ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇستاز ماتېماتىك - ئ ئىدىقۇت ئوغلانى تاتا ما يۈننىڭ «ما يۈنگە س ھېتلىر نېمە ئۈچۈن بو

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

ئىدىقۇت ئوغلانى تاتا تۇڭا ھەققىدە

ۋاقىت : 2015-09-01 00:00 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
ئىدىقۇت ئوغلانى تاتا تۇڭا ھەققىدە
 
پەتتار تۇرسۇن ئىدىقۇتى

تاتا تۇڭا – توختاخۇن ئىدىقۇتلۇق ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ خانلىقتا مەدەنىيەت ئەربابى بولۇپ ئۆتكەن مەشھۇر تىلشۇناس، ئالىم. ئۇ تاتا تۇڭا دېگەن شان شەرەپكە نائىل بولغان.
تاتا – ئارىيان تىلىدا (dada) دېگەن مەنىنى بىلدۈرسە، قارا خانىيلار سۇلالىسىدە بۇ سۆز يەنىلا «دادا» دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان. ئىنگىلىزتىلى « dada» دېيىلگەن. تۇڭا دېگەن ئاتالغۇغا كەلسەك «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» دا «باتۇر، يولۋاسنى يەڭگۈچى» دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدىكەن.
ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىدا كۆپلىگەن سىياسىيونلار، ئالىملار، دۆلەت ئەربابلىرى، يازغۇچى، شائىر، سەنئەتكار، مەدەنىيەت ئەربابلىرى، ھەيكەلتىراش، رەسسام، ئارخېتوكتور، تېبابەت، ئاستىرونوم ۋە مائارىپشۇناس، مەدەنىيەت ئەربابلىرى ئۆز ۋەتەن – خەلقى ئۈچۈن بىجانىدىل ئىشلەپ، ئالامشۇمۇل شانلىق تۆھپىلەرنى يارىتىپلا قالماستىن، بەلكى باشقا مىللەت، قەبىلە خەلقلىرى ئۈچۈنمۇ خالىسانە خىزمەت قىلغان. تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ھەم باشقا مىللەتلەرنىڭ ھۆرمىتىگە، مەڭگۈ خاتىرىلىشىگە مۇيەسسەر بولغان.
تاتا تۇڭا – توختاخۇن ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئىلىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادى – تۇڭا ئالىپ ئەر بولغاچقا، ئوغلىغا «باتۇر، يولۋاسنى يەڭگۈچى» - تۇڭا دېگەن ئىسىمنى قويغان. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق، بىلىمى مول، ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىقىغا كامىل كىشى بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ شەرق – غەرب تۈگۈنىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا جايلاشقانلىق ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىدە ياشاپ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن تىل – يېزىق، ئۆرپ – ئادەت جەھەتلەردىمۇ نايمان، كېرەي، مېركىت، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي قوۋملىرىنىڭ ھەم خەنزۇ، موڭغۇل تىل يېزىقلىرىنىمۇ ياخشى ئىگىلىگەن مۆجىزىكار تىلشۇناس، ئالىم دەرىجىسىگە يەتكەن.
تاتا تۇڭا توختاخۇن ئۆمرىدە نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.
«سەن مەيلى مىڭغا كىر، مەيلى ئون سەككىز،
تۈگەيسەن قويۇپ كەت، سەن بىر ياخشى ئىز»
1. مىلادىيە 1200 – يىللىرى ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئېلىنىڭ پادىشاھى بارچۇق ئارتتېكىنگە ماسلىشىپ، قەلەم بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئەلەم بىلەن دۆلەتنى قوغداش، خەلقنى ئاسايىشلىق كۈن كۆرۈشكە يېتەكلەش ئىشلىرىغا كۈچ قوشقان. دۆلەت قۇدرەت تاپقان، خەلق باياشات، يېزىلىرى شەھەرلەشكەن، بىنەم يەرلىرى باغۇ بوستانلاشقان، ھۈنەر كەسىپلىرى خىللاشقان، ئەدەبىيات – سەنئەت، مەدەنىي - مائارىپ، ئىلىم – پەن يۈكسەلگەن، مەتبەچىلىك، قەغەزچىلىك، كىتابچىلىق ئىشلىرى دۇنيا ئەھلىنى تاڭ قالدۇرغىدەك دەۋر شەكىللەنگەن. مۇشۇ زور تۆھپە تاتا تۇڭا توختاخۇننىڭ بىر ئۆلۈش تۆھپىسىدىن ئايرىلمايدۇ.
2. نايمان قەبىلىسىنىڭ خانى تايانخانغا ئالتۇن تامغىچە بولۇپ، پۈتۈن مال – دۇنيا، مال – چارۋا، كاتىبات ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىشى، ئۇرۇش تاكتىكىسى جەھەتتە ئەقىلدار، مالىيە باشقۇرۇشتا تېجەشلىك، ئوردا ئىشلىرىدا كاتىباتلىق ئىشلىرىنىمۇ قوشۇمچە قىلىپ ئىشلەپ بەرگەن. تايانخان تاتا تۇڭا توختاخۇننىڭ ئالىيجاناپ، سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل، ياراملىق، ئىشەنچلىك كىشى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىپ، ئۇنى «دۆلەت ئۇستازى دەپ ھۆرمەتلىگەن. نايمان خانى تايانخان ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆز ئوغلى كۈچلۈككە، قىزى ئاسىبېشكە ئۆگىتىشكە تاتا تۇڭاغا ھاۋالە قىلغان.
3. مىلادىيە 1204 – يىلى چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلىپ، نايمان قەبىلىسىنى يوقاتقاندا تاتا تۇڭا توختاخۇن ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، چىڭگىزخاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەن، چىڭگىزخان: «ئۆزى ئىشەنمەيدىغان، باشقىلار چۈشەنمەيدىغان» سوئاللارنى تاتا تۇڭا توختاخۇندىن سورايدۇ، تاتا تۇڭا ھېچ ئىككىلەنمەي، دۇدۇقلىماي، تەمكىن ھالەتتە چىڭگىزخان سورىغان سىرلىق سوئاللارغا ئۆز لايىقىدا سەمىمىي جاۋاب بېرىدۇ. بۇ دانا، تەدبىرلىك، راستچىل، سەمىمىي، ساداقەت، ئالىيجانابلىق خىسلەت ئىگىسى تاتا تۇڭا توختاخۇندا بارلىقىنى سەزگەن ئەقىللىق چىڭگىزخان دانىشمەن بىر ئادەمگە يولۇققانلىقىدىن پەخىرلىك ھېس قىلىپ، تاتا تۇڭانى ئۆلتۈرۈشتىن ۋاز كېچىپ، نايمان قەبىلىسىگە سادىق خىزمەت قىلىپ، ئالتۇن مۆھۈرنى يەنىلا ئۆز يېنىدا مەھكەم تۇتۇپ، پادىشاھقا سەمىمىي، سادىقلىقىنى بىلدۈرۈپ، چىڭگىزخانغىمۇ بېرىشنى رەت قىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن چىڭگىزخان تاتا تۇڭا توختاخۇنغا «راستچىل، گېپىدە چىڭ تۇرىدىغان كىشى» ئىكەن – دەپ ئۇنى ئوردىدا خىزمەت قىلىشنى دەۋەت قىلىدۇ، تاتا تۇڭا توختاخۇن چىڭگىزخاننىڭ دەۋىتى بىلەن ئوردىدا قالىدۇ.
چىڭگىزخان قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ خانلىق تىكلەپ ئۆزى خان بولىدۇ. تاتا تۇڭانىڭ بۇ خانلىقىغا كۆرسەتكەن دانا تەدبىرى، ياخشى مەسلىھەتى كۈچ كۆرسەتكەچكە، چىڭگىزخانمۇ تاتا تۇڭانى «دۆلەت ئاتىسى» دەپ نام بېرىپ، ئۇنىڭغا پۈتۈن مال – مۈلۈك، ئوردا غەزىنىسى، مالىيا ھوقۇقى ھەم قەبىلىلەر ئارا يارلىق، ئۆز – ئارا توختام، نام – ئەمەل بېرىش، پەرمانلارنى يېزىپ، ئالتۇن مۆھۈرنى بېسىشنى تاتا تۇڭا توختاىۇنغا تاپشۇرىدۇ. چىڭگىزخان تاتا تۇڭا توختاخۇننىڭ ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىدە نام – ئابرۇيلۇق، بىلىمدار، ئىلىمدار ئادەم ئىكەنلىكىنى، تايانخان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە ئۇستا خەتتاتلىق ھۆنىرىنى ئىشقا سېلىپ، نايمانلارغىمۇ ئۇيغۇرچە خەت ئۆگەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرغاچقا، چىڭگىزخان تاتا تۇڭا توختاخۇننى يېنىغا چاقىرىپ جۇجى، چاغاتاي، ئوگداي، تولۇي قاتارلىق تۆت ئوغلىغا ئۇيغۇرچە ھەم ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىتىشكە بۇيرۇغان. تاتا تۇڭا توختاخۇن بۇ پادىشاھ شاھزادىلىرىگە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگەتكەن. بۇ ئوغلانلار چوڭ بولۇپ، ھاكىمىيەت سورىغاندىمۇ، مۇشۇ ئۇيغۇر يېزىقى ئارقىلىق دۆلەت باشقۇرغان.
تاتا تۇڭا توختاخۇن خەنزۇ تىل يېزىقىنى ياخشى بىلگەچكە، بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، مۇڭغۇل تىلىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئۆرۈپ چىققان. يەنە موڭغۇل تىلىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئىپادىلەپ، موڭغۇللارغا ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا موڭغۇل يېزىقىنى لايىھىلەپ بەرگەن.
مىلادىيە 1206 – يىلى ئۇنۇن دەريا بويىدا چاقىرىلغان بىر قۇرۇلتايدا تېمۇچىن دېگەن ئىسىمنىڭ ئورنىغا «چىڭگىزخان» - دەپ ئاتاشنى بېكىتكەن. بۇ ئىسىمنى تاتا تۇڭا توختاخۇن شۇ قۇرۇلتايدا قورۇلتايغا قاتناشقان بارلىق ئەمىر – سەركەردىلەر ئالدىدا ئېلان قىلغان. بۇ ئىسىمغا پادىشاھ چىڭگىزخانمۇ قوشۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن «تېمۇچىن» دەپ ئاتىماي «چىڭگىزخان دەڭلار» دەپ جاكارلىغان.
چىڭگىزخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئوگداي خان بولغاندىمۇ ساراي ئىچىدىكى قىممەت باھالىق ئالتۇن – تاش، كىيىم – كىچەككە ئوخشاش ھۆكۈمدار مال – مۈلۈكلەرنى قوغداشقا رىياسەتچىلىك قىلىشنى ئەمىر قىلغان. ئوگداي خان ئۇنىڭدىن باشقا تاتا تۇڭا توختاخۇننىڭ ئايالى ئوغۇللۇق خانىمغا ئوگداي خان ئوغلى شاھزادە قاراچارنىڭ ئىنىكئانىلىق ئۇنۋانىنى بەرگەن.
تاتا تۇڭا توختاخۇن نۆۋەرلىك، قىران بۈركۈتتەك چاغلىرىنى ئىككى ئەلدە يەنە نايمان قەبىلىسى تايانخان پادىشاھلىقىدا، كېيىن چىڭگىزخان پادىشاھلىقىدا ئۆتكۈزدى. بۇ ئىككى ئەل ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئىلىگە شان – شەرەپ كەلتۈردى، ئۇيغۇر يېزىقىنى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە خالىس ئۆگەتتى، مەدەنىيەت تاراتتى. چىڭگىزخاندەك باتۇرلۇقتىن ئىبارەت قارا كۈچكە تايىنىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يولىدىن ئىلىم بىلەن دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈپ، ئەل ئىچىگە، دۇنياغا ئۆزىنى تونۇتۇشتا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ھەم تاتا تۇڭا توختاخۇننىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئوقۇشقا ھەقلىق!
قىسقىسى، تاتا تۇڭا توختاخۇن ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ ئاددىي پۇقراسى. ئۇ ئۆز ئېلىدىن ئايرىلىپ، دەشت – باياۋانلارنى كېزىپ، باشقا ئەللەرگە بېرىپ، شۇ ئەللەر ئۈچۈن ياخشى تەسىرات قالدۇرۇشى ئۈچۈن ئالىيجانابلىق خىسلەتنىڭ نامايەندىسى.
تاتا تۇڭا توختاخۇن ئوگدايخاننىڭ ھۇزۇرىدا ئىشلەپ، يېشى چوڭىيىپ، ئۆز يۇرتى ئىدىقۇت ئېلىنى سېغىنىپ مىلادىيە 1308 – يىلى ئانا ماكانى ئىدىقۇتتا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇ ئۆزى يېتىشتۈرگەن شاگىرتلاردىن قاراياغاچ بۇيرۇق، يۇرۇڭ تۆمۈر، مىڭسەرس، سىبان، سەككىز، تۇغلۇق تۆمۈر قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى جۇجى، چاغاتاي، ئوگداي، تولۇيلارنىڭ خانلىقلىرىدا مۇھىم خىزمەتلەر بىلەن دەۋر سۈرىدۇ.
چىڭگىزخان موڭغۇللارنى بىرلەشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش، دۇنيانى تونۇتۇش جەھەتتە قانداق ئۇلۇغ ئادەم بولسا تاتا تۇڭا توختاخۇنمۇ ئۇنىڭ مۇھىم ياردەمچىسى ۋە ھەمكارلاشقۇچىسى، ئۇلۇغ مەدەنىيەت ئەربابى، ئۇ مۇڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان شۇنداق شەخس. موڭغۇل خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ زور سەھىپىسىنىڭ بىرىنچى بېتىگە يېزىلىشقا ھەقلىق. بۈيۈك موڭغۇل ئىمپېرىيەسى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ شۆھرىتى دۇنياغا قانداق تارالغان بولسا، تاتا تۇڭا توختاخۇننىڭ نامىمۇ دۇنياغا شۇنداق تارقىلىشى، مەڭگۈ ياد ئېتىلىپ تۇرۇشقا مۇناسىپ.
پايدىلانمىلار:
① غەيرەتجان ئوسمان تۈزگەن «ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 –يىلى نەشرى.
② مالىك كەبىروۋ، مۇڭلۇق باقىيوۋلار يازغان ئوچېرك («تاتا تۇڭا» توختاخۇن). «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» 2004 – يىلى 1- سان.
③ تۇرسۇن ھوشۇر ئىدىقۇتى «تاتا تۇڭا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە نەسەب توغرىسىدا»، «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى»، 2003 – يىل 1- سان.

مەنبە: «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى»، 2013 – يىللىق 2- سانىدىن ئېلىندى
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار