىر پارچە مۇستەھكەم پۇلاتقا ئايلاندى، بۇ ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق. شەرقتىكى بۇ شىر ئويغۇنۇپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپلا قالماي، بەلكى يۈگرەشكە باشلىدى. 5-ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، بارلىق جۇڭگۇلۇقلار تارىختا كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتى. يۇقىردا ھۆكۈمەت، تۆۋەندە ئاددى پۇقرادىن تارتىپ، ئۆزلىكىدىن ھەركەتكە كەلگەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك بىرلىك ۋە سۈرئەتنى نامايەن قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا باشقىلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. دۆلەت رەئىسى بىلەن زۇڭلى ئۆزىنىڭ شەخسى بىخەتەرلىكىنى ئويلاپمۇ قويماي، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئالدىقى سېپىگە چۆكۈپ، ئاپەت رايۇنىدىكى ئاممىنىڭ غەم-ئەندىشسىنى ھەل قىلىپ، قىسىمدىكى ئوفېسسىر ئەسكەرلەرگە مەدەت بەردى. ئۇندىن سىرىت بارلىق جۇڭگۇلۇقلار بەس-بەستە ئىئانە توپلاشنى ئەڭ يۇقىرغا كۆتۈرۋەتتى. يۇقىرىسى چوڭ كارخانچىلار، ھەر قايسى چولپانلار، تۆۋىنى ئاددى دېھقان، ئىشتىن قالغان ئىشچىلارمۇ بەس-بەستە مەردلەرچە ئىئانە قىلىشتى. ئىلگىرىكى ھەر قايسى نارازلىق ۋە كوتۇلداشلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويدى. ئەڭ ئاخىردا بۇ مۇتەخەسىس خېجىللىق بىلەن قول قويغان ھالدا مۇنداق دېدى؛ ئىلگىرى نىمىشقا چاۋشىيەن ئۇرشىدا مەغلۇب بولغىنىمىزنى بىلەلمىگەن. ئەمما  5-ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن بۇ مەسلىنىڭ جاۋابى ئېنىق بولدى، مانا بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ روھى.
جۇڭخۇا مىللەتلىرى دېگەن نېمە؟ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ۋە بىرلىشىشتىن ھازىرقى جۇڭخۇا مىللەتلىرى شەكىللەنگەن. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى جۇڭخۇا زىمىنىدا ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەر ۋە چەتئەلدىكى مۇھاجىرلارنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئاسىيانىڭ شەرقى ۋە ئوتتۇرىغا قىسمىغا تارقالغان. مۇشۇ مىللەتلەرنى پەرقىلەندۈرۈش  ئارقىلىق ھازىرقى جۇڭخۇا مىللەتلىرى خەنزۇ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە جۇڭخۇا خەلق ھۆكۈمەت تەرپىدىن پەرقلەندۈرۈلمىگەن مىللەرتلەر بار. مەسلەن: شېرپا مىللىتى، جۇڭگۇ يەھۇدى مىللىتى قاتارلىقلار
شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئالاھىدە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە
باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنىدا چوڭقۇر كۆرسەتمە بىرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقۇملۇقى مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بىرىش ۋە  مۇقۇملۇق ۋەزيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، جۇڭخۇا مىللىتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولدىكى  مىللەتلەر ئىتتىپاقلقىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ ئىجىتىمائىي مۇقۇملۇقىنى قوغداشتىكى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور، تەسىرى چوڭقۇر. شىنجاڭ مۇقۇملۇقىنىڭ ئەڭ يادرولۇق مەسلىسى مىللەتلەر ئىتىتپاقلىق مەسلىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش شىنجاڭنىڭ سىياسىي جەمئىيىتنىڭ مۇقۇملۇقىنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرى.
شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئۈچ مىڭ يىللار ئىلگىردىكى ئالدىنقى چىڭ دەۋرىدە شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچكىرىدىكى كشىلەر بىلەن زىچ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ئالاقىسى قىلىپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىركى 60-يىللارغا كەلگەندە، غەربى خەن بەگلىكى شىنجاڭدا غەربىي دىيار قورۇقچى بەگ مەھكىمىسنى تەسس قىلغان. خەن سۇلالىسىنىڭ غەربى شىمال چىگرا رايۇنىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجدىكى ھەربىي ئورگان بولۇپ، خەن سۇلالىسىغا ۋاكالىتەن ھوقۇق يۈرگۈزگەن. 1884-يىلى چىڭ سۇلالسى شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلىپ، مەملىكەت بويىچە مەمۇرىيەت تۈزۈلمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ زىچ بولغان. ئازاتلىقتىن كېيىن، كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئارمىيسى ئورتاق ھالدا سوتلىيالزىمىنى قۇرۇپ چىقىپ، قان بىلەن گۆشتەك زىچ مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈردى. باراۋەر، ئىتىتپاق، ئۆز-ئارا ياردەملىشىدىغان مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە تەرەققىي قىلىدى. لېكىن شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەش ئەزەلدىن توختاپ باقمىدى. ئازاتلىقتىن كېيىنكى 60 نەچچە يىللاردىن بۇيان، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر تاكتىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، تۈرلۈك باھانە سەۋەبلەرنى تېپىپ، ھەر خىل ئىشلارنى چىقىرىپ، شىنجاڭنى ۋەتەننىڭ قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرماقچى بولدى. ئۇلار مىللەت، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۋىلىپ، مىللەتنىڭ بايرىقىنى قوغداش، دىننىي گۈللەندۈرۈش نامى بىلەن شىنجاڭ تارخىنى بۇرمىلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە ھۇجۇم قىلىش، مىللەتلەر ئىتىتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى. مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر شىنجاڭ مۇقۇملۇقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق خەۋىپىگە ئايلاندى. شۇڭلاشقا پەقەت مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى كۈچەيتكەندىلا، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.ۋە شىنجاڭنىڭ سىياسى مۇقۇملۇقىغا كاپالەتلىك قىلىغىلى بولىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسنىڭ ئىناق ئورتاقلىقىنىڭ كاپالىتى بولسا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى. شىنجاڭدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، مۇڭغۇل قاتارلىق 47مىللەت ياشايدۇ. مىللەت ئالاھىدىلكىدىن قارىغاندا، ھەر مىللەت تىل يېزىق، ئۆرىپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقات، پىسخكا ساپا، ئقتىسادىي مەدەنىيەت جەھەتتە نۇرغۇنلىغان ئوخشىماسلىقلار بار. نۇپۇس جەھەتتىن قارىغان ۋاقىتتا، ھەر قايسى جەھەتلەردە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، كىچىك جەھەتتىن ئارلىشىش ۋە چوڭ جەھەتتىن ئارلىشىپ، كىچك جەھەتتە توپلىشىپ، ئۆز ئارا گىرەلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ھەر قايسى مىللەتلەر ئارلشىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، مىللەتلەر ئارا چۈشنىش، ئۆز-ئارا ئۆگنىپ، بىر-بىرنى تولۇقلاپ كەلگەن. بۇ ھەرمىللەت ئاممىسنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. لېكىن سوتلىيالىزىم شارائىتىدا، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە پەرق بولغانلىق سەۋەبىدىن، بولۇپمۇ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئىقتىساسىي تەرەققىياتىدا پەرق بولغاچقا، مىللىي زىددىيەتلەرمۇ مەۋجۈت. ئەگەر توغرا بىر تەرەپ قىلىنسا، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. ئەكىسچە بولغاندا، ئاسانلا يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرپ دۈشمەن كۈچلەر تەرپىدىن پايدىلنىپ كىتىلىدۇ. «5-ئىيۇل» ۋەقەسى بۇنىڭ تىپك مىسالى. (بۇ مەسلە ئۈستىدە ئاخىردا تەپسىلى توختىلىمىز). بۇ ئىشنىڭ يۈز بىرىشى مىللىي بۆلگۈنچى رابىيەنىڭ باشچىلقىدىكى ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گۇاڭدۇڭدىكى دۇڭگۈەن ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ، چىگرا ئىچىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پىلانلىغان تىرورلۇق پائالىيىتى. بۇ ۋەقە ھەر قايسى مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلىبداشلىق، ھەمنەپەس، تەقدىرداش قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىغان، بۇ بىر چوڭقۇر ساۋاق. بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولدىكى، مىللەتلەر ئىتىتپاقلىقىنى كۈچەيتىش دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مىللىي مەسلىدىن پايدىلنىپ، بۇزغۇنچىلىق ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ. شۇڭلاشقا بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ قوغدىغاندەك قوغداپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىپ، ئىناق بىللە تۇرشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى قوغداش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.
بىزنىڭ ئۆگىنىشىمزىنىڭ ئۈچىنچى كىچىك نوقتىسى مىللەتلەر ئىتىتپاقلىقىنى كۈچەيتىش بولسا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى  ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ.
بۆلگۈنچىلىك بىلەن قالايمىقانچىلىق يۈز بەرسە، دۆلەت بىلەن مىللەتنىڭ تەرەققياتىغا زور ئاپەتلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. 1990-يىلى يۈگۈسلىۋالىيە ئىتتىپاقلىقى بىر نەچچە دۆلەتكە پارچىلنىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن چىگرا ئۇرشى ۋە ئىچكى قالايمىقانچىلىق توختمىدى. سىتاسىتىكىغا ئاساسلانغاندا، قارا تاغ ئىچكى ئۇرشىدا ئۆلگەن كىشلەرنىڭ سانى 200مىڭدىن ئاشقان، 2مىليۇن 700مىىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي ماكانسىز قالغان. ماددى جەھەتتىكى زىيان نەچچە مىليارد ئامرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي غايەت زور زىيانغا ئۇچراپ، دۆلەت كۈچى ئاز دېگەندىمۇ 20 يىل چىكىنگەن. مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر شىنجاڭنىڭ ئىچكى-سىرتىدا ئون نەچچە يىل بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئادەم ئولتۈرۈپ ئوت قويۇپ، بولاڭچىلىق قىلىپ، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى زىيانغا ئۇچىرتىپ، ئىجتىمائىي مۇقۇملۇققا ئېغىر بۇزغۇنچلىق قىلىغان. قالايمىقانچلىق چىققان رايۇنلاردا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ نۇرمال خىزمەت بىجرەلمىگەن. دېھقانچىلىق ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرشى نۇرمال ئېلىپ بېرىلمىغان. پەيدا قىلىغان ۋاستىلىق ۋە بىۋاستە زىياننى مۆلچەرلەش مۇمكىن ئەمەس.
كۆرۋىلشقا بولدىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈللەپ تەرەققى قىلىش يولى ھەرگىزمۇ تەكشى ئەمەس. بولۇپمۇ ھازىرقى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى ئاستىدا، ئىرادىمىز مۇستەھكەم تەۋرەنمەي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىمىزنى قوغداشتىن ئىبارەت ئەنئەنمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئۈزۈلمەس ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.
تۆۋەندە بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە رابىيە بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى. ئۇلارنىڭ بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېلىپ كەلگەن ئاپەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شىنجاڭنىڭ مۇقۇملقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان باش جىنايەتچى.
يېقىنقى يىللاردىن بىرى بۆلگۈنچىلىك ئىديىسى ۋە خەلقئارالىق تىرۇرلۇقنىڭ تەسىرگە ئۇچراش سەۋەبىدىن شىنجاڭ چىگرا ئىچى-سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ھەركىتى ئەۋج ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقۇملۇقى ۋە ئىناقلىقىغا ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئەمەلىي، ئەل بىۋاستە تەھدىت بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە رابىيە باشچىلقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شىنجاڭ مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلىرنىڭ باشلامچىسى ۋە ۋاكالەتچىسى بولۇپ، بۆلگۈنچىلىك ھەركىتىنىڭ مەقسىتى بولسا شەرقىي تۈركىستان قۇرۇش، ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنىنى تەشكىللەش. دىمكۇراتىيە، كىشلىك ھوقۇق كۆرشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇپ، سىياسىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەت ئوبيىكتى بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە يۈكسەك ئاپتونومىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئاخىردا پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۆلۈنىشتىن بىرلىشىشكە يۈزلىنىپ، يۇقىرى دەرجىلىكتىكىلەر سۆھبەتنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىكلىنى تەشۋىق قىلىپ، سىڭىپ كىرىش ۋە بۆلگۈنچلىك قىلىش پائالىيىتى كۆرنەرلىك كۈچەيگەن. 
تۆۋەندە بىز بەش نوقتىدىن دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيىنى چۈشنىپ باقايلى. ئۇلار قايسى ئۇسۇللاردىن پايدىلنىپ شىنجاڭغا بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتىدۇ.
1. خەلقئارالىق جۇڭگۇغا قارشى كۈچلەرگە بىقىنىش. غەربىتىكى جۇڭگۇغا قارشى كۈچلەر دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيىنى جۇڭگۇنى غەربلەشتۈرۈش ۋە پارچىلاش ئىستىراگىديىدىكىسى سىياسىي قۇرال دەپ قاراپ، كۈچىنى ئايماستىن بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىگە سىياسىي سەھنە ھازىرلاپ بىرىپ، پائالىيەت راسخوتى بىلەن تەمىنلەپ ھەتتا ئاشكارە ئاۋاز قوشۇپ، بىۋاستە ھالدا بۆلگۈنچلىك ھەركەتلىرىنى باشقۇردى.
2. دۈشمەن كۈچلەر بىلەن ئالاقىلىشپ، ئورتاق بۆلگۈنچلىك سۈيقەستىنى چىقىش قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيى تەيۋەن، شىزاڭ مۇستەقىل كۈچىلىرى بىلەن ئۆز-ئارا تىل بىركتۈردى. دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيى ئېنىق ھالدا دالاي گوروھىنىڭ تەجىربىسىدىن پايدىلنىپ، ئۇيغۇرلار كىشلىك ھوقۇقى ئۈچۈنلا ئەمەس، شىزاڭ ۋە مۇڭغۇللار كىشلىك ھوقۇقى ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىدىغانلىقىنى ئىپادىلدى.
3.  بۆلگۈنچىلىك تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى. دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيى ئاخبارات ئېلىن قىلىش يىغىنى چاقرىپ، ئەكىسيەتچىل پىتنە-ئىغۋا تارقىتپ، نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلەرىنى تەشكىللەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلىلاتىنىڭ يىغىنىدىن پايدىلنىپ، 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى غۇلجا ۋەقەسى، 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى بارىن ۋەقەسى، دۆلەت رەھبەرلىرى سۆھبەتكە چىققان سەزگۈر پەيتلەردىن پايدىلنىپ، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، تەسىرىنى كېڭەيتىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئىدىيىسىدە بولدى.
4. سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچلىق قىلىشنى يولغا قويۇش. دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيى رادىئۇ، تور، گېزىت-ژورنال، تېلفۇن، پوچتا قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، چىگرا ئىچىگە بۆلگۈنچىلىك ئىديسىى تارقىتىپ، ئىديىسگە سىڭىپ كىرىپ، مىللىي زىددىيەنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، مەخپىي ھالدا ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاخبارات توپلاپ، ئىدلوگىيە ساھاسىدىكى كۆرەشنى قانات يايدۇردى.
5. تىرورلۇق ۋەقەلىرىنى پىلانلاش. دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيى بىر تەرەپتىن قانۇنسىز تىرولۇق ئۇرشىنى ئېلىپ بارمىز دەپ جار سېلىپ، بىر تەرەپتىن مەخپىي ھالدا ئۇيغۇرسىتان خەلق پارتىيەسى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى، شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تىرورلۇق پائالىيەتلىرىنى پىلانلىدى.
دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى
1. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە دېگەن نېمە؟
ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ئادەتتە دىننى نىقاب قىلىپ، جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ھەر خىل پەسكەش ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، بارلىق ئاقىۋەتلەر بىلەن ھېسابلاشماي، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ياكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ئىدىيە تەشەببۇسى ۋە ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىكى «قۇرئان»نى تۈپ ئاساسىي قانۇن دەپ تەرغىب قىلىپ، خاتا چۈشەندۈرۈش، چېكىدىن ئاشۇرۇپ شەرھلەش ھەمدە دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق دىنىي ئېتىقادنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى بۇرمىلاپ، دىننى نىقاب قىلىپ، كىشىلەرنى توغرا ئېتىقاد يولىدىن ئازدۇرۇپ تۇيۇق يولغا باشلاپ، دۆلەتنىڭ ئەدلىيە تۈزۈمى ياكى مەمۇرىي باشقۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ياكى ئارلىشىپ، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇپ، بىگۇناھلارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.
2. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئېغىر زىيىنى
1. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋىلايىتىمىزنىڭ مىلەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، نورمال ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر باش قاتۇرۇپ جەمئىيەت ئەزالىرىنى مۇسۇلمان ۋە كاپىرغا ئايرىپ، ئوخشىمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار، ئوخشىمىغان مىللەتلەر، ھەتتا ئوخشاش بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا نىزا ۋە قارشىلىشىش پەيدا قىلىپ، دىنغا ئىشەنمەيدىغانلار ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى سۆز-ھەرىكەت قىلغان كىشىلەرنى كاپىرغا چىقىرىپ، ئۇلارنى دۈشمەن دەپ قاراپ، «كاپىرلارنى ئۆلتۈرۈش ــــ ئاللاھنىڭ ئەمرى» دىگەننى تەرغىپ قىلىپ، بۇنىڭدىن زەھەرلەنگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇلار كاپىر دەپ قارىغانلارغا ۋىجدانىنى، ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان ھالدا ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش، ئۆلتۈرۈش قاتارلىق زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى پەيدا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زور زىيان سالدى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى نىسبەتەن كۆپ يۈزبەرگەن رايونلارنىڭ نورمال ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى؛ نورمال دىنىي پائالىيىتى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلىرى چەتكە قېقىشقا ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى؛ ئاممىنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشى نەتىجىسىدە تەسىرگە ئۇچرىدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىمۇ ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. 
ئىلىمىز ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرىنى قانۇن بۇيىچە  باشقۇرۇشنى  كۈچەيتىپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكىنى توسۇش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە  زەربە بىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ھەققىي تۈردە قوغدىدى. بۇ، دۆلەتنىڭ فونكىسىيىسىنى يۈرگۈزۈشىنىڭ نامايەندىسى.  غەربتىكى دۇشمەن كۈچلەر جۇڭگونى پارچىلاش مەخسىتىدە بولۇپ،دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەركەتلىرىگە قارىتا «قوش ئۆلچەم »قوللىنىپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى  بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قوللاپ،جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىگە زەربە بىرشتەك ھەققانىي ھەركىتىگە زەربە بىرىپ ۋە ئەيىبلەپ،ئاتالمىش دىن ئەركىنلىكى،كىشىلىك ھوقۇقنى  قوغداشنى باھانە قىلىپ،ئىلىمىزنىڭ ئىچىكى ئىشىغا ئارىلاشتى،شۇڭا، بىز قەتئىي قارشى تۇرىشىمىز زۆرۈر.
2. دىنىي ئەسەبىي ئىدددىيە نەچچە مىڭ يىللدىن بۇيانقى ئىسانلارنىڭ تەبىئەت،جەمئىيەت ۋە ئۆزىگە بولغان ئىلمىي تۇنۇشىنى ئىنكار قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ پەن-تىخنىكا توغرىسىدىكى ئىزدىنىشى ۋە مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى «ئاسىي»، ئىنسانىيەتنىڭ پارلاق مەدەنيىتىنى «گۇناھ» دەپ قارىدى. ئۇنىڭ مەخسىتى دۇنيانى جاھالەتتە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
3. دىني ئەسەبىي ئىدددىيە دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئالاھىدىكىنى ئىنكار قىلىپ، مەھرۇم قالغان دىن ھۆكۈمرانلىقىدىكى «ئالتۇن دەۋىر»نىڭ نوپوزى ۋە ھوقۇقىنى مەدھىيلەپ،ئىنسانلارنىڭ دىموكراتىيە،ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلغان كۈرىشىگە بۆھتان چاپلاپ، ئۇنى دىنى-ئەھكاملارغا خىلاپ ناتوغرا ھەرىكەت دەپ قاراپ، ئىلىم-پەن روھىنى مەنسىتمەي،ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى، نادانلىق ھالىتىگە قايتۇرۇپ، كىشلەرنى «نادانلىق»كېسەللىكىگە گىرىپتار قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەسەبيلىكنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىتىشقا ئۇرۇندى.
4. دىنىي  ئەسەبىي  ئىدددىيە  ھەرقايسى  مىللەتلەر نىڭ  ئىناق بىللە ياشىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، نىزا  تېرىپ ، مىللىي ماجىرا تىرىپ، قىلىپ، جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ۋەتەننى پارچىلاشتەك سىياسىي سۈيىقىسەستىگە يىتىپ، ئۆزىنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
5. دىنىي ئەسەبىي ئىددىيە كىشىلەرنىڭ ياخشى، يامانلىقنى ئۆزلىرى ئىتىقاد قىلىدىغان دىن ئارقىلىق پەرقلەندۇرۇپ، كىشىلىك  جەمئىيەتنىڭ ياخشى-يامانلىق ئۆلچىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ياخشى-ياماننى ئارىلاشتۇرۇۋىتىپ، مىللەتلەر ئارا ، كىشىلەر بىلەن كىشلەر ئارا ئىتتىپاقسىزلىق، بۆلۈنۇش  پەيدا قىلىپ،ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە ياخشى-يامانلىق  ئۆلچىمىنى ئىنكار قىلدۇ.
6. دىن نۇقتىسىدىن قارىغاندا دىنىي ئەسەبىي ئىددىيە ئىسلام دىنىنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈش، ئىناق بىللە ياشاش،كەڭ قورساقلىق بۇلۇپ، ساۋاپلىق ئىش قىلىش قاتارلىق ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ،دىننى «غازات»نىڭ قورالى قىلىپ، ئىسلام دىنى مۇرتلىرى بىلەن باشقا دىن  مۇرتلىرىنى قارشىلاشتۇرۇپ،ئىنسانىيەتكە ،جەمئىيەتكە مەدەنىيلىككە قارشى تۈپ خاراكتىرىنى ئىپادىلىدى.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#0000FF'>ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈ</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار