يېڭى قىزىق نۇقتا :
ئىدىقۇت ئوغلانى تاتا
ما يۈننىڭ «ما يۈنگە س
ھېتلىر نېمە ئۈچۈن بو
ما يۈننىڭ تولۇق تەرج
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
يېقىندا "ھېتلىرنىڭ كاتىپىنىڭ ئەسلىمىسى" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ھېتلىرنىڭ كاتىپى كىرىستى ھېتلىر توغرىسىدا توختىلىپ: ھېتلىرنىڭ نېمىشقا توي قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا خىزمەتداشلار بىلەن دائىم مۇنازىرلىشىپ قالاتتۇق، ئۇنىڭدىن نېمىشقا توي قىلمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ناھايىتى ئىلمىي ھەمدە پەلسەپىۋى سۆزلىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ: "توي قىلسام تۇرمۇش دىققىتىمنى چاچىدۇ، بىر دۆلەتكە رەھبەر بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ بارلىقىنى دۆلەتكە ئاتىشى، ئۆزىنى قۇربان قىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئۆزىنى ھەقىقىي بەختلىك ھېسابلىيالايدۇ، بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى زېھنىنى ئائىلىسىگە قارىتىپ خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، مېنىڭ ۋەزىپەم ئېغىر، شۇڭا شەخسىي ئىشلارغا زېھنىىمنى چېچىشنى خالىمايمەن" دەيتتى. بىز ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندۇق، لېكىن ئۇ ئۆلۈۋېلىشتىن نەچچە سائەت ئىلگىرى توي قىلماسلىقىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئېيتىپ بەردى دەپ يازغان.
ھېللىي ئانىسى بىلەن ھېتلىرنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئەمدىلا 16 ياشتا بولۇپ، دەسلەپتە ھېتلىر ئۇنى سىڭلىسىدەك كۆرۈپ، ئۇنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ياردەم قىلغان، كېيىن ئۇ ھېللىينىڭ باشقا ئوغۇللار بىلەن ئارىلىشىشىنى توسقان، 1927-يىلى ھېللىي شوپۇرى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن، ھېتلىر بۇنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ئۇلارنى ئايرىۋەتمەكچى بولغان، ھېتلىر ھېللىينىڭ ئانىسىغا تەھدىت سالغانىدىن كېيىن ئۇلار ئاخىرى ئايرىلىپ كەتكەن. كېيىن ھېتلىر ھېللىينىڭ كەينىگە پايلاقچى قويۇپ، ئۇنىڭ بۇ رەسسام بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىنى بىلگەن ۋە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۇلارنىمۇ ئايرىۋەتكەن. بۇ ئىشتىن كېيىن ھېتلىر ئۆزىنىڭ سىياسىي ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىسىلا ھېللىي بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلغان.
ھېتلىر 1930-يىلىغا كەلگەندە مىيۇنخېندىن بىر يۈرۈش ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ھېللىي بىلەن بىللە تۇرغان، بۇ جەرياندا ئۇلار ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكەن، ئۇ ھېللىيغا ناھايىتى كۆيۈنىدىغان بولۇپ، ھېللىي سىرتقا چىققاندا قوغدىغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن.
ھېللىي 1931- يىلى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن، شۇ چاغدا ھېتلىر فوتوگراف خوفماننىڭ دۇكىنىدىكى ئېۋان بىراۋنى ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تونۇشقان، ئېۋا ھېتلىرغا مۇھەببەت ئىزھار قىلغان، لېكىن ھېتلىر بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان، ئېۋا ھېتلىرنى قايىل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ بىر پارچە خەت يازغان، لېكىن ھېتلىر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقان، 1931-يىلى ھېتلىر ھېللىيغا مىيۇنخېنغا قايتىپ كېلىشنى ئېيتقان ۋە ھېلىلىي قايتىپ كەلگەندە ھېچ يەرگە چىقماي ئۆيدە ئولتۇرۇشنى تاپىلاپ، نېيۇرېنبېركقا كېتىپ قالغان، كېيىن ھېللىي ئېۋانىڭ ھېتلىرغا يازغان خېتىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئازابقا چىدىماي ئۆلۈۋالغان، ھېتلىر پۇشايمان ۋە ئازاب ئىچىدە بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بىر ئۆمۈر توي قىلماسلىققا قەسەم قىلغان.